نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
كەل، ساڭا يۆلۈنىۋالاي
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-25 19:36:42  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:ئانا تۇپراق تورى   ئاۋاتلىقى:222   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
كەل، ساڭا يۆلۈنىۋالاي
 
كەل، ساڭا يۆلۈنىۋالاي !
روھىم قانائەت كۆرپىسىدە ئارام تاپسۇن، ئادەم ئاتىنىڭ مېھىرلىك قولىدەك قوللىرىڭدا يۈرىكىمنى سىلاپ قوي! 
قەلبىم ھازا دەھشىتىدە كۈكۈم تالقان بولغاندا، سەمىمىيەت قول ياغلىقى بىلەن كۆز يېشىمنى سۈرتۈپ  قوي!
روھىم ئازار چۆلىدە تەمتىرەپ قالغاندا، قۇرغاقلاشقان ئۈمىدلىرىمگە سۆيگۈ زەمزىمىنى سېپىپ قوي!
مەنىۋى تىرەك بولالمىساڭ، پەرۋاسىزلىغىڭ مەن ئۈچۈن تىراگىدىيە. تەسەللىيدىن سوغۇلغان ئىبارىلىرىڭ بىلەن روھىيەت مۇھتاجلىقىمغاتەستەك ئۇرساڭ، گويا قەبرە بېشىدا ئىرغاڭلاپ تۇرغان قاخشال دەرەخنىڭ سارغايغان يۇپۇرمىقىدەك مەيۈسلىنىمەن.
كەل، ساڭا يۆلۈنىۋالاي!
ۋۇجۇدۇم تەسەللىي ئاسمىسىدا شىپا تاپسۇن، ئەقىدە پارلىغان سەمىميەتلىرىڭ بىلەن ماغدۇرسىز تېنىمنى يۆلەپ قوي !
بىمارلىق كارۋىتىدىن ۋۇجۇدۇمنى قوزغىتىش ئۈچۈن تىركەشكەندە، چىدام، غەيرەت مەدىتىدىن يىراق تۇرساڭ، ئۈمىد ھاسىسى قولۇمدا بولسىمۇ، يەنىلا ساڭا تىۋىنىشكە ئادەتلەنگەن ئۈمىدتلىرىم ساڭا تەلمۈرىدۇ. ساڭاسوزۇلغان قوللىرىمنى بىزارلىق تۇيغۇسىدا ئىتتىرىۋەتمە!
كەل، ساڭا يۆلىنىۋالاي! تولۇن ئاي ناخشىسىقەلبىمىزدە ئۇدۇملاشسۇن، بىز بىرلىكتە ئورتاقلىقلار دۇنياسىدا سىڭىشىپ كېتەيلى، خاسلىقلىرىمىز بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇنىڭ ئۈچۈن شەخسىيەت دەرۋازىمىزنى ئېچىپبەرمەيلى! مەن قەلب ۋارىقىمنى ئەقىدە بارماقلىرىدا ۋاراقلاي، سەن ئۇنىڭ سىرلىرىنىئوقۇپ چۈشۈنىۋال.
كەل، ساڭا يۆلۈنىۋالاي!
ئالدىمدا چوڭقۇر چۈشكۈنلۈك ھاڭى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ گىرۋىكىدە ھاياتلىق ئۈچۈن جان تالىشىپ چارچىدىم، تەشنالىقىم چاكىلدىدى. شۇڭاشىپالىق شەرۋىتىنى نەۋائىنىڭ لىرىكىلىرى بىلەن ئېلىپ كەل! مەن ئىلاجسىزلىقتىننىجادلىققا يۈزلەنگەن ئۈمىدتەك روھىي مەستخۇشلۇق ئىچىدە شىپالىناي...
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ