چېلىشىش خەلقىمىز ئىچىدە ئەجدادتىن-ئەۋلاتقىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ ، مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ، تارىخى ئۇزۇن تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. چېلىشىشتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىلا خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ تارقالغانلىقى ۋە ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم .
قىسقىسى ، چېلىشىش ئۇيغۇرلار ئىچىدە ‹‹ باتۇرلار ھەرىكىتى ›› دەپ ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلارنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ چېلىشىش ھەرىكەتلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ . رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس چېلىشىش قائىدىلىرى بار . چېلىشچىلار مەيدانغا چۈشكەندە شۇ مۇسابىقە مەيداننىڭ قائىدە-يوسۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت . ئەگەر مۇسابىقە قائىدىسىگە بويسۇنماي ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىكەن ، نەتىجىگە ئېرىشكەن ھالەتتىمۇ ، نەتىجىسى بىردەك ئېتىراپ قىلىنمايدۇ .
ئۇيغۇر چېلىشىشچىلىقىدا ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئىشلىتىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق پەنتلەر تۆۋەندىكىچە :
1. يانپاش: بۇ ئوڭ يانپاش ، سول يانپاش ، توغرا يانپاش ، مەيدە يانپاش دىگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .
2. تىز: بۇ ئوڭ تىز ، سول تىز .
3. پەيەك: ئىچ پەيەك ، تاش پەيەك ، چاقماق
4. كۆتۈرۈش: بۇنىڭدا ئېگىز كۆتۈرۈپ پىرقىرىتىپ ، چۆرگىلىتىپ ئېتىش .
5. ياتا پەنت: بۇنىڭدا ئۆزى ئارقىغا يىقىلغان بولۇپ ، غولىنى يەرگە تەككۈزمىگەن ئاساستا قارشى تەرەپنى بىخۇدلاشتۇرۇپ ، بېشىدىن ھالقىپ ئېتىش .
6. چوماق: ئىچ چوماق ، تاش چوماق ، تەتۈر چوماق ( بىر قىسىم يۇرتلاردا ئېتىراپ قىلىنسا ، يەنە بىر قىسىم يۇرتلاردا ئېتىراپ قىلىنمايدۇ ) .
7. قوچقارچىلاپ ئېتىش: بۇنىڭدا چېلىشچى قارشى تەرەپنى ئالدىغا تارتىپ تۇرۇپ ، تۇيۇقسىز مۈرىدە ئارقىسىغا ئىتتىرىپ ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ .
ھازىر رايونىمىز تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چېلىشىشچىلىقى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ ، ساغلام تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان يۇرتلاردىن تۇرپان ، كۇچا ، خوتەن ، قەشقەر ۋە ئاتۇش قاتارلىق جايلار بولۇپ ، بۇ يۇرتلاردا چېلىشىش ھېلىھەم ئۇيغۇر تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق تۈر بولۇپ ساقلىنىپ كەلمەكتە .