قىزلار كىرىڭلار،ئۇغۇللارنىڭ مىجەز خۇلقىنى بىلىۋالايلى
1.قىزىل رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر قىزغىن ئەمما ئاچچىقى يامان كىلىدىكەن .
2.كۆك رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر جىمجىتلىقنى ،يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىكەن.
3.يېشىل رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەرئېھتىياتچان سالماق ، پەزىلەتلىك بولۇپ ،ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدىكەن .
4.ئاق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر ئەسەبىي (سەپرا )،ئەمما لىرىكا يارىتىشقا ماھىر كىلىدىكەن .
5.سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر ئوچۇق-يورۇق،ئەمما ئازراق بالا مىجەز كېلىدىكەن .
6.چېچىغا ئايالاردەك كۆيىنىدىغان ئەرلەر ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ،پەلپەتىش ،خەقنىڭ رايىغا بېقىشنى خالىمايدىكەن .
7.چوققىسىدا چېچى قالمىغان ئەرلەر ئۆزىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدىكەن ، بىراق باشقىلارنى كۆپرەك ئويلايدىكەن .
8.گۆش بىلەن ياڭيۇغا ئامراق ئەرلەر تۇراقلىق ،ئىشەنچىلىك بولىدىكەن .ئەمما تەچەككۈلچىلىكنى خالىمايدىكەن.
9.گۆشسىز تاماققا ئامراق ئەرلەر مۇلايىم ،زىل كېلىدىكەن .باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدىكەن .ھەم بەك سەزگۈر بولىدىكەن .
10.مېۋىگە ئامراق ئەرلەر باشقىلارنى خوشال قىلىشقا ماھىركەن .
11.ھاراققا ئامراق ئەرلەر قۇسۇرچى بولۇپ ، باشقىلارنى خۇش قىلالمايدىكەن ، ھەم ئايالىغا تەلەپنى قاتتىق قويىدىكەن .
12.ماشىنىسى ئىككى سائەت توسۇلۇپ قالسىمۇ مىت قىلماي ئولتۇرىدىغان ئەرلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ ، بۇ خىلدىكى ئەرلەر بىر بولسا غىلجىڭ ، بىربولسا بىكارچى .
13.سورتلۇق ئاياغ كىيىپ ،پاكىز يۈرىدىغان ئەرلەر كۆپىنچىسى غورۇرلۇق ئەرلەر بولىدىكەن . بىرەر ئىشتا پىرىنسىپچان بولىدىكەن . ئانىسىنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايدىكەن .
14.جانبازلىق تۈرىدىكى كىنولارنى كۆرۈشكە ئامراق ئەرلەر ئۆزىگە چۈشكەن بېسىمنى يۇمۇر بىلەن بوشاشتۇرالايدىكەن . ئاچچىقىنى باشقىلاردىن چىقارمايدىكەن.بىراق مۇھىمراق ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.
15.كىتاب كۆرۈشكە ، ناخشا-مۇزىكىغا ئامراق ئەرلەر ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىكەن ، ھەر ئىشنى ئۆز يولىدا تەرتىپ بويىچە قىلىدىكەن .سالاپىتىگە ۋە مۇھەببىتىنىڭ سۈپىتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن .
كۆردىڭىزمۇ ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن ، خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ، ئۈزىڭىزنىڭ ياكى ئەتراپىڭىدىكىلەرنىڭ مىجەزىنى بىلىۋالالىدىڭىزمۇ ؟؟!