ئۇچراشقاندا ئالمىزار باغدا،
كۆزلىرىمگە قىيا باقتىڭ سەن.
نە سەۋەپكى ئۆزۈم ھەيرانە،
تۇرۇپ قالدىم ئورنۇمدا ھەم مەن.
نىگاھىڭدىن بالقىغان شۇ نۇر،
ئوقيا كەبى يۈرەككە تەگدى.
ھاياجاندا يۈزلەر ئوت ئېلىپ،
شەرم-ھايا بېشىمنى ئەگدى.
ھېچ ساداسىز سۆزلەيدۇ كۆزلەر،
ئاشكارىلاپ كۆڭۈل سىرىنى.
تەڭ سوقمىسا ئەگەر جۈپ يۈرەك،
قانداق تونىسۇن بىرى-بىرىنى.
ئاھ!قانداقمۇ بېرەلەي بەرداش،
بۇ دەقىق دىل كۆيۈشلىرىمگە.
ئېيت كەلدىمۇ خاتىمە پەيتى،
شۇ جۇدالىق كۈتۈشلىرىمگە.
ئۇيالدۇرۇپ باقما كۆزۈمگە،
بىر سېنىلا سۆيىمەن قەۋەت.
ۋاپادار بوپ قوللار تۇتۇشۇپ،
كۆيۈشەيلى ئەبەدىل-ئەبەت.
