داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش |
|
|
1)ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى سىركىگە ئۈچ كۈن چىلاپ قۇيۇپ ، سۈزۈپ ئېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ تالقانلاپ ، زەنجىۋىلنىڭ شىرنىسىگە تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن ئارىلاشتۇرۇپ ، ھەر كۈنى ئاخشامدا يېتىش ئالدىدا يۈزگە بىر قېتىم چېپىشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . 2) كاۋاش دېگەن دورىنى تالقانلاپ تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى ئاخشام يېتىش ئالدىدا يۈزگە چېپىشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرىدۇ . 3) قوغۇن ئۇرۇقى سۈيىگە خولىنجان تالقىنىدىن ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا يۈزگە چېپىشنى داۋام قىلسا ، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . 4) 10 دانە چېكەتكە ، بىر مىسقال ماندا ئۇرۇقى ئېلىنىدۇ . چېكەتكىنىڭ قانات - پۇتلىرى ئېلىۋېتىپ قۇرۇتۇپ ، ماندا ئۇرۇقىغا قوشۇپ تالقانلاپ ، ئۈچ سەر چىگىت يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئاپتاپتا سەككىز كۈن قويۇپ يېتىشنىڭ ئالدىدا يۈز چېپىشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 5) لىموننىڭ ئېتىنى ئاجرىتىپ ، نېپىز يالپاقلاپ ، يۈزنى ئىلمان سۇدا سوپۇنلاپ يۇيۇپ ، مەزكۇر لىموننىڭ ئەتلىرىنى يۈزگە قويۇپ بىر - ئىككى سائەت جىم يېتىپ ، ئەتىسى ئەتىگەندە يۈزنى يۇيۇپ بەرسە ، بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . 6) پۇرچاق ئۇنىنى ئىلمان سۇغا ياكى ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسىگە چىلاپ يۈزگە چېپىشنى داۋام قىلسا ، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . 7) پىياز ئۇرۇقىنى سوقۇپ ئىلمان سۇغا سېلىپ قويسا شىرنىسى چىقىدۇ . بۇنى ھەر كۈنى بىر قېتىم يۈزگە سۈركەپ قۇرۇتۇپ ، ئەتىسى ئەتىگەندە يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 8) ھۆل ياڭاقنىڭ مېغىزىنى ئېزىپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا يۈزگە سۈركەشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم كۆرۈلىدۇ . 9) ئاق قۇشقاچنىڭ مايىقىنى سىركىدە ئېزىپ يۈزگە چېپىشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 10) قارا ياغاچ ( سېدە ) نىڭ قوۋزىقىنى تالقانلاپ سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . 11) ھۆل ئىگىرنى سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ يۈزگە چاپسا ياكى قۇرۇق ئىگىرنى قاينىتىپ سۈيىنى چېپىشنى داۋاملاشتۇرسا ، داغ ۋە سەپكۈن چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 12) ھۆل بېدىنى سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ يۈزگە چېپىشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 13) رەۋەن ئۆسۈملۈكىنىڭ يىلتىزىنى ياكى قۇرۇق رەۋەننى سوقۇپ تالقانلاپ ، سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 14) ئاق لەيلىنىڭ تېنى ۋە يوپۇرمىقىنى ، بولۇپمۇ ئۇرۇقىنى سوقۇپ تالقانلاپ ، ئۈزۈم سىركىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە چېپىشنى داۋام قىلسا ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 15) يۇقىرىقى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا يۈزگە چېپىپ ، ئەتىگەندە يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇشنى داۋام قىلسا بولىدۇ .
|
|