نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
ھاياتىمدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر كۇن(4)
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-09 10:53:26  يازغۇچى:گۈزەل پەرىشتە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:669   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

                                 ھاياتىمدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر كۇن(4)

   -تەييار بۇلدۇڭمۇ ئاداش ،بىز سىنى دۇستۇڭنىڭ كۆچىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتىمىز،-دەپ تىلىفون قىلىدى ئامىنە ھايال بۇلمايلا

-ماقول ئەمسە مەن ھازىرلا چىقاي دىدىم ،

-ئەمسە بەك كەچ قالما جۇمۇ،مەن ئۆزۇم يالغۇز قۇرقىدىكەنمەن ئاداش ،دىدى ماھىرە ،مىڭشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقانلىقىنمىىنى كۆرۇپ

-خاتىرجەم بولە ئاداش ،سىنى ئويلاپ بۇلسىمۇ بالدۇر يىنىپ كىلىمەن ،ئەگەر ئۇيقۇڭ كەلسە ئۇخلاۋەر مەن كەلگەندە تىلىفون قىلارمەن دىدىم ھەر ئىھتىمالغا قارشى

   كوچا دوخمۇشىغا چىقسام ئۇلار بىر قارارەڭلىك سانتانا ماشىنا بىلەن ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ،بەلكىم ئامىنەنىڭ تۇنۇشىنىڭ ماشىنىسى بۇلسا كىرەك ئالدىدا شۇ بالابىلەن يەنە بىر خىلى كىلىشكەن بالا كەينىدە بىز ئۈچ قىز بالا بىلەن يەنە بىر چۇمۇلىخورغىلا ئوخشايدىغان تۇمشۇقلىرى سۇزۇلۇپ تۇرىدىغان بالا بىلەن قستىلىشپ ئولتۇردوق .

-ھە ئامىنە دۇسلىرىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيمامسىز بىزگە ،دىدى ماشىنا ھەيدىگەچ

-بۇ دۇستۇمنىڭ ئسمى ئالىيە ،ماۋۇ دۇستۇمىنڭ ئسمى بۇلسا مەرھابا ،دەپ ئاددىلا تۇنۇشتۇردى ئامىنە

-مىنىڭ ئسمىم ئەسقەرقورغاستا تىجارەت قىلىمەن  ،ماۋۇ ئىككى ئاغىنەم ئۇرۇمچىدە ئوقەت قىلىدۇ ،بۇنىڭدىن كىيىن ياخشىراق ئارلىشىپ ئۆتەرمىز ھە مەرھابا قىز دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ھىجاراپ قۇيدى ئەسقەر

ۋاي ئالدىڭىزغا قاراپ ماشىنىڭىزنى ھەيدەڭ .تۇنۇشىدىغانغا ئالدىرماي دىدى ئامىنە غۇژژدە ئاچچىقى كەلگەندەك تەلەپپۇزدا بەلكىم ئەسقەرنىڭ مىنىڭ ئسسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ تۇنۇشۇپ قالايلى دىيىشى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىشىغا ئاچچىغى كەلگەن چىغى ،قىز بالا  دىگەنمۇ بەزىدە بەكلا سەزگۈر بۇلۇپ  كىتەمدۇ قانداق

-ئاداش ،ئۆزەڭنىلا  تۇنۇشتۇرۇپ بىزنى .ئۇنتۇپ  قالدىڭمۇ قانداق ،بۇپتۇ مىنىڭمۇ ئاغزىم بۇلغاندىن كىيىن ئۆزەمنى ئۆزەم تۇنۇشتۇراي ،ھى ھى ،،دەپ سەت ھىجاراپ قۇيدى چۇمۇلىخور ئاغىنە ،-مىنىڭ ئسمىم سەمەت ئاۋۇ ئاغىنەمنىڭ ئسمى جۇرئەت بىز ئىككىمىز ئۇرۇمچى بىيەنجاڭدا سەۋىتلىككلەرگە مال ئىلىشىپ بىرىپ دىگەندەك ئوقەتلەرنى قىلىپ يۇرىمىز ،ئەمدى سىلەردەك چىرايلىق قىزلار بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق يىنىمىز يەر تارتىپ قالسا ئۇرۇمچىگمىمۇ بىرىپ يۇرمەي مۇشۇ يەردىلا بىر ئش قىلامدۇق تىخى بۇ سىلەرنىڭ تىرشچانلىقىڭلارغا باغلىق جۇمۇ،ھى ھى ھى ...قانداق ھە ئاداش گەپ قىلە سەنمۇ ،دەپ جۇرئەتنىڭ مۇرىسىگە پاققىدە بىرنى قۇيدى ،جۇرئەت ئسملىك بالا گۇيا ئۇنىڭ گەپلىرىگە خۇشياقمىغاندەك ئاغزىنى پۇرۇشتۇرۇپ كۇلۇپلا قۇيدىيۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى ،

-سائەتمۇ 10بۇلاي دەپتۇ نەگە بارساق بۇلا ،دىدى ئەسقەر

-بۇلسىغۇ مۇشۇنداق چىرايلىق قىزلار بىلەن تانسىخانىلارغا بىرىپ ۋالسقا پىقىراپ كەلسەك ياخشى بۇلاتتى لىكىن بۇ  چاغدا تانسىخانىلارمۇ تۇشۇپ كەتتى ھەقاچان شۇڭا ئۇلتۇرۇپ مۇڭدىشىپ كەلگۇدەك بىر يەرگىلا  ھەيدە ئاداش دىدى،سەمەت چۇمۇلىخۇر يەنە ئاتكاچىلىق بىلەن ،مەن ئۇلارنىڭ بىزنى نەگە ئاپىرىشىنى بىلىپ كەتمىگەن بۇلساممۇ ،لىكىن ماشىنىغا چىقىپلا بىر خىل پۇشايمان تۇيغۇسى چىرمىۋالدى ،(نىمىشقىمۇ چىققاندىمەن ،ماۋۇ چۇمۇلىخۇر نىمانداق پاقا تەشكەن سۇيمىدەك ئادەمگە قاراۋىرىدىغاندۇ ،بەك ئىچىلىپ كەتمەي قاپاقنى تۇرۇپ ئولتۇراي جۇمۇ ،بىكا تىتىقسز گەپلەرنى قىلىپ قالمىسۇن بىكا )دەپ ئۇيلىدىم ئىچىمدە.

    شۇنداق قىلىپ نەگە بىرىش تۇغۇرلۇق ئانچە-مۇنچە تالاش-تاتىش قىلىپ ئاخىرى خەنزۇلارنىڭ بىر سۇغۇق ئىچىملىق  ئارامگاھىغا باردۇق ،دەسلەپتە ئايرمخانىلار قالمىغان بۇلغاچقا زالدىلا ئولتۇردۇق ،لىكىن يانىدىكى ئۇستەلدىكىلەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ تازا گەپنى گەپكە قۇلاشتۇرمىدى ، مەن بۇلسام قەپىقىمنى تۇرۇپ كۆزۇمنى تىلۋىزۇردىن  ئۈزمەي قاراپ ئولتۇردۇم ،بىر چاغدا ئەسقەر شۇ يەردىكىلەرگە دەپ يۇرۇپ بىزنى بىكار بۇلغان بىر ئايرىمخىانىغا يۇتكەتكۇزدى ،،،،نىمىشقىكىن دەسلەپ  ئۆيدىكىلەرگە ۋە ماھىرەگە يالغان سۇزلەپ چىققان يىرىمگە ئەمدى پوشايمان قىلىپ قايتىپ كەتكۇم  كىلىۋاتاتتى ،

-ئاداش ،مەن قايتايمىكىن ،بۇگۇن سەل چارچاپ قاپتمەن، دىدىم ئامىنەنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ،

-ۋىيەي ،نىمە دىگنىڭ بۇ ،بىللە كەلگەندىن كىيىن بىللە قايتىمىز ،مۇشۇنداق قىلىدىغىنىڭنىغۇ بىلەتتىم زادى ،ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى ،

-دۇستۇم يالغۇز قالغان سەل ئەنسىرەۋاتىمەن دىدىم قارىسىغىلا ،

-ئەمسە سەل تەخىر قىل ،سەل تۇرۇپ بىللە قايتايلى دىدى ئۇ ،

  مەن نىمە دىيەلەيتتم ،ئايرمخانىغا كىرگەندىن كىيىن بىز قىزلار ئىچىۋاتقان (قىزىل كالا )ئىچىملىكىنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن بۇيۇنلۇق قىزىل ھاراق ئالمىشىپ قاپتۇ ،بۇنڭىغا مەندىن باشقا ماۋۇ ئىككى قىز ھىچبىر سەپسلمىغاندەك خىيالىدا يوق ئۇلتۇرۇشاتتى ،

-قىنى قىزلار ،بايا زالدا بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭدا گەپمۇ قۇلاشمىغان ئەمدى ئىچىلىپ -يىيىلىپ ئۇلتۇرامىز ھە ،قىنى ئامىنە قىزىلنى سىز قۇيامسىز يا مەنمۇ دىدى ئەسقەر

-مەن بۇنى ئىچەلمەيمەن خاپا بۇلمايسىز دىدىم ،گەپنى  بۆلۇپلا

-بۇ  گىپىڭىز قاملاشمىدى خان دەپ گەپنى  تارتىۋالدى سەمەت ،بۇ دىگەن ناھايىتتى قىزىل  ھاراققۇ ،گ رادۇسىمۇ تۆۋەن ،ھەم سىلەردەك چىرايلىق قىزلارنى مىيروڭ قىلىدۇ ،ئىچسەڭلار بىزدەك يىقىن دۇستۇڭلاربىلەن  ئچسىلەر شۇ ،بىزدىمۇ يامان نىيەت يۇق ،چىرايلىق ئولتۇرۇپ خۇشال-خۇرام  قايتىپ كەتسەك ،كىيىن كۆچا-كويلاردا ئۇچرشىپ قالساقمۇ ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيىشىپ ئۆتۇشسەك بۇلدى ئەمەسمۇ، شۇڭا بۇگۇن كۆۇڭلىلىمىزنى قايتۇرماڭ ،قىنى شۇ گىپىمىز بۇيىچە سىزگە بىر قەدەھ تۇتاي ،دەپلا ئەسقەرنىڭ قولىدىن رۇمكىنى تارتىپ ئىلىپ بىلىق كۆزى قىلىپ قۇيۇپ ماڭا سۇندى .

داۋامى بار ،،،،،ئەسلى ھەممىنى يىزىۋىتەرمەن دىگەن لىكىن خىزمەت ۋاقتى بۇلغاچقا سەل قولايسىز ھەم ئۇيغۇرچە خەت بىسشنى ئەمدى ئۈگۈنۇۋاتقان بۇلغاچقا سۇرئىتىم بەك ئاستا ،،كەچۇرۇڭلار -

تورداش << گۈزەل پەرىشتە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ