چاچ ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1 .چىچنى يۇيغاندا،ئالدى بىلەن چاچنى تارىۋېلىش لازىم.ئىشقارلىقى كۈچلۈك سوپۇنلار چاچقا تەسىر كورسۇتۇپ،چاچنى چۈرۈكلەشتۇرۇپ قويىدۇ.شۇڭا چاچنى نىتراللاشقان سوپۇنلار بىلەن يۇيۇش كىرەك.چاچ يۇيغاندا بەك قاتتىق تاتلىماسلىق كىرەك.چاچ يۇيدىغان سۇ 38-37 سېسسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىشى ،چايقىغاندا ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ تىمپۇراتۇرسى مۇۋاپىق بولىشى كىرەك،بولمىسا چاچتا كىپەك كوپىيىدۇ.
2 .چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،چاچنى كۇچلۇك توك بىلەن قىزدۇرۇپ ياساتماسلىق كىرەك .تىمپۇراتۇرسى بەكبولغان قىسقۇچ ياكى توك تاغاقلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك. تىمپۇراتۇرا 80 سىلسسىيە گىرادۇستىن ئىشىپ كەتسە،چاچ تەركىپىدىكى ئاقسىل بۈزۈلۈپ كىتىدۇ-دە،چاچنىق ئىلاستىكىلىقى ۋە پارقىراقلىقى يوقاپ كىتىدۇ.
3 .چاچنى دائىم تاراپ تۇرسا ،چاچ ياخشى ئوسىدۇ.چاچتىكى كىپەك چاڭ-توزاڭلار تازلىنىدۇ.باشنىڭ تىرىسى پاكىز تۇرىدۇ،قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۇرىدۇ،ئوزۇقلۇق ماددىلارنى چاچ يىلتىزىدىن چاچ ئۇچىغا يەتكۇزىدۇ، چاچنى تاغاق بىلەن ئالدى -كەينى،ئاستى -ئۇستى قىلىپ تاكى چاچنىڭ ئىلاستىكىلىقىپەيدا بولۇپپارقىرغانغا قەدەر تاراش كىرەك.
4.چاچنى ئەتىگەندە ،كەچتە ئون قىتىمدىن تاراش لازىم.نىلۇندىن ياسالغان تاغاق يۇمشاق، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك،شۇڭا بۇ خىل تاغاق باشقا تاغاقلاردىن ياخشىراق.
5.ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاچلىرىدىكى قىسقۇچلارنى ئىلىۋىتىش،تۈرۈلگەن ئۇزۇن چاچلارنى بوشىتىۋىتىش لازىم.چاچنى ياغلىق بىلەن بەك چىڭ چۈمكىۋەتمەسلىك،چاچلارنى تاراپ تۇرگەندە ،بەك چېڭ باغلىۋەتمەسلىك كىرەك.