ئــوقــۇتـــقۇچىلار دەستورى 2
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-29 21:31:49  يازغۇچى:خاندو  كىلىش مەنبەسى:ۋ.ئا.سوخۇملىنسكىينىڭ « ئوقۇتقۇچىلار دەستورى » دىن كىتاپ ئۇقۇش تۇغىرسىدىكى ئۈزۈندىلەر   ئاۋاتلىقى:37   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئوقۇتقۇچىلار دەستورى

(كىتاب توغرىسىدا)

ۋ.ئا.سوخۇملىنسكىي

ئېسىڭلاردا بولسۇنكى بالىلار ئۆگىنىشتە قېيىنچىلىققا قانچە كۆپ يولۇققانسىرى ، ئۇلار چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ كۆپرەك كىتاب كۆرۈشى لازىم. كىتاب ئوقۇش ئۇلارغا پىكىر قىلشىنى ئۆگىتىدۇ. پىكىر قىلىش بولسا زىھنى كۈچنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىتابتىن ئۇرغۇپ چىققان جانلىق ئىدىيە ئۆلۈك يادلاشتىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋاستىدۇر. ئوقۇغۇچى قانچە كۆپ پىكىر يۈرگۈزگەنسىرى، ئۇنىڭ تاشقى مۇھىتتا كۆرۈپ بىلەلمىگەن  نەرسىلىرى شۇنچە كۆپ بولغانسىرى ، ئۇنىڭ بىلىمنى ھېس قىلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئاسانلىشىدۇ.

ئوقۇش يېشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە ، پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقىنى ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆزىتىشكە ماھىر ئوقۇغۇچى پەن-تېخنىكا كىتابلىرىدىن تەسىرات ئېلىشنى بىر قەدەر ئاسان يىتىلدۈرەلەيدۇ. پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنى  ۋە پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرمىغاندا، بىلىمگە بولغان قىزىقىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى دەرسلىك كىتاب رامكىسىدىن بىر قەدەممۇ ئۇزۇپ چىقالمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا بىلىمگە بولغان قىزىقىش بار دېگىلى بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىق ھېس قىلغانسىرى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەقلىي ئەمگەك جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى كۆپەيگەنسىېرى، ئۇ كۆپرەك كىتاب ئوقۇشقا شۇنچە مۇھتاج بولىدۇ: خۇددى سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ناچار نىگاتىپقا كۆپرەك ۋاقىت نۇر ئۆتكۈزۈش لازىم بولغىنىدەك، ئۆگىنىشتە ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىمۇ ئالاھىدە نۇرلۇق ئىلىم-پەن بىلىملىرى نۇرى بىلەن يورۇتۇلۇشقا مۇھتاج. دەرس تولۇقلاشقا تايانماي ۋە تۈگىمەس «ياردەم قىلىش» قىمۇ تايانماي، بەلكى كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش يەنە كىتاب ئوقۇشقا تايىنىش كېرەك. دەل مۇشۇ نۇقتا «ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

مەسىلە شۇ يەردىكى ، كىتاب ئوقۇش بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. «ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان» ئوقۇغۇچىلار كىتابنى قانچە كۆپ ئوقۇغانسىرى ، ئۇنىڭ ئوي-پىكرى شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ئەقىل-پاراسەت كۈچى شۇنچە جانلىنىپ ماڭىدۇ.ئومۇمەن، راۋان، چۈشىنى كىتاب كۆرۈشنى ئۆگىنەلمىگەن كىشىنىڭ بىلىملەرنى ئوڭۇشلۇق ئۆزلەشتۇرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. راۋان، چۈشىنىشلىك كىتاب كۆرۈش دېگەنلىك كۆز ۋە ئىدىيە ئارقىلىق جۈملىنىڭ بىرقىسىمىنى ياكى قىسقىراق بىر جۈملىنى بىراقلا ئەستە تۇتىۋىلىپ، ئاندىن كىتابتىن كۆز ئۈزۈپ، ئەستە قالدۇرۋالغان نەرسىنى يادقا ئوقۇپ چىقىش، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىكىر يۈرگۈزۈش، كۆز ئالدىدىكى ئوقۇۋاتقان نەرسە ئۈستىدىلا پىكىر يۈرگۈزۈپ قالماي، بەلكى ئوقۇۋاتقان ماتېرىيالغا باغلىنىشلىق بولغان كۆرۈنۈش، ئوبراز، تەسەۋۋۇر، پاكىت، ھادىسىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈش دېگەنلىكتۇر.

ئەگەر ئۆسمۈرلەرنىڭ ، ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتاب ۋە يازغۇچىسى بولمىسا، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئادمنى تەربىيلىمەكچى ۋە ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى يىتىلدۈرمەكچى بولغاندا ، مەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدىن باشلاپلا ئۆز ئالدىغا كىچىك كىتاب ساندۇقىنىڭ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتىم. ئوتتۇرا يىللىق ۋە يوقىرى يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساقلاۋاتقان كىتابى تەخمىنەن 100-150 پارچىغىچە يەتكەن. بۇ خۇددى بىر مۇزىكانتنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن چالغۇنى ئۆزى خالىغان چاغدا قولىغا ئالالمىسا ياشىيالمىغىنىغا ئوخشاش، بىر تەپەككۈر ئىگىسىمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇيالمىسا ھايات كەچۈرەلمەيدۇ.

ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى كىتاب دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇلاردا كىتابقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشتىياقنى يېتىلدۈرۈپ، كىتابنى ئۇلارنىڭ زېھنى تۇرمۇشنىڭ ماياكى قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا كىتابنىڭ قانداق ئورۇن تۇتقانلىقىغا باغلىق. ئەگەر ئوقۇغۇچىڭىز سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئۆزلىكسىز موللىشىۋاتقانلىقىنى (يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى ) ھېس قىلالىسا ھەمدە سىزنىڭ بۈگۈن سۆزلەۋاتقانلىرىڭىزنىڭ تۈنۈگۈن سۆزلىگەنلەرنى تەكرارلاش ئەمەسلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنسە، ئۇ ھالدا ، كىتاب ئوقۇش ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.ئەگەر ئۆسمۈرلەر دەرسلىك كىتابتىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئوقىمىسا ، ئۇنداقتا، ئۇ دەرسلىك كىتابنىمۇ ياخشى ئوقۇيالمايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى باشقا كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسە، دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، باشقا جەھەتلەردىكى (ئىجادىي يوسۇندىكى ئەقلىي پائالىيەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئەمگەككە قاتنىشىش، گۈزەللىك پائالىيىتى) ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالايدۇ. ئەگەر بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىنى ھەقىقەتەن يەڭگىللىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدىكى يولنى ئېچىۋېتىشىمىز ، ئۇلارنى مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاب جازىسى ئالدىغا ئەۋەتىشىمىز، ئۇخلاپ ياتقان كىتابلارنى ياش ئەۋلادلارنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. ھازىر كىتابلار باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرى (كىنو، تېلۋىزور، ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرى  قاتارلىقلار) بىلەن رىقابەتلىشىش ھالىتىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇدەك ياخشى كىتابلار بار ئورۇنلاردىمۇ ، كىتابلار ئۆز ئورنىدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن.

بىزنىڭ قارىشىمىزچە ، مائارىپچىلارنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ، بۇنداق رىقابەتتە ، كىتابنى باشتىن –ئاخىر غالىبلارغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەققىل كىتاب ئوقۇشى، ئەقلىي ، ئەخلاقى، گۈزەللىك تەرەققىياتىدا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. مۇستەققىل كىتاب ئوقۇشنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشتا قانداق ئورۇندا تۇرۇشى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئىمكانقەدەر ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بالىلىق دەۋرىدە، تەبىئەت دۇنياسىغا ، ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىغا ، خەلقنىڭ ۋەتەننى قوغداش، گۈللەندۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ۋە پەن ، مەدەنىيەت ، ھەمدە مائارىپقا دائىر نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشىمىز كېرەك.

ئەگەر ئادەمدە بالىلىق دەۋرىدە كىتاب ئوقۇشتىن ھېس قىلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇشاللىق بولمىسا ، مۇكەممەل تەربىيىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. كىتاب ئوقۇش شۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنالايدۇكى، كىشىلەرنىڭ قەھرىمان شەخسلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنى دورىغان چېغىدا ئۆزىنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ، ئۆز قىلمىشىنى ۋە ئادەمگەرچىلىكىنى بەلگىلىك ئەخلاق ئۆلچىمى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ. كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش چوقۇم ئوقۇغۇچىنىڭ بىر خىل زېھنىي كۈچ ئېھتىياجىغا ئايلىنىشى لازىم. بۇ نۇقتا تەپەككۇر ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تەپەككۇر ساپاسى بولمىسا، ئۆگىنىشكە بولغان ئىنتىلىش ۋە ئۈزلىكسىز يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەش ئارزوسىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قوزغالغان تەپەككۇر تاختىلانغان ئېتىزغا ئوخشاش  بولۇپ، بىلىم ئۇرۇقى چېچىلسىلا مول ھوسۇل بېرىدۇ. كىتاب ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزەلىگەنلىكتىن ، ئوقۇغۇچى پروگراممىدا بەلگىلەنگەن دەرسنى تېخىمۇ ئاسان ئىگىلەيدۇ. بالىلارنىڭ كىتاب ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى قانچە كۆپ بولغانسېرى ، ئۇنىڭ قەلبىدە كىتاب ئويغاتقان سۆيۈش تۇيغۇسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئۆگىنىشى شۇنچە ئاسانلىشىدۇ.

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەنىۋى نامراتچىلىققا گىرىپتار بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھەقىقىي كىتاب ئوقۇشنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدۇر. ھەقىقىي كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ پۈتكۈل زېھنىي ۋە قەلبىنى ئىگەللەپ، ئادەمنى تاشقى ئالەمنى ۋە ئۆزىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشقا، ئىنسان روھىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئىنچىكە كۆزىتىشكە ۋە چۈشىنىشكە، ئۆزىنىڭ تەقدىر ۋە ئىستىقبالىنى ئويلاشقا مەجبورلايدۇ. قانداق قىلغاندا ياخشى كىتابلارنى ئۆزىنى تەربىيلەشنىڭ ۋستىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئۆسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىش لازىم.

ئوقۇغۇچىلار كىتاب ئوقۇشتا مەخسوس خاتىرە تەييارلاپ خاتىرە يازىدىغان، خاتىرە يېزىش جەريانىدا ئۆزى بىلەن كۆڭلىدە سۆھبەتلىشىدىغان بولۇشى كېرەك.

ئوقۇتقۇچى ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارغا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك. مۇھىمى، كىتاب ئوقۇشنى تەدرىجىي ھالدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئېھتىياجىغا ، ئۇلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشىنى ئۇرغۇتىدىغان خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار «بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك ياخشى كىتابلار مۇندەرىجىسى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ چىقتۇق. بىز يەنە ئايرىم كىتاب ئىشكابى تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ ئوقۇيدىغان كىتابلارنى تىزدۇق. مەكتەپ مائارىپىدىكى كەمچىلىكلەرنىڭ بىرى _ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئەقلى ۋە قەلبىنى ئىگىلەيدىغان ھەقىقىي ئوقۇشنىڭ يوقلۇقى. بۇنداق كىتاب ئوقۇش بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئارزۇسىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى تار ۋە كەمبەغەل بولۇپ قالىدۇ. بىراق كىتاب ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىش كېرەك. بىز ھەربىر ئۆسمۈر، ھەربىر ياشنىڭ «ئۆزىنىڭ كىتابى»نى تىپىۋىلىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ كىتاب ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغۇسى. بۇ خىل كىتابلارنى ئوقۇش ئۆز-ئۆزىنى خۇلاسىلەش، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەشنىڭ باشلىنىشى، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ئالدىدا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشتۇر. روھىي جەھەتتىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرلۈش، قېتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇغاندىكى خۇشاللىق_ (ئوبرازلاشتۇرغاندا) بىر زور پىشاڭ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بىلىمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆۋىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغدا قانداق كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ، شۇ كىتابلارنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە قانداق ئىزلارنى قالدۇرغانلىقى ئادەمنىڭ ھېسىيات جەھەتتىكى تەربىيلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ، ياشلارنىڭ ئۆز قورداشلىرىغا، ئۆزىدىن چوڭلارغا ۋە تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىنى بەلگىلەيدۇ. ...... دائىم دىيىلىۋاتقان «كىتاب دۇنياسىدا ياشاش» دەرسنى ئەستايىدىل، قېتىرقىنىپ، ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىر ئىش ئەمەس. بىر ئادەم ئەلا نەتىجە بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشى مۇمكىن. بىراق ئۇ نېمىنىڭ ئەقلىي تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي بىلمەسلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ زور خۇشاللىقى بولغان كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر قىلىشنى پۈتۈنلەي ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. دائىم دەپ كېلىۋاتقان «كىتاب دۇنياسىدا ياشاش» پىكىر قىلىشتىكى گۈزەللىككە ئىنتىلىش، مەدەنىيەت بايلىقىدىن بەھرىلىنىش، ئۆزىنى تېخىمۇ ئالىيجاناب ئورۇنغا كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

مەن مەكتەپتە 32 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئەقلىي جەھەتتىكى قىزىقىشىنىڭ ناھايتى كەمچىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ تار ۋە قەلبىنىڭ قۇرۇق بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلغان. دەل مۇشۇ نەرسە ياش-ئۆسمۈرلەردە نۇرغۇن ساغلام بولمىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ئەگەر مەكتەپ ياشلارنى ئەقلىي ۋە ھېسىيات جەھەتتىن تەربىيلەشكە ماھىر بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە قوزغىتالمىسا، ھاراق ئىچىش، لۈكچەكلىك قىلمىشلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرقانداق تەدبىرنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە ئۆگىتىشتىكى بىر مۇھىم شەرت بىر ئادەمنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا قىزىقىپ كىتاب ئوقۇيدىغان ھەمدە كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنى تونۇيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىر ئادەم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىتاب ئوقۇشنى بىلمىسە(بىر پارچىمۇ  كىتاب ئوقۇمىسا)، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى قوپال بولۇپ، «سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلىتىش» قا ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بۇ خىل نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغان جايلار ئادىمىيلىككە ئىگە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېرەكتىن چىقىرىۋېتىدىغان جايلاردۇ.

مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىۋېتىشتىن قورقماڭ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن بىر كۈن «كىتاب دېڭىزى» دا ئۈزۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. كىتابلار خۇشال كەيپىياتتا ياش قەلبلەرنى قولۇقلىسۇن! كىتابلار ياشلىق دەۋرنى ئىگىلىسۇن! ئەگەر ئوقۇغۇچىلار كىتابنى مەڭگۈ بىر خىل يېڭى نەرسە دەپ ھېس قىلسا، ياشلار بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقتىن دائىم يالغۇز ئولتۇرۇپ بەھرىرلىنىشنى ئويلىسا، ياشلار ئىچىدە كىتاب ئوقۇشقا ئامراق مۇشۇنداق «غەلىتە ئادەملەر» كۆپ بولسا، جەمئىيىتىمىزدىكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاسانلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

مېنىڭچە، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىكى زۆرۈر شەرت شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاز-تولا كىتاب يېغىپ ساقلىشىدۇر. مەكتىپىمىزدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە 200-250پارچە كىتابلىق بولۇپ قالىدۇ. بىز ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئۆيلىرىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىتابى يوق بولۇپ قالغان، مەنىۋى تۇرمۇشتا ناھايتى كەمبەغەللىك ھېس قىلىدىغان بالىلار، ھەمدە ئۆگىنىشتە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بالىلارنى چوقۇم نۇرغۇن كىتابقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بالىلارنى ئائىلىدە تەربىيلەشتە، كىتابلار مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئاتا-ئانا ۋە كۆپرەك كىتاب ئوقۇشى، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى ، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش ئارزوسىنى قانائەتلەندۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بىزنىڭچە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش سەۋىيىسىدىكى بىر مۇھىم بەلگە كىتابنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى كىتابنى قىزغىن سۆيسە ۋە كىتابقا ھۆرمەت قىلسا، بالىلارمۇ ئۇنى قىزغىن سۆيىدۇ.كۆپ يىللىق تەجرىبىلەرگە ئاساسەن بىز بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى كىتابلار مۇندەرىجىسىنى بېكىتىپ، ئائىلە باشلىقلىرى ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ھەمدە ئوقۇ يېشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى، ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ۋە كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بەردۇق. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، بۇ ئەقىلىي جەھەتتىن تەربىيىلەش بولۇپلا قالماي، ئەخلاقىي ، گۈزەللىك ۋە ھېسسىيات تەربىيىسىدىكىمۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كىتاب بولمىسا، ئائىلىلەردە كىتاب ساقلانمىسا، ياخشى تەرەپتىن ئويلىغاندا، مەكتەپ تەربىيىسىگە ھېچانداق ياردىمى بولمايدۇ؛ يامان تەرەپتىن  ئويلىغاندا بۇنداق ئائىلە مۇھىتى بالىلارنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ، مەكتەپ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئائىلىدىكى ئەقلىي قىزىقىش جەھەتتىكى بۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرماي تۇرالمايدۇ. بىزنىڭچە،ئائىلىدە ساقلىغان كىتاب بولۇشى ھەمدە ئۇنى ئۈزلىكسىز تۈردە تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇيدىغان كىتاب بىلەن تەمىنلەش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭمۇ مۇشۇ كىتابلارنى ئوقۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەقلىي جەھەتتىكى قىزىقىشى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇشى ئوخشاشلا مۇھىمدۇر.

ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيلىنىشى ياخشى، ئاڭلىق روھقا ئىگە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى كىتابقا چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدىغان ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان.

 

تورداش << خاندو>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ