‹‹ئىس سۈمۈرۈش ›› ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ‹‹ئىس سۈمۈرۈش ›› ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن ، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن .
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، ئۆيىدە تاماكا چېكىدىغانلار بار 16 – 18 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن %30 تۆۋەن بولىدىكەن . تەتقىقاتچىلار نەچچە مىڭ ئانا ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن ، بۇ يەكۈننى چىقارغان ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆيدە تاماكا چەكمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .
سەيدۇللا سەمەت تەرجىمىسى