نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
ئاياللارنىڭ مىجەز-خارەكتىرنى چۈشنىۋېلىڭ
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-25 19:28:06  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:ئانا تۇپراق تورى   ئاۋاتلىقى:509   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
1.ئاياللار ئىنتايىن سەزگۈر ھەم گۇمانخور كىلىدۇ.ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپرەك بولىدۇ.بىراق سىز سەل ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى كونتۇرۇل قىلالايسىز،يەنى ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭ مەڭزىگە يىنىك سۇيۇپ خۇشلاشسىڭىز ،ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن يىنىك قۇچاغلاپ قويسىڭىز،بۇ ئۇنى قەۋەتلا تەسىرلەندۈرىدۇ؛
2.ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق ئايالىڭىزغا ھومايماڭ.بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ سەت ئىش.چۈنكى سىز ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىزمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ،ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن سىز ھاردىم دەپ سافادا ئولتۇرغىنىڭىزدا ،ئۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ؛
3.ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت بىلەن كەسىپ مۇھىم،ئاياللار ئۈچۈن ئائىلە بىلەن ئەر مۇھىم.شۇڭا ئايالىڭىزنى دوسلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ؛
4.ئەرلەر چىرايلىق قىزلارغا قاراشنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش ئاياللارمۇ قاملاشقان ئەرلەرگە قاراپ قويىدۇ،شۇڭا ئۇنى سەۋەپسىز كۈنلىمەڭ.ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،سىزلا ئۇنى خوشال قىلسىڭىز ،ئۇنى قەدىرلىسىڭىز،ئو ھەرگىز باشقا ئەرلەرگە كۆز قىرىنىمۇ سالمايدۇ؛
5.ئايالىڭىز كۆيىنىشىڭىزگە مۇھتاج،ئۇ سىزنىڭ ئاچچىغىڭىزنى چىقىرىدىغان ئەرمىكىڭىز ئەمەس،شۇڭا ئۇنىڭغا ھەرگىز قول تەككۈزمەڭ.ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالسىڭىز چىرايلىقچە ئۇنىڭدىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ،بىراق تىرىك تۇرۇپ ئۇنى ئازاپلىماڭ؛
6.ئاياللار ئەرلەرنىڭ<<ئەرلىك ئۈستۈنلىكى>>نى ياخشى كۆرىدۇ،بىراق چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ؛
7.ئائىلە مەڭگۈ بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ،شۇڭا خىزمىتىڭىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئايالىڭىزغا يۈكلەپ قويماڭ،زادى يىتىشىپ بولالمىسىڭىز،چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىڭ؛
ئىككى ئادەم بىرگە ياشىغاندا مۇھىمى سەمىمىيلىك،ئەپۇ قىلىش،چۈشىنىش.شۇڭا ئۇنى چۈشىنىڭ،ھۆرمەتلەڭ.چۈنكى ئۇ سىز ياخشى كۆرگەن،سىز سۆيگەن،سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ۋايسىماي ئىشلەپ كىلىۋاتقان ئايال.
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ