دۇنيادا <ئانا>دىگەن سۆزدىنمۇ يېقىملىق ۋە ئۇلۇغ سۆز بولمىسا كىرەك. چۈنكى ئانا دىگەن بۇ ئاددىي سۆز ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىدىن چىقىدۇ. ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى تىترىتىدۇ. ئانا دىگەن بۇ سۆز ئادەمنى يىغلىتىدۇ،كۈلدۈرىدۈ. غەزەپلەندۈرىدۇ،رەھىمدىل قىلۋېتىدۇ. مۇشۇ <ئانا>دىگەن سۆز ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن قەھىرىمانلار قەھرىمانلارنىڭ ئەڭ نوچىسى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئانا ئۈچۈن غەزەپلەنگەنلەر، ھەقىقىي ئەركەك ئانا ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىدىن كىچەلىگەنلەر ھەقىقىي ئىنسان ھەقىقى ئەزىمەت ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيادا ئانىنى كۆيلەپ ناخشا ئۇقىمىغان ناخشىچى،ئانىنى كۆيلەپ شىئېر يازمىغان شائىر،ئانىنى كۆيلەپ ماقالە يازمىغان ياغۇچى بولمىسا كېرەك.چۈنكى ئانا دىگەن بىزلەرنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىمىزگە بىزنىڭ ھازىرقىدەك كۈنگە ئىرشىشىمىزگە سەۋەپچى بولغان.
ئانا بىزنى شۇنچە جاپا مۇشەققەتتە ئون ئاي ئون كۈن قۇرساق كۈتۈرۈپ نۇرغۇنلىغان جاپالارغا بەرداشلىق بىرىپ يۇرۇق دۇنياغا ئۇچراشتۇرغان. بوۋىقىنى ساق-سالامەت تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن كىچىلىرى شىرىن ئۇيقۇلىرىدىن كىچىپ بوۋىقىنى ئىمىتكەن. بوۋىقىنىڭ ھۆل قىلىپ قويغان ئورنىنى قۇرۇقداپ بوۋىقىنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيقىسىدىن كىچىپ ئۇ بوۋىقىنى ئەللەيلەپ بوۋىقى ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆزى كۆز يۇمىدۇ. بۇ قانداقتۇر بىرسىدىن قورقۇپ ياكى بىرسىدىن بىرەر نەرسە تاما قىلىپ ئەمەس ئۆز بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەنلىكىدىندۇر .بۇ مۇھەببەت ھەرقانداق ئانىدا ھەتتاكى ھايۋاناتلاردىمۇ مەۋجۇتتۇر.ھايۋانلارمۇ يىڭى تۇغۇلغان بالىسىنى دەسسەپ قۇيۇشتىن ئىھتىيات قىلىپ پاچىقىنى كۈتۈرۇپ تۇرۋالغانلىقىنى ئۇچار قۇشلارنىڭمۇ بالىلىرىنى قوغداپ يېنىدىن كىتەلمەي قالىدىغانلىقىنى كۈرىسىز بۇ مۇھەببەتنى مىھرىبان ئاللابارلىق ئانىلارنىڭ قەلبىگە تاشلىغانلىقىدىن بولغان.
ھازىر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھاقارەت قىلۋاتقانلىقىنى،ئۇلاردىن نۇمۇس قىلۋاتقانلىقىنى،ئۇلاردىن قېچۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز. بۇلۇپمۇ بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۈزىنىڭ شاللاقلىقىنى دەپ ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلىپ بىراۋلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ئۇلارنى خۇراپىي دەپ تىللىغان ئۇلارنىڭ ئۆلە - تىرلىشى بىلەن كارى بولمىغان مۇشۇنداق ياشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.
ئاللا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق...}(لوقمان سۈرىسى) يەنە قۇرئاندا: سېنىڭ پەرۋاردىگارىڭ بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا،ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى.ئەگەر سىنىڭ يېنىڭدا ئۇلارنىڭ بىرىگە ياكى ھەر ئىككىلىسىگە قېرىلىق يەتسە ئۇھ دىمىگىن(يەنى ئۇلارغا مالاللىق يەتكۈزىدىغان شۇنچىلىك ئاددىي بىر سۆزنىمۇ دىمىگىن)....}(ئىسرائ سۈرىسى) يەنە ئاللاھ : ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسىنى شىرىك كەلتۇرمەڭلار،ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار...}(نىسا سۈرىسى) بۇلار بولسا ئىلاھى بۇيرۇق بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنى دەۋزەخ. دەۋزەخ دىگەننى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ دەيمە... دەۋزەخ_ بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ھەممە قىيىن قىستاق ئازاپ-ئۇقۇبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رەسۇلۇللاھمۇ <جەننەت ئانىلارنىڭ قەدىمى ئاستىدا> دىگەن.
يەنە روسۇلىللا<قانداق بىر ئادەم ئىمان كەلىمىسىنى (يەنى بىر ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوق مۇھەممەد ئاللانىڭ بەرھەق ئەلچىسى)دېسە،ناماز ئوقۇسا ،زاكات بەرسە،روزا تۇتسا،قۇدرىتى يەتسە بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلسا پەقەت ئاتا-ئانىسىنى قاخشاتمىغان،نارازى قىلمىغانلا بولسا جەننەتكە كىرىدۇ>(بۇخارى) دىگەن.
يەنە رەسۇلۇللاھ ھالاك قىلغۇچى گۇناھلار قاتارىدىن <ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش> دىگەن
دېمەك ئاللانىڭ بىز بەندىلەردىن رازى بولىشى ئاتا-ئانىمىزنىڭ رازى بولىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
قېرىندىشىم:ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ،ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ رەھمىتىنى ئېلىشقا تىرشىڭ،ئۇلارنى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ دىن باشقا دۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىدىن ئۈستۈن بىلىڭ بۇ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ ئەڭ يۇقرى تەرىپى.خوتۇن بالىلىرىڭىز ياكى باشقا كىشىلەر تۇپەيلى ئاتا-ئانىڭىزغا يۈزسۈزلىك قىلماڭ.ھەم ئاتا-ئانىڭىزدىن ئۈستۈن بىلمەڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ بەخىتسىز ئادەمنىڭ ئىشى. قېرىندىشم سىزنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىڭىزگە ئاتا-ئانىڭىز سەۋەپچى بولغان.شۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى،ۋە ئىگىدارچىلىقىڭىزدىكى ھەممە نەرسە ئاتا-ئانىڭىزنىڭدۇر.
ئۇلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ. ئەگەر مەندىن <بۇ دۇنيادا كىم ئەڭ بەختلىك >دەپ سورالسا مەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا<ئاتا-ئانىسى بار ئادەم> دەپ جاۋاپ بىرىمەن.
خەير ئاتا-ئانا توغرىسىدا سۆزلىسەم سۆزۈم تۇگەيدىغاندەك ئەمەس. ئۈزۈمنى توختىتىۋالاي. سۆزۈمنىڭ ئاخىردا مەن ئەڭ ياختۇرىدىغان تۇۋەندىكى شىئىرنى ئورتاقلاشتۇرماقچىمەن:
ئانا بار ئۆيلەر مۇقەددەس،ئانا بار ئۆيلەر بېھىش،
ئانا بار ئۆيلەر چىرايلىق،ئانىلارسۆزى يىمىش.
ئانىدىن ئايرىلمىغان يەتمەس سۈزۇمنىڭ تەكتىگە
ئانابار ئۆيلەردە دوستۇم غەم-قايغۇقىلسۇن نىمىش؟!
ئاپتورى: ھەمزە
مەنبە؛ شىنجاڭ لىننىيسى