نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
قىزلارنى يىغلاتقان مۇھەببەت پەلسەپىلىرى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-02 00:23:59  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:ئانا تۇپراق تورى  ئاۋاتلىقى:540   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  قىزلارنى يىغلاتقان مۇھەببەت پەلسەپىلىرى
 
1.ئوغۇل ئەسكى بولمىسا قىزلار ياخشى كۆرمەيدۇ.

قىزلارنى يىغلاتقان پەلىسەپىلەر ئىچىدە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ ئەسلى بىر تەنە گەپ ئىدى، بارا-بارا ئايرىم ساندىكى نادان قىزلارنىڭ پەلىسەپىسىگە ئايلىنىپ قىزلارنىڭ سەبى كۈلكىسىنى،گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى،ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى ئىلىپ كەتتى.
ياخشى بىلەن رەزىلنىڭ پەرقى شۇيەردىكى ياخشى ئادەم مۇھەببەت بىلەن ياشايدۇ،چىن قەلبىدىن ئۆزى سۆيگەننىڭ بەختىنى ئويلايدۇ،سۆيگىنى كۈلسە ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلىدۇ، سۆيگىنى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسە شۇنچە مەنىلىك ھىس قىلىدۇ.رەزىلدە مۇھەببەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ،ئۆزى سۆيگەنگە ئىرىشىشنى بەخت دەپ بىلىدۇ.شۇڭا ئۇ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۈرۈشىدىن قەتئىنەزەر سىزگە مۇھەببەت بىرەلمەيدۇ،كىشى ئۆزىدە يوق نەرسىنى قانداقمۇ باشقىلارغا بىرەلىسۇن.ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى بارلىق جانلىقلارغا ئورتاق بولغان ھىسياتنى چىقىش قىلغان بولىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ سىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ ھەممىسى مەقسەتلىك،ۋاقىتلىق بولىدۇ. قەلبىدە مۇھەببەت بولمىغان ئادەمنىڭ باشقا ھەرقانداق ئارتۇقچىلىقى ئەھمىيەتسز بولىدۇ.ئۇنىڭ سىزنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇرالى يالغان سۆز،چۈنكى ياخشىلار يالغان <سۆزلىيەلمەيدۇ>.شۇڭا يامانغا كۆڭۈل بەرگىنىڭىز مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكىنىڭىز بولىدۇ،ۋاز كىچىش-كەچمەسلىكنى ئۆزىڭىزلا قارار قىلالايسىز.

2.كۆز ئالدىدىكىنى قەدىرلەش

بۇ سەپىسەتە خۇددى سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈك سۇ ئاستىدىكى گۆھەرنى توسۇۋالغاندەك قىزلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى توسۇپ قويدى.
ياخشى ئوغۇللار ھەقىقەتەن نۇرغۇن،ئەمما سىزنىڭ كۈتكەن ئادىمىڭىز ئۇنداق كۆپ ئەمەس.شۇڭا ئەڭ دەسلەپتە سىز كۈتكەن ئادەم ئۇچرىسا بۇ سىزنىڭ ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.لىكىن كۆپىنچە ئەھۋالدا سىزنىڭ كۈتكەن ئادىمىڭىز سىزگە ئۇنداق ئاسان ئۇچرىمايدۇ.مۇھەببەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ساقلاشمۇ ئەرزىيىدۇ.مۇھەببەت ئۈچۈن ساقلاش ياكى ۋاز كىچىپ مۇھەببەتسىز ياشاش سىزنىڭ تاللىشىڭىز.
ھەممە ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى،ئۆزىڭىزنىڭ يىغلاپ ياشاش ياكى كۈلۈپ ياشىشىنى ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى بەلگىلەيدۇ.
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ