يىگىتىڭىزگە ئىشەنمەمسىز ، ئۆزىڭىزگىمۇ ؟
ئەركىن مۇھەببەت تەكىتلىنىۋاتقان ، ھەممە ئىش ھەركىمنىڭ ئىختىيارى بويىچە بولىدىغان ، شەخسىيەتچىلك نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يەنە توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىز _ يىگىتلەرمۇ بىر _ بىرىگە گۇمانىي نەزەردە قارىشىدىغان بولۇپ قالغىلى تۇردى . ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇن جەريانلارنى ، ئېگىز _ پەس يوللارنى بېسىپ ئۆتىدۇ . ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ياشلارنىڭ مۇھەببەت باغلاشتىن ئېبارەت مۇرەككەپ مەسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تۇنجى مۇھەببەت ھەقىقەتەن شېرىن ، ئۇنتۇلغۇسىز بولىشىمۇ مۇمكىن . بەلكىم سىز نىڭ يېگىتىڭىز تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن ئادىمىڭز بولماسلىقى ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى بۇرۇنقى يىگىتىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئازابلانغان بولىشىڭىز مۇمكىن . يېگىتىڭىزنىڭمۇ سىزدىن بۇرۇنقى مۇھەببەتلەشكەن ئادىمى گۈزەل ئەسلىمىلىرى بولىشى ئېنىق . مۇشۇنداق ئەھۋالداسىز قانداق قىلىسىز ؟ تاساددىپى بىر كۈنلىرى ئۇنىڭ يانفۇنىدا ئىلگىرىكى قىز دوستى بىلەن سۆزلەشكەنلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالسىڭىز قانداق ئېنكاس قايتۇرىسىز ؟ سىزنىڭ پەرۋا قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن ئەمەس . چوقۇم ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئۇسۇلدا بۇ ئىشنى ئېنىقلاشقا تىرىشىسىز . ئۇنداقتا قانداق چارە قوللىنارسىز ؟ ئەگەر ئەقلى ھوشىڭىز جايىدا بولسىلا ، ھەرگىز ئۇقىزنى ئىزدەپ ، تايىنى يوق گەپلەرنى قىلماڭ . بىرىنچىدىن خەققە بېھۇدە ئازار بېرىپ قويىسىز . ئىككىنچىدىن ئۇ قىزنىڭ ئالدىدا ئېناۋىتىڭىزنى تۆكىۋالىسىز . ئۈچىنچىدىن ئەگەر ئىش سىز ئويلىغاندەك چىقماي قالسا ، يىگىتىڭىزنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالدا قالغان گۇناھكار بولۇپ قالىسىز . بۇ يەردە مەن مۇنداق قىلىڭ دەپ يول كۆرسەتمەكچى ئەمەس . ئەگەر مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقسىڭىز ئالدىراپ _ تېنەپ قارشى تەرەپ بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭ . ئەگەر ئۇ قىز ئەخلاقلىق ، غەرەز ئۇقىدىغان قىز بولسىغۇ تەلىيىڭىز . ئەكسىچە قىساسكار ، ساختىلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالايدىغان بىرى بولسا تۈگەشكىنىڭىز شۇ . ئەگر راستلا يىگىتىڭىزگە ئىشىنەلمەي قالسىڭىز ، كەلگۈسىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز يۈرىكىڭىزنى قاتتىق قىلىپ ئايرىلىپ كېتىش تەلىۋىنى قويۇڭ . گەپ قىلمايلا كېتىپ قالسىڭىز بولمايدۇ . ئۇچراتقان ئىشىڭىز ، باشقىلاردىن ئاڭلىغان گەپ _ سۆزلىرىڭىز ، كەلگۈسىدىكى ئەندىشىلىرىڭىزنى ئېيتىپ قويۇپ كېتىڭ . ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرسە ، سىزدىن ئۇنداقلا ئايرىلىپ كەتمەيدۇ . سىزگە چۈشەندۈرىدۇ . ئەگەر ئىشلار گۇمانىڭىزدىكىدەك بولسا ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت بولىدۇ . سىزمۇ كېيىن يۈز بېرىدىغان ئازابلاردىن بۇرۇنراق خالاس بولىسىز .
ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سىز بولماي ، يەنىلا شۇ قىز بولۇپ چىقسا ، ئۇ بەرىبىر ھامھن بىر كۈنى يېنىڭىزدىن كېتىپ قالىدۇ . ئەگەر سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ ، كۆڭۈل بەرگەن بولسا ، ھېلىغۇ ئىلگىرىكى مۇھەببىتى ئىكەن ، سىزدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل بولسىمۇ ، سىزدە قالغان قەلبىنى باشقا بىرىگە بېرەلمەيدۇ ، خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ .
قىسقىسى ، مۇھەببەتلەشسىمۇ ھايا بىلەن مۇھەببەتلىشىش ، ئەخلاق بىلەن مۇھەببەتلىشىش كېرەك .