نۆۋەتتىكى ئورنى:
باش بەت
>>
تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
>>
مۇھەببەتكە ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-07 21:28:50 يازغۇچى:شەكىلە كىلىش مەنبەسى:
مىسرانىم تورى
ئاۋاتلىقى:
312
[ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك
|
نورمال
|
چوڭ
بۇ ھىكايە بولسا بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ مۇھاببەتكە سەل قاراپ،كىيىن پۇشايمەن قىلغان ئىشلىرى،ۋە بىۋاپا يارنىڭ يىگىتكە قىلغان پاجىئەلىك ھەركەتلىرى سۆزلىندۇ.سىلەرنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭىلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2003-يىل ياز پەسلى ،ئاسمان كۆپكۈك،مەكتەپ ھۆيلىسىدا بالىلار بەزىلىرى تۆپ ئويناۋاتاتىتى،بەزىلىرى بولسا قوللىرىغا كىتاپ ئېلىپ يەنىلا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى.دەل شۇ ئۆگىنىش قىلۋاتقانلار ئارىسىدا بىر ئاددى-ساددا،دېھقان پەرزەنتى ئارمان بار ئىدى.ئۇ ئۇياققا-بۇياققا قاراپ يەنىلا توپ ئويناۋاتقان باللارغا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ يەنە كىتاپقا كۆز يۇگۈرتتى،دەل شۇ پەيىتتە بىر قىز بېشىنى پەسكە قىلغان ھالدا پۇتىنى ئاستا سىپاپ مېڭىپ كىلۋاتاتى.بۇ قىز بىر ئاددى ساددا ھەم ئىنتايىن چىرايلىق بۇلۇپ،كۆڭلىدە بىرەر غىمى باردەك قىلاتتى.ئارمان بۇ قىزنىڭ ئۇزنىڭ ئالدېدىن ئۇتۇپ تاكى كۈزدىن غايىپ بولغىچە قاراپ قالدى.ئۇ كۆڭلىدە مۇشۇ بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالسام،ئىچكى ھېسىياتىنى،دەردىنى بىلىپ باقسام دەپ پىچىرلىدى. ئارماننىڭ كۈڭلى ئاشۇ قىزدىلا قالدى.ئۇ قانداق قىلسام تۇنۇشامەن-دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى.ھەم يەن ھەي بۇنداق چىرايلىق قىز بىزدەك ساددا دېھقان ئۇغلى بىلەن تۇنۇشامتى-دەپ ئىچىگە بىر ئۇھ تارتى .شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە كىتاپقا قاراپ ئۆگىنىشنى داۋام قىلىدى.
كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۇتۇشكە باشلىدى ،بىر كۈنى ئارمان ياتاقداش بالىلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ھۆيلىسىدىكى چىملىقتا ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىشىۋاتاتتى .دەل شۇ پەيىتتە ئۇنىڭ يۇرتىدىشى رەشىدە ئۇ يەردىن ئۇتۇپ ھەي بۇياققا كەلمەمسىز دەپ ئىسمايلغا قول ئىشارىتى قىلىدى.ئارمان دەرھاللا يۇگىرىپ يۇرتدىشى رەشىدەنىڭ يېنىغا باردى.ئارمان كۈزىگە ئىشەنمەيلا قالدى.چۈنكى يۇرتىدىشى رەشىدەنىڭ يېنىدا ھېلىقى كۈنى كۆرگەن غەمكىن،چىرايلىق قىز يېنىدا تۇراتتى.ئارمان رەشىدەمگە سىلەر نەگە ماڭدىڭلار ،سىنىپقا ،ئو نىمانداق بالدۇر ،بىز بالدۇر بېرىپ ئۆگىنىش قىلمىساق بولمايدۇ،سىزدەك تىرىشچان ئەمەس بىز دېدى-يۇرتىدشى رەشىدەم كۈلۈمسىرەپ.ئۇنداق ئەمەسقۇ ئادەمنى مەسقىرە قىلماڭا دېدې-ئىسمايل.ھېلىقى قىز ئارمانغا قاراپ بىر خىل ئىللىق كۆز بىلەن قاراپ توراتتى.ئارمان يۇرتدېشى رەشىدەمگە بۇ قىزنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ قويمامىسىز،مەيلى .بۇ گۈلى ،بۇ ياق بولسا،دەپ تۇرۇشقىلا،مەن بىلمەن ،سىز ئارمانغۇ مىنىڭدەك بىر ئاددى ئادەمنى تۇنۇيدىغانلارمۇ با ئىكەن دە دېدې ئارمان.سىزنى كىم تۇنۇمايدۇ سىزنىڭ كومپيوتېردا ئۇستىلقىڭىزنى ھەممە ئادەم بىلدىغان تورسا ،مەن بىلمىسەم بولماس دېدى.گۈلى .ئارمان تارتىنچاق بولغاچقا،ئازراق قىزرىپ،يەن كۈلۈپ،مىنى مۇنداق چىرايلىق قىز تۇنۇيدىكەنغۇ دەپ خوشال بولدى.ئۇ ئاخىرغا ئۇلاپلا سىز قەيەردىن مەن ئاقسۇدىن دېدى گۈلى- ئىسمايلغا ،ھە بىز يۇرتداشكەنمىزغۇ ،شۇنداق مەن بىزنىڭ يۇرتداش ئىكەنلكىمىزنى بۇرۇنلا بىلەتتىم.ھە. شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا رەشىدە گەپكە قىستۈرلۈپلا ماڭا ئاداش گۈلى سىنىپقا چىقايلى دېدى.ئالدارماڭلار دېدى ئارمان ئۇلاردىن ئايرىلغۇسى كەلمەي .بىز ئۆگىنىش قىلمىساق بولمايدۇ دېدى رەشىدە.ھە ئۇنداق بولسا مەيلى گۈلى سىز تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرەمسىز دېدى-ئارمان.گۈلى-ئىسمايلغا سىز بىردەمدىن كىيىن سىنىپقا چىقىڭ مەن يېزىپ تەييارلاپ قوياي دېدى.ئۇنداق بولسا مەيلى بىز ھېلى كۈرۈشلى ئەمسە دېدى-ئارمان .ئۇلار سىنىپقا ماڭدى،ئارمان ئىچىدە شۇنداق خوشال بولغان ئىدى.چۈنكى ئۇ گۈلى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانلىقىغا ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولدى.ئۇ ياتاقدىشلىرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆلتۈرۈپ قانچانلىققا كەچلىك مۇزاكىرە باشلىنا دەپ سائەتكە قاراپ قوياتتى .ئۇ كۈتكەن ۋاقىتمۇ كەلدى.ئۇ يۇرتىدىشى مەمەت بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدېغا باردى،گۈلىمۇ ئارماننىڭ كىلىشنى كۈتۈپ ئۆلتۈرغان ئىكەن.ئۇ ئارماننى كۈرۈپ كۈلگەن پېتى سىنىپتىن چىقتى،ئارمان -گۈلىگە قېنى يېزىپ قويدىڭىزمۇ تېلىفۇنىڭىزنى دەپ سورىدى.گۈلى مە مەن يېزىپ تەييارلاپ قويغان دېدى.ئارمان تېلىفۇن نۇمۇرنى ئىلپ،ھەريىلى ئۇچتۇرپانغا بارىمەن كومپيوتېر ئوگىتىمەن،تەتىلدا يەنە باردىغانلىقنى دەل شۇ ۋاقىتتا تىلفۇن قىلدىغانلىقىنى دېۋىدى گۈلىگە ،چاتاق يوق ،بارسىڭىز چۇقۇم ئالدىڭىزغا چىقىمەن دېدى.دەل شۇ ۋاقىتتا مەمەت ماڭا ئارمان قايتايلى دېدى. ئارمان -گۈلىگە ئەمسە كۈرۈشۈپ تۇرايلى خوش دەپ قايتتى.ئارمان قايىتقاش ئۆز-ئۈزىگە مەن مۇشۇنداق چىرايلىق،سەممىي بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانلىقىغا شۇنداق خوشال بولغان ئىدى. ئۇ ياتاققا قايتىپ پۇتىنى يۇيۇپ بۇلۇپ،كارۋاتقا چىقىپ يەنە خىىيال قىلشقا باشلىدى.مەن مۇشۇ قىز بىلەن مۇھاببەتلىشپ قالسام ھە نىمە دىگەن ياخشى بولاتىتى ھە دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قوياتتى.ئۇ يەنە ئۇزىگە مەن بىر دېھقان ئۇغلى،سارالىق تورسام مىنى يارتامۇ دەپ چوڭقۇر تىنىپ يوتقاننى كاللىسغا كەلگىچە پۇركەپ ئۇيانغا-بۇيانغا ئېغىناپ قەتئىي ئۇغلىيالمىدى. چۇنكى ئارمان ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش جەرياندا بىرەر قىز بىلەن مۇھاببەتلىشىپ باقمىغان ئىدى.ئۇ دائىم مەن بىر سەھرالىق،دېھقان ئۇغلى مىنى قىز بالا ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ تا ئالى مەكتەپ پۇتتۈرگىچە يۇرگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ئالدىدا بىر قىزغا بىر خىل قىزقىپ قالغانلىقغا يەنە شۇ گۈلىنىڭ ئالداپ قۇيۇشىدىن،ئۇنى كەمسىتىشدىن ئەنسىرەپ شۇ خىيالنى قىلپ ئىغىنايتى.
ئۇ شۇ خىيال بىلەن بۇ تۇننى ئېغىناش بىلەن تۇنىدى.ئەتسى ئۇنىڭ كۈزى
قىزى
پ كەتكەن ئىدى. ئۇ گۈلى بىلەن كۈرۈشكەندىن بىرى كاللسىغا ئۇنىڭ سىماسى نېرى كەتمەيدى،ئۇنىلا خىيال قىلاتتى.ئۇنىڭ بۇ قىزغا راستىنلا ئاشۇق بۇلۇپ قالغان ئىدى.ئۇ گۈلىنى كۈرۈش ئۈچۈن قىزبالا ياتىقىغا يول ئالدى،ئۇ كتىۋېتىپ باشقا باللار كۈرۈپ قالسا مىنى مەسخىرە قىلارمۇ دەپ ئۇياقغا بۇياققا قاراپ قوياتتى.ئۇ قىز بالا ياتاق ئالدىغا كىلىپ،گۈلىنى چاقىرالماي،يۇرتىدىشى رەشىدەمنى باشقا بىرسىدىن چاقىرىتتى.رەشىدەم پەسكە چۇشۇپلا ئۇھۇي مىنى قىزلار ياتىقىغا كىلپ ئىزدىمەيدىغان ئادەم ئىزدىمەپ قاپتۇققۇ،چۇقۇم گۈلىنى ئىزدەپ كىلىپسىز دە دېدى،ئارمان شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى.رەشىدە مەن بۇرۇنلا بىلگەن ئۇنى چاقىرىشتىن قۇرقۇپ مىنى چاقىرتىپسىز دە ،مەن ئۇستىگە چىقىپ ئۇنى چاقىرىپ قوياي دەپلا ئۇسىگە يۇگىرىپلا چىقىپ كەتتى. ئارمان كۆڭلىدە ئۇ پەسكە چۈشەرمۇ ھە دەپ ئىچىدە ئەنسىرەپ ئۇياققا-بۇياققا ماڭاتتى.ھەم كىشلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشدىن كاللىسنى پەسكە قىلىپ تۇراتتى.بىردەمدىن كىيىن گۈلى تەبەسسۈم بىلەن تىشلىقمۇ دەپلا ئىسمايلنىڭ ئالدىغا مېڭىپ كەلدى.ئارمانمۇ تىشلىق سىزچۇ ،مەن ياخشى ،مىنى ئىزدەپ قاپسىزغۇ -يىگىت دەپ ئارمانغا چاقچاق قىلىدى گۈلى.ئارمان –گۈلىگە تارتىنغان ھالدا ۋاقتىڭىز بولسا ئايلىنىپ كېلەيلى دىگەن دېدى.ئۇنداق بولسا مىڭ ئەمسە،ماڭايلى دېدى.گۈلى ئادەتتە ناھايتى خوشخۇي،چاقچاقچى بۇلۇپ،ئىنتايىن ئەركە چوڭ بولغان بۇلۇپ،ئىنتاين ئۇچۇق يۇرۇق.گەپنى ئۇچۇقلا قىلاتتى.گەپنى ئىنتايىن تۇزلا قىلاتتى.
ئارمان گۈلى بىلەن بىللە مېڭىپ شۇنداق خوشال بولغان ئىدى.چۈنكى ئۇ ئالى مەكتەپتە ھېچ كىم بىلەن يۈرمەي،ئۇقۇش پۇتتۇرگەن ۋاقتىتى بۇ بىر خۇشخۇي،ئۇچۇق يۇرۇق قىز بىلەن تۇنۇشقىندىن ئىنتايىن خورسەم بۇلۇپ ماڭدى. ئۇلار ماشىنغا چىقىپ بىر يەردە بىللە ئۆلتۈردى. ئۇلار بىردەم بىر-بىرگە ئىنتايىن ئىللىق كۆزلەر بىلەن قارشىپ كۈلىشىپ كېتەتتى. گۈلى ھە مىنى نەگە ئاپىرسىز ،ئارمان-گۈلىگە سىز نەگە بارسىڭىز شۇ يەرگە ئاپىرىمەن دېدەم .ئۇ ئۇنداقتا سىز ئادەتتە بازارغا چىقسىڭىز نەگە باراتتىم دېدى.مەن شۇ كومپيوتېر شەھەرچىسگە بارىمەن دېدى.ئۇنداقتا بىزمۇ شۇ يەرگە بارايلى دېدى گۈلى .مەيلى دېدى ئارمانمۇ.شۇنداق قىلىپ باردىغان يەرنى بېكىتىشۋالدى. ماشىنا ئاخىرى ئۇلار دىگەن يەرگە كەلدى.ئۇلار ماشىندىن چۈشەيلى دەپلا تەڭلا ئورنىدىن توردى ،دەل شۇ پەيىتتە ئۇلارنىڭ قۇلى بىر-ىبرگە تىگىشىپ توك سوقۇشۇپ كەتتى. ئۇلار بىر-بىرسىگە قارشىپ چاندۇرمايلا ماشىندىن چۇشتى .ئۇلار كومپيوتېر شەھەرچسىگە كەلىدى.گۈلى توختىماي ئىسمايلىدىن ئۇ نىمۇ، بۇ نىمۇ، بۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ.دەپ توختىماي سۇئال سورايتى.ئارمان بولسا تېرىكمەي جاۋاپ بېرەتتى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ بۇ كومپيوتېر شەھەرچىسنى چۈشكىچە ئايلاندى ،چۇش بولدى.ئارمان گۈلىگە تاماق يەيلى ئاندىن يەنە داۋاملىق ئايلىنايلى بولامدى دېدى.گۈلى بولىدۇ.شۇنداق ئاشخانىغا ماڭدى.ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۈرشىغىلا كۈتكۈچى چاي قويغاچ نىمە يەيسلەر دەپ تاماق سوراشقا باشلدى.گۈلى ئىككىلەنمەيلا چۆچىرە ئىچەيلى دېدى.ئارمان ئەسلدە بۇ قىز چۇقۇم ياخىشى تاماق بۇرۇتىدۇ دەپ ئويلغان ئىدى.گۈلى چىرايىلق بۇلۇپلا قالماي ئىنتايىن ئاددى ساددى،تىجەشلىك قىز بۇلۇپ،ھەشەمەتلىككە ئىنتىلمەيدى.ئارمان باشقا تاماق يەمسىز يە دېدى.ياق بولدى-دېدى.ئۇلار تاماقنى يەپ بۇلۇپ،ئەمدى نەگە بارىمىز يەنە كومپيوتېر شەھەرچىسگە بارىمىزمۇ دېدى –ئارمان .گۈلى ئاڭلىسام سىز دائىم تورخانغا باردىكەنسىز،توردىمۇ خىلى ياخشى نەرسە بار دەپ ئاڭلىدىم.سىز ماڭا ئۆگىتىپ قويامسىز دېدى. ماقۇل چاتاق يوق دەپلا ،ئورنىدىن تۇرۇپلا ماڭدى.شۇنداق قىلىپ يولنىڭ يېنىغا ئۇتۇپ مۇڭدۇشۇپ مېڭىشتى.بىر يەرگە كەلگەندە بىرسى ئۈرۈك سېتىۋاتقان ئىكەن،ئارمان دەرھاللا ئۈرۈكتىن بىر كىلو ئېلىپ گۈلىگە سۇندى،ئۇلار بىر تەرەپتىن مۇڭداشقاش،يەنە بىر تەرەپتىن ئۈرۈك يىگەش،ئارمان دائىم باردىغان مەكتەپكە يېقىن يەردىكى تورخانغا يتىپ كەلدى.ئارمان مانا بۇ مەن دائىم كىردىغان تورخانا مۇشۇنىڭغا كىرەيلى دېدى.گۈلى ماقول دەپلا ،ئىسمايلغا ئەگىشىپ ماڭدى.ئۇلار تورخانىغا كىرىپ بىر كومپيوتېرنى ئاچقۇزدى،ئارمان قاراپ تۇرۇڭ مەن سىزگە ئىلىكتۇرۇنلۇق پۇچىتىنى قانداق ئىلتىماس قىلىشنى،چايخانىدا قانداق پاراڭلىششنى ئۆگىتىپ قويمەن دېدى. گۈلى كۈلۈمسىرەپ بۇلۇڭە ئەمسە-دېدى.مانا ھازىرلار ئارمان دەرھاللا cn21 دىندىن ھەقسىز ئىلىكتۇرۇنلۇق پۇچتا ئىلتىماس قىلىشنى باشلىدى.قاراڭ ھە،مانا بۇيەرنى بۇنداق قىلىمىز،بۇيەرگە ئىسمڭىزنى كىرگۈزسىز،بۇيەرگە مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزسىز،ھەم تۆۋەندىكى بوش كاتەكچىلەرنى تەرتىپ بۇيىچە تولدۇرساقلا بىر دەمدىن كىيىن بىر تال ھەقسىز ئىلىكتۇرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسا بېرىدۇ دېدى.ئارمان-گۈلىگە.ئارمان ھە مانا بىر تال ھەقسىز ئىلكتۇرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى بەردى-دېدى.ئارمان،كۈردىڭىزمۇ گۈلى،قانداق ئېلىشنى ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ دېدى.ھە دېدى.ئۇ ناھايتى زېرەك قىز بۇلۇپ بىر كۆرگەن نەرسىە ئۇڭايلى بىلالايتى. ئەمدى سىز بىر سىناپ بېقىڭە دېدى-ئارمان-گۈلىگە ماقۇل دەپلا گۈلىنڭ ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئۇلتۇردى ئارمان گۈلى مائوس تۇتقان قۇلىنىڭ توپسىدىن توتتى ،گۈلى خىجىل بۇلۇپ،قۇلىنى تارتىۋالدى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ شۇنداق خوشال تور ئۇينىدى،بىردەمدىن كىيىن گۈلى ئەمدى چىقىپ كېتەيلى دېدى.ئۇلار ئۇيەردىن چىقىپ يەنە تۈگەس شىرىن گەپلەرنى قىلىشىپ يولنىڭ يېنىدا بىر-بىرسىگە قارشىپ ماڭاتتى.ئۇلار مەكتەپ ئالدېغا كەلدى.ئارمان-گۈلىگە ئەمدى كەچمۇ بۇلۇپ قاپتۇ،تاماق يەپ كەتمەيلىمۇ دېدى. ئۇچۇق قىز گۈلى دەرھاللا ماقۇل يەپ كىرىپ كېتەيلى،ھېلى مەكتەپكە كىرسەك تاماق يوق ئاچ قالمايىلى دېدى.شۇنداق قىلىپ كەچلىك تاماقىنۇ بىللە يىدى. ئارمان ئىچىدە شۇنداق خوشال بولدى.چۇنكى ئارمان مەكتەپتە ئۇقۇش جەرياندا مۇھاببەتلىشۋاتقان ياشلارنىڭ بىللە مېڭىشغا،تاماق ييشكە،ئايلىنىشقا قاراپ شۇنداق ھەۋەس قىلاتتى،مانا بۇگۈن ئارمان بىر چىرايلىق قىز بىلەن بىللە تاماق يەپ ،بىللە ساياھەت قىلىپ كەلگىنىگە شۇنچە خوشال بولدى.ئۇلار تاماقنى يەپ بۇلۇپ،قىزلار ياتاق ئالدىغا كەلدى. ئارمان-گۈلىگە بىردەم مۇڭداشمامدۇق،دېدى.گۈلىمۇ ماقۇل بىللە ئۆلتۈرۈپ پاراڭلىشايلى دېدى.ئۇلار بىر يەرگە كىلپ ئۆلتۈردى.ئارمان گۈلىگە گەپ باشلاپ ،مەن بۇرۇنلا سز بىلەن تۇنۇشۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى.راسما دېدى گۈلى،ئارمان ھە دېدى.مەن سىزنى بۇرۇن مەيداندا ئۆگىنىش قىلۋاتقانقاندا كۆرگەن،ئۇ چاغدا سىز بىر خىل غەمكىن كىتىۋاتاتىڭىز،مەن بۇ قانداق قىزدۇ،مەن مۇشۇ قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالسام،ئۇنىڭ دەردىنى بىلىپ باقسام دىگەن ئدىم دېدى ئارمان گۈلىگە قاراپ.گۈلى ئۇھ تارتىنقىنچە گەپ باشلىدى.سىز سوراپ قالدىڭىز،مەن بۇ سىرنى ھېچ كىمگە تىنمىغان باشقىلارنىڭ مىنى تۆۋەن كۈرۈشنى،كەمسىتىشتىن قورقۇپ،سىزگە دەپ بېرەي،بىزنىڭ ئۆي ئانچە باي ئائىلە ئەمەس،ئۆيدە كېسەل ئاپام،مېيىپ ئىنىم بار،دادام خۇمدامدا ئىشلەيدۇ،بىز پۇتۇن ئائىلە پەقەت دادامغىلا تاينىمىز،ئىنىم كىچىكىدىنلا مېيىپ بۇلۇپ قالغان،مەن ياخشى ئۇقۇپ ،ئاشۇ ئېنىمنى داۋالاتسام دەيمەن.دەپ بۇ گەپنى غەمكىن،كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا سۆزلەۋاتاتتى.ئارمان گۈلىگە كۆڭلىڭىزگە بۇزماڭ سىز چۇقۇم مۇرادىڭىزغا يېتىسىز،خۇدايىم بۇيرىسا ھەممە ئىشىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولىدۇ.دەپ تەسەللى بەردى. گۈلى-ئىسمايلغا مەن سىزنى كۈرۈپ ئەڭ يېقىن ئادىممنى تاپقاندەك بولدۇم شوڭا بۇ گەپنى سىزگە دەپ دەردى. ئارمانمۇ مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان،مەنمۇ سىزنى كۈرگەندىن بۇيان ،مەن كۈتىۋاتقان قىز مۇشۇ ئوخشايدۇ دىگەن.ھەقىقەتەن ئىككىمىزنىڭ دەردى ئوخشاشكەن،مەنمۇ ئۈزەمنىڭ دېھقان،سەھرالىق ئىكەنلىكىم ئۈچۈن دائىم يالغۇز ياشايتىم. سىزنىڭ بۇ گىپىڭزنى ئاڭلاپ مەن بەك خوشال بولدۇم.دېدى.ئۇلار ئىككىسى شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتى.ئۇلار بۇگۈن ئىككىلىسلا خوشال.چۈنكى ھەر ئىككىلىسلا كۆڭلىدىكى ئادىمىنى تاپقانلىقنى،بىر-بىرسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈندىغانلىغى ئۈچۈن شۇنداق خوشال ئىدى.ئۇلار شۇنداق بىر-بىرسىگە تويماي قاراپ تورغاندا مەكتەپنىڭ كەچلىكى ياتاققا كىرگۈزدىغان بالىلار كىلىپ،ھەي قايتىڭلار سائەت بىريەرگە باردى.قالغان گەپنى ئەتە پاراڭلىشىڭلار دېدى.ئارمان ئەمسە ئەتە كۈرۈشلى دېدى.دەپ خوشلاشتى ،گۈلىمۇ ماقۇل ئەمسە خوش دەپ ئۇمۇ قايتى.شۇنداق قىلىپ ئىككى خوشال ھالدا قايتىشتى.
مانا مەۋسۇملۈك ئىمتىھان باشلاندى،گۈلى ئىمتىھانغا تەييارلق قىلىمەن دەپ،ئىمتىھان تەييارلىق قلىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى.ئىسمايل بولسا بۇيىل ئۇقۇش پۇتتۇردىغان ئۇقۇغۇچى بولۇپ ،ئۇمۇ كومپيوتېردا يومشاق دىتال تۈزۈپ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش دىتالى تۈزەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلار نۇرغۇن كۈن كۈرۈشمىدى. بىر كۈنى ئۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش جەريانىدا تۇنۇشۇپ قالغان ئۇچتۇرپانلىق تۇنساخانا ئاچىسىغا ئۇنىغا تىلفۇن قىلدى.ئارمان ئۇكام بارمۇ سىز،ھازىر ئالدىراشمۇ،ياكى ۋاقتىڭىز بارمۇ،مىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ئىنىم ماڭا تىلفۇن قىلىپتۇ،ئسمايىلەم كىلىپ كەتسىكە دەپ. ،قانداق بارالامسىز يا دېدى.ئارمان ئۇنىڭغا ھازىر بەك ئالدېراش ئەمەس ۋاقتىم بار،قاچان ماڭدىغانلىقىنى سورىدى.تونساخاندىن ئارمان.مۇشۇ ھەپتە يەكشەنبە دېدى.مەيلى ئەمسە.مۇشۇ ماڭاي دەپ ماقۇللۇق بېرىپ خوشلاشتى.ئارمان دەرھاللا بۇ خەۋەرنى گۈلىگە دېيىش نىيتىگە كىلىپ دەرھال قىزلار ياتاقىغا يول ئالدى.قىزلار ياتىقغا بېرىپ گۈلىنى ياتاق باشقۇرغۇچىدىن چاقىرىپ بىرىشنى ئۇتۇندى.باشقۇرغۇچى تىلفۇن تورۇپكىسنى ئېلىپ گۈلى بارما دەپ سورىدى.ئۇ ياتاقتا يوق چىقتى،ئارمان كاللىسنى پەسكە چۈشۈرۈپ،روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئۇزىنى ئارقىغا بۇرۇپلا گۈلىنىڭ سىنىپىغا ماڭدى.ئۇ كىتىۋېتىپ گۈلى قەيەردىدۇ،نىمە ئىش بىلەن مەشخۇلات قىلۋاتقاندۇ،مەن ئۇنىڭغا ئۇچتۇرپانغا باردىغانلىغىنى نىمە دەپ چۈشەندۇردىغانلىقىنى ئۇيلاپ كىتىۋاتاتتى.ئسمايىل ئۇقۇتۇش بېناسىنىڭ ئالدېغا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا يۇرتىدىشى رەشىدەنى
ئۇچۇر
تۇپ قالدى.ھەي رەشىدە دەپلا توۋلاشقا باشلىدى.رەشدە ئارماننىڭ توڭلىغىننى ئاڭلاپلا ئۇنىڭ ئالدىغا يتىپ كىلىپلا گۈلىنى سورايسىزغۇ سىز ھە ،ئۇ ھازىر سىنىپتا ئۇگىنىش قىلىۋاتىدۇ.دېدى.ئۇنداقتا ئۇنى چاقىرىپ چىقىڭ بىز بىرلىكتە تاماق يەيلى ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپ بار دېدى ئارمان تىترەك ئاۋازدا .ئارمان كۈڭلىدە شۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىپ بىر مەزگىل توردىغانلىقنى نىمە دەپ چۈشەندۇردىغانلىقنىلا ئويلايتى.رەشىدە ئەمسە پەستە ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن چاقىرىپ چىقاي دەپلا يۇگىرىپ چىقىپ كەتتى.بىر پەستىن كىيىن ئۇلار سىنىپتىن چۈشۈپ كەلدى.گۈلى ئارماننى كۈرۈپلا كۈلۈپ كەلدى.ھەي يىگىت يوقاپلا كەتتىققۇ دەپلا چاقچاق قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇردى. ھەي ئادەمنى ئۇزىڭىزگە
قىزى
قتۇرۇپ قۇيۇپ يوقاپلا كەتتىڭىز،مەن تېخى بۇ يىگىتمۇ باشىقىلارغا ئۇخشاش ئۇخشايدۇ دەپ بولدىلا دەپ سىزنى ئىزدەپمۇ كەتمىدىم.ئۇنداق ئەمەس دەپ،مەنمۇ سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان يېقىندىن بىرى بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم.يۇرۇڭلار ماڭغاش پارڭلىشايلى دېدى-ئارمان.،ئۇلار ئاشخانىغا كىلپ ئولتۈرغاندىن كىيىن،ھە نىمە يەيسىلەر دېدې-ئارمان.
ئۇچۇق يۇرۇق قىز گۈلى تىزلا سومەن يەيلى دېدى.ئارمان تىزلا ئۇستام بىزگە بىر پۇتۇن،ئىككى يېرىم سومەن قىلىپ بىرىڭ دېدى.ھەم چاي ئىچكەچ سىزنى بۇگۇن ئىزدېمەكچى بولغىنىم مۇشۇ ھەپتە ئۇچتۇرپانغا بارماقچى بولغانلىقنى دېۋىدى،گۈلى ھاڭ-تاڭ بولغانلىقدىن،سىز ئۇقۇش پۇتتۇرۇش يومشاق دىتالى تۈزمەمسىز،دەپ سورىدى.مەن ئاساسى جەھەتتىن تۈزەپ بولدۇم،ئۇيەرگە بارمىسام بولمايدۇ،مەن خەقكە ۋەدە بېرىپ قويغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلمىسام بولمايدۇ،ئۇ يەردە ئۇزۇن تورمايمان ئارانلا 15كۈن ،مەن سىزگە تىلفۇن قىلىپ تورىمەن دېدى-ئارمان.
بۇپتۇ ،ئۇنداقتا تېلفۇن قىلىپ تۇرۇڭ بولمىسا ئىمتىھاندىن ئوتەلمەيمەن دېدى.خاتىرجەم بۇلۇڭ،مەن تىلفۇن قىلىپ تورىمەن.قورقىماڭ سىز چۇقۇم ھەممە پەندىن ئۇتۇپ كېتىسىز دېدى.ئۇلار تاماقنى يەپ بۇلۇپ،ئۇنداقتا سىلەر سىنىپقا چىقىڭلار مەن ياتاققا قايتىپ ئازراق قىلدىغان ئىشىم،بار دېدى،ھەم كەچتە كونا جايدا كۈرۈشلى دېدى-ئارمان.
ئارماننڭ كونا جاي دىگىنى يەنىلا شۇ قىز باللارنىڭ ياتاق بېناسى ئالدېدى ئىدى.ئۇلار شۇنداق دەپ ئىككى تەرەپكە ماڭدى.ئارمان كۆڭلىدە يېنىدا بولغان بولسام ئۇنىڭ بىلەن كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇراتىتىم دەپ ئۇھ تارتىقنچە ياتاققا كىلىپ ئولتۇرۇپ،نەرسىلىرنى يىغىشتۇرۇپ،كارۋاتقا چىقىپلا ھارغىنلىقتىن ئۇخلاپ قالىدى.چۈنكى ئۇ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش دىتالى تۈزەش بىلەن كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ماتېريال كۈرۈپ چارچىغان ئىدى.
ئارمان بۇگۇن گۈلى بىلەن كۈرۈشەلمدى چۈنكى ئۇ ئۇخلاپ قوپقاندا ئاللاقاچان سائەت بىريەرگە بىرىپ قالغان ئىدى.ئۇمۇ ھاڭ تاڭ بۇلۇپ،ھەجەپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.گۈلى مىنى ساقلاپ،مىنىڭ پەيدا بولمىغانلىقىمىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانمىدۇ دەپ،يەنە گۈلىنى خىيال قىلدى.ئۇ بۇگۈن ئاخشام ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشەلمىگەنلىكتىن ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بولدى.ئامالسىز يەنە ئوخلىدى.
ئەتسى بولسا گۈلى ئاللاقاچان ئىمتىھانغا تەييارلىق قلىش ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ بۇگۇنمۇ كۈرۈشەلمىدى. ئارمانمۇ ئۇزىنىڭ ئىشنى بالدۇرراق تۈگىتىپ ئۇچتۇرپانغا بېرىشنى ئويلايتى.
ئاخىرى ئارمان ماڭدىغان يەكشەنبە يتىپ كەلدى،ئارمان تىت-تىت بۇلۇپ گۈلىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەيتى،ئۇ يەنىلا تاپالماي،ئامالسىز يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولدى.تونساخان ئارماننى ئېلىپ سەندۇڭبىي بېكەتكە ئېلىپ كېلىپ،ئۇچتۇرپانغا ماڭدىغان ماشىننىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بىرىپ كتىپ قالدى.ئارمان گۈلى بىلەن كۈرۈشەلمىگەنلىكتىن تىت بۇلۇپ،ياتىقغا تىلفۇن قىلىپ باقتى،ياتىقىدىن باشقا بىر قىز چىقتى.ئۇ يۇق مۇزاكىرە قىلغىلى چىقىپ كەتتى.سىز كىم بولىسىز.مەن ئېيتىپ قوياي دېدى.ئۇ قىز بالا ئارمانغا،مەن ئارمان،گۈلىگە دەپ قويسىڭىز مەن ئۇچتۇرپانغا ماڭدىم،ئۇنى يېقىندىن بىرى تاپالمىدىم. مەن پاتئارىدا قاتىپ كېلىمەن،ئىمىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ ياخشى بەرسۇن،مەنمۇ تىلفۇن قىلىمەن.ئۇ ماقۇل.مەن دەپ قوياي دېدى.ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئازىراق بولسىمۇ كۈڭلىدىكى تىت-تىتلىقتىن نېرى بولدى.
ماشىنا يولغا چىقتى،ئارمان خىيالغا چۇكۇشكە باشلىدى.گۈلى سىز ئىمتىھاننى ياخشى بىرىڭ ،مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولالمىدم.مەن ئىشنىمەنكى سىز چۇقۇم ئىمىتىھاننى ياخىشى بېرىسىز دەپ گۈلىگە تىلەك تىلىدى.ھەم تىگى يوق خىيالغا يەنە خەرىق بولدى.
ئارمان ئۇچتۇرپانغا بېرىپلا گۈلىگە تىلفۇن قىلدى،ئۇ چاغدا گۈلىمۇ ياتاقتا ئىسمايلىنىڭ تىلفۇننى كۈتۈپ ئولتۈرغان ئىكەن،ئۇھۇي بار ئىكەنسىز،مەن ماڭغىچە سىزنى تاپالمىدىمغۇ،خاپا بولماڭ مەن ئۇگۈنىشنىلا قىلىپ سىزنىڭ مېڭىش ۋاقتىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.ئاخشام ياتاقدىشىم ماڭا سىزنىڭ تىلفۇن قىلغانلىغىڭىزنى دىگەندىن كىيىن ئاندىن بىلدىم دېدى-گۈلى.خىجىل بولغان ھالدا.ئۇنداق بولغان بولسا مەيلى،ئۆگىنىشنى قانداق قىلدىڭىز،ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسىز يا،سىزغۇ چۇقۇم ئۇتۇپ كېتىسىز مەن ئىشىنىمەن دېدى.ئارمان.ھە مەن چۇقۇم ئىمىتىھاندىن ئۇتۇپ كېتىمەن،سىز مەندىن ئەنسىرمەي ئۇزىڭىزىگە دېققەت قىلىڭ دېدى.گۈلى. ،ئۇلار ئىمتىھاننى ياخشى بىرىڭ ،ئۇزىڭىزنى ئاسراڭ دەپ شۇنداق دەپ خوشلاشتى.
كۈنلەر ئارمان ئۈچۈن ناھايتى ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.ئارماننىڭ بۇيەردىكى كۈنى شۇ ئەتگەن تۇرۇپ تاماق يەپ كومپيوتېرنى ئېچىپ شاگىرىتى قۇربانجانغا كومپىوتېر بىلىمىنى ئۆگىتىش ئىدى.قۇربانجان بولسا ئاقسۇ سىفەننى پۇتتۇرگەن ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ،تېخى بىر مۇقۇم ئىش ئورنى يوق ئىدى. ئۇيدىكىلەر ئۇنىىڭغا بىر ھۆنەر ئۆگىتىپ قۇيۇپ،ئۇنىڭ كەلگۈسىدە يارامسىز بۇلۇپ قالماسلىقنى ئۇيلاپ ،ئۇرۇمچىدىكى
قىزى
تونساخانغا تىلفۇن قىغان ئىكەن ،تۇنساخان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،بۇ ياخىشى ئىش بۇلۇپتۇ بۇ يەردە بىر كومپيوتېرغا ئوستا بىر يىگىت بر ،مەن ئۇنى تۇنۇيمەن،مەن ئۇنىغاڭ دەپ ،باقاي دەپتىكەن.تونساخان بولسا ئارمان تۇنجى قېتىم ئۇرۇمچى كەسپى ئۇنۋېرسىتىغا بېرىپ،ئۆيدىكىلەرىگە تىلفۇن قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دۇكاننى ئىزدەپ،ئاشۇ تۇنساخاننىڭ دۇكىندىن تىلفۇن قىلغان ،تىلفۇن قىلىش جەريانىدا،ئۇ يىغلاپ،مەن تۇرمۇشتا بەك قىينالدىم.بۇ يەردە خەنزۇچە بىلمىسە بولمايدىكەن ھەممە ئادەم خەنزۇچە سۆزلەيدىكەن دەپ يىغلىغاندا تونساخاننىڭ ئىرى ئەركىن مۇئەللىم ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ئۇكام خاتېرجەم بۇلۇڭ ئوگىنىپ كىتىسىز،بىز ياردەم قلىمىز دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن ،ئۇلار ئەنە شۇنداق قىلىپ تۇنۇشۇپ قالغان.ئىسمايلىمۇ تونساخاننىڭ گىپىنى يىرماي ئۇچتۇرپانغا كەلگەن ئىدى.
كۈنلەر ئارقا -ئارقدىن شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.ئارمان بولسا گۈلىنى كۆرگۈسى كىلىپ ھە دىسلا چىسىلا ساناپ يورەتتى.ئارمان كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى. ئارمان قوربانجانغا ئاخىرى كومپيوتېرنىڭ دەسلەپكى ساۋاتلىرنى ،كومپيوتېر بىرەر ئادەمگە تايانمايدىغان مەشخولات قىلالايدىغان سەۋىيگە يەتكۈزگەن ئىدى.ھەم ئۇنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ ئاز قالغان ئۈچۈن ئۇنىڭ ياتاقدىشى ئىبراىم ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ئاداش چاققان كەلگىن يېقىندا بىز تۈزىگەن دىتالنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ باردىكەن دەپ ئۇنىڭغا ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئۇ بۇيەردىكى ئىشلرىنى تۇگىتىپ مەكتەپكە ئالدىراپ تىنەپلا قايتىپ كەلدى.ئۇ كىلىپلا قىلىدىغان ئىشى شۇ بولدىكى گۇلىنى ئىزدەش بولدى.ئۇ ئۇيان-بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى گۈلىنى تاپتا ئۇلار بىر-بىرسىنى كۈرۈپ شۇنداق خوشال بولدى،ئارمان ئۇچتۇرپاندىكى ئىشلىرنى بىرنىمۇ قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى.ھەم گۈلىدىن ئىمتىھاننى قانداق بەرگەنلىكىنى سورىدى.
گۈلى ياخىشى،خوداغا شۇكرى مەن ئەندىشىە قىلغان ئدىم سىزدىن تېخى ياخشى بېرەلگەنمىدۇ ياكى بېرەلمىگەنمىدۇ دەپ ،دېدى ئارمان .ئۇلار بىر-بىرىدىن ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن،ئارمان كەچتە كۈرۈشلى مەن مۇنچىغا كىرىپ چىقاي يولدا كەلگەچ بەك چارچاپ كەتتىم دېدى.گۈلىگە .ماقۇل دېدى-گۈلى .
كەچتە ئۇلار شۇنداق قىزغىن مۇڭداشتى،ئۇلار ئەمدى بىر-بىرسىگە تىخمۇ ئامراق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇلارنىڭ بىر-بىرسىدىن يۇشۇردىغان سىرى يوقتەكلا قىلاتتى.
كۈنلەر يەنىلا داۋام قلىماقتا.گۈلى بولسا ئىمتىھان بىرىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى.ئارمان بولسا ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان دىتالىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا تىرىشىپ دىتال تۈزمەكتە،كىتاپ كۆرمەكتە ئىدى.
مانا بۇگۈن گۈلىنىڭ مەۋسۇملۈك ئىمتىھانى تۈگىدى،ئۇ ھازىر بىكار بۇلۇپ قالىدى.ياتاقتا دەم ئېلىشتىن باشقا يەنە ئارماننىڭ تېلفۇنى ساقلاشتىن باشقا ئىشى يوق ئىدى.
بۇگۈن مەكتەپتە ئۇقۇش پۇتتۇرۇش دىتالنى باھالاش نەق مەيدان يېغىنى ئېچىلدى.1-بۇلۇپ ئىسمايلىنىڭ سىنىپىدكى ئۆگىنىش باشلىقى رىھانگۈل ئۇزى تۈزگەن دىتالنى تۇنۇشتۇردى.2-بۇلۇپ ئىسمايل گۈرۈپپىسدىكىلەر تۈزگەن يومشاق دىتالنى باھالاشقا كەلدى.بۇ دىتالنى ئۇنىڭ گورۇپپىسدىكى رابىيگۈل چۈشەندۇردى.بۇ باھالاش نەق مەيدان يىغىنىغىمۇ گۈلى قاتناشقان ئىدى،ئارمان بىلەن گۈلى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۈرغان بولۇپ،بىردەم-بىردەم بىر-بىرسىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ قوياتتى.ئارماننىڭ گۈرۈپپىسىدىكىلەر تۈزگەن كادىرلارنى باشقۇرۇش دىتالنى يامان باھاغا ئىرىشتى.بۇ نەق مەيدانىدا باھالاش خىزمىتمۇ توگدى.ئارماننىڭ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ئىشىنى شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى،ئۇ ئەمدى مەكتەپتىكى ئىشلىرنى توگتىپ قايتا بولاتتى.
ئارمان بىلەن گۈلى بىرلىكتە بۇيەردىن چىقىپ تاماق يىگىلى چىقتى. تاماق يىگەش گۈلى ئارمانغا،مەن ئەتە قايتايمىكىن بۇيەردە تورسام كۈندە پول كىتىدىكەن،ھەم زېرىكىپ كەتتىم،دېدى.ئارمان تۇرۇپ تورمامسىز بىرگە قايتامدۇق دېدى.
سىزنىڭ يەنە ئىشىڭىز بارمىكىن دەيمەن دېدى-گۈلى،ئۇنداق بولسا مەيلى سىز قايتىپ تۇرۇڭ مەن ئارقىڭىزدىنلا يىتپ بارىمەن.دېدى-ئارمان.ئۇنداقتا چۈشتىن كىيىن ۋاقتىڭىز بارمۇ-بار بولغان بولسا ماڭا پويىز بېلىتى ئەكىلىپ بەرگەن بولسىڭىز دېدى.مەيلى مىنىڭ ۋاقتىم بار.مىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكەم ياتاقتىتى مەن ئۇنى چۈشتىن كىين قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدېغا ئېلىپ چۈشەي،سىز شۇ يەرگە بېرىڭ دېدى-گۈلى.ماقۇل ئەمسە دەپ ئۇلار تامىقىنى تىزلاپ يەپ ھەر ئىككىلىسلا ئۇزنىڭ ياتاقلىرىغا قايتىشتى.
ئارمان چۈشتىن كىيىن دەل ۋاقتىدا قىزلار ياتاق بېناسى ئالدېغا قاراپ ماڭدى.گۈلىمۇ شۇ يەردە ئارماننى ساقلاپ تورغان ئىكەن.
قېنى ئېلىپ چۇشتىڭىزمۇ دېدى-ئارمان،گۈلى مانا دەپلا ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكىسنى ئىسمايلىغا سۈندى.ئارمان ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىن ئالغاچ قانچىنچى چىسىلانىڭ دېۋىدى،ئەتىىنڭ بولسا بولىدۇ دېدى-گۈلى،ئارمان ئەمسە مەن ماڭدىم كەچتە كۈرۈشلى دەپ پويىز ئىستانىسقا بېلەت سېتىۋالغىلى ماڭدى.پويىز ئىستانىسقا بېرىپ ئەتە ماڭدىغان ئاقسۇنىڭ بېلتدىن بىرنى دەپلا ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكىسنى كۆرسىتىۋېدى.بېلەت ساتقۇچى بۇ يەردە ئۇقۇغۇچىلارغا بېلەت ساتمايدۇ،سىز خەلىق مەيداندىكى سودا سانائەت بانكىسنىڭ بىرىنچى قەۋتىگە بېرىڭ دېدى.ئۇ ئامالسىز قايتىپ كىلىپ خەلىق مەيدانىدىكى سودا سانائەت بانكىسنىڭ بىرنچى قەۋتىدىكى پويىز بېلىتى ساتىدىغان يەرگە كىلىپ بېلەت ساتقۇچىدىن ئەتىنىڭ بېلتىنى سورۋېدى ئەتنىڭ بېلتى يوقلىقنى،ئۇگۇننۇڭنىڭ تىز پويىز بېلتى بارلىقنى ئىيتى.ئسىمايىل مەيلى دەپ تىز پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلدى.گۈلى بۇنى كۈرۈپ ھەيران بۇلۇپ نىمە ئاستا پويىز يوقمىكەن دېدى.يوق ئىكەن،دېدى ئارمان.گۈلىنىڭ بۇنداق سوراشتىكى مەقسىتى ئۇ بەرگەن پول ئاز بۇلۇپ،بۇ بېلەتنى سېتىۋالغىلى بولمايىتى،ھېچقىسى يوق تىز پويىزدا ماڭمامسىز ،بالدۇر بارمامسىز.دېدى –ئارمان ئۇنىڭغا قاراپ.ئۇلار مۇشۇنداق دەپ تۇرۇشىغا،رەشىدە يتىپ كەلدى،ھە مۇڭدىشۋاتامسىلەر ئاشۇق-مەشۇقلار دەپ چاقچاق قلىدى بىزگە،ھەر ئىككىلىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئازىراق
قىزى
رىشىپ كەتتۇق.گۇلى تىزلا قالايمىقان گەپ قىلما،بىز شۇ پاراڭلىشۋاتىمىز دېدى.رەشىدە مەنمۇ چاچقاق قىلىپ قويدۇم دەپلا ياتاققا چىقىپ كەتتى.
ئۇلار بۇگۈن كەچ دىيشالمىغان ھەرقانداق گەپلىرنىمۇ قالدۇرماي،ئەڭ يېقىن كىشلەردەك شۇنداق شىرىن پاراڭلىشىپ كەتتى.
ئەتىسى ئارمان گۈلىنى بېكەتكىچە ئۇزتۇپ قويدى ھەم ئاقسۇغا بېرىپ تىلفۇن قىلىشنى تاپىلىدى.
ئارمان ياتاققا قايتىپ كىلىپ،ئۇزىنىڭ يەنىلا يالغۇز قالغانلىقىنى ئويلاپ كوڭلى بىر خىل بۇلۇپ قالىدى.چۈنكى ئۇ ھەرقانداق گەپ سۆزلىرنى دەردىنى گۈلگىلا ئىيتاتتى.ئارمان دېھقان ئۇغلى بولغاچ ئۇ ساۋاقدىشنىڭ مەسخىرە قلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلار بىلەن بەك ئاز ئارلىشاتتى،بوش ۋاقىت چىقسىلا كۇتۇپخانىغا بىرىپ كىتاپ كۆرەتتى.ئۇ بۇگۇنمۇ بۇ ئادىتىنى داۋام قىلدى.
مانا بۇگۇن ئارماننىڭ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى،ئارمان ئۇقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋانامىسنى ئېلىپ ھاياجان ئىلكىدە،دىپلۇمغا ئىنچىكلىك بىلەن قاراپ،5يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىنى بىر قور ئەسلەپ ،ئۇ بۇ ئۇقۇش جەرياندا نۇرغۇن قېتىم ،ساۋاقداشلىرنىڭ كەمسىتىشكە،بۆزەك قلىشغا،خەنزۇچنى ئۇقماي تاياق يىگەن كۈنلرىنى ئەسلەپ ئۆتتى،ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدى ھەم خوشال بولىدى،باشقىلارنىڭ بۆزەك قىلىشغا
ئۇچۇر
غان ئىشلرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلاتتى،خوشاللىقى بولسا ئۇ ئۇزنىڭ مۇشۇ ئۇقۇش جەرياندا ياخشى ئۇقۇغانلىقىنىڭ نەتىنجىسنىڭ مېۋسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن خوشال ئىدى.
ئارمانمۇ مەكتەپتكى ئىشىلىرنى تۇگىتىپ،دەرھاللار ئانا يۇرتى شايارغا قايتىپ كەلدى.ئۇيدىكىلىرى ئۇغلىنىڭ چىرايدىن خوشاللىقنى كۈرۈپ،ياخشى ئۇقۇپ كەپتۇ دەپ پەخىرلەندى.شۇ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش يىلى ئارماننىڭ ئۆيدىكىلىرى بالام كەسپىنى ياخشى ئۆگىىپ كەلسۇن دەپ بىر دانە كومپيوتېر سېتىۋېلىپ بەرگەن ئىدى.
ئارمان ئۆيدىكىلىرىگە يازلىق دېھقانچىلىق ئىشلرىنى يېغىشپىرىپ دەرھاللا ئاقسۇغا قاراپ يول ئالدى.ئاقسۇغا بېرىپلا گۇلىگە تېلفۇن قىلدى.
ۋەي خاپا بولماي گۈلىنى چاقىرۋەتسڭىز،ماقۇل سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ دېدى-بىر ناتۇنۇش بىر قىز.ئارمان بىردەم تورغاندىن كىيىن گۈلى ۋەي كىمۇ دەپ سوردى.بۇ مەن ئارمان،ھە سىزمىتىڭىز ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ دەپ سورىدى-گۈلى،ياخشى،مەن ئاقسۇغا كەلگەن ۋاقتىڭىز بولسا چىقامدىكىن دىگەن دېدى- ئارمان،ھازىر ئۆيدە كىر يۇيۋاتىمەن بىز كەچتە سائەت بەشتە كۈرۈشلى بولامدۇ دېدى-گۈلى.مۇقۇل ئەمسە گىپىمىز گەپ ھە دېدى-ئارمان،ماقۇل كەچتە كۈرۈشلى دەپ تۇرۇپكىنى قويدى-گۈلى.
ئارمان ئاقسۇنىڭ كۆچىلىرىدا ئۇيانغا-بۇيانغا مېڭىپ سائەت بەش بۇلۇشنى كۈتتى.
دەل سائەت بەشتە ئۇلار خەلىق مەيدانىدا كۈرۈشتى،ھەم شۇنداق قىزغىن سالاملىشىپ،ئەمدى نەگە بارىمىز.تاماق يەمسىز دېدى-ئارمان،تاماقنى ئۆيگە بىرىپ يەيلى،بىز بىردەم بازار ئايلىنايلى دېدى گۈلى.
ئۇلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغانلىقتىن شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشىپ،كەچ كىرىپ كەتكىننىمۇ تويمىغان ئىدى.بىرۋاق بولغاندا گۈلى-ئارمانغا يۇرۇڭ بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى دېدى.ئارمان ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ،مەن بارسام بولارمۇ ،ئۇيىڭىزدىكىلەرگە نىمە دەپ چۈشەندۇرسىز،دەپ سورىدى-ئارمان.خاتېرجەم بۇلۇڭ مەن ئۆيدىكىلەرگە دەپ بولغان،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئانچە مۇتئەسىپ ئەمەس،كاللىسى خىېلى ئازات جۇمۇ دېدى-گۈلى.
ھە ئۇنداق بولسا مەيلىغۇ،لىكىن مەن نىمە دەپ بارامەن،دېدى-ئارمان،
تارتىنماڭ مىڭ ھىچنىمە بولمايدۇ،دېدى گۈلى.شۇنداق قىلىپ،ئۇلار ئىككىسى،گۈلنىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدى.ئارمان يولدا ماڭغاش گۈلىنىڭ ئۆيدىكىلەر مىنى كۆرسە نىمە دەپ ئويلاپ قالار دەپ ھەر خىل خىياللارنى قىلىپ گۈلىگە قاراپ قوياتتى.بىردەمدىن كىيىن گۈلى-ئارمانغا كەلدۇق،مانا بۇ بىزنىڭ ئۆي،يۇرۇڭ كىرەيلى دېدى.ئارمان سىز ئالدېدا مىڭ مەن سەل خىجىل بۇلۇپ قالدىم.ئۇنداق مەيىلى مەن ماڭدىم ئەمسە دەپلا كىرىپ كەتتى.ئارمان خىجىل بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ ئاستا كىردى،كىرىپلا گۈلىنىڭ ئاپىسىغا،ئاچىسىغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى.گۈلىنىڭ ئاپسى ھارمىغانسىز كىلىڭ،ئۆيگە كرىڭ دېدى.ئارمان تارتىنغان ھالدا ئۆيگە كىردى،گۈلنىڭ ئاچىسى بىز بۇگۇن ئۆي توزگەن ئۆي ئىچى سەل قالايمىقان،مەسخىرە قىلمىغايسىز دىدى.ياقاي دېدى –ئارمان ئەدەپ بىلەن.شۇنداق قىلىپ ئارمان گۈلنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالدى.ئەتىسى گۈلنىڭ ئۆيدىكىلەر ئارمانغا ئاتاپ بۇجۇزا ئەتكەن ئىدى.
گۈلنىڭ ئۆيدىكىلرى ئىنتايىن چىقىشقان كىشلەر بۇلۇپ،ئارماننى بىر كۇرۇپلا ياقتۇرۇپ قېلىشتى.
ئارمان جۇۋۋانى يەپ بۇلۇپ رەخمەت سىلەرگە،سىلەرنى ئاۋەر قىلپ قۇيۇپتىمەن دېدى.نەدىكىنى سز بولمىسڭىزمۇ ئىتىپ يەيتۇق.نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسىز دېدى،گۇلنىڭ ئاپىسى.شۇنداق قلىپ ئۇلار تۇنۇشۇپ قالدى.
ئسىمايىل مەن قايتاي،كىين كۇرۈشەيلى،مەن ئەتگەنلىك ماشندا قايتماقچى ئىدىم،يېقىندا يەنە كېلىمەن.دەپ خوشلاشتى.گۈلى-ئارماننى ماشىنا بېكىتكىچە ئۇزتۇپ چىقتى،ئارمانغا كىيىن قايتىشىڭىزدا كومپيوتېرىڭزنى ئېلىپ كەلگەن بولسىڭىز،مەن ئازراق نەرسە ئۆگىنۋالاي دىگەن دېدى.ئارمان ماقۇل كۈرۇپ بىر-بىرسىگە ئامانلىق تىلەپ خوشلاشتى.
ئارمان شايارغا كەلگەندىن كىين،ئۆيدىكى ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىش بىلەن بىرگە بوش ۋاقىت چىقسىلا كومپيوتېردا يومشاق دىتال تۈزەيتى.
ئارمان بىر كۈنى مەن يەنە ئۇچتۇرپانغا باردىغانلىقىنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتى.ئۆيدىكىلەر مەيلى بارغان دەپ ئىجازەت بەردى.ئۇ شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكى كومپيوتېرنى ئېلىپ ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقتى،ئۇ ئاقسۇغا بىرىپلا گۈلىگە تېلفۇن قىلمايلا بىۋاستا ئۇنىڭ ئۈيىگە بىرېۋەردى.ئۇ كومپيوتېرنى كۆتىرىپلا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېدى ئۆيدىكىلەر ھەيران بۇلۇپ قاراپلا قالدى.گۈلى بولسا خوشال بولغان ھالدا ھىلجىيىپلا ئارماننىڭ ئالدېغا مېڭىپ كەلدى.ئارمان كومپيوتېرنى ئۆيگە ئەكىرىپلا قۇراشتۇرۇشقا كىرىشتى،گۈلىمۇ ياردەم بىرىپ ئىككىسى بىردەمدىلا قوراشتۇرۇپ بولدى.بىردەمدىن كىيىن گۈلنىڭ ئاپسى تاماق ئېلىپ كلىپ يولدا جاپا تارتقانسىز تاماق يەڭ دېدى.ئارمان تاماق يەۋەردى.گۈلى بولسا خوشاللىقىدىن كومپيوتېر ئويناشقا كىرىشتى.ئۆيدىكىلەر گۈلنىڭ خوشاللىقنى كۆرۈپ،ئۇلارمۇ ئارمانغا تېخمۇ بەك ئىللىق مۇئاملە قىلىپ كەتتى.بۇگۇن كەچ ئارمان بىلەن گۈلى يېرىم كىچىگىچە كومپيوتېر ئويندى.
ئەتسى ئۇلار يەنە كومپيوتېردا ئۆگىنىشنى داۋام قىلدى.چۈشتە گۈلنىڭ ئاپسى ئوخشۇتۇپ پولى ئەتكەن ئىدى.قېنى باللىرىم كومپيوتېرنى قۇيۇپ تاماق يەڭلار،سەل تورۇپ ئويناڭلار دېدى-گۈلىنىڭ ئاپىسى،ئۇلار كومپيوتېر قۇيۇپ قويۇپلا قوللۇرنى يۇيۇپ تاماق ئۇستىلگە كەلدى.ئارمان پولىنى سەل چېچىپ يىگەشكە،گۈلى ھەي سىز پولى يىيىشنى بىلمەيدىكەنسىز ھە قاراڭ مەن ئۆگىتىپ قوياي دەپ پولىنى قانداق تۇتۇپ ئېلشى ئۆگەتتى،ھەم تارتىنمايلا قولىغا ئالغان پولىنى ئارماننىڭ ئاغزىغا تىقتى.ئارمان خىجىل بولغانلىقتىن ئۇنداق قىلماڭ،مەن ئۇزەم يەي دېدى.ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىر-بىرسىگە شۇنداق ئىجىل بۇلۇپ كەتتى.
ئارمان بۇ خوشاللىقتىن گۈلىنى بۇرۇنىقىدىمۇ بەك ياخشى كۈرۈپ قالدى.گۈلىمۇ ئارماننىڭ كومپيوتېرنى ئېلىپ كەلگەن ئىشىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ،ئۇنىڭغا تېخمۇ بەك يېقىنلاشتى.چاققان يېمەمسىز دېدى گۈلى-ئارمانغا،مانا ئېلېۋاتىمەن.سىزمۇ يېمەمسىز دېدى-ئارمانمۇ گۈلىگە.بۇنى كۆرگەن گۈلىنىڭ ئاپىسى خىجىل بولغانلىقتىن سىرتىقا چىقىپ كەتتى.گۈلى ئاپىسىنڭ چىقىپ كەتكەن پورسەتتىن پايدىلىنىپ ئارماننى چۆك قىلىپ بىرنى سۈيۋالدى.ئارمان بۇ خىل ھالاتنى كۈرۈپ ئۆپكىدەك قىزرىپ كەتكەن ئىدى.چۈنكى ئارمان مۇشۇ كەمگىچە بىر قىزنى سۈيۈشۇپ باقمىغان ئىدى.ئارمان گۈلىنىڭ سۆيگەن ۋاقتىدا پۇتۇن بەدىندىن بىر خىل توك سوققاندەك بۇلۇپ،ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي قالدى.گۈلىمۇ ئۇزىنىڭ ھېلى قىلىپ قويغان قىلقىدىن خىجىل بولۇپ دەرھاللار سىرتقا چىقىپ كەتتى.ئارمان كۆڭلىدە قىز بالا بىلەن سۈيۈشسە ئاجايىپ بولدىكەن،مەن بىرخىللا بۇلۇپ قالدىما دەپ كۆڭلىدە ئاجايىپ شىرىن خىياللارنى قىلاتتى.
ئۇلار يەنە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى.ئۆگىنىشنى بۇگۇن كەچمۇ بۇرۇنقىدەك يېرىم كىچىگىچە قىلدى.بىر كەم بولغاندا ئارمان گۈلنىڭ پاتىندىن تۇتۇپ سۈيۈشكە باشلىدى.ھەر ئىككىسنىڭ نەپسى يىتىشمىدى.بىر كەم بولغاندا گۈلى بولدى قىلىڭە.بولدى ئەمدى.ئاران تۇرۇپتىكەنسىز ھە دېدى.ئۇنداق ئەمەس.مەن ئۈزەمنى توتۋالالماپتىمەن دېدى.
ئۇلار مانا شۇ كۈندىن باشلاپ بىر-بىرسىگە شۇنچىلىك ئامراق بۇلۇپ كەتتىكى بىر كۈن كۆرمىسە چىداشمايدىغان دەرجىگە بىرىپ يەتتى.
ئەتىسى ئارمان ئۇچتۇرپانغا يولغا چىقتى.ئۇ ئۇيەرگە بارغاندىن كىيىن داۋاملىق گۈلىگە تىلفۇن قىلاتتى.بىر كۈن تىلفۇن قىلمىسا كۆڭلىدە بىر نەرسىسنى يوقىتىيپ قويغاندەك بولاتتى.ئۇ پات-پات ئاقسۇغا كىلىپ گۈلى بىلەن كۈرۈشۈپ،باغىچىغا بىرىپ سەيلى قىلشاتتى.پەقەت ئۇنىڭدىن نېرى ئايرىلغۇسى كەلمەيتى.گۈلىنىڭمۇ ئۇنى بىردەم كۈرمىسە چىدىمايتى.
ئۇلار شۇنداق بىر-بىرسىگە ئىجىل ئىدى.كىشلەر بۇ ئىككىسنى كۆرسە ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى.
بىر كۈنى ئارماننىڭ ئاپىسى تىلفۇن قىلىپ،بالام ئۇزۇن بولىدى يوقاپلا كەتتىڭ سالامەتمۇ سەن دەپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سۈرىدى.ئارمانمۇ ئۇزنىڭ تىنىش ئامان-ئېسەن ئىكەنلىكنى ،پات ئارىدا قايتىپ بادىغانلىقىنى ئېيتى.
ئارمانمۇ .ئۇ ئۇيەرگە بارغاندىن كىيىن داۋاملىق گۈلىگە تىلفۇن قىلاتتى.بىر كۈن تىلفۇن قىلمىسا كۆڭلىدە بىر نەرسىسنى يوقىتىيپ قويغاندەك بولاتتى.ئۇ پات-پات ئاقسۇغا كىلىپ گۈلى بىلەن كۈرۈشۈپ،باغىچىغا بىرىپ سەيلى قىلشاتتى.پەقەت ئۇنىڭدىن نېرى ئايرىلغۇسى كەلمەيتى.گۈلىنىڭمۇ ئۇنى بىردەم كۈرمىسە چىدىمايتى.
ئۇلار شۇنداق بىر-بىرسىگە ئىجىل ئىدى.كىشلەر بۇ ئىككىسنى كۆرسە ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى.
بىر كۈنى ئارماننىڭ ئاپىسى تىلفۇن قىلىپ،بالام ئۇزۇن بولىدى يوقاپلا كەتتىڭ سالامەتمۇ سەن دەپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سۈرىدى.ئارمانمۇ ئۇزنىڭ تىنىش ئامان-ئېسەن ئىكەنلىكنى ،پات ئارىدا قايتىپ بادىغانلىقىنى ئېيتى.
ئارمانمۇ ئۇچتۇرپاندىكى شاگىرىت تەربىيلەش ئىشنى تۈگتىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلدى.ھەم شۇ كۈنى گۈلىنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالدى.ئۇ كۈنى گۈلى بىلەن تىخۇ قىزغىن پاراڭلىشىپ تاڭ ئاتقىچە پاراڭلاشتى.ئەتىسى ئەتگەندە ئارمان گۈلى ۋە گۈلنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ، شايارغا قايتىپ كىلىپ ئارمان ئۆيدىكىلەرنڭ دېھقانچىلىق ئىشلرىغا ياردەم بەردى.ئارمان ئۆيدىن سىرتقا چىقمايتى زىرىكسە كومپيوتېردا ئۇيۇنچۇق ۋە يۇمشاق دىتال تۈزەيتى،ئۇنىڭ كۈنلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆتەتتى.كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۇتۇپ گۈلنىڭ تەتىل ۋاقتىمۇ تۇشۇپ قالغان ئىدى.بىر كۈنى ئارمان گۈلىگە تېلفۇن قىلۋېدى.ئۇ يېقىندا شايارغا باردىغانلىقنى ئۇنى بەك سېغىنغانلىقنى ئېيتى.ئارمانمۇ ماقۇل كۆردى.ئارمان ئۆيگە كىلىپ ئۆيدىكىلەرگە قانداق چۈشەندۇرۇشنى ئويلىدى.ئۆيدىكىلەرگە نىمە دەمە ئەمدى.مۇھاببتىم دىسەم بولارمۇ،ياكى ساۋاقدىىشم ،ھەي ئەڭ ياخشىسى ساۋاقدىشىم دەي،مۇھاببىتىم دىىسەم ،ئاتام چۇقۇم مىنى تىللايدۇ.دەپ شۇ خىيالنى قىلاتتى.بىر كۈنى ئۇ ئاپىسىغا ئاپا مىنىڭ بىر قىز ساۋاقدىشىم ئۆيگە كىلىدىكەن سىلەرگە نىمە دىيشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدىم.دېدى.ئاپسى بالام قىز بالا دېدىڭمۇ ھە،قىز بالا دىگەن قانداق بۇلۇپ ئۇغۇل بالنىڭ ئۆيىگە كىلىدۇ.ئۇ قانداق قىز بالا دېدى.مىنڭ ساۋاقدىشىم ئدى.ئۇنىڭ شاياردىمۇ ساۋاقدىشى بار ئىدى. شۇ ساۋاقدىشنىڭ ئۆيىگە كېلىدىكەن،ھەم مىنىڭ ئۈيۈمگىمۇ كىلدىكەن دېۋىدىم.ئۇنداق بولسا مەيىلى دېدى.ئاپسى.
ئارمان خوشاللىقىدىن مانا ئىش پۇتتى.ئەمدى ئۇ كەلسە بولدىغان بولىدى دەپ ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولدى.
ئارمان كۈتكەن كۈن ئاخىرى يتىپ كەلدى.گۈلى ئارمانغا تىلفۇن قىلىپ ئەتە مەن بارىمەن سىز ماشنا بېكىتىگە بېرىپ ساقلاپ تورۇڭ دېدى.ئارمان ماقۇل دېدى.
ئارمان ئەتسى مەھەللىدىكى ئۈچ چاغلىق كىرا مۇتۇسىكىلتقا ئولتۇرۇپ شايارغا كىردى،چۈنكى ئارماننىڭ ئۇيى شەھەر سىرتىدا بۇلۇپ،قاتناش قولايسىز ئىدى.ئۇ شايارغا بىرىپ بېكەتتە گۈلنىڭ كىلىشنى ساقلىدى.
گۈلى كۈن يېنىغا ئۆتكەندە ئاران يتىپ كەلدى.ئارمان گۈلى كەلگۈچە تاماق يېمەي ساقلاپ تورغان ئىدى.ئارمان گۈلنى كۈرۈپ خوشاللقىدىن يۇگىرىپلا ئالدىغا باردى.ھەيجەپ كىكىپ كەلدىڭىزغۇ ،ماشنا يانتاق قۇدۇقتا ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى.دىدى-گۈلى.ھە مىنىڭ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى،سىزنىڭ كىلىشڭىزنى كۈتۈپ تاماق يېمىدىم،يۇرۇڭ
------------------------------------------------------------
مەن ساڭا يۈرىكىمنى سوۋغا قىلايمۇ ئۇ بىر گۆش خالاس مەن پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى سوۋغا قىلاي چۈنكى ئۇ مىنىڭ بارلىقىم .ھەممە شۇنىڭغىلا يېزىلغان .ئۇ پەقەت ساڭىلا ،پەقەت ساڭىلا ئاتالغان.
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە
|
شىركەت ھەققىدە
|
خېرىدارلىرىمىز
|
ھەمكارلىشىڭ
|
ئېلان بىرىڭ
| ئالاقىلىشىڭ |
پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质
移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ