جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ كىملىك قانۇنى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-05 09:16:45  يازغۇچى:سۇقرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:47   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ كىملىك قانۇنى

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(4-نومۇرلۇق )

 

<< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ كىملىك قانۇنى >> 2003-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى،ھازىر ئۇنى ئېلان قىلدىم،2004-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

2003-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب ئىلتىماس قىلىش ۋە بېرىش

3-باب ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

5-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭ سالاھىيتىنى ئىسپاتلاش،قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش،ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قۇلايلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى .

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق،يېشى 16گە توشقان جۇڭگو پۇقرالىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن،كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك،16ياشقا توشمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن،كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

3-ماددا كىملىكتە مۇنۇلار بولىدۇ: ئىسىم فامىلىسى،جىنسى،مىللىتى،تۇغۇلغان ۋاقتى،دائىملىق نوپۇسى بار جايدىكى ئادرېسى،پۇقرانىڭ كىملىك نومۇرى،سۈرىتى،كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە بەرگۈچى ئورگان.

4-ماددا كىملىكتە قېلىپلاشقان خەنزۇچە يېزىق ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان رەقەم،بەلگە قوللىنىلىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاپتونوم ئورگانلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ،كىملىكتە خەنزۇچە يېزىقىدا يېزىلغان مەزمۇننى تېرىتورىيلىك ئاپتونومىينى يولغا قويغان مىللەتنىڭ يېزىقىدىمۇ يېزىشنى ياكى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان يېزىقنى تاللاپ يېزىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

5-ماددا 16ياشتىن يۇقىرى پۇقرالارنىڭ كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىللىق،20يىللىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ،16ياشتىن 25ياشقىچە بولغانلارغا ئون يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ:26ياشتىن 45ياشقىچە بولغانلارغا 20يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ:46ياشتىن يۇقىرىلارغا ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ.

16ياشقا توشمىغان پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىشنى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلغانلىرىغا بەش يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ.

6-ماددا كىملىك نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بېكىتىدۇ.كىملىكنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ،بېرىدۇ.

كىملىكنىڭ ئادەم ئوقۇيدىغان ۋە كومپىيۇتېر ئوقويدىغان ئالاھىدىلىكى بار، ئادەم ئوقۇيدىغان،كومپىيۇتېر ئوقۇيدىغان مەزمۇن بۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى كىملىكنى تەييارلاش،بېرىش،تەكشۈرۈش،تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرانىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.«

2- باب ئىلتىماس قىلىش ۋە بېرىش

7-  ماددا پۇقرا كىملىك ئېلىشنى 16ياشقا توشقان كۈدىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە،دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى  ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

16ياشقا توشمىغان پۇقراغا كىملىك ئېلىشنى ۋەسىيسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.

8- ماددا كىملىكنى ئاھالىلەر دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بېرىدۇ.

9- ماددا شىياڭگاڭ،ئاۋمېن،تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن ئىچكى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى،جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقانلىرى،شۇنىڭدەك چەت ئەللىكلەر،دۆلەت تەۋەلىكى يوقلاردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشقان ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى تەۋەلىكىگە ئۆتۈش ياكى تەۋەلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى،تەستىقلانغانلىرى دائىملىق نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا،كىمىلىك ئېلىشنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

10- ماددا كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا،<<كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدىۋىلى>>نى تولدۇرۇش،نوپۇس دەپتىرىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

11- ماددا كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقانلار،ئىسىم فامىلىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى كىملىكى كاردىن چىققان پۇقرالار يېڭى كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:كىملىكتىكى تۈرلەر خاتا بولۇپ قالسا،جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ،يېڭىسىنى بېرىشى كېرەك.يېڭىسىنى ئالغاندا كونىسىنى قايتۇرۇشى شەرت.كىملىكنى يىتتۈرۈپ قويغانلار قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

16ياشقا توشمىغان پۇقرالاردىن كىمىكىدە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بولغانلىرى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ياكى قايتا بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

پۇقرالار دائىملىق نوپۇسنى يۆتكىگەندە،جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كىملىكتىكى كومپىيۇتېر ئوقۇيدىغان تۈرگە پۇقرانىڭ دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ئادېرىسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى ھەم شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

12- ماددا پۇقرالار كىملىكنى ئېلىش،ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا،جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرالار <<كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدىۋىلى>>نى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 60كۈن ئىچىدە كىملىك بېرىشى كېرەك:قاتناش قۇلايسىز جايلاردا بېجىرىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ،ئەمما ئۇزارتىلغان ۋاقتى 30كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىش،ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش مەزگىلىدە كىملىككە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىرى ۋاقىتلىق كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ،جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.كونكېرت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

3- باب ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش

13- ماددا پۇقرالاردىن ئالاقىدار پائالىيەتتە سالاھىيتىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلگەنلىرى سالاھىيتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاشقا ھوقۇقلۇق،ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

14- ماددا تۆۋەندىكى ئەھراللارنىڭ بىرىدە پۇقرالار سالاھىيتىنى كىملىى بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەك.

دائىملىق نوپۇس تىزىمىنى ئۆزگەرتىش:

ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش ؛

نىكاھ تىزىملىتىش،بېقىۋېلىشنى تىزىملىتىش:

چېگرىدىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛

قانۇن،مەمۇرىي نىزاملاردا سالاھىيتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاش زۆرۈرلۈكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار:

ئاھالىلەر كىملىكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كىملىك ئالمىغان پۇقرالار يۇقارقى پائالىيىتىنى ئېلىپ بارماقچى باشقا ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىسا بولىدۇ.

15- ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇققانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ،كىملىك تەكشۈرسە بولىدۇ:

قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە:

نەق مەيداننى قانۇن بويىچە قامال قىلغاندا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە:

جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە نەق مەيداندىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە:

قانۇند سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش زۆرۈر،دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار .

ئالدىنىقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ،خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ئالاقىدار  بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالى پەرقلەندۈرۈلۈپ،تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ،لېكىن جامائەت خەپسىزلىكى ئورگىنى <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>> بويىچە،تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدىغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.

  4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 16- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ،قوشۇمچە 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ،قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:

كىملىكنى يالغان ئىسپات ماتىرىيال بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلار:

كىملىكنى ئىجارە بەرگەن،ئارىيەت بەرگەن،ئۆتۈنگەنلەر:

باشقىلارنىڭ كىملىكىنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغانلار.

17- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 يۈەندىن يۇقىرى،1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ياكى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ،قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:

باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىۋالغانلار ياكى ئالداپ ئېلىۋالغان كىملىكنى ئىشلەتكەنلەر:

ياسىۋالغان،ئۆزگەرتىۋالغان كىملىكنى سېتىۋالغان،ساتقان ئىشلەتكەنلەر:

ياسىۋالغان،ئۆزگەرتىۋالغان كىملىك ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان كىملىكنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.

18- ماددا كىملىكنى ياسىۋالغان،ئۆزگەرتىۋالغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 16-،17- ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ،جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

19- ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ،قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

كىملىكنى تەييارلاش، بېرىش،تەكشۈرۈش قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل مال ئۈندۈرۋالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار:

كىملىك نومۇرىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتكەن ياكى كىملىككە مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈردىن باشقا ئۇچۇرنى كىرگۈزگەن ياكى يالغان ئۇچۇرنى قەستەن كىرگۈزگەنلەر:

كىملىكنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ،قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بەرمىگەنلەر:

كىملىكنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈپ،تۇتۇپ قېلىپ،پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار:

كىملىكنى تەييارلاش،بېرىش،تەكشۈرۈش،تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرالار شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ،پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلار.

5-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

20- ماددا پۇقرالار كىملىكىنى ئېلىش،ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا،كىملىك ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.كىملىك ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئاھالە،يېزىلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاھالە كىملىكىنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا،كىملىك ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ،تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار باشقا ئاھالە كىملىكنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا،كىملىك ھەققى كېمەيتىپ ئېلىنسا بولىدۇ.كىملىك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش،كېمەيتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالغان كىملىك ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق تاپشۇرۇلىدۇ.

21- ماددا مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيسىدىكى ھەربىيلەر،خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك ئېلىش ۋە بېرىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

22- ماددا بۇ قانۇن 2004-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ،<<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نىزامى >>غا بىنائەن ئالغان كىملىك مۇشۇقانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇلغىچە كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.كىملىك ئالماشتۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى )

ئەسكەرتىش :مەن بۇ قانوننىڭ ئىلگىرى سىرتنىڭ توردا يوللانغان -يوللانمىغانلىقنى بىلمەيمەن ،پەقەت تورداشلارنىڭ كىملىك قانونى توغرىسدا ئاز-تولا بولسىمۇ بىر نەرسە  بىلىپ قالسكەن دىگەن ئۇمىدتە .

تورداش << سۇقرە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ