نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
قىزچاق ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-07 22:30:06  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:دولان تورى   ئاۋاتلىقى:805   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

قىزچاق ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

 

قىزچاق، بىرەر يىگىت سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم. بۇ سىزنىڭ بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇش- بولماسلىقىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. تۆۋەندە بىر قانچە نۇقتا دىققەت قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ:  
    1. قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى كۆپرەك ئېگىلەڭ؛ قارشى تەرەپنىڭ خىزمىتى، ئۆگىنىشى، ئىنتىلىشى، ھەۋىسى، ئەخلاقى ، سالامەتلىكى، شۇنىڭدەك ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئاساسلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆپرەك ئارىلىشىپ، مۇھەببەتنى باغلاش ئاساسى بار- يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ.   
   2. ھېسيات ئالماشتۇرماي تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئاسان ئىشىنىپ كەتمەڭ. ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ سوۋغا- سالاملىرىنى ئالدىراپ قۇبۇل قىلماڭ.  
    3. ئوتتۇردىكى مۇناسىۋەتنى ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئۇيغۇن بولغان پرىنسىپتا تىگىنلەپ تۇرۇڭ، ھەتتا سىزگە تەلەپ قويغۇچى كېلىچەكتە سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بولۇپ قالىدىغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭ. نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماسلىق كېرەك. نورمال بولمىغان جىنسي مۇناسىۋەتنىڭ قىزغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ناھايتى چوڭ. 
     4. يىگىتلەرنىڭ دۇرۇس بولمىغان تەلەپلىرىگە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. ھېسياتقا بېرىلىپ ئەقلىدىن ئازىدىغان ئىشنى قىلىپ قويماڭ. قارشى تەرەپنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق يېقىنچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەڭ ھەمدە ئۇنىڭ قىلىقسىز ھەرىكەتلىرىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا رەت قىلىۋېتىڭ.  
    5. ئەگەر قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىگە ھۈرمەت قىلغان ئاساستا ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ. ئەگەر قارشى تەرەپ داۋلى چۈشىنىدىغان كىشى بولسا، سۆھبەت قىلىش ياكى خەت يېزىش ئارقىلىق پزىتسىيىڭىزنى ئىپادىلەڭ؛ ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ مىجەزى ئوسال بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆز پىكرىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ، دۈشمەنلىشىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ