ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇم:بارلىق ئانىلار،كېلىش ئالدىدىكى بايرىمىڭلارغا مۇبارەك.بىز پەرزەنىتلەر ھەر قانچە قىلىپمۇ سىلەرنىڭ قەرزىڭلارنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز،بىراق سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.تۆۋەندىكى ئاددى شېئرىمنى بارلىق ئانىلارغا تەقدىم قىلىمەن.
ئانىلار ھاياتنىڭ بەخىت قۇياشى،
زەمزەم بۇلاقتۇر قۇملۇقلار ئارا.
ئانىنى سۆيەيلى،ۋاپا قىلايلى،
قىلمايلى ئۇلارنىڭ قەلبىنى يارا.
بەخىت-شادلىقىڭ،ئارمانىڭ پەرزەنىت،
ئۈمىدلىك كۆزلىرىڭ تىكىلەر ھامان.
كېچە تۇرۇپ قىلۇرسەن دۇئا بەختىگە،
بولسۇن ئۇ مەلئۇن،ياخشى ۋە يامان.
ئانىلار بايرىمى،سالاملار ساڭا،
ھەر قەلىبتىن جۇشقۇنلار ئوتلۇق سادا.
ياشىغىن شادلىقتا بەخىتكە تولغىن،
مېھىر بىلەن ئەجرىمىنى قىلاي ئادا.