نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق >>
تاماق تاللاشنى ئۆزگەرتىش تەدبىرى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-08 20:05:13  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:دولان تورى  ئاۋاتلىقى:60   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

تاماق تاللاشنى ئۆزگەرتىش تەدبىرى

 

كۆپىنچە بالىلار تاماق تاللايدۇ. بالىلار تاماق تاللىسا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقق اتولۇق ئېرىشەلمەيدۇ-دە، بالىلاردائوزۇقلۇق ياكى ۋىتامىن يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق تاللاش كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار تەسىر بەلكىم پسىخىك جەھەتتىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن تاماق تاللاش ئاسانلا شەخسىيەتچىلىك پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. كەڭ قورساق بولۇش ۋە پايدا-مەنپەئەتتىن باشقىلار بىەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتەك ياخشى خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ. مۇبادا شۇنداق مىجەز شەكىللىنىپ قالسا، باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدۇ. بۇ خىل مىجەزنى ئۆزگەرتمىكىمۇ تەس بولىدۇ. شۇڭا، مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن، ئاتا-ئانا بالىنىڭ تاماق تاللاش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلارنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن بالدۇرراق ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.  بالىلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتە، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى تاللاپ قوللىنىشى كېرەك:
 
 1)بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇققا ئائىت بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى تاماق تاللاشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
  2) بالىلار يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان سەينىڭ تەمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ ياخشى، تۈرىنى تېخىمۇ كۆپ قىلىش كېرەك.  
  3) بالىلار ياخشى كۆرىدىغان سەيگە ياخشى كۆرمەيدىغان سەينى قوشۇپ تەييارلاشكېرەك.
  4) بالىلار يېڭى يېمەكلىكلەرنى ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسە، مۇۋاپىق تەقدىرلەپ قويۇش كېرەك. 
  5) بالىلار ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى تېتىپ بېقىشقا ئۇنىسا، ئۇنى كۆپ يېيىشكە مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. قانچىلىك يېيىشنى بالا ئۆزى بېكىتسە بولىدۇ. 
   6) يېمەكلىكنى تاللاش ۋە تەييارلاشقا بالىنىمۇ قاتناشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا بالىنىڭ يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، بالىنى كەڭ قورساق بولۇشقا، تاماق تاللىماسلىققا يېتەكلەش كېرەك.
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ