18 ياشقا توشمىغانلار ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىچمەسلىكى كېرەك
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-25 22:55:50  يازغۇچى:نەفىسە1  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:92   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
18 ياشقا توشمىغانلار ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىچمەسلىكى كېرەك
 
 
 
ھازىر بودەك بالىلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ . ستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، يېقىنقى ئىككى يىلدا بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سېمىز بالىلارنىڭ نىسبىتى %15 گە يېتىدۇ .

      شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۆسمۈر بالىلار ئارىسىدا يۇقىرى قان بېسىمى ، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىدىن بولغان يۈرەك كېسىلى ، دىئابىتقا گىرىپتار بولغانلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ . كىشىلەر سېمىزلىكنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ، سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى . شۇڭا كىشىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەكنى ئازايتىش ۋە چېنىقىشتىن باشقا ، ئورۇقلىتىش دورىلىرىغا بەك قىززىقىدىغان بولۇپ قالدى . ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى ، سېمىز بالىلار ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى قارىسىغا ئىچسە مۇتلەق خاتالاشقان بولىدۇ .

      ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان دورىلار مەركىزىي نېرۋا ئارقىلىق ئىشتىھانى تۇتقۇزىدىغان ، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى تورمۇزلايدىغان ۋە ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار بولۇپ ، بۇ دورىلار ئۆسۈش مەزگىلىدىكى 18 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈر بالىلارغا پايدىسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئېتىكا ئىلمىي سەۋەبلىك ، ھازىرچە ھەر قانداق ئورۇقلىتىش دورا – ئۇكۇلى ئۆسمۈر بالىلار ئۈستىدە كىلىنكىلىق تەجرىبە قىلىنمىدى ، يەنى بىرمۇ ئورۇقلىتىش دورىسى بالىلارغا نىسبەتەن بىخەتەر دەپ  دەلىللەنمىدى . مەسىلەن : مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىررى چوڭلارنىڭكىدەك چوڭ بولىدۇ . بالىلارغا بۇنداق دورىلار ئىچكۈزۈلسە ، ئۇلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ ؛ بالىلارغا ئاشقازان – ئۈچەيدىكى ياغ فېرمېنتلىرىنى تورمۇزلاش دورىسى ئىچكۈزۈلسە ، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر يېتىپ ، ئۇلاردا قان ئازلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ .

 

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

تورداش << نەفىسە1>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ