ئۆگىنىشنىڭ تۆت ھالقىسى
دەرستىن بۇرۇن ئالدىن كىتاب كۆرۈپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، دەرس ئاڭلاش، تەكرارلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەش. (تۆۋەندە پەقەت «دەرستىن بۇرۇن ئالدىن كىتاب كۆرۈپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش»،«تەكرارلاش» تىن ئىبارەت ئۆگىنىشنىڭ بىرىنچى ۋە تۆتىنچى ھالقىسىنىڭ چۈشەندۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ باقايلى)
دەرستىن بۇرۇن ئالدىن كىتاب كۆرۈپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش
دەرستىن بۇرۇن ئالدىن كىتاب كۆرۈپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئۆزى مۇستەققىل ھالدا دەرسلىك كىتابتىكى يېڭى مەزمونلارنى ئوقۇپ چىقىپ، دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشتىن ئىبارەت. بۇخىل ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش جەريانى ئالدىن ئۆگىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
تۈرلىرى:
ئالدىن ئۆگىنىش ۋاقىت ۋە مەزمونى جەھەتتىن قارىغاندا، تەخمىنەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچىسى، دەرستىن بۇرۇنقى ئالدىن ئۆگىنىش، يەنى دەرستىن ئىلگىرى كېلەركى بىر سائەتلىك دەرس مەزمونىنى ئالدىن ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى، باسقۇچلۇق ئالدىن ئۆگىنىش، يەنى كېلەركى بىر باسقۇچلۇق ئۆگىنىش مەزمونىنى ئالدىن ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دائىرىسى دائىم بىر باپ مەزموننى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ۋاقىتقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئۈچىنچىسى، مەۋسۈملۈك ئالدىن ئۆگىنىش، يەنى دەرس باشلاشتىن ئىلگىرىكى تەتىل مەزگىلىدە، كېلەر مەۋسۈملۈك ئۆگىنىش مەزمونىنى ئالدىن ئۆگىنىش، بۇچاغدا ھامان پۈتكۈل دەرسلىك كىتاپ مەزمونىنى كۆرۈپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئەۋزەللىكى
1) ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئالدىن ئۆگىنىش ئادەتتە ئۆزى مۇستەققىل ھالدا تۇنجى قىتىم يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆزى مۇستەققىل كىتاب ئوقۇپ، مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئالدىن ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش سۈرئىتى تېز، پىكىر قىلىشى ئۆتكۈر بولىدۇ. مەسىلىلەرنى ئوموملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا ماھىر، ئىندۇكسىيىلەش ۋە دېدۇكسىيىلەشكە، ئابستراكتسىيىلەپ ئومۇملاشتۇرۇشقا ماھىر بولىدۇ. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تۇتۇشقا ئوستا بولىدۇ. بۇخىل ئۆزى مۇستەقىل بىلىم قوبۇل قىلىدىغان ئىقتىدار شەكىللىنىپلا قالىدىغان بولسا ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدۇ.
2) دەرس ئاڭلاش جەريانىدا يولۇقىدىغان توسالغۇلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن سۈپۈرۈپ تاشلاش. ئالدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق دەرسلىك كىتابنى كۆرگەندە چوقۇم چۈشىنەلمەيدىغان بىرقىسىم مەزمونلار ئۇچرايدۇ. بۇ بىرقىسىم مەزمونلارنى نېمە ئۈچۈن چۈشىنەلمەيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ-خىل بۇلۇشى مۇمكىن. ئۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەب، مۇناسىۋەتلىك كونا بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلىمىگەن ياكى يېڭى دەرسكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەييارلىق بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلىمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئالدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق خۇددى چىۋەر رازۋېتچىكلاردەك، ئۆزىدىكى بىلىم جەھەتتىكى ئاجىز ھالقىلارنى بايقاپ چىقىپ، ناھايتى تېز سۈرئەت بىلەن بۇ بىر قىسىم بىلىملەرنى تولۇقلاپ، دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا يولۇقىدىغان توسقۇنلۇقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە كىلىپ، بىلىملەر ئارىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى كۈچەيتىۋالغىلى بولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى ، يېڭى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان زۆرۈر كونا بىلىملەر تەييارلىقىنى ياخشى قىلمىغان بولىدۇ، بۇخىل تەييارلىقسىز دەرس ئاڭلاش يېڭى دەرسنى چۈشىنىشكە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭا شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا دەرسنى چۈشىنىش ناھايتى قىيىنغا توختايدۇ. بۇنداق بولغاندا، دەرسخانىدىكى ۋاقىت بىكاردىن بىكارغا ئىسراپ بولۇپ كېتىپ، ناھايتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئەمما ئالدىن ئۆگىنىش دەل بۇ خىل پاسسىپ ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەگەر ھەرقېتىم ئالدىن ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ ھەل قىلغاندا، دەرسخانىدا دەرس ئاڭلىغاندىكى يولۇققان توسالغۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن كېلىپ چىققان يېڭى دەرسكە تەسىر يىتىدىغان ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. دەرس ئاڭلىغاندىمۇ ناھايتى ئازادە ھىس قىلىپ، دەرس ناھايتى ئاددىي ئۇقۇملاردەك بىلىنىدۇ، بۇچاغدا ۋاقتىڭىزنى ۋە دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەلەيسىز.
3) دەرس ئاڭلاش سەۋىيىسىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئالدىن ئۆگىنىش ۋاقتى قىسقا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلىقتىن، پەقەت ئالدىن ئۆگىنىش ئارقىلىقلا يېڭى دەرس مەزمونىنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىپ بۇلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، ھامان بىرقىسىم چۈشەنمەيدىغان بىرقىسىم مەسىلىلەر قېپقالىدۇ. دەرس ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا مەجبور بولىسىز. بۇنداق بولغاندا، دەرس ئاڭلاش مەقسىتى ناھايتى ئېنىق بولىدۇ، پوزىتسىيىمۇ ناھايتى ئاكىتىپ بولىدۇ، دىققەت كۈچىنىمۇ ناھايتى ئاسان مەركەزلەشتۈگىلى بولىدۇ، دەرس ئاڭلاش ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھىلىقى سىنىپ ئىچىدە جىم ئولتۇرۇپ خۇددى ئۈنئالغۇدەك ئوقۇتقۇچى نېمىنى سۆززلىسە شۇنى ئاڭلايدىغان، كاللىسىدا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كونكرېت نىشانى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ.
بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، يېڭى دەرسنى بىرقىتىم مۇستەھكەملىگەندەك تۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئالدىن ئۆگىنىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا «دەرس ئاڭلاش ئانچىكىم ئىش ئىكەنغۇ؟» دېگەن ئوي پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
4) خاتىرە يېزىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئالدىن ئۆگىنش ئارقىلىق كىتاب كۆرگەن بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمونلار ۋە دوسكىغا يېزىلغان خەتلەرنىڭ دەرسلىك كىتابتا زادى بار-يوقلىقى كۆڭلىدە ناھايتى ئېنىق بولىدۇ. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمونلارنىڭ ئىچىدە كىتابتا بارلىرىنى خاتىرىلىمىسىمۇ ياكى ئاز خاتىرىلىسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى كىيىن تولۇقلاش ئۈچۈن بوش ئورۇن قالدۇرسىمۇ بولىدۇ. دەرس ۋاقتىدا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دەرسلىك كىتابتا بولمىغان مەزمونلارنى خاتىرىلسە ياكى ئۆزى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان قىسىملىرىنى خاتىرلىسە بولىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئاساسلىق قىلىپ خاتىرىلىۋالسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىتنى چۈشىنىش ۋە پىكىر قىلىش مەسىلىسى ئۈستىگە سەرپ قىلسا بولىدۇ.
5) ئۆگىنىشتىكى پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا دائىم چۈشىنەلمەيدۇ ياكى پەقەت بىرقىسمىنىلا چۈشىنەلەيدۇ. ئالدىن ئۆگىنىش قىلىش ئاساسلىقى دەرس ئاڭلاشتىكى كاشىلىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى يامان قايتىلىنىش ھادىسىسىگە خاتىمە بېرىدۇ. ئالدىن ئۆگىنىش يىتەرلىك بولغاندا، گەرچە يېڭى باشلىنىشىدا بىر ئاز ۋاقىت كەتكەندەك قىلسىمۇ، بىراق دەرس ۋاقتىدا دەرسنى چۈشىنەلەيدۇ. دەرس ۋاقتىدىكى دەرسنى چۈشىنەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىسراپ بولۇپ كىتىۋاتقان ۋاقىتنى ئازايتىدۇ ھەمدە ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى دەرسنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن، دەرس تەكرارلاشقا كىتىدىغان ۋاقىتمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئاز بولىدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىمۇ تىزلىشىدۇ. ئالدىن ئۆگىنىش قىلىش جەريانىدا گەرچە بىرمۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق دەرس ئاڭلاش، دەرس تەكرارلاش ۋە تاپشۇرۇق ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يوقىرى كۆتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئالدىن ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق سەرپ قىلىنغان ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. ۋاقىتقنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۆگىنىشتىكى پاسسىپ ۋەزىيەت ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى يوقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
تەكرارلاش
تەكرارلاش بولسا بۇرۇن ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەرنى قايتا ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ. تەكرارلاش ئېلىپ بېرىش يىغىنچاقلاش ۋە خۇلاسىلەش، ئەستە قالدۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى، يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەزىم قىلىش ۋە بىلىۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
تەكرارلاش يەنە دەرستىن كىيىنكى تەكرالاش ۋە سىستېمىلىق تەكرارلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
1. دەرستىن كىيىنكى تەكرالاش
دەرستىن كىيىنكى تەكرارلاشتا تۆۋەندىكىدەك تۆت ئىشنى قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ:
1) ئەسلەشكە ئۇرۇنۇپ كۆرۈش
مۇنداق دىگەنلىك، كىتاب كۆرمەي تۇرۇپ، مۇستەققىل ھالدا ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمونلارنى قايتا بىر قىتىم ئەسلەپ چىقىش جەيانىدۇر. بۇ ئۆز-ئۆزىنى سىناش، ئۆزىنى پۈتۈن دىققىتىنى توپلاپ مېڭە ئىشلىتىشكە مەجبورلاش ئۇسۇلىدۇر.
2) دەرسلىك كىتابنى كۆرۈش
قايتا ئەسلەشكە ئۇرۇنۇپ بىقىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، چوقۇم كىتاپنى باشتىن-ئاخىرغىچە، خەتمۇ خەت، جۈملىمۇ جۈملە كۆرۈپ چىقىش كېرەك. چۇنكى كۆرۋاتقىنىڭىز دەرسلىك كىتاب، ئەڭ ئاساسىلىق ئوقۇملار ۋە ئەڭ ئاساسلىق بىلىملەرنى ھەرگىزمۇ مۇجمەل كەتكۈزمەسلىك كېرەك. كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئويلاش، ئويلاپ بولغاندىن كىيىن يەنە كۆرۈش، ... باشنى چۆكۈرۈپ كىتاب كۆرۈش، باشنى كۆتۈرگەندە پىكىر يۈرگۈزۈش لازىم. پىكىر يۈزگۈزۈش جەريانىدا كۆزىنىمۇ مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۋالغىلى بولىدۇ. ئەلىۋەتتە، بۇ چاغدىكى كىتاب كۆرۈش، تۇنجى قىتىملىق ئىش ئەمەس. بەلكى، ئالدىن ئۆگىنىش قىلىش، دەرس ئاڭلاش ۋە قايتا ئەسلەپ كۆرۈش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان، ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرىدىغان، مۇھىم نۇقتىنى ئاساس قىلىپ ۋە پىكىر يۈرگۈزۈپ بارىدىغان كىتاب كۆرۈشتىن ئىبارەت. ئاللىقاچان چۈشىنىپ بولغان ۋە خاتىرىسىدە چىڭ تۇتۇۋالغان قىسىملىرىغا ئانچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتنى قايتا ئەسلەش جەريانىدا ئىسىگە ئالالمىغان، ئېنىق ئەستە قالدۇرالمىغان، تەسىراتى مۇجمەل بولغان قىسىملارغا سەرپ قىلىش كېرەك.
3) خاتىرىنى رەتلەش
دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى رەتلىگەندە ئالدى بىلەن دەرس ۋاقتىدا خاتىرىلىۋالالمىغان مەزمونلارنى تولۇقلاش، توغرا خاتىرىلىيەلمىگەن مەزمونلارنى توغۇرلاش كېرەك. بۇ ئارقىلىق خاتىرىنى ئۆزىنىڭ تەكرارلاش ماتىرىيالى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش كېرەك.
4) پايدىلىنىش كىتابلىرىنى كۆرۈش
پايدىلىنىش كىتابلىرىنى كۆرۈشنى دەرستىن كىيىن تەكرارلاش ئىلىپ بارغاندا قىلسىمۇ، تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن قىلسىمۇ ياكى بۆلەكلەر بۇيىچە تەكرارلاش ئىلىپ بارغاندا قىلسىمۇ بولىدۇ. كۆرۈش ئۇسۇلى ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەركىزى مەزموننى چۆرىدىگەن ئاساستا پايدىلىنىش كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمونلىرىنى كۆرسە بولىدۇ.
2. سىستېمىلىق تەكرارلاش
ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ھەپتىلىك تەكرالاش، چارەكلىك تەكرارلاش، مەۋسۈملۈك تەكرارلاشلارغا بۆلۈنىدۇ. بىلىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالگېبرا قىسمىنى تەكرارلاش، گېئومېتىرىيە قىسمىنى تەكرارلاشلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئالىمجان ئابلېكىمنىڭ «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى» دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
ئالىمجان ئابلېكىم 1963-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۇنى پىچان ناھىيىسدە بىر ماتېماتىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1986-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىنېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىنېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. ھازىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ماتېماتكا مېتودى دەرسى بېرىۋاتىدۇ.