نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >>
ئىسلام ئەقىدىسىگە دائىر 50 سوئال_جاۋاب
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-09 20:54:34  يازغۇچى:wali0993  كىلىش مەنبەسى:مەنبە.ھەمزارتۇرى  ئاۋاتلىقى:307   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئىسلام ئەقىدىسىگە دائىر 50 سوئال_جاۋاب

1.س.رەببىڭ كىم؟
  
ج: مېنىڭ رەببىم مېنى ياراتقان ۋە مەڭگۈ تىرىك تۇرىدىغان زات ئاللاھۇ تەئەلەدۇر.ئۇمېنى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلىرىنى ئۆز پەزلىدىن رىزىقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
2
.س: دىنىڭ نېمە؟
  
ج: دىنىم ئىسلام،ئىسلام دېمەكلىك ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇھەببەت،ئۈمىد ۋە قورقۇشئىچىدە بويسۇنۇش،قۇلچىلىق قىلىش دېمەكلىكتۇر.

3.س: ئاللاھنى قانداق تونۇيسەن؟
  
ج: ئاللاھنى زېمىندىكى بىشارەتلىرىدىن،كېچە بىلەن كۈندۈزدىن،قۇياش ۋە بىلەن ئايدىن،ئاسمانبىلەن زېمىندىن،ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلىرىدىن تونۇيمەن.
  

4.س: ئاللاھ قەيەردە؟
ج: ئاللاھ ئەرشىدە،تەختى ئۈستىدە مەخلۇقاتلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

5.س: ئاللاھ (زېمىندا)بىز بىلەن بىللىمۇ؟
  
ج: ئاللاھ ئەرشىدە،لېكىن بەندىلىرىنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈش،بىلىش ۋە ئاڭلاپ تۇرۇشتا ۋەباشقا سۈپەتلەردە بىز بىلەن بىللە.ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:" اﷲئېيتتى: سىلەر قورقماڭلار،مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە(ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەنجاۋابىنى )ئاڭلاپ تۇرىمەن.(ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن."(سۈرە " تاھا"46-ئايەت)

6-س. كىملەر اﷲ نىڭ دوستلىرى؟
ج:تەقۋا ھەم توغرا يولدا بولغان،ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن ئۆزىنى ھەت تۈرلۈك گۇناھلاردىنتارتىدىغان ۋە ھەر تۈرلۈك ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرايدىغان،قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلغانكىشىلەر ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر.

7-س: ئاللاھقا قانداق ئېتىقاد قىلىسەن؟
ج:پۈتۈن ئىبادەتلىرىمنى پەقەت اﷲ غىلا تەئەللۇق قىلىمەن،ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىمدا ھېچكىمنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلمايمەن.

8-س:اﷲ نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؟
  
ج:اﷲ ئىنسانلارنى پەقەت بىر اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرسۇن،ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىداباشقا ھېچكىمنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىسۇن،ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن نەرسە تىلىمىسۇن،دەپپەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.

9-س: ئىسلامنىڭ مەنىسى نېمە؟
  
ج: ئىسلامنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ئىتائەت قىلىشتۇر.

10-س: ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى نېمە؟
  
ج: ئىسلام بەش چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان،ئۇلار:
1.شاھادەت ئېيتىش (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭئەلچىسى،دەپ گۇۋاھلىق بېرىش)
2.ناماز ئوقۇش.
3.رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ;
  
4.زاكات بېرىش .
  
5.قادىر بولالىسا ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىش .
  

11.س:ئىمان نېمە؟
  

ج:ئىمان قەلبىدىن تەستىق قىلىش،ئېغىزى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە جىسمى بىلەن ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
  
12.س:ئىمانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بارمۇ؟
ج:بەزى سۆزلەر ۋە ئەمەللەر ئىماننى كۈچەيتىدۇ.بەزى سۆزلەر ۋە ئەمەللەر ئىماننى ئاجىزلىتىدۇ.13

.س:كۈچەيتىدۇ ۋە ئاجىزلىتىدۇ دېگىنىڭ نېمە گەپ؟
ج:ئىمان ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن،ياخشى سۆز،ياخشى ئەمەللەر بىلەن كۈچىيىدۇ.يامان ئەمەللەر ۋە گۇناھلار ئىماننى ئاجىزلىتىدۇ.

14.س:ئىماننىڭ ئاساسلىرى قايسىلار؟
ج:ئىماننىڭ ئاساسلىرى ئالتە،ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئبارەتتۇر:
  
1.ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش.
  

2.پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

3-پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

4-كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش ,

5-ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش

6-قازا ۋە قەدەرنىڭ ياخشىلىقىمۇ،يامانلىقىمۇ ئاللاھتىن دەپ ئىمان كەلتۈرۈش
  

15-س:ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش قانداق بولىدۇ؟
  

ج:ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش بولسا ئاللاھنى يىگانە ياراتقۇچى،رىزىق بەرگۈچى،شۇنداقلا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى دەپ تەستىق قىلىشىڭدۇر.ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر،ئاللاھ ھېچنېمىگە موھتاج ئەمەستۇر.ئۇ ئىبادەتكە لايىق بىردىنبىر زاتتۇر.ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىملىرى ۋە ناھايىتى گۈزەل سۈپەتلىرى بار.

16-س:پەرىشتىلەر كىملەر؟
  
ج:پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان مەخلۇقاتلاردۇر.ئۇلار بۇيرۇلغان ھەرقانداق ئىشلىرىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ تۇرىدۇ،ھېچ ئىشتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن سىرتقا چىقمايدۇ.
  

17-س:كىتابلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟
  

ج:ئاللاھ مۇسا،ئىيسا،نۇھ،ۋە ئىبراھىمغا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى،شۇنداقلا زەبۇر،تەۋرات،ئىنجىلدەك ساماۋى كىتابلارنى چۈشۈردى.ئۇلار ئىنسانلارنى پەقەت ھېچ شېرىكى بولمىغان ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىشقا چاقىردى.ئاللاھ مۇھەممەد نى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچى قىلدى ۋە قۇرئاننى ئۆزىدىن بۇرۇنقى كىتابلارغا تەستىق قىلغۇچى ۋە بۇرۇنقى كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى قىلدى.شۇڭا ئىبادەت قۇرئانى كەرىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولۇشى ۋە مۇھەممەد نىڭ سۈننىتىدە كۆرسىتىلگەندەك بولۇشى كېرەك.

18-س:قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش قانداق بولىدۇ؟
ج:ئاللاھ ھەربىر مەخلۇقاتنىڭ بۇ ئالەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى بەلگىلىدى.ھەربىر مەخلۇقات بۇ دۇنيادىكى ياشاش ۋاقتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئالەمدە ئۆتكۈزگەن ھەربىر ئىشلىرى ئۈچۈن ھېساب ئالىدۇ.قىيامەت كۈنى ھېساب كۈنىدۇر.ھەربىر كىشىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە قارىتا ناھايىتى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ياكى جازالىنىدۇ.
  

19-س:قازا ۋا قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مەنىسى نېمە؟
  
ج:كىشىگە كەلگەن ھەرقانداق ئىشنىڭ--مەيلى ياخشى بولسۇن،ياكى يامان بولسۇن،ھەممىسى ئاللاھ تەرەپتىن ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر.ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇناسىپ ئورۇندا ياراتتى.
  

20-س:"بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق"دەپ تەستىق قىلىش دېگەن نېمە؟
  
  
ج:بۇنىڭ مەنىسى،يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ دەپ قارىلىدىغان بىرىنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىش، بارلىق تاغۇتلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ يىگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە تەستىق قىلىش.

21-س:"مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى"دەپ ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مەنىسى نېمە؟
  

ج:بۇنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاۋاز قوشۇش،توسۇقلىرىدىن چەكلىنىش،شۇنداقلا يەتكۈزگەن بارلىق خەۋەرلىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

22-س:شاھادەت ئېيتىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟
ج:شاھادەت ئېيتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك يەتتە شەرتى بار:
  
1.جاھىلىيەتنى يوق قىلىدىغان ئىلىم؛
2.گۇماننى يوق قىلىدىغان تەستىق؛
3.شېرىكنى يوق قىلىدىغان ئىخلاس؛
  
4.نىفاقنى يوق قىلىدىغان ئىشەنچ؛
  
5.ئاللا
نىڭ دىنىنى خۇنۇكلىكتىن ساقلايدىغان مۇەببەتۋە ئۆزىنى ئاتاش؛  
6.قارشىلىقنىيوق قىلىدىغان ئىتائەت؛
  
7.ئىنكارنى يوق قىلىدىغان بويسۇنۇش ۋە قوبۇل قىلىش.
  

23-س:ئاللاھنى ئەڭ خوش قىلىدىغان ئىش نېمە؟
ج:ئاللاھ ئەڭ خوشال بولىدىغان ئىش تەۋھىدتۇر.

24-س:تەۋھىد نېمە؟
  
ج:تەۋھىد ئاللاھنى ئىبادەت ۋە ئىتائەتكە لايىق بىردىنبىر،ھەقىقىي ئىلاھ دەپ ئېتىراپ قىلىش،ئاللاھ قۇرئاندا ئۆزى كۆرسەتكەن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە خەۋەر قىلغان سۈپەتلىرىگە تەستىق قىلىشتۇر.

25-س:تەۋھىد قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ج:تەۋھىد ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئۇلار:

1.تەۋھىد رۇبۇبىيە
  
2.تەۋھىد ئۇلۇھىييە

3.تەۋھىد ئەل ئەسما ۋەس-سىفات

26-س:تەۋھىد رۇبۇبىيە دېگەن نېمە؟
ج: بۇ ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىدە يىگانىدۇر، دەپ ئېتىراپ قىلىشتۇر.مەسىلەن،ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش،رىزىق بېرىش،ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى بېرىش پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر.

27-س:تەۋھىد ئۇلۇھىييە دېگەن نېمە؟
ج:بۇ ئىبادەت پەقەت ئاللاھقا خاس، دەپ ئېتىراپ قىلىشتۇر.مەسىلەن ناماز،روزا،زاكات ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىبادەتلەر باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئەمەس پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بولۇشى لازىم.
28-س:تەۋھىدىل ئەسما ۋەس سىفات دېگەن نېمە؟

ج:بۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا خاس رەۋىشتە تونۇش،ئېتىراپ قىلىش،ۋە بۇ سۈپەتلەردە ئاللاھنىڭ يىگانە دەپ تونۇشتىن ئىبارەتتۇر.

29-س:ئىبادەتنى قانداق بايان قىلىسەن؟
ج: مەيلى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا بولسۇن،ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئىبادەت تۈرىگە كىرىدۇ.

30-س:ئىبادەتنىڭ شەرتلىرى نېمە؟

ئىبادەتنىڭ ئىككى شەرتى بار

1.ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش

2.ئاللاھنىڭ رەسۇلى گە ئىتائەت قىلىش،رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش

31-س:ئىبادەتنىڭ بەزى شەكىللىرىنى سۆزلەپ باققىن.

ج:ئىبادەتنىڭ شەكىللىرىدىن،ناماز،زاكات،روزا،ھەج،ئاللاھتىن قورقۇش،رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش،ياردىمىنى تىلەش....قاتارلىقلار بار.

32-س:ئاللاھ ئەڭ قاتتىق چەكلىگەن ئىش نېمە؟
ج:ئاللاھ ئەڭ قاتتىق چەكلىگەن ئىش شېرىكتۇر.

33-س:شېرىك دېگەن نېمە؟
ج:شېرىك قۇدرەت ۋە سۈپەتتە ئاللاھقا ئوخشىغان يەن بىر بار دەپ ئىشىنىش ياكى گۇمان قىلىشتۇر.
34-شېرىكنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟
ج:شېرىك ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

1.شېركۇل ئەكبەر(چوڭ شېرىك)
  
2.شېركۇل ئەسغەر(كىچىك شېرىك)

3.شېرىك خافى

35-س:شىركۇل ئەكبەر دېگەن نېمە؟
  

ج:شىركۇل ئەكبەر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ(تاغۇت)قا ئىبادەت قىلىش،ئېتىقاد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.ئاللاھ شېرىك بىلەن ئۆلگەن كىشىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ،ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ،ئۇ كىشى مۇسۇلمان دەپمۇ تونۇلمايدۇ.

36-س:شىركۇل ئەكبەرنىڭ قانداق شەكىللىرى بار؟
ج:شىركۇل ئەكبەرنىڭ تۆت خىل شەكلى بار:
1.دۇئادىكى شېرىك. ئاللاھتىن باشقىدىن نەرسە تىلەپ دۇئا قىلىش؛

2.نىيەتتىكى شېرىك.نىيەت ۋە مەقسەتنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ (تاغۇت)ئۈچۈن بولۇشى؛
  

3.ئىتائەتتىكى شېرىك.ئاللاھتىن بۇيرۇقىغا قارشى تاغۇتقا ئىتائەت قىلىش؛

4.ياخشى كۆرۈشتىكى شېرىك.ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتتە باشقىلارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش. ,

37-س:شىركۇل ئەسغەر دېگەن نېمە؟
  ج:شىركۇل ئەسغەر رىيانى كۆرسىتىدۇ.يەنى،بىر كىشىنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ رىزاسىدىن كۆپرەك باشقىلارنىڭ ماختىشى ۋە مەدھىيىلىشى ئۈچۈن قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ شېرىكنىڭ بىر تۈرىدۇر،ھارامدۇر،لېكىن كىشىنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ.
38-س:شىركۇل خافى دېگەن نېمە؟
ج:شىركۇل خافى ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىگە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رازى بولماسلىقتۇر.
39-س:شىركۇل خافىنىڭ دەلىل نېمە؟
ج:بۇ خىل شېرىكنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللاھ نىڭ سۆزىدۇر:"بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە شىركۇل خافى خۇددى قاراڭغۇ كېچىدە قارا تاش ئۈستىدە تۇرغان قارا چۈمۈلىدەك چوڭقۇر يوشۇرۇنغاندۇر."(مۇسنەدۇ ئەھمەد)
40-س:كۇفرىنىڭ قانداق شەكىللىرى بار؟  
ج:كۇفرىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار:
1.چوڭ كۇفرى.بۇ كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدۇ.
كىچىك كۇفرى.بۇ خىل كۇفرى كىشىنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ.لېكىن قاتتىق گۇناھكار قىلىدۇ.
41-س:چوڭ كۇفرىنىڭ قانداق شەكىللىرى بار؟  
ج:چوڭ كۇفرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەش خىل شەكلى بار.
1.ئىنكار قىلىش  
2.ھەقتىن چوڭچىلىق بىلەن باش تارتىش.
3.شەك قىلىش
4.سەل قاراش
5.نىفاق.
42-س:نىفاقنىڭ دائىرىسىنى بايان قىلىڭ.  
ج:نىفاق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.ئەقىدىدىكى نىفاق.
2.ئەمەللەردىكى نىفاق.  
42-س:ئەقىدىدىكى نىفاق قانداق بولىدۇ؟  
ج:ئەقىدىدىكى نىفاقنىڭ ئالتە خىل شەكلى بار.  
4:
1.رەسۇلۇللاھ نى ئىنكار قىلىش؛  
2.رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىش؛
3.رەسۇلۇللاھ نى يامان كۆرۈش؛
4.رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن نەرسىلەرنى يامان كۆرۈش؛
  
5.ئىسلامنىڭ مەسخىرە قىلىنىشىغا رازى بولۇش؛
  
6.ئىسلامنىڭ چەكلىمىلىرىدىن نارازى بولۇش.  
44-س:ئەمەلدىكى نىفاق قانداق بولىدۇ؟ ج:ئەمەلدىكى نىفاقنىڭ بەش خىل شەكلى بار:
1.سۆزلىسە يالغان سۆزلەش؛
2.ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىش؛
  
3.ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىش؛ ?
4.خاپىلىشىپ قېلىنسا،ئەدەبسىز مۇئامىلىدە بولۇش؛
5.كېلىشىمگە رىئايە قىلماسلىق.  
45.شېرىك بىلەن قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر ئاللاھ تەرىپىدىن مەقبۇل كۆرۈلەمدۇ؟  
ج:ياق!شېرىك ئارىلاشقان ھەرقانداق ئەمەل مەقبۇل ئەمەستۇر.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"...ئەگەر ئۇلار(پەيغەمبەر)شېرىك كەلتۈرسە ئىدى،ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى،ئەلۋەتتە،بىكار بولۇپ كېتەتتى." (سۈرە "ئەنئام"88-ئايەت)  
"ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلىشىنى (يەنى شېرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغفىرەت قىلمايدۇ.بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمگە مەغفىرەت قىلىدۇ...." (سۈرە "نىسا"116-ئايەت)
46-س:قايسى ئىشلارنىڭ ئىسلامدا ئورنى يوق؟
ج:تۆۋەندىكى 10 خىل ئىشنىڭ ئىسلامدا ئورنى يوق:  
1.ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش؛
2.ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ دىنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىش،ياكى ئۆزلىرىنىڭ باتىل كۆز قارىشى ۋە بۇزۇق ئېتىقادىنى توغرا دەپ ئويلاش؛  
  
3.ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئىنساننى ۋەسىلە قىلىش،ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش،ئىشىنىش ۋە ئۆزىگە پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىش؛
4.باشقىلار كۆرسەتكەن يولنى رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن يولدىنمۇ ياخشى دەپ قاراش؛  
5.رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەۋەتىلگەن نەرسىلەرنى يامان كۆرۈش؛  
  
6.رەسۇلۇللاھ نىڭ ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ياكى دىندىكى مۇكاپات ياكى جازالارنى مەسخىرە قىلىش؛
7.سېھىر قىلىش؛  
8.مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا مۇشرىكلارغا ياردەم قىلىش؛  
9.بەزى كىشىلەرنى .خۇددى خىزىر ئەلەيھسىسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە رىئايە قىلماسلىققا رۇخسەت قىلىنغىنىغا ئوخشاش، شەرىئەتكە رىئايە قىلماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان دەپ قاراش؛
10.ئۆگەنمەسلىك ياكى ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلىشىش.  
47-س: ھەربىر مۇسۇلمان بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاساسلىق ئۈچ خىل بىلىم قايسى؟  
  ج:1.رەببىڭنى بىلىشىڭ(ياراتقۇچى،رىزىق بەرگۈچى،قوغداپ تۇرغۇچى، شۇنداقلا زېمىننىڭ ھەربىر ئىشى ئۆز ئالقىنىدا بولغان زاتنى بىلىش)
2' .دىنىڭنى بىلىشىڭ.  
  
3.پەيغەمبەر نى بىلىشىڭ.  
  
48-س:تاغۇت دېگەن نېمە؟
ج:ئاللاھتىنمۇ بەكرەك ئېتىقاد قىلىنغان،ئىتائەت قىلىنغان ۋە ئەگىشىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تاغۇتتۇر.
49-س:تاغۇت نەچچە؟ئۇنىڭ باشلامچىلىرىچۇ؟
ج:تاغۇت كۆپ،لېكىن ئۇنىڭ باشلامچىلىرى بەش.  
50-س:تاغۇتنىڭ باشلامچىلىرى كىملەر؟  
ج:1.شەيتان.ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن.  
  
2.ئۆزىنىڭ رازى بولۇشى بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىقاد قىلىنغان كىشى؛  
3.باشقىلارنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرغان كىشى؛
4.غەيبتىن خەۋەر بېرىمەن،دېگەن كىشى؛  
5.ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە يات بولغان نەرسىلەر بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى ھۆكۈمران.  
ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسىگە دائىر 50 سوئال-جاۋابنى يېزىپ بولدۇم.خاتالاشقان يېرىم بولسا ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن.ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ سوئاللارنى قەلب دەپتىرىگە پۈتۈۋېلىشىنى،ئەقىدىسىنى خاتالىقتىن ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە.ھەمزارتۇرى. يۇلۇپ ئالغۇچى . ۋەلى(ھىدايەت)

تورداش << wali0993>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ