نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق >>
چوڭ مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-08 19:56:53  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:دولان تورى  ئاۋاتلىقى:176   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

چوڭ مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياغ، كالتسىي، ۋىتامىن C، قەنت، ئاقسىل، ۋىتامىنB، ۋىتامىن A، ۋىتامىن E قاتارلىقلار چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رولغا ئىگە ئىكەن. بۇ ماددىلار ياڭاق، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، قارا شېكەر، ئورۇق گۆش، بانان، تۇخۇم سېرىقى، بېلىق، باقىلە، سەۋزە قاتارلىقلاردا مول ئىكەن.

   لېتىستىن. لېتىستىن ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ساغلام يېتىلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئۇنىڭدىكى خولىنېرگىك چوڭ مېڭىنى قوغداپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاش، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. تۇخۇم سېرىقى، باقىلەلەردە لېتىستىن مىقدارى مول بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن.

   پالەك ۋە بۆلجۈرگەن. ئالىملارنىڭ ھايۋانلار ئۇستىدە ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، پالەك ۋە بۆلجۈرگەننى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، قېرىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مېڭە ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئالىملار تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا، پالەك ۋە بۆلجۈرگەننىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ ۋىتامىن E نىڭكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

   شوخلا ۋە سەۋزە. تەتقىقاتلاردا، شوخلا، سەۋزىلەردىكى لىكوپىن، كاروتىنلارنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنى قوغداش، چوڭ مېڭە قىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئۈنۈمىنى ساقلاش رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان.

   چاي ۋە شاكىلات. چاينىڭ چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كەينىگە سۈرۈش رولى پالەك بىلەن بۆلجۈرگەننىڭ رولى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا چاي يەنە چوڭ مېڭىدىكى كېسەللەرنى ئازايتىدىكەن. شاكىلات مېڭىنى قۇۋۋەتلەش يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا خېنول ۋە كاتېفىن ماددىسى مول بولۇپ، بۇلار چوڭ مېڭىنى قوغداپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى ۋە دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. شاكىلات يەنە كۈچلۈك كەيپىيات تەڭشىگۈچ بولۇپ، كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار ئىكەن.

   كالىي مىقدارى مول يېمەكلىكلەر. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندىلىك يېمەكلىككە 400 مىللىگىرام كالىي قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، مېڭىدىكى كېسەللەر %40 ئازىيىدىكەن.

 

تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ