دۇنــيانــى قــانــداق بــاقىمىز؟
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-29 11:02:16  يازغۇچى:ئايسۇلتان  كىلىش مەنبەسى:English Digest ژورنىلى  ئاۋاتلىقى:59   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

دۇنيانى قانداق باقىمىز؟

 

1974-يىل ،شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى ھېنري كېسىنگىر رىمدا ئېچىلغان دۇنيا ئاشلىق يىغىنىدا يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە دۇنيادا بىرمۇ بالا قورسىقى ئاچ ھالەتتە ئۇيقىغا كەتمەيدۇ دىگەن ئىدى. لېكىن شۇنىڭدىن دەل 35 يىل ئۆتكەن ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئاشلىق يىغىنى ئېچىلغان بۇ ھەپتىدە دۇنيادا بىر مىليارت كىشى قورسىقى ئاچ ھالەتتە ئۇيقىغا كەتتى.

بۇ مەغلۇبىيەت ئاللىقاچان ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، بىراق،  پات ئارىدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن.2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، قورسىقى ئاچ كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتكەن يېزا ئىگىلىك مەسىلىلىرىنىڭ بىرسىمۇ تېخى ھەل قىلىنغىنى يوق. ھازىردىن باشلاپ 2050- يىلغىچە يەر شارىدىكى نوپۇس ئۈچتىن بىر قىسىم كۆپىيىدۇ ھەم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج 70%، گۆش تۈرىگە بولغان ئېھتىياج بىر ھەسسە  كۆپىيىدۇ.

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ خىل ئېشىش ياخشى خەۋەر،چۈنكى بۇ كەمبەغەل ۋە ئوتتۇرا كىرىمدىكى دۆلەتلەرنىڭ بايلىغىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىغىنىڭ نەتىجىسى.لېكىن، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا دېھقانلار كەڭ كۆلەمدە يېڭىدىن بوز يەر ئاچماسلىغى(گەرچە مەلۇم دەرىجىدە ئېچىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ)، تېخىمۇ كۆپ سۇ بايلىغىنى ئىشلەتمەسلىگى كېرەك(ھازىر دۇنيادا بەزى جايلاردا سۇنى ئىشلىتىش ئاللىقاچان ئاخىرقى چەككە يېتىپ قالدى ياكى ئېشىپ كەتتى). بۇنىڭدىن باشقا بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىللە ، دېھقانلار بار كۈچى بىلەن ئۇلارغا پايدىسىدىن كۆرە زىيىنى كۆپ بولغان  كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

يەنە بىر قېتىملىق باھانىڭ ئۆرلىشىدىن ساقلىنىشقا ئاللىقاچان كىچىككەندەك قىلىمىز. گەرچە يەر شارى مىقياسىدا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى يۈز بەرگەن ، 2008-يىللىق دانلىق زىرائەتلەردىن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشلىقنىڭ باھاسى يەنە ئۆرلىدى. لېكىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت كىرزىسنىڭ تەھدىدىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى بەلگىلەش پۇرسىتى يەنىلا بار. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككى ئىشنى قىلىشى كېرەك يەنى دېھقانچىلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا مەبلەغ سېلىشى ۋە ئاشلىق بازىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلىشى كېرەك.

ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىر ئىشنى قىلالىدى.يەنى ئۆتكەن بىر يىلدا دېھقانچىلىققا سېلىنغان  مەبلەغ ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ پەرەز قىلغىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. لېكىن كىشىلەرنىڭ بازارغا بولغان ئىشەنچسىزلىگى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا بولغان نارازىلىقى ئاشماقتا.ئەگەر ھۆكۈمەتلەر بۇ خىل ھالەتنى كونترول قىلمىسا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كېلىدىغان پايدا يوققا چىقىدۇ.

تۆتتىن بىر ئەسىر قاتتىق ئۇخلاش

ئۆتكەن 25 يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا دېھقانچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ ئۈزلۈكسىز ئازلىدى.2005-يىل كۆپ ساندىكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دېھقانچىلىققا سالغان مەبلىغى شۇ دۆلەت ئاممىۋى كىرىمىنىڭ ئاران 5% ئەتراپىدا بولدى. غەرپنىڭ  نامرات دۆلەتلەرگە بەرگەن  ياردىمى ئىچىدە ، دېھقانچىلىققا بېرىلگەن ياردەم 1980-يىلدىن 2006-يىلغىچە تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەتراپىدا ئازلىدى. مەبلەغنى بۇنداق ئازايتىش  دېھقانچىلىقتىن ئېلىنىدىغان ھوسۇلنى كۆپ ئازايتىۋەتتى.20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى «يېشىل ئىنقىلاپ» مەزگىلىدە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ھەر يىلى 3% تىن 6% كىچە ئېشىپ ماڭغان ئىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ،يىللىق ئېشىش مىقدارى ئاران 1% تىن 2% كىچە بولدى. كەمبەغەل دۆلەتلەردە بولسا ھەر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇراقلىق بولۇپ ئېشىپ باقمىدى.

خوشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى ، 2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى قاتتىق چۆچۈتتى، تۆتتىن بىر ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دېھقانچىلىققا سەل قاراشتىن ئويغاتتى. دۇنيا بانكىسى ۋە نۇرغۇن باي دۆلەتلەر كەمبەغەل دۆلەتلەرگە سېلىنىدىغان مەبلىغى ئىچىدىن دېھقانچىلىققا سالغان مەبلىغىنى بىر ھەسسە ئاشۇردى. نامرات دۆلەتلەرگە نىسبەتەن دېھقانچىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم بولمىغان  خىزمىتى – يەنى پەقەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بىجىرىدىغان ئىشتىن –مۇھىم ئىشقا، ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئايلاندى. بۇ ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك، چۈنكى يېزا ئىگىلىك شۈبھىسىزكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى.

بۇ خىل يېڭىدىن ئاشقان كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى چىقىمنىڭ ئىچىدىن بىر قىسمى نامرات دېھقانلارنىڭ بىخەتەرلىك تورى پىلانىغا ئىشلىتىلدى. نامراتلىقنى تۈگىتىشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ھەققانى: دۇنيادىكى ئەڭ نامرات كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى يېزىلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بىراق يىراققا نەزەر تاشلىغاندا، بۇ مەبلەغنى ئىشلىتىپ دېھقانلارنىڭ بازار شارائىتىنى ياخشىلىغاندىلا ، ئاندىن مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىشەنچلىك بازارنىڭ كەمچىل بولۇشى يېزىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، چۈنكى ئىشەنچلىك بازار بولمىسا دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىغىنى قوزغىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا يېزا يوللىرىنى ياساش ئاقىلانە تەدبىر. بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولغىنى يەنە باھا ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئاشلىق ئامبارلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق بازارنىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاش. يەرلىك بازار ئەلا سۈپەتلەك ئۇرۇق ۋە خېمىيىلىك ئوغۇت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان رايونلارغا ۋاقتىنچە تۆلەم بېرىشمۇ مۇۋاپىق: بۇ بازارنىڭ تەرتىپسىزلىگىنى ئوڭشاشتىكى بىر مىسال.

كۆپ مىقتاردا يەر ۋە سۇ ئىشلەتمەي ئاشلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا ئۆتكەن 40 يىلغا قارىغاندا كېيىنكى قىرىق يىلدا تېخنىكا رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشى كېرەك. لېكىن ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان كىشىلەر ئازدۇر كۆپتۇر «يىشىل رەڭلىك ئىنقىلاپ» ئېلىپ كەلگەن مىۋىنى يەپ كەلدى.  تېخنىكا نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ، مەسىلەن: تېمىتىپ سۇغۇرۇش ، يەرنى ھەيدىمەي تېرىش، خىمىيىلىك ئوغۇت ئىشلىتىش ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلار. لېكىن مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتا بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك يەنى گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەرنى يىتىشتۈرۈش. ئەمىلى ئۈنۈمىنىڭ بىرى بولسا سۇ ئىشلىتىشنى ئازايتىش. گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەرنى چوڭ كارخانىلار ئەمەس ھۆكۈمەت تەمىنلىسە ياكى ئۇرۇقى سېتىلماي بىكارغا بېرىلسە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر قوبۇل قىلىشى مۈمكىن(بۇ نىمىشقا

   Monsanto     نىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىغىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۈمكىن.) 

ئاغىنە،مېنىڭ ئەھۋالىم ئانچە ياخشى ئەمەس

لېكىن، بارلىق ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرى ئىچىدە بىر خىل خەتەر مەۋجۇت يەنى ئۆز ئۆزىگە تايىنىشنىڭ جەلپ قىلىشى.2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئاشلىق باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەندىن كېيىن بارلىق دۆلەتلەر ئاشلىق بىخەتەرلىگىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى-بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسى بار. بىراق ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان «ئاشلىق بىخەتەرلىگى(ھەر بىر ئادەم ئىستىمال قىلىدىغان يېتەرلىك ئاشلىق بولۇش)» ئاستا ئاستا«ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش(بارلىق ئاشلىقنى ئۆزى تېرىش)» قا ئۆزگىرىپ كەتتى.ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاممىۋى سىياسەرنىڭ بىر تۈرلۈك نىشانىغا ئايلاندى.

ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئەسلىدە يامان ئىش ئەمەس.ئەگەر نامرات دۆلەتلەر ئۆزى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسا، ئۇلار چوقۇم مۇشۇنداق قىلىشى كېرەك(ئەھۋالمۇ كۆپىنچە مۇشۇنداق). لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇ خىل ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشتەك يېڭى ئايلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى، دەل كىشىلەرنىڭ بازارغا ۋە سودىغا بولغان داۋاملىق ئىشەنمەسلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.دانلىق زىرائەت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت دۇنيا بازىرىنىڭ ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلاتنى تەمىنلىيەلىشىگە ئىشەنمەيدۇ.«يەر تۇتقۇچىلار» چەتئەللەردىن ئاشلىق تېرىش ئۈچۈن يەر ئىگەللىمەكتە . دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىگىنى قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرماقتا. بۇ خىل مۇھىت ئاستىدىكى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ناھايىتى ئاسانلا سودىدا قوغدىنىش تېمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭ ھەر قانداق ئادەمگە پايدىسى يوق. دەل ياۋروپالىقلارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان باشتىن كەچۈرگىنىگە ئوخشاش، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشنى ئەڭ يۇقۇرى نىشان قىلىپ قوغلىشىش زور ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ، رايونلار ئوتتۇرسىدىكى سودا بارغانسېرى مۇھىم بولۇۋاتقان ۋاقىتتا ، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىللىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بەزى دۆلەتلەرنى كەگۈسىدىكى  كىرزىستىن ساقلىنىش، ئاشلىقتا  ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئۈچۈن بىر قىسىم بايلىقنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشقا  ئىشلەتتۇق دەپ جاكارلىشىغا سەۋەپ بولدى.بىراق، 2050-يىلغا بارغاندا 9مىليارت ئادەمنى بېقىشنىڭ ئېھتىياجى يەنە بىر ئوخشىمىغان ھىكايىنى سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ بولسىمۇ يېزا ئىگىلىكى يۇقۇرى ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرىشى كېرەك. بۇ بازار ۋە سودىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىككە مەبلەغ سېلىش خوشاللىنارلىق ئىش، لېكىن بازارنى رەت قىلىش بىر مەيدان ئاپەت.

 

①يىشىل رەڭلىك ئىنقىلاپ: 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بىر قىسىم تەرەققى قىلغان غەرپ دۆلەتلىرى يۇقۇرى مىقدارلىق دانلىق زىرائەتلەر سورتىنى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم رايونلارغا كېڭەيتىپ،ئاشلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا بىر تۈرلۈك ئسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى، لېكىن بۇ ئىسلاھات خېمىيىلىك ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشىنى، تۇپراقنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  

 

Monsanto  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى شېركىتى،1901-يىلى قۇرۇلغان، مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ياۋا ئوت چۆپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ساۋگەنلىڭ دۇنياغا داڭلىق، بۇ شىركەت نۆۋەتتە يەنە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۇرۇقنى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

 

English Digest     ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان ئوخشاش تېمىلىق ماقالىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.

 

 

تورداش << ئايسۇلتان>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ