ئــوقـــۇتــقۇچىلار دەستۇرى
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-29 21:30:53  يازغۇچى:خاندو  كىلىش مەنبەسى:ۋ.ئا.سوخۇملىنسكىينىڭ «ئۇقۇتقۇچىلار دەستۇرى»دىن تاللانمىلار   ئاۋاتلىقى:60   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

مۇندەرىجە

1. ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئابستراكت ئوقۇغۇچىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس

2. بىر كېچە-كۈندۈز ئاران 24 سائەت تۇرسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقتى قەيەردىن كېلىدۇ؟

3. ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقتى بىلەن ئوقۇتۇش باسقۇچلىرىنىڭ ئۆز ئارا تەقەززالىقى

4. ئاساسىي بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلار خاتىرىسىگە چوڭقۇر ئورنىتىش

6. «ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار » خىزمىتى ھەققىدە

12. قانداق قىلغاندا دەرستىن بۇرۇنقى ئالدىن سىناقنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئەقلىي  ئەمگىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ

18. بىلىمنى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

19. كىتاب ئوقۇش «ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان » ئوقۇغۇچىلارغا ئەقلىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم ۋاستە

20. قابىلىيەت بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك

24. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تۇرمۇشى توغرىسىدا

53. ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگەنسىېرى قىيىنچىلىق ھېس قىلىدۇ؟

55. قانداق قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆگىنىشىنى خالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟

61. ئۆسمۈرلەرگە ئوقۇشنى چوقۇم ئۆگىتىش كېرەك

63. ئوقۇغۇچىلار پىكىر يۈرگۈزۈش دۇنياسىدا ياشىسۇن

76. ئۆگىنىشتە قىينالغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

79. تەلىم-تەربىيە ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەربىيلەش

80. «سۇ مەنبەسىنىڭ پاكىزلىقى»نى ساقلاش كېرەك

82. ماس قەدەملىك تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بەزى ئويلىغانلىرىم

84. ئوقۇتقۇچىلار كۈندىلىك خىزمەتلەردە بەزى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك

86. دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە دەرستىن سىرتقى كىتاب ئوقۇش

87. قانداق قىلغاندا مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟

 

1. ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئابستراكت ئوقۇغۇچىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس

نېمە ئۈچۈن بەزى ئوقۇغۇچىلار 1-يىللىقتىلا، ھەتتا 2-، 3- يىللىقتىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي سىنىپتىن چۈشۈپ قالىدىغان، ئۇلارنى ئوقۇتقۇچى بىراقلا تاشلىۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ مەكتەپ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ساھە _ ئەقلىي ئەمگەك ساھەسىدە بالىلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان پوزىتسىيىنىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر. ئوقۇتقۇچى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بېكىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك، بۇ _ تەلىم-تەربىيە ماھارىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل.

ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش ياكى قوغدىماسلىقى ۋە يىتىلدۈرۈش ياكى يىتىلدۈرمەسلىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى شەخسىي نەتىجىسىگە بولغان كۆز قارىشىغا باغلىق. بالىلاردىن قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.

ئوقۇتۇش بىلەن تەلىم-تەربىيەنىڭ ماھارىتى ۋە سەنئىتى ھەر بىر بالىنىڭ كۈچى ھەم ئىمكانىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەقلىي ئەمگەكنىڭ مۇۋەپپەقيىتىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا. بۇ دېگەنلىك ئۆگىنىش جەريانىدا ئەقلىي ئەمگەكنىڭ مەزمونى ( تاپشۇرۇقنىڭ خاراكتېرى) بولسۇن ياكى زۆرۈر بولغان ۋاقىت جەھەتتە بولسۇن، ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىش كېرەك.

ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى «ياراملىق ئادەم بولىمەن» دېگەن ئارزوسىنىڭ يالقۇنلاۋاتقان جايىغا بارىدىغان بىر يول، ئوقۇتقۇچىلار بۇ يولنى ئاسرىشى كېرەك.

پەقەت ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مۇۋەپپەقيەت قازىنىشنىڭ شەخسىي ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى جەھەتتىكى كۆڭۈل شادلىقىنى ھېس قىلدۇرغاندىلا، بۇ دەرستىن ئوقۇتقۇچى پەرىشانلىق ۋە ھېرىپ-چارچاش ھېس قىلمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈلسىز ئىش چىقىپ قالارمىكىن دەپ جىددىيلىشىشىنىڭ ۋە قىلىدىغان ئىش تاپالماي، كەپسىزلىك قىلىپ جىم ئولتۇرالمايدىغان بالىلارغا كۆز-قۇلاق بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇنداق دەرستە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنى نورمال ئىزغا چۈشكەن بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى چامى يېتىدىغان ۋە نەتىجە قازىنىش ئىماكانىيىتى بولغان ئەقلىي ئەمگەككە ماھىرلىق بىلەن يېتەكلىيەلەيدىغان بولسا، ئاشۇ كەپسىز، يامان ئوقۇغۇچىلارمۇ تىرىشچانلىق بىلەن بېرىلىپ ئۆگىنىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار جىددىي ئەمگەك داۋامىدا، پائالىيەتچانلىق روھىنى نامايەن قىلىپ، بورۇنقىغا قارىغاندا پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى قانداق قىلغاندا تاپشۇرۇقنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇندىيالايمەن دېگەنگە مەركەزلىشىدۇ.

2. بىر كېچە-كۈندۈز ئاران 24 سائەت تۇرسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقتى قەيەردىن كېلىدۇ؟

ۋاقىت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ئۇسۇل ۋە خاراكتىرىگە قاراش كېرەك. 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ستاژىغا ئىگە بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسى «سوۋېت ياشلىرىنىڭ ئەخلاق غايىسى » دېگەن تېمىدا بىر سائەت ئوچۇق دەرس ئۆتتى. دەرس قالتىس ياخشى ئۆتۈلدى. دەرس ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇپەتتىشلەر ئاز-تۇلا خاتىرە قالدۇرۇپ، دەرستىن كىيىن پىكىر بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، بىراق ، ئۇلار دەرسكە بېرىلىپ كېتىپ، خاتىرە قالدۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان. دەرستىن كىيىن ، قوشنا مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىسىدىن: « سىز بارلىق يۈرەك قېنىڭىزنى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا سىڭدۈرۈپسىز. ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىز غايەت زور تەسىرلەندۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەن. بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىدىكىز؟» دەپ سورىدى.

ھىلىقى تاىخ ئوقۇتقۇچىسى :

-مەن بۇ بىر سائەتلىك دەرسكە بىر ئۆمۈر تەييارلىق قىلدىم يەنى ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆمۈرلۈك ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ تەييارلايمەن،- دېدى.

بۇ جاۋاپ بىزگە تەلىم-تەربىيە ماھارىتىنىڭ بەزىبىر سىرلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلار ئەزەلدىن بوش ۋاقىت چىقمىدى دەپ ئاغرىنمايدۇ. ئۇلار ھەر بىر سائەتلىك دەرس ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تەييارلىق قىلىپ ماڭىدۇ.

بۇنداق تەييارلىقنى قانداق قىلىش كېرەك؟ كىتاب كۆرۈش، يەنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي كىتاب كۆرۈش، كىتاب بىلەن ئۆمۈرلۈك دوست بولۇش كېرەك. كىتابنى ئەتىدىكى دەرسكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ئېھتىياجنى ۋە بىلىمگە بولغان تەشنالىقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈش كېرەك. ئەگەر سىز تېخىمۇ كۆپ بوش ۋاقىتقا ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، دەرس تەييارلاشنى دەرسلىك كىتابقا ئۆلۈك ھالدا يېپىشىۋالىدىغان بىر خىل تېتىقسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماي دېسىڭىز ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇشىڭىز كېرەك. سىز دەرس ئۆتۈۋاتقان شۇ پەن ساھەسىدە ، مەكتەپنىڭ دەرسلىك كىتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاشۇ پەن ئاساسىي بىلىملىرىنى پەقەت ئەقەللىي ساۋات دەپ بىلىشىڭىز كېرەك. سىز ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىۋاتقان دەرسلىك كىتابتىكى ئاشۇ ئاساسىي ساۋات سىزنىڭ بىلىم دېڭىزىڭىزدىكى بىر تامچە سۇ بولۇشى كېرەك.

بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىكى يۈكسەك تەلىم-تەربىيە ماھارىتى دەل ئۇلارنىڭ كىتاب كۆرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزلىكسىز ھالدا بىلىم دېڭىزىنى تولۇقلىغانلىقىدىن پەيدا بولغان.

3. ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقتى بىلەن ئوقۇتۇش باسقۇچلىرىنىڭ ئۆز ئارا تەقەززالىقى

قەدىرلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكى ، ئوتتۇرا يىللىق (تولۇقسىز) ۋە يوقىرى يىللىق ( تولۇق ئوتتۇرا) سىنىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقىت خام چوت جەدىۋىلىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش جەريانىنى كۆزەتسەك ، مۇنداق خۇلاسە چىقىرالايمىز: بۇ يەردە ، ئاشۇ بىر قىسىم « قويرۇق ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەش» بىلەن توختاۋسىز ھەمدە بىھودە ھەلەك بولۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى يۇتىۋەتكەن.

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئوتتۇرا ۋە يوقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشنى ، بىلىم ئىگىلەشنى بىلمىگەنلىكىدە. باشلانغۇچ مەكتەپتە، سىز بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كىتابنى ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا پىكىر يۈرگۈزۈش، پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇشتەك ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قۇيىشىڭىز كېرەك. كىتاب كۆرۈش بىلەن تەڭ  پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن تەڭ كىتاب كۆرەلەيدىغان ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشتە ھەرگىز ئارقىدا قالمايدۇ ؛ ھالبوكى ، ئۆگىنىشتە ئارقىدا قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىسىلا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى ئاسان بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر كىتاب كۆرۈش ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم دۇنياسىغا بارىدىغان ئەڭ مۇھىم يولىغا ئايلانسا، كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇغۇچىغا دەرس تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇتقۇچى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى يىللىق سىنىپلاردىكى ئۆگىنىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش – بولماسلىقى ئۇنىڭ تۆۋەن يىللىق سىنىپتا خەتنى تېز ھەم چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يېزىشنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆگەنگەنلىكىگە ، ھەمدە بۇ خىل قابىليەتنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسىگە باغلىق. كىتاب ئوقۇش بىلەن خەت يېزىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇش بالىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەشتە تايىنىدىغان قورالىدۇر.

4. ئاساسىي بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلار خاتىرىسىگە چوڭقۇر ئورنىتىش

مەن مەكتەپتە ئىشلىگەن 30 يىل جەريانىدا ، نەزىرىمدە مۇھىم سىر بولۇپ تونولغان نەرسە _ بىر پېداگوگىكىلىق ئالاھىدە قانونىيەت دېسىمۇ بولىدىغان نەرسە بايقالدى، ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرا يىللىق ۋە يوقىرى يىللىق سىنىپلارغا چىققاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتا ئارقىدا قېلىشى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىلىمنىڭ «ئۇلى»  بولغان ئاساس بىلىملەرنى ئۆز خاتىرىسىدە ئۆمۈرۋايەت ئەستىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە چىڭ ساقلىيالمىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىدىن ئىبارەت.

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، پۇختا بىلىم ئۇلىنى قۇرۇش _ سىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەڭلا، بۇ ئۇل شۇنداق پۇختا بولسۇنكى ، سىلەرنىڭ سىنىپىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇندا ئۇل ئۈچۈن غەم يىمەيدىغان بولسۇن.

ئالدى بىلەن ئاساسلىق ئوقۇش-يېزىش قابىليىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىگىلىگەن ئوقۇش_يېزىش قابىلىيىتى ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە يوقىرى يىللىققا چىققاندىن كىيىنكى بىلىم ئىگىلەش قورالى بولۇپ قالىدۇ.

6. «ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار » خىزمىتى ھەققىدە

بىزنىڭ ئىجادىي تەلىم-تەربىيە خىزمىتىمىزدە ، «ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار» نىڭ خىزمىتىنى ئىشلەش «ھەزىم قىلىش تەس بولغان تاماق » بولۇپ، ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار باركى ، ئۇلارنىڭ دەرسنى چۈشىنشى ۋە ئەستە قالدۇرۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتى كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە ئارتۇق،  بۈگۈن ئۆگەنگەن نەرسىنى ئەتىسى ئۇنتۇپ قالىدۇ؛ ئۇنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن، دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن، 3 ،4 ھەپتە مۇستەھكەملەش مەشقى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

بۇ بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلارنى پەقەت ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دەرسنى يادلاش بىلەنلا چەكلەپ قويۇش ناھايتى زىيانلىق، بۇ خىل ئۇسۇل ئۇلاردا ئۆلۈك يادلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ قۇيۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ دۆتلەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستە ئۇلارنىڭ كىتاب كۆرۈش دائىرسىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت. ئىمكانقەدەر بۇ ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كىتاب ئوقۇتۇش لازىم.

«ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار» ئوقۇيدىغان كىتابلاردا چوقۇم شەيئىلەردىكى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە روھلاندۇرىدىغان نەرسىلەر بۇلۇشى كېرەك. خۇددى تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش ئارقىلىق مۇسكۈللارنىڭ بوشۇشۇپ كېتىشىنى داۋالىغىلى بولغانغا ئوخشاش، ئەجەبلەندۈرۈش، زوقلاندۇرۇش ئارقىلىق مېڭىدىكى   نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ قورۇلۇپ قېلىشىنى ، ھۇرۇنلۇق ۋە ئاجىزلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئوقۇغۇچىغا بىرەر قېتىممۇ دەرس تولۇقلاپ باققان ئەمەس. مەن ئۇلارغا پەقەت كىتاب كۆرۈش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشنىلا ئۆگىتىمەن.

ئېسىڭلاردا بولسۇنكى بالىلار ئۆگىنىشتە قېيىنچىلىققا قانچە كۆپ يولۇققانسىرى ، ئۇلار چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ كۆپرەك كىتاب كۆرۈشى لازىم. كىتاب ئوقۇش ئۇلارغا پىكىر قىلشىنى ئۆگىتىدۇ. پىكىر قىلىش بولسا زىھنى كۈچنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىتابتىن ئۇرغۇپ چىققان جانلىق ئىدىيە ئۆلۈك يادلاشتىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋاستىدۇر. ئوقۇغۇچى قانچە كۆپ پىكىر يۈرگۈزگەنسىرى، ئۇنىڭ تاشقى مۇھىتتا كۆرۈپ بىلەلمىگەن  نەرسىلىرى شۇنچە كۆپ بولغانسىرى ، ئۇنىڭ بىلىمنى ھېس قىلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئاسانلىشىدۇ.

12. قانداق قىلغاندا دەرستىن بۇرۇنقى ئالدىن سىناقنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئەقلىي  ئەمگىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ

ئۆتۈلگەن دەرسنى تەكرارلاشنىڭ ئۇڭۈشسىز ھالىتى مېنى كۆپ يىل ئازابلىدى. بۇ خىزمەتتە، دائىم ۋاقىت بىكاردىن بىكار ئىسراپ بولۇپ كەتتى . بىز ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مۇنداق بىر خىل ئەھۋالىنى ناھايتى پىششىق بىلىمىز: سوئال سورالغان ئوقۇغۇچى ئەمدىلا جاۋاب بېرىشكە باشلىغاندا، قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەلەك بولۇپ كېتىدۇ؛ جاۋاپ ئۆستىدە پىكىر يۈرگۈزگەنلەر پەقەت ئاز ساندىكى سوئال سوراپ قېلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. قانداق قىلغاندا سىنپتا سوئال سورالغاندا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى شۇ سوئال توغۇرلۇق پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتۈن سىنىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق توغدۇرغىلى بولىدۇ؟

كۇپىيە دەپتەر ئىشلىتىش بىر قوتقۇزۇش ئۇسۇلىدۇر. ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرغا قويغان سوئالىنى بارلىق ئوقۇغۇچىلار سوئال كوپىيە دەپتىرىگە كۆچۈرۋىلىپ، جاۋاپ يازىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۈزىتىدۇ.  ئەگەر مەلوم بىر ئوقۇغۇچىنى دەرسنى چوڭقۇر چۈشەنگەن چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلمەكچى بولسا، ئۇنىڭ كوپىيە دەپتىرىنى ئىلىپ كۆرسىلا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىنى تۇرغۇزۇپ جاۋاپ بەرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. چۈنكى ھەربىر ئوقۇغۇچى خۇددى دوسكىغا چىقىپ مەسىلە ئىشلىگەنگە ئوخشاش خىزمەت  قىلىدۇ.

 18. بىلىمنى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

ئوقۇش يېشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە ، پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقىنى ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆزىتىشكە ماھىر ئوقۇغۇچى پەن-تېخنىكا كىتابلىرىدىن تەسىرات ئېلىشنى بىر قەدەر ئاسان يىتىلدۈرەلەيدۇ. پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنى  ۋە پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرمىغاندا، بىلىمگە بولغان قىزىقىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى دەرسلىك كىتاب رامكىسىدىن بىر قەدەممۇ ئۇزۇپ چىقالمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا بىلىمگە بولغان قىزىقىش بار دېگىلى بولمايدۇ.

19. كىتاب ئوقۇش «ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان » ئوقۇغۇچىلارغا ئەقلىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم ۋاستە

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ئۆگەنگەن دەرسنى ناھايتى تەستە، ناھايتى ئاستا ھېس قىلىدىغان، چۈشىنىدىغان ۋە ئېسىدە قالدۇرىدىغان ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۇلار بىر خىل نەرسىنى تېخى چۈشىنىپ بولالماستىنلا ، يەنە بىر خىل نەرسىنى ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ؛ بىرسىنى ئەمدىل ئۆگىنىپ بولىشىغا ، يەنە بىرسىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئەمگەك دائىرسىنى تارايتىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە ئەكىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. بەزىدە، ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا : سىز دەرسلىك كىتابنى ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ، باشقا نەرسىلەرنى ئوقۇپ دىققىتىڭىزنى چاچماڭ دەيدۇ. بۇخىل قاراش تامامەن خاتا. ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىق ھېس قىلغانسىرى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەقلىي ئەمگەك جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى كۆپەيگەنسىېرى، ئۇ كۆپرەك كىتاب ئوقۇشقا شۇنچە مۇھتاج بولىدۇ: خۇددى سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ناچار نىگاتىپقا كۆپرەك ۋاقىت نۇر ئۆتكۈزۈش لازىم بولغىنىدەك، ئۆگىنىشتە ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىمۇ ئالاھىدە نۇرلۇق ئىلىم-پەن بىلىملىرى نۇرى بىلەن يورۇتۇلۇشقا مۇھتاج. دەرس تولۇقلاشقا تايانماي ۋە تۈگىمەس «ياردەم قىلىش» قىمۇ تايانماي، بەلكى كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش يەنە كىتاب ئوقۇشقا تايىنىش كېرەك. دەل مۇشۇ نۇقتا «ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

تىكاچېنكو دېگەن بىر مۇنەۋۋەر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇتۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ ئېمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالمىغان. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇ مۇۋاپىق ھالدا كىتاب ئوقۇشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا  ماھىر بولۇپ، كىتاب ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي كۈچ قابىليىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.  تىكاچېنكو 5-يىللىقتىن 10-يىللىققىچە دەرس بەرگەن بولۇپ، ئۇ دەرس بەرگەن ھەر بىر يىللىقلارنىڭ ھەممىسىدە بىردىن كىچىك كۇتۇپخانا بولۇپ، ئۇنىڭغا 100دىن ئارتۇق كىتاب قويۇلغان، بۇ كىتابلار ئېنىق ۋە كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلارلىق شەكىللەر بىلەن ، ئۇنىڭ قارىشىچە دۇنيادىكى ئەڭ قىزىقارلىق پەن _ ماتېماتىكىنى بايان قىلاتتى. ئەگەر بۇ كىتابلار بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى مەڭگۈ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولاتتى. بۇ كىتابلار  تىكاچېنكونىڭ قارىشىچە دۇنيادىكى ئەڭ قىزىقارلىق پەن بولغان ماتېماتىكىنى ئېنىق ۋە كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق بولغان شەكىللەر بىلەن بايان قىلاتتى.

مەسىلە شۇ يەردىكى ، كىتاب ئوقۇش بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. «ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان» ئوقۇغۇچىلار كىتابنى قانچە كۆپ ئوقۇغانسىرى ، ئۇنىڭ ئوي-پىكرى شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ئەقىل-پاراسەت كۈچى شۇنچە جانلىنىپ ماڭىدۇ.

ئەتراپلىق ئويلاش، ئالدىن كۆرۈش ئاساسىدا ئۆگىنىشتە ناچارراق ئوقۇغۇچىلارنى بىر قىسىم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى ئوقۇشقا تەشكىللەش ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك چوڭ بىر ئىش. ماھىيەتتە، مەكتەپ تۇرمۇشىدا «ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم ئوقۇتۇش» دەپ ئاتىلدىغان خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەل مۇشۇ يەردە.

20. قابىلىيەت بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك

قابىلىيەت بىلەن بىلىم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ، ئوقۇغۇچى بىلىم ئىگىلەشتىكى قورال بولغان بىر قىسىم قابىلىيەتنى تېخى ھازىرلىمىغان ئەھۋالدا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈگىمەس يېڭى بىلىملەرنى ئۇنىڭغا «تېزراق ئىگىلە، ھورۇنلۇق قىلما!» دەپ مەجبورى تاڭغانلىقىدا ئىپادلىنىدۇ،  بۇنداق ئوقۇغۇچى چىشى يوق ئادمنىڭ قاتتىق نەرسىنى پۈتۈنلا يۇتىۋالغاندىن كىيىن دەسلەپتە ئاشقازىنى بىئارام بولۇپ، كىيىن  ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ ھېچقانداق نەرسىنى يېيەلمىگىنىگە ئوخشايدۇ.

باشتا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىيەلمەسلىكىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ تېخى راۋان، چۈشەنگەن ھالدا كىتاب كۆرۈشنى ئۆگەنمىگەن ۋە كىتاب كۆرۈش بىلەن تەڭ پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگەنمىگەنلىكىدىن ئىبارەت، مانا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى، راۋان ھەم چۈشىنىپ كىتاب كۆرۈش (ھېسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە ئىچىدە ئوقۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماھارىتى مەسىلىسى يالغۇزلا ئاساسلىق مەدەنىيەت ئاساسى مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسخانىدا ۋە يالغۇز كىتاب كۆرگەندە مۇكەممەل لوگىكىلىق تەپەككۈر يۈرگۈزۈشدىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى.

ئومۇمەن، راۋان، چۈشىنى كىتاب كۆرۈشنى ئۆگىنەلمىگەن كىشىنىڭ بىلىملەرنى ئوڭۇشلۇق ئۆزلەشتۇرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. راۋان، چۈشىنىشلىك كىتاب كۆرۈش دېگەنلىك كۆز ۋە ئىدىيە ئارقىلىق جۈملىنىڭ بىرقىسىمىنى ياكى قىسقىراق بىر جۈملىنى بىراقلا ئەستە تۇتىۋىلىپ، ئاندىن كىتابتىن كۆز ئۈزۈپ، ئەستە قالدۇرۋالغان نەرسىنى يادقا ئوقۇپ چىقىش، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىكىر يۈرگۈزۈش، كۆز ئالدىدىكى ئوقۇۋاتقان نەرسە ئۈستىدىلا پىكىر يۈرگۈزۈپ قالماي، بەلكى ئوقۇۋاتقان ماتېرىيالغا باغلىنىشلىق بولغان كۆرۈنۈش، ئوبراز، تەسەۋۋۇر، پاكىت، ھادىسىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈش دېگەنلىكتۇر.

باشلانغۇچ مەكتەپتە كىتاب كۆرۈشنى چوقۇم مۇشۇنداق مۇكەممەل دەرىجىگە يەتكۈزۈش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق بىلىم ئىگىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىدىن راۋان ھالدا كىتاب كۆرۈش ماھارىتىنى قايرىپ قويۇپ، بىلىم ئېلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ.  تەپەككۈرى قالايمىقانلىشىدۇ. ، باغلىنىشسىزلىق، چالا-پۇلىلىق ۋە يۈزەكىلىك كېلىپ چېقىدۇ. بىر قىسىم 5-، 6- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى سۆزنى باغلاشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ. بۇ خىل سۆزلەر خۇددى ماقالىنىڭ يۇقىرى –تۆۋەن قىسمدىن چۈشۈپ قالغان ئايرىم سۆزلەرگە ئوخشاش  بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېقانداق باغلىنىش بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار سۆز جۈملىلەر ئارقىلىق ئۆز ئىدىيىسىنىڭ مەلوم  قىسمىنى ئىپادىلەشنى ئۇقمىغانلىقتىن ، ئۇنىڭ تىلىدا ئوڭغۇل-دوڭغۇللۇق پەيدا بولۇپ، سۆزى ئېنىق بولمايدۇ. بۇ خىل زېھنى كۈچ جەھەتتىكى «گەپ – سۆزىنىڭ ئېنىقسىزلىقى» دەل راۋان، چۈشىنىشلىك ھالدا كىتاب كۆرۈش ھەمدە كىتاب كۆرگەچ پىكىر يۈرگۈزۈش ماھارىتىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن كىلىپ چىققان.

24. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تۇرمۇشى توغرىسىدا

بۇ ـ  مەكتەپنىڭ پۈتۈن خىزمىتى بىلەن ئالاقىسى بار مەسىلە. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ دەرسلىك كىتابنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشقا مەجبور قىلىشنى ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قانداق قىلىپ باشقا پائالىيەتلەردىن بۇراپ ئۆزىگە جەلپ قىلىۋېلىشنىلا ئويلىسا ، ئۇ ھالدا، يۈكنىڭ ئېغىر بولۇپ كېتىشىدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرس ئوقۇش، دەرسلىك كىتاب، ئائىلە تاپشۇرۇقى ۋە نۇمۇردىن باشقا ھېچقانداق ئىشنى ئويلىمايدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ تەقدىرى نەزەردىن ساقىت بولىدۇ. ئوقۇغۇچىڭىزنى ھەرگىز مۇنداق تالىپ مىجەز قىلىپ قويماڭ. مەكتەپ پائالىيىتى ، كۆزىتىش ۋە ھەۋەس دائىرسىدىن باشقا ، ئوقۇغۇچىلاردا يەنە مول، كۆپ تەرەپلىمە زېھنى تۇرمۇش بولۇشى كېرەك. مەن تىلغا ئېلىۋاتقان زېھنى تۇرمۇش ئوقۇغۇچىنىڭ (دەرستىن سىرىتقى كىتاب) ئوقۇشىنى، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە كىتاب ئوقۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر سىز 5-سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولسىىز، چوقۇم ئوقۇغۇچىدا مۇشۇنداق مەنىۋى ئېتىياجنى يىتىلدۈرۈشنى ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قىلىڭ. سىز ئۆز ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلار كاتولىگىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇشۇ كىتابلارنىڭ ئۆز سىنىپىڭىزنىڭ كىچىك قىرائەتخانىسىدا بولۇشىغا ئامال قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر ئۆسمۈرلەرنىڭ ، ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتاب ۋە يازغۇچىسى بولمىسا، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئادمنى تەربىيلىمەكچى ۋە ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى يىتىلدۈرمەكچى بولغاندا ، مەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدىن باشلاپلا ئۆز ئالدىغا كىچىك كىتاب ساندۇقىنىڭ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتىم. ئوتتۇرا يىللىق ۋە يوقىرى يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساقلاۋاتقان كىتابى تەخمىنەن 100-150 پارچىغىچە يەتكەن. بۇ خۇددى بىر مۇزىكانتنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن چالغۇنى ئۆزى خالىغان چاغدا قولىغا ئالالمىسا ياشىيالمىغىنىغا ئوخشاش، بىر تەپەككۈر ئىگىسىمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇيالمىسا ھايات كەچۈرەلمەيدۇ.

ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى كىتاب دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇلاردا كىتابقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشتىياقنى يېتىلدۈرۈپ، كىتابنى ئۇلارنىڭ زېھنى تۇرمۇشنىڭ ماياكى قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا كىتابنىڭ قانداق ئورۇن تۇتقانلىقىغا باغلىق. ئەگەر ئوقۇغۇچىڭىز سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئۆزلىكسىز موللىشىۋاتقانلىقىنى (يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى ) ھېس قىلالىسا ھەمدە سىزنىڭ بۈگۈن سۆزلەۋاتقانلىرىڭىزنىڭ تۈنۈگۈن سۆزلىگەنلەرنى تەكرارلاش ئەمەسلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنسە، ئۇ ھالدا ، كىتاب ئوقۇش ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

53. ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگەنسىېرى قىيىنچىلىق ھېس قىلىدۇ؟

ئوتتۇرا ۋە يوقىرى يىللىقللارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنە ھەر كۈنى تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۈچۈن ئۈچ سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە ئولتۇرۇشقا مەجبور بولىۋاتىدۇ. مەكتەپتە ئالتە سائەت ئوقۇپ بولۇپ يەنە ئۆيدە ئالتە سائەت ئۆگىنىش قىلىش ئوقۇغۇچىلارنى ھالسىزلاندۇرىۋىتىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى خالىمايۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆگىنىشتە بەكمۇ قىينىلىپ كەتكەن.

ئۆگىنىش بىرخىل ئەمگەك، بەلكى ئېغىر ئەمگەك. بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئەمگەك سىڭدۇرمەي بولمايدۇ. لېكىن، ئۆسمۈرلەرنى ئەتىدىن كەچكىچە دەرسلىك كىتابنى غاجىلايدىغان، ئەستە تۇتۇش ماشىنىسىنى ئۆلگىچە ئىشلىتىدىغان قىلىپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەمگىكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك.

بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئوقۇغۇچىغا ئۆزى ئەركىن بىر تەرەپ قىلالايدىغان ۋاقىت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىغا مەكتەپتە دەرس ئاڭلاش ۋە ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىشلەشتىن باشقا ، ھەر كۈنى 4، 5 سائەت ئەركىن ۋاقىت بېرىش لازىم. ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن زېھنىي كۈچى يادلاپ ئەستە قالدۇرۇپ، ھەرقانداق دەرستە سورىلىدىغان سوئالغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ «مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان » كىتابلارنى ئوقۇش ۋە ئويلاش ۋقتى يۇق. بىراق مەكتەپ دېداكتىكىسىدا مۇنداق ئىنتايىن مۇھىم بىر قانونىيەت بار؟ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىش، بىلىش ئىھتىياجىدىن چىقىپ ئوقۇغان ماتېرىياللىرى ئىچىدە، ئەستە قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كۆرگەن ماتېرىياللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى قانچە قانچە چوڭ بولغانسېرى ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى شۇنچە قىيىنلىشىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەگەر بىز ئوقۇغۇچىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىمىز دېسەك، ئۇنىڭ ئوقۇيدىغان نەرسىلىرىنى ئۇنىڭدىن ئەستە قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ئوقۇتىدىغان نەرسىلەردىن ئىككى ھەسسە كۆپەيتىشىمىز كېرەك. يۇقىرى يىللىقلاردا ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرىدىغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن ئەستە ساقلاش تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەردىن 4، 5 ھەسسە ئارتۇق بولۇشى لازىم.

ئەگەر ئۆسمۈرلەر دەرسلىك كىتابتىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئوقىمىسا ، ئۇنداقتا، ئۇ دەرسلىك كىتابنىمۇ ياخشى ئوقۇيالمايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى باشقا كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسە، دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، باشقا جەھەتلەردىكى (ئىجادىي يوسۇندىكى ئەقلىي پائالىيەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئەمگەككە قاتنىشىش، گۈزەللىك پائالىيىتى) ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالايدۇ. ئەگەر بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىنى ھەقىقەتەن يەڭگىللىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدىكى يولنى ئېچىۋېتىشىمىز ، ئۇلارنى مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاب جازىسى ئالدىغا ئەۋەتىشىمىز، ئۇخلاپ ياتقان كىتابلارنى ياش ئەۋلادلارنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

ئوقۇغۇچىنىڭ زېھنىي تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي دائىرىسى ۋە خۇسۇسىيىتى ناھايتى زور دەرىجىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەربىيلىنىشى ۋە قىزىقىشىغا ، ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە نەزەر دائىرسىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسىگە باغلىق. ئۇ يەنە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ قىشىغا قانچىلىك نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكى ، ئوقۇغۇچىغا قانچىلىك نەرسە ئۆگەتكەنلىكى ،  شۇنداقلا ئۆزىدە يەنە قانچىلىك نەرسىنىڭ ئىشىپ قالغانلىقىغا باغلىق. بىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئەڭ چوڭ خەتەر زېھنى كۈچنىڭ ئاجىزلىشىشى ، مەنىۋى بايلىق زاپىسىنىڭ نامراتلىقىدۇر.

قىسقىسى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىنى يېنىكلىتىشنىڭ مۇھىم يولى زېنىي تۇرمۇشنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، چوقۇم بىلىم بىلەن ئىقتىدارنىڭ بىر-بىرىدىن ئاجراپ كېتىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش لازىم. ئوقۇغۇچى كىتاب ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىۋالسا ، بىلىم ئېلىشقا قارىغۇلارچە ئۆلۈك يادلىماستىن ، بەلكى بىر تەرەپتىن تەپەككۈر قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ماتېرىيالغا لوگىكىلىك تەھلىل يۈرگۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ، ئوقۇغۇچىلار ئون مىنوتتىن ئون بەش مىنوتقىچە تارىخ، بىئولوگىيە ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق كىتابلاردىكى تۆت ، بەش بەت مەزموننى ئىگىلىۋالالايدۇ.

ئوقۇغۇچىغا كىتاب ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەپەككۈر قىلىشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟ بۇ ئۇزۇن مۇددەت مەشىق قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، باشلانغۇچ مەكتەپتە قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرۋىلىش مۇمكىن ئەمەس.  شۇڭا باشلانغۇچ مەكتەپتە ، ھەر كۈنى ئەڭ ئاز دىگەندە يېرىم سائەت يېڭى تېكىستنى ھېسىياتلىق ، چۈشىنىشلىك قىلىپ دېكلاماتسىيە قىلىش لازىم. چوقۇم ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كىتاب ئوقۇش بىلەن بىرگە تەپەككۈر قىلىشىنى، تەپەككۈر قىلىش بىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خەتنىمۇ رەتلىك، تېز، راۋان يېزىش كېرەك. ئوقۇغۇچى چوقۇم يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا پىكىر يۈرگۈزۈشنى ، بىر تەرەپتىن يېزىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاش، شۇنداقلا ئاڭلىغان نەرسىنىڭ مەزمونىنى مۇلاھىزە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ خىل يېرىم ئاپتوماتىك يېزىش ئەھۋالى ئاستىدا ، ئوقۇغۇچى ئاندىن ھەرخىل قائىدىلەرنى ئويلاپ، بۇ قائىدىلەرنى ئاڭلىق ھالدا ئىشلىتەلەيدۇ ۋە ئۆزىنى تەكشۈرەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىملادا  ئۆتەلمەسلىكى» نىڭ سەۋەبى دەل بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىگىلىمىگەنلىكىدە.

55. قانداق قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆگىنىشىنى خالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟

ئوقۇغۇچىنى ئەقلىي ۋە رھىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇنى بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش ۋە بىلىم ئىگىلەش ئارزوسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

بالىلارنى كۈچلۈك ئۆگىنىش ئىشتىياقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنى چوقۇم مول مەزمونلۇق ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئەقلىي تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش كېرەك. بىزنىڭ دائىم كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە تېگىشلىكى شۇكى، بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى دوسكا بىلەن ئېلىپبەگە چىرماپ قويماسلىق، دەرسخانىنىڭ تۆت تېمى ئارقىلىق ئۇلارنى رەڭگارەڭ دۇنيادىن ئايرىۋەتمەسلىك لازىم، چۈنكى دۇنيادىكى سىرلار تەپەككۈر ۋە ئىجادىيەتنىڭ تۈگىمەس مەنبەسىدۇر. بىز بالىلارنى خۇشاللىق بىلەن ئۆگەنسۇن دېسەك، ھەرگىزمۇ مەكتەپتە دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇللار بىلەنلا بالىلارنىڭ ئەقلىي تۇرمۇشىنى چەكلەپ قويماسلىقىمىز لازىم. يەنى ئۇلارنى ھەدەپ ئەستە قالدۇرۇش ، يادقا ئېلىش ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىلىمنى قايتىلاشقا مەجبۇرلىماسلىقىمىز لازىم.

ئەگەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مول ئەقلىي تۇرمۇشقا ئىگە قىلماقچى بولساق، چوقۇم پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن ئەستە قالدۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئالدى بىلەن بالىلارنى ئويلاشقا، پائال تەشەببوسكارلىق بىلەن بىلىم ئېلىشقا ، ھەقىقەتنى ئىنچىكىلەپ ئىزدەشكە، بىلىم دۇنياسىدا، سەيلە قىلىشقا ماھىر قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ، ئۇ ياخشى ئوقۇغۇچى بولالايدۇ.

بىزنىڭ مەكتىپىمىزدە بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۇلار مەكتەپكە كىرىشتىن بىر يىل بۇرۇن (يەنى تەييارلىق سىنىپ) لا باشلىنىدۇ. بالىلار ئىنتايىن قىزىقارلىق بولغان پىكىر يۈرگۈزۈش دۇنياسىدا ياشايدۇ. بىز بۇ ئوقۇش يىشىدا توشمىغان بالىلارنى «تەپەككۈر دەرسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە پائالىيەتكە قاتناشتۇردۇق. ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل پائالىيەت تەپەككۈر بۇلىقىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت.بىز بالىلارنى باغچىلارغا، ئورمانلارغا ۋە سۇ بويلىرىغا ئېلىپ باردۇق. ئارىستوتىل تەپەككۇر ھەيران قىلىشتىن باشلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بالىلارنىڭ تاشقى ئالەمدىن ئېرىشكەن ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزى بايقىغان نەرسىلەرگە بولغان ھەۋىسى ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش، ھەقىقەتنى تونۇش ئارزۇسىنىڭ مەنبەسى.

تەپەككۈر بىلەن ئەستە تۇتۇش ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تەبىئەت دۇنياسىغا بېرىپ بىر قاتار مۇشۇنداق تەپەككۇر دەرسلىرىنى ئۆتۈش زۆرۈر. زېھنىي كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەنلىك بىلىمنى ھەركەتلەندۈرۈش، ئىشلىتىش دېگەنلىكتۇر. ئۈمىدۋارلىققا تولغان كەيپىيات بىلەن ئۆز-ئۆزىنى بىلىش بالىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشىدىكى ئالدىنقى شەرت.

بىر گۆدەك بالا دائىم ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىلىمنى ئەمەلىي ئىشلىتىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ تاشقى مۇھىتقا بولغان بۇ خىل پوزىتسىيىسىنى ئۆزىگە ۋە كىتابقا يۆتكەپ كېلەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى بېرىلىپ ئۆگىنىدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىلىدىغان كىتابخان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. بۇ بالىلارغا پەقەت راۋن دېكلاماتسىيە قىلىشنىلا ئۆگىتىش بىلەن ئوخشىمايدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىي تۇرمۇشى كىتاب بىلەن ئۆتكەن چاغدىلا ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئارزوسى ئاندىن تىكلىنىدۇ.

ھازىر كىتابلار باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرى (كىنو، تېلۋىزور، ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرى  قاتارلىقلار) بىلەن رىقابەتلىشىش ھالىتىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇدەك ياخشى كىتابلار بار ئورۇنلاردىمۇ ، كىتابلار ئۆز ئورنىدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن.

بىزنىڭ قارىشىمىزچە ، مائارىپچىلارنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ، بۇنداق رىقابەتتە ، كىتابنى باشتىن –ئاخىر غالىبلارغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەققىل كىتاب ئوقۇشى، ئەقلىي ، ئەخلاقى، گۈزەللىك تەرەققىياتىدا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. مۇستەققىل كىتاب ئوقۇشنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشتا قانداق ئورۇندا تۇرۇشى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئىمكانقەدەر ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بالىلىق دەۋرىدە، تەبىئەت دۇنياسىغا ، ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىغا ، خەلقنىڭ ۋەتەننى قوغداش، گۈللەندۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ۋە پەن ، مەدەنىيەت ، ھەمدە مائارىپقا دائىر نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشىمىز كېرەك.

ئەگەر ئادەمدە بالىلىق دەۋرىدە كىتاب ئوقۇشتىن ھېس قىلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇشاللىق بولمىسا ، مۇكەممەل تەربىيىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. كىتاب ئوقۇش شۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنالايدۇكى، كىشىلەرنىڭ قەھرىمان شەخسلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنى دورىغان چېغىدا ئۆزىنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ، ئۆز قىلمىشىنى ۋە ئادەمگەرچىلىكىنى بەلگىلىك ئەخلاق ئۆلچىمى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ. كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش چوقۇم ئوقۇغۇچىنىڭ بىر خىل زېھنىي كۈچ ئېھتىياجىغا ئايلىنىشى لازىم. بۇ نۇقتا تەپەككۇر ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تەپەككۇر ساپاسى بولمىسا، ئۆگىنىشكە بولغان ئىنتىلىش ۋە ئۈزلىكسىز يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەش ئارزوسىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قوزغالغان تەپەككۇر تاختىلانغان ئېتىزغا ئوخشاش  بولۇپ، بىلىم ئۇرۇقى چېچىلسىلا مول ھوسۇل بېرىدۇ. كىتاب ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزەلىگەنلىكتىن ، ئوقۇغۇچى پروگراممىدا بەلگىلەنگەن دەرسنى تېخىمۇ ئاسان ئىگىلەيدۇ. بالىلارنىڭ كىتاب ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى قانچە كۆپ بولغانسېرى ، ئۇنىڭ قەلبىدە كىتاب ئويغاتقان سۆيۈش تۇيغۇسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئۆگىنىشى شۇنچە ئاسانلىشىدۇ.

ئىجادىيەت پائالىيىتى بىر مۇكەممەل بالىلار كوللىكتىپىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يەردە ئالدى بىلەن تىل ئىجادىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەكتىپىمىزنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى داۋاملىق بالىلار ئىجادىيىتى بۇيىچە ئەتىگەنلىك يىغىن ئاچىدۇ. بالىلار ئۆزىنىڭ يازغان ھېكايە ۋە شېئىرلىرىنى ئوقۇيدۇ.

بىز ئامالنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىنىڭ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. بىر بالا 2، 3 ئاي ئىچىدە ئەقلىي ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرمىسە ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش ئىستىكى يوقايدۇ، چۈنكى ئەمەلىيەتتە ئەمگەكنىڭ ئۆزىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئارزوسىنىڭ مەنبەسى جىددىي ئەقلىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشىدا.

تەجىرىبىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ تەجرىبىسىدىكى ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلە قانداق قىلىپ ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئەمگەك نەتىجىسىنى كۆرسىتىش ۋە پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئەمگەكچىنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بەزىدە ، بىر بالىنى غەلىبە چوققىسىغا باشلاپ چىقىش ئۈچۈن، 1، 2 ھەپتە ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دۇرۇس، بىزنىڭ خىزمىتىمىز ناھايتى چوڭ سەۋرچانلىق ۋە بالىلارنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچىگە بولغان چوڭقۇر ئىشەنچ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

61. ئۆسمۈرلەرگە ئوقۇشنى چوقۇم ئۆگىتىش كېرەك

ئۆسمۈرلەرگە چوقۇم ئوقۇشنى ئۆگىتىش كېرەك. نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار بالىلىق چاغلىرىدا ئەقىللىق ، ئۆزلەشتۇرۇش  ئىقتىدارى كۈچلۈك، تىرىشچان ، ئەمما ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغاندا ئەقلىي قابىليىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ بىلىمگە سوغۇق پوزىتسىيە تۇتىدىغان ، ھەتتا مېڭىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئوقۇشنى بىلمىگەنلىكىدە! ئادەمنىڭ مېڭىسى مۇرەككەپ بىر پۈتۈن نەرسە ، ناۋادا ئۇنىڭ بىر قىسمى يىتىلمىسە، ئۇھالدا مېڭىنىڭ بارلىق پائالىيىتىگە توسالغۇ بولىدۇ. چوڭ مېڭىدىكى ئىككى يېرىم شارچىنىڭ پوستىلىقىدا ، ئوقۇشنى باشقۇرىدىغان رايونلار بولىدۇ، ئۇلار مېڭىنىڭ بىر قىسىم ئەڭ ھەرىكەتچان، ئىجادچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بۆلەكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ناۋادا ئوقۇشنى باشقۇرىدىغان رايونلاردا ئۆلۈك دائىرە پەيدا بولۇپ قالسا، پوستىلاق قەۋەتتىكى بارلىق فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىيات توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ناۋادا بىر ئادەم ئۆسمۈر چاغلىرىدا كۆز ۋە تەپەككۇرى بىلەن جۈملىنىڭ لوگىكىلىق مۇكەممەل جايلىرىنى ۋە پۈتكۈل جۈملىنى ئىگىلىيەلمىسە ، كېيىن تېخىمۇ ئۆگىنەلمەيدۇ.

بەزى ئۆسمۈرلەر ئائىلە تاپشۇرۇقىغا بەك كۈچ سەرپ قىلمايدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئانچە ناچار ئەمەس. بۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇ ئوقۇغۇچىلاردا تۇغما ئىقتىدارنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، كۆپىنچە ، ئۇلاردا بىر قەدەر ياخشى ئوقۇش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدىن. ياخشى ئوقۇش ئىقتىدارى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىشىنىڭ يېرىم ئاپتوماتلاشقان جەريانىغا ئايلىنىشغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بىر يۈرۈش يېزىقچىلىق مەشقى سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىشى ، ئۆسمۈرلەرگە بۇ خىل پەندە دائىم قوللىنىلىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ يېزىلىشىنى دائىم مەشىق قىلدۇرۇشى كېرەك. بىز يەنە ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ دىققەت –ئىتىبارىنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن يازالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

63. ئوقۇغۇچىلار پىكىر يۈرگۈزۈش دۇنياسىدا ياشىسۇن

ئەڭ قورقۇنچلۇق خەۋپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ھېچ ئىش قىلماسلىقى، ھەتتا كۈنلەپ، ئايلاپ، يىللاپ ھېچ ئىش قىلماي، ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتۈزۈۋېتىشى، بۇنداق بولسا ئادەم تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. مەيلى ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە، ئوقۇتۇش زاۋۇتىدا ياكى مەكتەپ تەجرىبە مەيدانىدا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسە مۇھىم ساھەدە قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىسىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بېرەلمەيدۇ. بۇ مۇھىم ساھە دەل پىكىر يۈرگۈزۈش بولۇپ، ئادەم ئەڭ ئاۋۋال پىكىر يۈرگۈزۈش ساھەسىنىڭ ئەمگەكچىسى بولۇش كېرەك.

قانداق قىلغاندا جىددىي ، كۆڭۈللۈك ئەقلىي ئەمگەكنى مەكتەپتە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟ نۇرغۇن مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۈق سەۋەنلىكى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق كۈچىنى پاسسىپ ھالدا بىلىم ئىگىلەشكە قاراتقانلىقى _ ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەللىم سۆزلىگەن تەييار نەرسىلەرنىلا ئەستە تۇتۇشقا، كىتابنى ئۆلۈك يادلاشقا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئىبارەت. ھەقىقىي مەكتەپ ئاكىتىپ پىكىر يۈرگۈزۈش دۇنياسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بىز بىر ئوقۇغۇچىغا دەرسلىك كىتابتىن ئون بەت ئوقۇپ كېلىشنى ئورۇنلاشتۇرساق، باشقا قىزىقارلىق پەننىي كىتاب ۋە ژۇرناللاردىن يىگىرمە، ئۇتتۇز، قىرىق بەت ئوقۇسۇن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بۇلارنى ئەستە ساقلىشى ياكى يادلىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پىكىر يۈرگۈزۈش، بىلىش ياكى يادلىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پىكىر يۈرگۈزۈش، بىلىش، بايقاش ۋە قىزىقىشىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ ئوقۇغۇچى ئاندىن پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان ئەمگەكچى بولالايدۇ.

پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىنىڭ تەخمىينەن ئۈچتىن بىر قىسمى دەرسلىكلەرنى ئوقۇشقا، ئۈچتىن ئىككى قىسمى باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا سەرپ بولىدۇ. چۈنكى پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەل قىلغۇچ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، دەرسلىكتىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا باغلىق.

ئوقۇغۇچىلار پىكىر يۈرگۈزۈش دۇنياسىدا ياشىسۇن. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزۈل نەرسە نامايان بولىدۇ!

ئۇنداقتا ، قانداق قىلغاندا پىكىر يۈرگۈزۈش پائالىيىتىنى مەكتەپتە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكۈزگىلى، قانداق قىلغاندا پىكىر يۈرگۈزۈش، بىلىش، بايقاش، چۈشىنىش ۋە ئىنتىلىشنىڭ ئېھتىياجىنى ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنىۋى ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەقىل-پاراسەت ئىشلىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ھەر بىر ياش يۈرەكتە بىلىمگە ئىنتىلىش، تىرىشچانلىقنىڭ پوروخلىرى بولىدۇ، پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىدىيىسىلا بۇ پوروخقا ئوت ياقالايدۇ. پەقەت ئوقۇتقۇچىلا تەپەككۈردىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ نەقەدەر گۈزەل، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىزىقارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بالىلارغا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. پەقەت ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتەلىگەن، پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئۆزىنى ئىپادىلىيەلىگەن، پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىيەلىگەن،  بويسۇندۇرالىغان ۋە  قايىل قىلالىغاندىلا، ئاندىن ياش يۈرەكلەرنىڭ بويسۇندۇرغۇچىسى، تەربىيلىگۈچىسى ۋە يىتەكلىگۈچىسى بولالايدۇ. ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەم پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر ئوقۇتقۇچىلا، دەرسخانا تەرتىپىنى ساقلاش قۇودرىتىگە ئىگە بولىدۇ، بالىلار، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر، ياشلارنى ئۆزىنىڭ ھەر بىر سۆزىگە قارىتالايدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە نۇمۇس كۈچىنى ئۇرغىتالايدۇ، مۇشۇ خىل كۈچ-قۇدرەتلا زور ئىناۋەت تىكلىيەلەيدۇ.

76. ئۆگىنىشتە قىينالغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

خۇددى دوختۇر كېسەل ئادەمنىڭ بەدىنىنى كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرۈپ، كېسەلنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ داۋالىغانغا ئوخشاش، ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ زېھنىي ، ھېسسىي ۋە ئەخلاقىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆڭۈل قويۇپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتە قىينىلىشىدىكى سەۋەبنى تېپىپ چىقىپ، شەخسىي ئالاھىدىلىك ۋە ئايرىم قىيىنچىلىقلار كۆزدە تۇتۇلغان تەربىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

بالىنىڭ ئۆگىنىشتە قىينىلىپ ، باشقىلار قوبۇل قىلالىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالماسلىقى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر ياشتىن يەتتە، سەككىز ياشقىچە بولغان ئاشۇ مەزگىلدە، دەل بالىنىڭ مېڭىسى دۆتلىشىپ كەتكەن. ئەگەر تەربىيىچى بۇ ۋاقىتتا بۇ نۇقتىنى تېخى كۆرۈپ يەتمىگەن، بالىنىڭ زېھنىي تەرەققىياتىنىڭ نورماللىقتىن قېيىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىمىغان بولسا، بالىنىڭ شۇنىڭدىن كىيىنكى ئەقلىي تۇرمۇشىدا دۇچ كىلىدىغان قىيىنچىلىقلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

بىز ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۆگىنىشتە قىينالغان ھەربىر بالىنى _ مەيلى ئۇ قايسى دەرىجىدە كېچىكىپ كەتكەن بولسۇن _ پۇقرالىق ، ئەمگەك ۋە مەنىۋى تۇرمۇش يولىدا قەددىنى كۆتۈرەلەيدىغان قىلىشنى ئونتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

ئەقلىي تەربىيە ئادەمنىڭ روھىي قىياپىتى ، ئەخلاق قىياپىتى ۋە پۇقرالىق پەزىلىتى جەھەتتە يىلدىن يىلغان تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. مەكتەپتە ئۆزىنىڭ ياخشى ئوقۇيالمىغانلىقىدىن ھېچنىمىگە يارىمايمەن دەپ ئويلايدىغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. ياش قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ياشلار ئارىسدا قانونغا خىلاپ ئىشلار يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتە باشقىلاردىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلى ئازابلانغانلىقىدىن ئىبارەت.

بىزنىڭ ئوقۇغۇچىمىز _ ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان ئوقۇغۇچىمىز كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ، ئۇ بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن ئىجادىي ئەمگەكتىن، مۇھاكىمە، بىلىمدىن ئايرىلغان بەختنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىلمەسلىكتىن بىلىشكىچە بولغان يول ئىنتايىن مۇرەككەپ، ھەر بىر بالا بۇ يولنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق باسىدۇ. بەلكىم بىر بالا ئۈچۈن بۇ يولدا كۆپ قىيىنچىلىق بولمىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر بالىغا قايتا-قايتا ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ئامالسىز قالىدۇ. ھالبوكى ، بالا قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، ئۇ چوقۇم مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك. كىتاب ئۇنىڭ خۇشاللىق مەنبەسىگە ئايلىنىشى ، تىل ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا كىرىپ ، ئۇنىڭ شەخسىي بايلىقىغا ئايلىنىشى كېرەك.

ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش كۈچىنىڭ ئاجىز، كاللىسىنىڭ گاللىقى ، كۆپىنچە، ئۇلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش ۋە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش روھىنىڭ كەمچىللىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ توسقىلى بولمايدىغان بۇ خىل ھەۋىسى ۋە بىلىمگە ئېرىشىش ئارزوسى، تەبىئەت سىر ئالدىدىكى (بۇلۇپمۇ تاشقى ئالەمنىڭ گۈزەللىكى ئالدىدىكى ) ھەيرانلىق ۋە زوقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توغما ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۇلار باشقىلاردىن ئۆگەنگەن. بۇ دەل ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ ئادەمنىڭ نورمال تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر بىر بالا بىر ھەرىنى تامىنىڭ تۆشۈ كىگە كىرىپ كەتكىنىنى كۆرسە ھەيران بولغان ھالدا: ئۇ نېمىشقا ئۇيەرگە كىرىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭ ھەيران بولۇشى ئۇ تۇغۇلغاندىلا بىللە تۇغۇلغان ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيراق قېلىش ۋە سوئال سۆراشنى ئۆگەتكەن. بالىلاردىكى ھەۋەسنىڭ يىلتىزى بىز چوڭلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا نەرسە، شەيئى، ھادىسىلەرنى ئۆزلۈكسىز ھالدا نامايەن قىلغانلىقىمىزدىن ئىبارەت. بىز بالىلارنى ئالدىدا كۆرسەتكەن نەرسە، شەيئى، ھادىسىلەر قانچە كۆپ بولغانسىرى، ئۇنىڭدا شۇنچە كۆپ سوئال پەيدا بولۇپ، ئۇ شۇنچە ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. بالىدا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا گۈزەللىكتىن ھەيران قىلىش ۋە زوقلىنىش، ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىككى قولىنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىش پەيدا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ پرىزمىسى بولۇپ، تاشقى ئالەمدىكى ئۇچۇرلار شۇ ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

مەكتەپتە ئىشلىگەن 36 يىل مېنى شۇنڭغا چوڭقۇر ئىشەندۇردىكى ، باشلانغۇچ مەكتەپتە بالا ئوقۇتۇشتا، ئالدى بىلەن ئۇلارغا دۇنيانى كۆزىتىش ۋە بايقاشنى ئۆگىتىش كېرەك. سىلەر 1-يىللىقتىن 4-يىللىققىچە بولغان ئوقۇتۇش ۋە تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىپ بېقىڭلار: بالا ئۆزىنىڭ مۇستەققىل تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قايسى نەرسىلەرنى كۆردى ۋە بايقىدى؟ گۆدەك بالىنىڭ تەپەككۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆرۈش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى تەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى بېيىتىش لازىم.  مائارىپچىنىڭ ۋەزىپىسى بالىلارغا شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ ئىنچىكە پەرق ۋە ئۆزگىرىشلەرنى سەزدۈرۈپ، ھەرخىل سەۋەب-نەتىجە باغلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلغۇزۇشتىن ئىبارەت.

ئەقىل-پاراسەت تەربىيىسىنىڭ باشلانغان ۋاقتى بالىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىن قانچە يىراق بولسا، بۇ بالىنى تەربىيلەش شۇنچە تەس بولىدۇ. ئەپسوسكى بۇ نۇقتىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنتۇپ قالغان. بەزى ئاتا-ئانىلار ئەزەلدىن ئوقمايدۇ. ئوقۇش يىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار مائارىپىدىكى بىر تولىمۇ خەۋىپلىك نوقسان بالا تۇرغان تاشقى مۇھىتنىڭ ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزوسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت.

بۇنىڭدىن تېخىمۇ يامان ئەھۋال _ بالىنى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش مۇھىتىدىن مەھروم قىلىش.

ئەقىللىق، تەجرىبىلىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان نەچچە يىل، بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەپەككۇرنى چىنىقتۇرىدىغان بىر مەكتەپتۇر. ئوقۇتقۇچى بۇ بالىلارنى دائىم تەبىئەتكە، دالىلارغا، ئورمانلىققا، دەريا بويلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار زاۋۇتتىكى سېىخلارغا ، تەجرىبىخانىلارغا ، پىششىقلاپ ئىشلەش مەيدانلىرىغىمۇ ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەرلەردە ھەۋەسمەن، تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ھەر ۋاقىت سوئال تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ؛ نېمە ؟ قانداق؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئوقۇتقۇچى خۇددى بالىلارغا تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرگەنگە ئوخشاش، سەۋەب-نەتىجە باغلىنىشىنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئويغىتىدۇ. بۇ ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم سەۋرى – تاقەت بىلەن ئىشلەيدىغان خىزمەت. ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە خىزمىتى دەل تاشقى ئالەمدىكى نەرسە، شەيئى ۋە ھادسىلەرنى تەپەككۇر ۋە ھېسىياتنىڭ قىرلىق ئەينىكى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئويقىدا ياتقان مېڭىسىنى ئويغىتىدىغان بىر خىل غىدىقلىغۇچىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بالىلارنى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش زېھنىي تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بالا ئۈچۈن ، خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش زۆرۈر.

توختىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى ، ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بالىلارنى قابىلىيەتلىك بالىلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاپ ئۆگەنگەندە، ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە سەۋرىچان بولۇش كېرەك. بۇ خىل بالىلارغا بىر ئېغىز گەپ، بىر قول ئىشارىتى بىلەن مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭ ئىستىقبالدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرماسلىق لازىم. ھەر بىر سائەت دەرستە، ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىلىش يولىدا كۆزگە چىلىقمايدىغان دەرىجىدە بولسىمۇ بىر قەدەم بېسىشى كېرەك. سىز ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بالىلارنىڭ بىر نەچچە ھەپتە، ھەتتا بىر نەچچە ئايغىچە سىنىپتىكى زور كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىشىدىن قورۇقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئۇنىڭغا مەخسوس شۇنىڭ ئۈچۈن تاللىغان تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەتكۈزۈپ، نەتىجىسىگە باھا بېرىڭ. تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، بوشاشمىسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەۋرىچان بولسىڭىز، ئوقۇغۇچىنىڭ زېھنىي ۋاللىدە ئېچىلىپ كېتىدىغان مىنوتلار چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ.

79. تەلىم-تەربىيە ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەربىيلەش

ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ۋە ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى كىشىلەرنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيە جەھەتلەردىن ئۆزىنى يىتىلدۈرۈش مەزگىلى. بىر ئۆسمۈر تاشقى ئالەمنى ئىنچىكىلىق بىلەن تەتقىق قىلىپلا قالماي، بەلكى، ئۆزىنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغاندا، ئەتراپتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەر بىلەن تۇنۇشۇپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەنمۇ تىرىشىپ تۇنۇشقاندا، ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ چىقالىغان چېغىدىلا ، ئاندىن بىر ھەقىقىي ئادەم بولۇپ چىقالايدۇ. بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلىشىدىن ئىبارەت.

مائارىپچىلارنىڭ پۈتۈن دىققەت – ئېتىبارى تاشقى مۇھىتتىكى بىلىم، ئىلمىي ھەقىقەت ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە قانداق قىلىپ كۆپرەك قۇيۇپ قويۇشقا مەركەزلەشكەن. ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن شەيئى ۋە بىلىم بىلەن تونۇشقان بولسىمۇ، لىكىن ، ئۆزىنى چۈشەنمەيدۇ. بىلىش كېرەككى ، ئەخلاق ئۆلچىمى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىنتىلىشى بىلەن ئېرىشىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە مۇستەققىل خۇسۇسىي ئېتىقادىغا ئايلانغان چېغىدىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقىي مەنىۋى بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ.

مېنىڭچە ، پەقەت ئوقۇغۇچىنى ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەشكە قوزغىتالايدىغان تەلىم-تەربىيىلا ھەقىقىي تەلىم-تەربىيىدۇر.

بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۆز – ئۆزىنى تەربىيىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەنىۋى نامراتچىلىققا گىرىپتار بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھەقىقىي كىتاب ئوقۇشنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدۇر. ھەقىقىي كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ پۈتكۈل زېھنىي ۋە قەلبىنى ئىگەللەپ، ئادەمنى تاشقى ئالەمنى ۋە ئۆزىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشقا، ئىنسان روھىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئىنچىكە كۆزىتىشكە ۋە چۈشىنىشكە، ئۆزىنىڭ تەقدىر ۋە ئىستىقبالىنى ئويلاشقا مەجبورلايدۇ. قانداق قىلغاندا ياخشى كىتابلارنى ئۆزىنى تەربىيلەشنىڭ ۋستىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئۆسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىش لازىم.

ئوقۇغۇچىلار كىتاب ئوقۇشتا مەخسوس خاتىرە تەييارلاپ خاتىرە يازىدىغان، خاتىرە يېزىش جەريانىدا ئۆزى بىلەن كۆڭلىدە سۆھبەتلىشىدىغان بولۇشى كېرەك.

ئوقۇتقۇچى ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارغا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك. مۇھىمى، كىتاب ئوقۇشنى تەدرىجىي ھالدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئېھتىياجىغا ، ئۇلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشىنى ئۇرغۇتىدىغان خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.

بىز جاپالىق تىرىشىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۆزىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن قانداق قىلىپ مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.

80. «سۇ مەنبەسىنىڭ پاكىزلىقى»نى ساقلاش كېرەك

قورقۇنۇچلۇق مەنىۋى تۇتۇرۇقسىزلىق، ھاياتنىڭ بىر خىل قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەسلىك - مانا بۇ ، جىنايەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان نەرسىدۇر.

ئەگەر بىر ياش گىراژدان بالىلىق چېغىدىلا ناچار قىلىقلارنى كەمسىتمىسە، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى خالىمايدىغان بولسا، ئۇنىڭدا ياخشى ئادەم بولۇش ئىرادىسىنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

چاكىنا قىلىقلارغا بوشاشماي تاقابىل تۇرۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىشنى ئالدى بىلەن ھۇرۇنلۇققا، بىكار تەلەپلىككە، لاغايلاپ كۈن ئۆتۈزۈشكە قارشى تۇرۇشتىن باشلاش كېرەك. ھۇرۇنلۇق بارلىق گۇناھلارنىڭ ئانىسى.

بىر ئادەمنىڭ ئەمگەكچى، كۈرەشچى، كەلگۈسىدىكى جەڭچى، كەلگۈسىدىكى ئەر ۋە دادا ئېڭىغا ئىگە ھەقىقىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن، ئۇ 14-15ياشقا كىرگەندە ، ئۆزىنىڭ روھىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا مول مەنىۋى بايلىق بولۇشى، يەنى كېچىنى كۈندۈزگەئۇلىغان ھالدا بىر-ئىككى يۈز پارچە كىتاب ئوقۇغان بولۇشى ، بۇ كىتابلار ئۇنىڭغا روھىي ئىلھام بېرىدىغان بولۇشى كېرەك.

ئەگەر بىر ياش بىلىم ئېلىشنى ئويلىمىسا، بۇ، ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بەختسىزلىك، ئائىلىنىڭمۇ، مەكتەپنىڭمۇ، جەمئىيەتنىڭمۇ بەختسىزلىكىدۇر! بىر ئادەمنىڭ بىلىمگە ئىنتىلمەسلىكى خۇددى ئۆزىنى كۆرۈنمەس تۆمۈر قەپەسكە سولىۋېلىپ، كەڭ جاھاندىن ئايرىۋەتكەنگە ئوخشاش، بۇ كۆرۈنمەس تۆمۈر قەپەس كېيىنكى كۈندە ھەقىقىي تۈرمىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

مەكتەپتىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشتىكى مۇھىم نەرسە بىر ئادەمنىڭ قەلبى بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش خىزمىتى دائىم ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ-يوق؟ دىگەندىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.

ھەر بىر بالا «باشقىلار ماڭا ناھايتى مۇھتاج ئىكەن، ئۇلار مېنى چەكسىز ياخشى كۆرىدىكەن، مېنىڭ بولغانلىقىمدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئەھمىيەتلىك ئىكەن، مەنمۇ ئۇلارنى ئىنتايىن ياخىش كۆرىمەن، ئۇلارسىز ياشىيالمايمەن، ئۇلار مەن ئۈچۈنمۇ چەكسىز قىممەتلىك» دېگەن قاراشنى تۇرغۇزغاندىلا ، ئاندىن ئۇلار ئەخلاقىي جەھەتتىن نورمال تەرەققىي قىلىدۇ. مۇھەببەت، بەخت ۋە ئەمگەك ئۆزئارا ماسلىشىدۇ، ھالبۇكى، بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى دەل ئاشۇنداق ماسلىشىشقا باغلىق. جىنايى قىلمىشلارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى ئادەمگە ئۆز يېقىنلىرىنىڭ ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدىن ئىبارەت.

مەكتەپتە قۇرۇق سۆز-ئىبارە ۋە قۇرۇق ئىدىيىلەرنى تەرغىپ قىلماسلىق كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارغا قىلىدىغان تەۋسىيەم شۇكى ، سۆز-ئىبارىلەرنى قەدىرلەڭلار! بالىلاردىن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا،ئېھتىياتچان بولۇڭلار.

82. ماس قەدەملىك تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بەزى ئويلىغانلىرىم

بىز دەۋەتقان ماس ھالدا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئىككى خىل فۇنكىسىيىسىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ بىر خىل فۇنكىسىيىسى ئوبيېكتىپ دۇنيانى تۇنۇش ۋە چۈشىنىش. يەنە بىر خىل فۇنكىسىيىسى ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىپادىلىشى، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى، نۇقتىئىنەزىرى، ئېتىقادى، ئىرادىسى، خاراكتېرىنىڭ ئاكىتىپ ئەمگەك ۋە ئىجادىيەت داۋامىدىكى، شۇنداقلا كوللېكتىپ ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت داۋامىدىكى ئىپادىسى ۋە گەۋدىلىنىشى.

مېنىڭ ئارزۇيۇم بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى پەن-تېخنىكىنى، ئۆگىنىشنى ۋە مەكتەپنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلىش، كىتاب، پەن-تېخنىكا ، مەكتەپ ۋە ئەقىل بايلىقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قىزىقىشىغا ئايلاندۇرۇش، ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنى ئەقىل-پاراسىتى تولۇق، مول ۋە مۇكەممەل مەنىۋى تۇرمۇشقا ئىنتىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم غايىسى دەپ بىلىدىغان قىلىش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىلىمگە ئىنتىلىش ئۇچقۇنلىرىنى ئاخىرغىچە ئۆچۈرمەي لاۋۇلدىتىدىغان قىلىش.

بىر مائارىپچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، چوقۇم قىلىش زۆرۈر بولغان، مۇرەككەپ، ناھايتى مۈشكۈل خىزمەت ياشلارنى تۆۋەندىكى قانونىيەتكە چوڭقۇر ئىشەندۇرۇشتىن ئىبارەت: بىلىم سىز ئۈچۈن شۇنىڭ ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇكى، ئۇ سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كەسپىڭىز، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىڭىز ئۈچۈنلا بولماستىن، ئالدى بىلەن سىزنىڭ بىر ئەمگەكچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مول مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشىڭىز ئۈچۈندۇر. سىز مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى تراكتورچى بولۇڭ، سىز چوقۇم بىر مەدەنىي ئادەم، بالىلىرىڭىزنىڭ ئەقىللىق ، روھىي جەھەتتىن ناھيتى ناھايتى باي تەربىيىچىسى بولۇشىڭىز كېرەك.

ئەگەر ئادەمنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى (يەنە كېلىپ بۇ ئادەم كىچىك، ناھايتى يۇمران، قىزىقىشى ، ئارزۇ ۋە ئېھتىياجلىرى ناھايتى ئاجىز ئادەم) پەقەت مۇشۇ ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، يەنى ئۇ پەقەت بىلىم ئىگىلەش، نومۇر ئېلىش جەھەتتىلا ئۆزىنى ئىپادىلىسە، ئۇنداقتا ، ئۇنى ساقلاپ تۇرغىنى مەغلۇبىيەت ۋە قىيىنچىلىقلا بولىدۇ. ئۇنىڭ تۇرمۇشى بىر خىل ئازابلىق تۇرمۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

84. ئوقۇتقۇچىلار كۈندىلىك خىزمەتلەردە بەزى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك

ئوقۇتقۇچىغا كۈندىلىك خىزمەت جەريانىدا ئىجادىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتنى تەتقىق قىلىشقا ۋە ئانالىز قىلىشقا ماھىر ھەر بىر مەكتەپ مۇدىرى بۇ ۋەزىپىنى ئۆستىگە ئالالايدۇ.

ئەگەر سىز (مەكتەپ مۇدىرى) ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئاز-تولا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىنى ئويلىسىڭىز، ھەر كۈنى دەرس ئۆتۈشنىڭ بىر خىل ئاددىي ، زېرىكىشلىك مەجبۇرىيەت بولۇپ قالماسلىقىنى خالىسىڭىز، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت بۇ بەخت يولىغا باشلىشىڭىز كېرەك.

ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيەتنى كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش ئاساسىدا تەربىيلەش ھادىسىسىنى يارىتىدۇ، بۇ دەل ئىجادىي تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى _ ئالدىن كۆرەرلىكنىڭ مەنبەسىدۇر. ئەمەلىيەتنى تەتقىق قىلمىغاندا ئالدىن كۆرەرلىك بولمايدۇ، ئىجادچانلىق بولمايدۇ، مول ۋە مۇكەممەل مەنىۋى تۇرمۇشمۇ بولمايدۇ. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قىزىقىشمۇ بولمايدۇ. ئەمەلىيەتنى تەتقىق قىلمىغاندا ، مۇجەسسەملىمىگەندە ۋە ئانالىز قىلمىغاندا ، ئېغىر كەمچىلىك _ قىزغىنلىق كەمچىل بولۇش ۋە كونىلىققا ئېسىلىۋىلىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيەتنى ئانالىز قىلىش ۋە تەربىيلەش ھادىسىسىنى يارىتىشنى بىلمىسە، يىللار بويى، قايتا-قايتا يۈزبەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ نەزىرىدە مەنىسىز، ئاددىي،  زېرىكىشلىك نەرسىگە ئايلىنىپ، خىزمەتكە بولغان قىزىقىشنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى قىزىقمىسا، ئۆگىنىش بالىلار ئۈچۈن ، مەنىسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

86. دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە دەرستىن سىرتقى كىتاب ئوقۇش

مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار «بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك ياخشى كىتابلار مۇندەرىجىسى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ چىقتۇق. بىز يەنە ئايرىم كىتاب ئىشكابى تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ ئوقۇيدىغان كىتابلارنى تىزدۇق.

مەكتەپ مائارىپىدىكى كەمچىلىكلەرنىڭ بىرى _ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئەقلى ۋە قەلبىنى ئىگىلەيدىغان ھەقىقىي ئوقۇشنىڭ يوقلۇقى. بۇنداق كىتاب ئوقۇش بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئارزۇسىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى تار ۋە كەمبەغەل بولۇپ قالىدۇ. بىراق كىتاب ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىش كېرەك.

بىز ھەربىر ئۆسمۈر، ھەربىر ياشنىڭ «ئۆزىنىڭ كىتابى»نى تىپىۋىلىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ كىتاب ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغۇسى. بۇ خىل كىتابلارنى ئوقۇش ئۆز-ئۆزىنى خۇلاسىلەش، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەشنىڭ باشلىنىشى، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ئالدىدا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشتۇر.

روھىي جەھەتتىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرلۈش، قېتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇغاندىكى خۇشاللىق_ (ئوبرازلاشتۇرغاندا) بىر زور پىشاڭ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بىلىمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆۋىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغدا قانداق كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ، شۇ كىتابلارنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە قانداق ئىزلارنى قالدۇرغانلىقى ئادەمنىڭ ھېسىيات جەھەتتىكى تەربىيلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ، ياشلارنىڭ ئۆز قورداشلىرىغا، ئۆزىدىن چوڭلارغا ۋە تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىنى بەلگىلەيدۇ. ...... دائىم دىيىلىۋاتقان «كىتاب دۇنياسىدا ياشاش» دەرسنى ئەستايىدىل، قېتىرقىنىپ، ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىر ئىش ئەمەس. بىر ئادەم ئەلا نەتىجە بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشى مۇمكىن. بىراق ئۇ نېمىنىڭ ئەقلىي تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي بىلمەسلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ زور خۇشاللىقى بولغان كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر قىلىشنى پۈتۈنلەي ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. دائىم دەپ كېلىۋاتقان «كىتاب دۇنياسىدا ياشاش» پىكىر قىلىشتىكى گۈزەللىككە ئىنتىلىش، مەدەنىيەت بايلىقىدىن بەھرىلىنىش، ئۆزىنى تېخىمۇ ئالىيجاناب ئورۇنغا كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

مەن مەكتەپتە 32 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئەقلىي جەھەتتىكى قىزىقىشىنىڭ ناھايتى كەمچىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ تار ۋە قەلبىنىڭ قۇرۇق بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلغان. دەل مۇشۇ نەرسە ياش-ئۆسمۈرلەردە نۇرغۇن ساغلام بولمىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ئەگەر مەكتەپ ياشلارنى ئەقلىي ۋە ھېسىيات جەھەتتىن تەربىيلەشكە ماھىر بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە قوزغىتالمىسا، ھاراق ئىچىش، لۈكچەكلىك قىلمىشلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرقانداق تەدبىرنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە ئۆگىتىشتىكى بىر مۇھىم شەرت بىر ئادەمنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا قىزىقىپ كىتاب ئوقۇيدىغان ھەمدە كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنى تونۇيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىر ئادەم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىتاب ئوقۇشنى بىلمىسە(بىر پارچىمۇ  كىتاب ئوقۇمىسا)، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى قوپال بولۇپ، «سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلىتىش» قا ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بۇ خىل نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغان جايلار ئادىمىيلىككە ئىگە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېرەكتىن چىقىرىۋېتىدىغان جايلاردۇ.

مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىۋېتىشتىن قورقماڭ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن بىر كۈن «كىتاب دېڭىزى» دا ئۈزۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. كىتابلار خۇشال كەيپىياتتا ياش قەلبلەرنى قولۇقلىسۇن! كىتابلار ياشلىق دەۋرنى ئىگىلىسۇن! ئەگەر ئوقۇغۇچىلار كىتابنى مەڭگۈ بىر خىل يېڭى نەرسە دەپ ھېس قىلسا، ياشلار بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقتىن دائىم يالغۇز ئولتۇرۇپ بەھرىرلىنىشنى ئويلىسا، ياشلار ئىچىدە كىتاب ئوقۇشقا ئامراق مۇشۇنداق «غەلىتە ئادەملەر» كۆپ بولسا، جەمئىيىتىمىزدىكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاسانلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

مېنىڭچە، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىكى زۆرۈر شەرت شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاز-تولا كىتاب يېغىپ ساقلىشىدۇر. مەكتىپىمىزدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە 200-250پارچە كىتابلىق بولۇپ قالىدۇ. بىز ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئۆيلىرىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىتابى يوق بولۇپ قالغان، مەنىۋى تۇرمۇشتا ناھايتى كەمبەغەللىك ھېس قىلىدىغان بالىلار، ھەمدە ئۆگىنىشتە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بالىلارنى چوقۇم نۇرغۇن كىتابقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

87. قانداق قىلغاندا مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟

تەربىيىنىڭ ئۈنۈمى مەكتەپتىكى ۋە ئائىلىدىكى تەربىيىنىڭ تەسىرىنىڭ بىردەكلىكىگە باغلىق. ئەگەر بۇ خىل بىردەكلىك بولمىسا، مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش بىلەن تەربىيە جەريانى خۇددى قەغەزدىن ياسىغان ئۆيدەك ئۆرىلىپ چۈشىدۇ.

ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلار بالىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەربىيىچىلىرى؛ بالا ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرى ، يەنى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىركى ئۇزاق مەزگىلدە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئادەمنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۇرۇقلىرى تېرىلىدۇ. بالىلار ئىككى ياشتىن ئالتە، يەتتە ياشقىچە ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ۋە ئۆزى دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان ئادەملەردىن زور بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. بۇ بىلىملەر ئۇنىڭ پىسىخىك تەرەققىياتىدىكى ئۇل تاشقا ئايلىنىدۇ. بالىلارنىڭ خاسلىقىدىكى مەنىۋى بايلىق، مائارىپچىلارنىڭ نەزىرىدىكى بىلىمگە ئىنتىلىش، قىزىقىش، ئىزدىنىش روھى، پىكىر قىلىشتىكى ئۆتكۈرلۈك دېگەندەك نەرسىلەر، ناھايتى زور دەرىجىدە، بالىلار ئىككى ياشتىن ئالتە، يەتتە ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا تۇرغان مۇھىتقا باغلىق بولىدۇ.

بالىلارنى ئائىلىدە تەربىيلەشتە، كىتابلار مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئاتا-ئانا ۋە كۆپرەك كىتاب ئوقۇشى، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى ، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش ئارزوسىنى قانائەتلەندۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

بىزنىڭچە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش سەۋىيىسىدىكى بىر مۇھىم بەلگە كىتابنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى كىتابنى قىزغىن سۆيسە ۋە كىتابقا ھۆرمەت قىلسا، بالىلارمۇ ئۇنى قىزغىن سۆيىدۇ.

كۆپ يىللىق تەجرىبىلەرگە ئاساسەن بىز بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى كىتابلار مۇندەرىجىسىنى بېكىتىپ، ئائىلە باشلىقلىرى ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ھەمدە ئوقۇ يېشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى، ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ۋە كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بەردۇق. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، بۇ ئەقىلىي جەھەتتىن تەربىيىلەش بولۇپلا قالماي، ئەخلاقىي ، گۈزەللىك ۋە ھېسسىيات تەربىيىسىدىكىمۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كىتاب بولمىسا، ئائىلىلەردە كىتاب ساقلانمىسا، ياخشى تەرەپتىن ئويلىغاندا، مەكتەپ تەربىيىسىگە ھېچانداق ياردىمى بولمايدۇ؛ يامان تەرەپتىن  ئويلىغاندا بۇنداق ئائىلە مۇھىتى بالىلارنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ، مەكتەپ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئائىلىدىكى ئەقلىي قىزىقىش جەھەتتىكى بۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرماي تۇرالمايدۇ.

بىزنىڭچە،ئائىلىدە ساقلىغان كىتاب بولۇشى ھەمدە ئۇنى ئۈزلىكسىز تۈردە تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇيدىغان كىتاب بىلەن تەمىنلەش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭمۇ مۇشۇ كىتابلارنى ئوقۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەقلىي جەھەتتىكى قىزىقىشى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇشى ئوخشاشلا مۇھىمدۇر.

ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيلىنىشى ياخشى، ئاڭلىق روھقا ئىگە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى كىتابقا چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدىغان ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان.

 

تورداش << خاندو>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ