نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
جەزبىدارلىقنى ئاشۇرالايدىغان 25 خىل چارە (ئۈگدۈلمىش)
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-03 21:34:21  يازغۇچى:مىنەۋەر  كىلىش مەنبەسى:« ھاياتلىق » ژورنىلىدىن  ئاۋاتلىقى:409   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

   جەزبىدارلىقنى ئاشۇرالايدىغان 25 خىل چارە 

    قايسى ئىشلار زامانىمىز ئاياللىرىنىڭ جەزبىدارلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار؟ گۈزەللىك ئىلمى ساھەسىدىكى مۇتىخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگۇ ئاياللىرىنى گۇزەللىك تەربىيىسى جەھەتتىن تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا ،ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ،توۋەندىكى 25 خىل ئىشنى قىلشى كىرەك ئىكەن.سىز ئەگەر ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالىسىڭىز،  جەزبىدارلىق ھامان بىر كۈنى سىزگە قۇچاق ئاچىدىكەن:  

     1.ئىشىكتىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئەينەككە قاراپ،پەردازلىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇڭ.ئاز بولغاندا ئىككى خىل لەۋ سۇرۇخىڭىز بولسۇن،تىرىڭىز ياخشى بولمىسا،ئۇپا بىلەن تەڭشەڭ .

     2  . ھەر كۈنى يۇيۇنۇڭ ۋە ئىچ كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ.ئىجتىمائى سورۇنلارغا بارسىڭىز سىرىتقى كىيىملىرىڭىزنى كۈندە بىر ئالماشتۇرۇڭ.ئاغزىڭىز،قولتۇقىڭىز،تىنىڭىز پۇرىمىسۇن،بەدىنىڭىزدە موي قالدۇرماڭ  .

    3 . چېچىڭىزنى بىر-ئىككى  كۈندە بىر قېتىم يۇيۇڭ.چېچىڭىز قىسقا ياكى ئوتتىرىھال قىسقا بولسا،ئاز بولغاندا ئايدا بىر قېتىم ياسىتىڭ.موھىم سورۇنلارغا بارىدىغان بولسىڭىز،چېچىڭىز يارىشىملىق بولسۇن  .

   4.قولىڭىزنى ئاسراشنى بىلىڭ.قول مېيى ئىشلىتىڭ.تىرناقلىرىڭىزنى قەرەللىك ياساپ تۇرۇڭ.تىرناقلىرىڭىز پارقىراپ تۇرسۇن،زۆرۈر تىپىلغاندا مەخسۇس دۇككانلارغا بىرىپ ياسىتىڭ .

    s   .كىيىم-كىچەكلىرىڭىز پاكىز،رەتلىك،  رەڭ ۋە پاسونى يارىشىملىق بولسۇن.خىزمەتتە،ئىجتىمائى سورۇنلاردا ۋە ئارام ئالغان كۈنى كىيىدىغانلىرىڭىز ئوخشاش بولمىسۇن،كىيىم-كىچەكلىرىڭىز بىلەن فىگۇرىڭىز ۋە سورۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان بىلىۋېلىڭ . 
    6.تاقايدىغان ،ئاسىدىغان،كوتۇرۋالىدىغان نەرسىلىرىڭىز جايىدا ،بىر=بىرىگە ماس كىلىدىغان ،يارىشىملىق بولسۇن.   
   7.كىشىلەرگە تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى،چىراي ئىپادىڭىزنى تىزگىللەشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ،چىرايىڭىزنىڭ كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ھالىتىنى بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك. 

  8.بەدەن ھالىتىڭىزنى راۋۇرۇس،چېرايلىق ياراشتۇرۇپ تۇتۇڭ.ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ،تۇرۇش،ئولتۇرۇش،مېڭىشتىكى ئەڭ چېرايلىق ھالىتىڭىزنى تىپىۋىلىڭ.

      9   .   ئىجتىمائى سورۇنلاردا گەپنى قۇلاققا يىقىشلىق قىلىشنى بىلۋىلىڭ .

  10.بەدەن ئىغىرلىقىڭىزنى قاتتىق تىزگىللەڭ.ھەرۋاخلىق تاماقنى چالىراق تويغىچە يىسىڭىزلا كۇپايە.بەك تاتلىق ۋە بەك مايلىق تاماقلارنى كوپ يىمەڭ،بولسا يىمىسىڭىز تىخىمۇ ياخشى. 
    11.ھەر كۈنى سەككىز ئىستىكان سۇ ئىچىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.قېنىق چاي،قەھۋە،كولا قاتارلىقلارنى ئىچمەڭ.يېڭى كۆكتات ،مىۋە شەربەتلىرى ئەڭ ياخشى. 
  12.ئايدا ئاز بولغاندا ئىككى سائەت 2-5قېتىم ھۆسىن تۈزەڭ.قانداق ئۇسۇل مۇۋاپىق بولسا شۇ ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.بۇنىڭدا تىرىڭىزلا ئەمەس، قەلبىڭىزمۇ ئوزۇقلىنالايدۇ. 

  13.ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىمدىن كۆپ تەنھەركەت قىلىڭ.تۈرلۇك تەنھەركەتلەرنى كىرېشتۇرۈپ   قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ . 

     14  .ئايدا ئاز بولغاندىمۇ 2-3قېتىم ماگىزىن ،رەستە ئايلىنىپ تۇرۇڭ.  

    15     .ئايدا ئاز بولغاندىمۇ 4-5قېتىم مودا ،ھوسىن تۇزەش قاتارلىقلارغا ئائىت گېزىت -ژۇرناللارنى كۆرۇپ تۇرۇڭ،وايدىسى بار. 

16.ئايدا ئاز بولغاندىمۇ 4-5 قېتىم گۇمانىتارلىققا كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرۇڭ،ياخشى تەربىيە ئالىسىز،بىلىمىڭىز كۆپۇيىدۇ،بىلىم دائىرىڭىز كىڭىيىدۇ. 

  17.ھەر پەسىلدە بىر قېتىم نەپس سەنئەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىڭ. 
  18.ئاساسى ئەدەپ-قائىدە بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ. باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ،باشقىلارغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىڭ.باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ،ھىممىتىگە ئىرىشكەندە،مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۇرۇشنى،باشقىلارنى مالال قىلغان ياكى باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزگەن ،دەخلى قىلغان چاغلىرىڭىزدا ئەپۇ سوراشنى بىلىڭ. 
  19.باشقىلارغا كۆيۈنۈڭ.باشقىلار بىلەن ھوزۇر- ھالاۋەتنى   تەڭ كۆرۇشنى ،جاپا -مۇشەققەتنى تەڭ تارتىشنى بىلىڭ. 
  20.دوستلۇققا ئەھمىيەت بىرىڭ.باشقىلار بىلەن دوستتانە ،ئىجىل-ئىناق ئۆتۇڭ.ئالاقىلىشىپ تۇرغىدەك ئوندىن كۆپ دوست-يارەنلىرىڭىز ۋە ئەل-ئاغىنىلىرىڭىز بولسۇن.

  21.بىر قەدەر كۈچلۈك كەسپى بىلىمىڭىزۋە ياكىماھارىتىڭىز بولسۇن.جەميەتكە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە كىرەكلىك ئادەم بولۇڭ .

  22.يىلدا بىر دىپلۈملۇق   مائارىپ تەربىيىسى ياكى كەسپى تەربىيە قوبۇل قىلىڭ.مەڭگۇ بىلىمگە،ماھارەتكە   تەشنا روھىڭىز بولسۇن،نەزەر دائىرڭىزنى كېڭەيتىڭ،ساپايىڭىزنى ئۆستۇرۇڭ. 
   23.پايدىلىق ۋە مەلۇم سەۋىيدىكى ئىشتىن سىرىتقى ھەۋىسىڭىزدىن   بىرەرسى بولسۇن. 

 24.ئاقكۆڭۇل ۋە سۆيگۈ -مۇھەببەتكە ،مىننەتدارلىق ھىسسىياتىغا باي بولۇڭ،باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،باشقىلارنى چۇشۈنىڭ،مۇلايىم بولۇڭ. 
  25.يىلدا بىر قېتىم  سىرتلارغا سەپەرگە چىقىڭ ياكى سىرتلاردا ئارام ئېلىپ كىلىڭ.تەبئىلىكى جىمجىت مۇھىيت ھارغىنلىقىڭىزنى -جىسمانى ۋە روھى ھارغىنلىقىڭىزنى چىقىرىپ،سىزنى تۈرلۈك بېسىمدىن ئازات قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز ۋە بىۋاستە تەسىرات ئالالايسىز. 


  «ھاياتلىق»ژورنىلىدىن ئىلىندى. 
                                                      «ئۈگدۈلمىش»

تورداش << مىنەۋەر>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ