نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
خان، ياقىڭىزنى سەل ئۈستىگىرەك كۆتىرۋەتسىڭىز
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-09 20:05:37  يازغۇچى:مايىرە  كىلىش مەنبەسى:ئىلى ئالمىزار تورى  ئاۋاتلىقى:1493   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

خان،ياقىڭىزنى سەل ئۈستىگىرەك كۆتىرۋەتسىڭىز


      چۈشلۈك ئارام ۋاقتى توشتى،،،خىزمەتتىن ئالدىراپ چۈشۈپ ئابتوبۇس بېكىتىگە يۈگۈردۈم،،،قىستىلىپ يۈرۈپ،ئابتۇبۇسقا چىقتىم ،ھەممە ئادەم ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىت بولغاچقىمىكىن ئابتۇبوستا ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم ،،،مېنىڭ يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا  شۇنداق چىرايلىق ،ئەمما  سەل مۇقامدا يوق پەلپەتىش كىيىنگەن بىر قىزچاق ئولتۇرغان ئىدى ،،ئۈستىگە كۆكسىنىڭ يېرىمىنى ياپالماي قالغان مايكا كىيىۋالغان بولۇپ  ئىچىدىكى دەسمىسى كۆرۈنۈپ قاپتۇ،،نېمە دېسەم بولار ،سول تەرىپىمدە ئۆرە تۇرغان بىر ياش يىگىت بوينىنى ئۈزمەي قىزنىڭ مەيدىسىنى ماراۋاتاتتى،،،باشقا دادام دېمەتلىك ئادەملەرمۇ تىللىرىنى تامشىتىپ پاقا تەشكەن سويمىدەك بېزىرىپ كۆزىنى ئۈزمەيۋاتاتتى، ،،،خۇددى مېنى ماراۋاتقاندەك تولىمۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم،،ئۇ قىز ئولتۇرغان  بولغاچقا ئۆرە تۇرغۇچىلار ئۇ قىزنى ئېنىقلا كۆرۈپ ‹تاماشا›قىلالايتتى ،،،قېرىشقاندەك ماشىنا توسىلىپ قېلىپ ھېلىقى ئوۋچىلارغا كۆپرەك ‹ھوزۇرلىنىۋىلىش›پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتاتتى،،توۋا ،، ئەتراپىمدا ساپلا دېگۈدەك ئەر كىشىلەر دېسە ،،،قىستىلىپ كەينىگىرەك ماڭدىم،،بىر چاغدا ھېلىقى چىرايلىق قىزنىڭ ‹سېغىزخان›دەك ئاۋازى ئاڭلاندى:
  -ۋۇي لۈكچەك،نېمە بېزىرىپ قارايسەن ،،،ئاپاڭنىڭكىنى كۆرۈپ باقمىغانما؟ئەجەپ قاراپ كىتىپسەنا؟
  -پاسكىنا،زۇۋانىڭنى يىغە ،،،سەن مەرەزمۇ  باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئېچىپ قويغانسەن ؟ۋۇي تېگى پەس قانجۇق ،،ئاپامنى چىشلەپ تارتما!،-دەپ ۋاقىراپلا كەتتى~~
ئىشقىلىپ كېيىن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەپسانە گەپلەرنى بۇ يەردە دېيەلمەيمەن ،،،،
        ھازىر بەزى قىزلىرىمىزدا ھايا ،نۇمۇس دېگەنلەر قالماپتۇ (قىسمەن)،،،بۇ تېخى 10نىڭ بىرى ،،،،قىسقىسى كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئانىلىرى بولغان سۆيۈملۈك قىزلار ،ئۆزىمىزنىڭ شەرمى ھايارىمىز بىلەن ياشايلى ،،،قەدىر -قىممىتىمىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى ساغلام يېتىلدۈرەيلى ~~~~
    شۇنداق يارىشىملىق كىيىم كېچەكلىرىمىز بار،،،ئۇنى كىيگىمىز بولمىسىمۇ  ياقىسى ئۈستۈنرەك،كاسسىمىزنى يېپىپ تۇرغۇدەك،تىزىمىزدىن چۈشكىدەك،كەڭ كۇشادە،ئازادە كىيىملەرنى كىيەيلى~~~~~~~
 

تورداش << مايىرە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ