ئەرلەر
كېلىشكەن ئەرلەر:ئەرلەرنىڭ كېلىشكەن چىرايى بىر خىل يېتەرسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.بۇنداق ئەرلەرگە كىچىكىندىنلا باشقىلار ئامراق بولۇپ ،چوڭ بولغاندا ئەتراپىدىن قىزلار ئەگىپ كېتەلمەيدۇ،شۇڭا ئۇلارئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ.بۇنداق چىرايلىق ئەرلەرنى كوچىغا تىزىپ قويۇپ كۆرسە بولىدۇ ،ئۆيگە ئەكىرسە ،ھىم!كۆرىدىغىنىڭىز بار!
پۇلى كۆپ ئەرلەر:ئەرلەرنىڭ پۇلى ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداشقا يەتسىلا كۇپايە.پۇل كۆپ بولسىلا كاللىغا باشقا خىيال كىرىۋالىدۇ.ئەرلەرنىڭ پۇلى بىر ئايالنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەندە ،شۇ ئەر ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىمىسىمۇ،باشقا (قىسمەن)ئاياللار ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ.
كىيىمگە زىيادە ئامراق ئەرلەر:ئەرلەر پاكىز ،رەتلىك كىيىنىپ يۈرسە ناھايىتى مەدەنىي ،سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ .كىيىمگەھەددىدىن زىيادە ئامراق ئەرلەر پەقەت ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدۇ،تۇرمۇشتا باشقىلارغا يول قويۇشنى بىلمەيدۇ،كىيىملىرى ئاياللارنىڭ كىيىمىدىنمۇ كۆپ بولغان ئەر ھەر كۈنى سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى سىز بىلەن ئەينەك تالىشىپ،قايسى كىيىمنى كىيسەم بولار؟مۇنۇنى كىيسەم بولارمۇ؟قايسى گالىستۇك ماس كېلەر؟دەپ ئولتۇرسا ئىچىڭىز ئېلىشمامدۇ؟!
ئۆيدە ئولتۇرۇۋالىدىغان ئەرلەر:ئەرلەر كەچتە ئۆيدىن چىقمىسا ،بۇ بىر ياخشى ئىش ،ئەلۋەتتە.ئىلگىرى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ئويناپ بېرىپ ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدىم.دوستۇمنىڭ ئېرى سىرتتىن قارىسا شۇنداق ئىلمىي، سىپايە كۆرۈنىدۇ،ئەمما تېلىۋىزورنىڭ تىزگىنىكىنى قولدىن چۈشۈرمەيدىكەن،بىزنىڭ كۈندىكى "كۆڭۈللۈك"ئىشىمىز تىزگىنەك تالىشىش "جەڭ"ى قىلىش،ئەمما بۇ "جەڭ "ھەرقېتىم دوستۇمنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.چۈنكى دوستۇم ئېرىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ-دە!ئىچىمدە شۇنداق دېدىمكى ھەرگىز بۇنداق ئەرگە ياتلىق بولمايمەن!
ئاياللار
گالۋاڭ ئاياللار:"ئاياللارنىڭ گالۋاڭراق بولغىنى ياخشى"دەپ قاراش نۇرغۇن ئەرلەرنى جورا تاللاشتا خاتا يولغا باشلايدۇ.خوتۇننى ئۆيدە ساقلىغىلى ئالمىغاندىن كېيىن،بەزىدە دوستلار يىغىلىشىغا ،ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە بىللە ئېلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.خوتۇننىڭ بىلىم سەۋىيىسى چوڭقۇر بولمىسا،ئاشۇنداق ۋاقىتتا ئېرىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.شۇڭا يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدىلا لايىقىنى كۆپرەك كىتاپ -ژۇرنال ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ،ۋەزىيەتكە يېتىشىپ مېڭىشىنى ئۆگىتىشى كېرەك.
كۆپ پۇل تاپالمايدىغان ئاياللار:پۇل ھازىرقى جەمئىيەتتە ئەرلەرگە ئەڭ زور بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىگە
ئايلاندى.چۈنكى پۇل بولمىسا خوتۇن ئالغىلى بولمايدۇ.كۆپىنچە ئاياللار توساتتىن "شاھزادە"گە يولۇققان"كۈلقىز"دەك بولسامكەن ،شۇنداق بولسام ھېچنىمىدىن غەم قىلمايتتىم،دەپ خىيال قىلىدۇ.نېمە دېگەن گۈزەل ئارزۇ_ئارمانلار -ھە!نېمىڭىزگە بۇنداق ئويلايسىز؟
بازار چۆگىلەشنى ياقتۇرمايدىغان ئاياللار:بەزى ئەرلەر بازار چۆگىلەشنى ياقتۇرىدىغان ئاياللارنى ياقتۇرمايدۇ،تېگى -تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۇنداق ئەمەس.ئاياللار كىيىم- كېچەككە تەبئىيلا ئامراق ،شۇڭا كۆڭلىدىكىدەك كىيىم -كېچەك تاللاش ئۈچۈن بەزىدە كۈنلەپ بازار چۆگىلەيدۇ.خوتۇنىنىڭ ۋاتىلدىشىدىن قۇتۇلىدىغان بۇنداق بەلەن پۇرسەتنى قانداق ئەر قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىسۇن.شۇڭا "نازارەتچى" يوق ئۆيدە شۇ كۈندە نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ.نېمە دېگەن بەختلىك ئۆتكەن بىر كۈن -ھە!
-----"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"دىن