1. خورمىنى يەپ ، ئۇرۇقىنى قاينىتىپ بەرسە، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ .
2. تېنى ئاجىز كىشىلەر يېڭى كالا سۈتىگە مۇۋاپىق مىقداردا خورمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، سەمىرىتىدۇ.
3. خورما ئۇرۇقىنى كۆيدۈرۈپ ، چاچقا چېپىپ بەرسە چاچنى قارايتىدۇ.
4. خورما ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلاردىكى سۈيدۈك كۆپ كېلىش كېسەللىكىنى داۋالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ھېق تۇتۇشقا شىپا بولىدۇ.
5. خورما شىرنىسى ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك بولۇپ ، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. بوۋاسىر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ، ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىز ۋە ئاسان زۇكام بولىدىغان كىشىلەر ھەركۈنى 50 گىرام خورما يەپ بەرسە ، كېسىلى شىپا تاپىدۇ.