نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
سزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-04 19:29:08  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:ئانا تۇپراق تورى  ئاۋاتلىقى:501   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

1. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىزنى نىمە ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن باشقا قىزلارغا قارايدىغان چولىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ؛ 

 
2. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى رەنجىتىپلا يۈرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ بولالمايسىز؛ 

 
3. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر ئالدىڭىزدا سىزنى ماختىمىغان بىلەن كۆڭلىدە سىزدەك ئايالغا ئېرىشكەنلىكىگە مىڭ مەرتىۋە رازى بولىدۇ؛

  
4. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىزگە ئالدىراپ ۋەدە بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئالدىڭىزدا گېپىدە تۈرىدىغان ئەر بولۇشىنى، بولۇپمۇ سىزگە ئىشەنچىلىك، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىشنى خالايدۇ؛


5. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى قالايمىقان ئويلاردا بولماسلىقىىڭزنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنى غەملەردىن خالاس شادىيانە يۈرۈشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ؛


6. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر بەلكىم ھيت- بايرام، خاتىرە كۈنلەرنى سىزگە ئوخشاش ئىسىدە ساقلىيالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭغا نىسپەتەن سىز بىلەن بىرگە ئۆتكەن ھەر بىر كۈن ھەر قانداق بايرامدىنمۇ قەدىرلىك بولۇپ ئىسىدە مەڭگۇ ساقلايدۇ؛ 

 
7. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم ئالدىڭىزدا :سىزنى سۆيىمەن دېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئىشى بۇنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان؛


8. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر ئەگەر سىز كاماندۇرۇپتىن قايتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك بىر دەستە گۈل كۆتۈرپ چىقمايدۇ، ئەكسىچە قۇلۇڭىزدىكى چامداننى ئېلىپ: سەپەردە ھارىمىغانسىز- ھە؟ دېگىنىچە ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن سىزگە باقىدۇ؛


9. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز ئاچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا ھەرگىزمۇ سىز بىلەن تەڭ تۇرمايدۇ، تاكى ئاچىقىڭىز يانغۇچە ساقلاپ ئاندىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك :«ئەتە يەنە ئىشقا بارىسىز، بالدۇراق ئارام ئېلىڭ'دەيدۇ؛


10. ئەگەر سىز بىلەن تېلېفوندا گەپ تەكىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ گېپى تۈگۈمەيلا تۇرۇپكىنى قويىۋەتسىڭىز، ئۇ ھەرگىز يەنە سىزگە تېلېفون بەرمەيدۇ، بەلكى خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سىزگە قىسقا ئۇچۇر يوللىشى ياكى تېلېفون قىلىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز»: ئەمدى تېلېفوب بەرگىنىڭىزنىڭ نېمىسى، دەپ سورىغىنىڭزدا، ئۇ : ئاچىقلاپ تۇرغۇنىڭىزدا چۈشەندۈرۈشىمنى ئاڭلىمايدىغانلىقىڭىڭز تۇرغانلا گەپ، شۇڭا ئاچچىقىڭىز يانغاندا چۈشەندۈرەي دېدىم، دېيىشى مۇمكىن؛


11. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى سېڭلىسىنى ئەكىلەتكەندەك ئەركىلىتىشى مۇمكىن، لېكىن مۇھىم ئىشلارنى قارار قىلغاندا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئالماي قالمايدۇ؛

 
12. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز سوغا قىلغان نەرسىنى كۆز قارچۇغىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرايدۇ؛ 

 
13. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا : گەرچە خاتالىق سىزدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا سىزدىن كەچۈرۈم سورايدۇ، ھەم ھەممە گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ چاغدا سىزمۇ ئازىراق ئاشۇرىۋەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز؛ 

 
14. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەرنىڭ گېپى تاتلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چىن ۋە ساپ مۇھەببىتى سىزنى مەڭگۇ ئۇنىڭغا باغلاپ تۇرىدۇ.


15. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز ئۇنىڭ تەرەپلىگەن ۋاقتىڭىزدا ئالدىڭىزدا بىپەرۋا تۇرۇۋالغان بىلەن كۆڭلىدە تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتدۇ؛


16. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى كۆرۈپ تۇرمىسا، خۇدىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدەك يۈرىدۇ، سىزنى كۆرگەندىلا ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ.

 
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ