نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >>
لــەڭــمەنــدىــن چىقــقان سېرىق چــاچ
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-25 13:46:18  يازغۇچى:تىكەن  كىلىش مەنبەسى:جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى  ئاۋاتلىقى:447   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

لەڭمەندىن چىققان سېرىق چاچ 

ئايالىم ئىككىمىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ، پاراڭ بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ قالدۇق. سېرىق چاچلىق بىر قىز ئالدىمىزغا بىر تەخسىدىن لەڭمەن كەلتۈرىۋېدى، ئايالىم «ئاشقازىنىم ئاغرىپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەيۋاتىدۇ» دەپ، تاماققا ئېغىز تېگىپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن قاتتىق خىجىل بولدۇم. بۇنداق قىلسا، ساھىبخانلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يالغان سۆزلەۋاتاتتى. شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭغا يەر ئاستىدىن ئالىيىپ قاراپ قويدۇم. دەل شۇ چاغدا مەن يەۋاتقان لەڭمەننىڭ ئارىسىدىن بىر تال سېرىق چاچ چىقىپ قالدى! شۇنىڭ بىلەن «تېخى ھېلىلا ئىككى چىنە چۆچۈرە ئىچىۋاپتىكەنمەن» دەپ گەپ ياساپ، تاماق يېيىشتىن مەنمۇ توختىۋالدىم. چۈنكى، لەڭمەندىن چىققان ھېلىقى سېرىق چاچ كۆز ئالدىمغا كەلسىلا، كۆڭلۈم ئېلىشقاندەك بولاتتى.
ئۆيگە قايتىپ كېلىۋېتىپ ئايالىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئورۇنسىز رەنجىگەنلىكىمنى بىلدىم.
ئۇ دالانغا چىقسا، ھېلىقى سېرىق چاچلىق قىز خېمىرنى پىلتە قىلىۋاتقانىكەن. قىزنىڭ ئۇزۇن تىرناقلىرىنى كۆرگەن ئايالىمنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ، ئىشتىھاسى شۇ يەردىلا تۇتۇلۇپتۇ. شۇڭلاشقا ئۇ «ئاشقازان ئاغرىقى» ھىيلىسىنى ئويلاپ تېپىپ، بۇ ئازابلىق ئۆتكەلدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈۋاپتۇ.
«ئۇزۇن تىرناق ۋەقەسى» بۇلتۇر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەيدا قىلغان ئازابلىق خىياللار ماڭا تا ھازىرغىچە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
مېنىڭچە، قىزلىرىمىزنىڭ تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋېلىشى مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزگىمۇ، گۈزەللىك قارىشىمىزغىمۇ، تازىلىق ئادىتىمىزگىمۇ ماس كەلمەيدۇ. تىرناقنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرۇش، ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك؛ تىرناق ئالغاندا، ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەش، تىرناقنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قولنى سوپۇنلاپ پاكىز يۇيۇش؛ تىرنىقى ئازراقلا ئۆسۈپ قالغان قول بىلەن خېمىر يۇغۇرماسلىق؛ بالىلارنىڭ تىرنىقىنى ئۆز قەرەلىدە ئالغان - ئالمىغانلىقىنى پات - پات تەكشۈرۈپ تۇرۇش، تىرنىقى ئۆسۈپ كەتكەنلەرنى ئەيىبلەش قاتارلىق ئادەتلەر بىزنىڭ ئەنئەنىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئېسىل مىللىي مەدەنىيەت.
ئېنىقكى، ئۇيغۇر قىزلىرى دۇنياغا مەشھۇر يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بۇ ئېسىل مەدەنىيەت قىزلىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ئۆزگىچە ماھارىتى، جاپالىق ئەجرى ۋە پاكىز، چېۋەر، ئىشچان قوللىرى ئارقىلىق دەۋردىن - دەۋرگە ئۇلىشىدۇ. بىزنىڭ قىزلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپلا ئانىلىرىدىن مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىشكە؛ تاماق ئېتىشتىن ئىلگىرى ئالدىغا پەرتۇق تارتىشقا؛ بېشىغا ياغلىق ئارتىشقا؛ تىرناقلىرىنى ئېلىپ، قوللىرىنى سوپۇنلاپ پاكىز يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. بىز تارىختىن بۇيان پاكىز، چېۋەر قوللىرىمىز ئارقىلىق ئوتياشلارنى توغراپ، قىيمىلارنى تەييارلاپ، خېمىرلارنى يۇغۇرۇپ، چۆچۈرىلەرنى تۈگۈپ، كاۋاپلارنى پىشۇرۇپ، مانتا، پولۇ، نارىن، گۆشلەرنى تۇتۇپ يەپ ئۆگەنگەن. قىسقىسى، بىزنىڭ ئېسىل يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز بىر جۈپ قولىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىرغۇ يالتىراق(سۇلياۋ) پەلەيلەر پەيدا بولدى. رېستورانلاردىن، ئاشخانىلاردىن تاماق يەيدىغانلارمۇ كۆپىيىپ كەتتى. لېكىن، يالتىراق پەلەيلەرنىڭ سىزگە ھەر دائىم، ھەممىلا جايدا ئەسقېتىشى ناتايىن. بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىۋاتقان ئادەمنىڭ ھەر كۈنى پەقەت رېستوران، ئاشخانىلاردىنلا تاماق يېيىش - ئىچىشىمۇ ناتايىن. چۈنكى، ئۆي دېگەنگە بەزىدە ئۇرۇق - تۇغقانلار، مېھمانلار كېلىپ قالىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ تۆشۈك ئىشلىرىڭىزغا، ئوڭلۇق ياكى ئوڭلۇق ئەمەسلىكىڭىزگە، پاكىز ياكى پاكىز ئەمەسلىكىڭىزگە، مېھماندوست ياكى مېھماندوست ئەمەسلىكىڭىزگە، قولىڭىزنىڭ تەمى بار - يوقلۇقىغا قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ بۈگۈنكى قىزلىرىمىز ئەتىلا پەرزەنت تەربىيىلەيدىغان ئانىلارغا ئايلىنىدۇ. ئانىلار بولسا، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى، مىللىي مەدەنىيەتنى بىر ئەلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق قوشۇن. بىزنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى، كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى، ھويلا - ئارام مەدەنىيىتى، ئائىلە مەدەنىيىتى، تىل مەدەنىيىتى، ناخشا - ئۇسسۇل مەدەنىيىتى، سۇ مەدەنىيىتى، نان مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق مىللىي مەدەنىيىتىمىز ئانىلار ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىدۇ، قەلبىگە يىلتىز تارتىدۇ. شۇڭا، ئانىلىرىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەتتىن ياتلىشىشى، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، بالىلىرىمىزغا قىلىنغان زىيانكەشلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلار مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىگە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ.
مېنىڭچە، تەخسىدىكى لەڭمەن ئارىسىدىن چىققان سېرىق چاچ، چېچىنى سېرىق رەڭدە بويىۋالغان ھېلىقى ئۇزۇن تىرناق قىزنىڭ تاماق ئەتكەندە بېشىغا ياغلىق ئارتىشتەك ئېسىل ئەنئەنىدىن ياتلاشقانلىقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى. ئاشقازىنى ساق، قورسىقى ئاچ، ساغلام ئەر - خوتۇن مېھماننىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىپ، ئالدىغا كەلگەن لەڭمەننى يېيىشتىن كەينى - كەينىدىن باش تارتىشىمۇ ئاشۇ قىزنىڭ ئەنئەنىۋى تازىلىق ئادىتىمىزگە، ئېسىل يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر تاماق ئېتەلمەيدىغان، تاماق ئېتىشنى خالىمايدىغان، تاماقنى ئوخشىتالمايدىغان، مېھمانلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان؛ قول - پۇتلىرىنىڭ تىرناقلىرىغا رەڭدار گۈللەرنى چېكىۋالىدىغان؛ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياكى باشقىلار تاماق ئىچىۋاتقان داستىخاننىڭ يېنىدىلا ئىت - مۈشۈكلەرنى قۇچاقلاپ سۆيىدىغان؛ دەريا - ئۆستەڭلەرگە يۇندا ياكى ئەخلەتلەرنى تۆكىدىغان، پۈتۈن - پۈتۈن نانلار بىلەن كاللەك - كاللەك خېمىرلارنى ئېگىز بىنالارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىدىن پەسكە قارىتىپ ئاتىدىغان، بەدىنىنىڭ نازۇك جايلىرىنى ھاياسىزلارچە ئېچىپ يۈرىدىغان، چوڭلاردىن قىلچە تەپ تارتمايدىغان قىز - چوكانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان؛ ئاشلىقنى، ناننى ئۇلۇغلايدىغان؛ دەريا - ئۆستەڭلەرگە تۈكۈرۈشنى، يۇندا ياكى ئەخلەتلەرنى تۆكۈشنى گۇناھ ھېسابلايدىغان؛ مېھمانلارنى كۆرسە خۇش بولۇپ، مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىن ئالەمچە ھۇزۇر تاپىدىغان؛ چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندۇرغان؛ نازۇك ۋە ئەۋرەت جايلىرىنى ئېچىپ قويىدىغان قىز - چوكانلارنىڭ ئەخلاقىدىن شەكلىنىدىغان مىللەت ئىدۇققۇ؟!
بۇلتۇر كوچىدا ئۇچراتقان مۇنداق بىر كۆرۈنۈش تېخىچە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ: ئاپتوبۇس ئىچىدە 14 _ 515 ياشلارغا كىرگەن بىر ئۇيغۇر قىز كىرلىشىپ كەتكەن بىر كۈچۈكنى قۇچاقلاپ ئولتۇراتتى. كۈچۈكتىن تارقىلىۋاتقان سېسىق پۇراق كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇراتتى. لېكىن، ئۈستۋېشىغا يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىۋالغان ھېلىقى قىز ئاشۇ مەينەت كۈچۈككە ئارىلاپ - ئارىلاپ تۇمشۇقىنى تەگكۈزۈپ قوياتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇزۇرلىنىپ، لەۋلىرىنى يالاپ، شاكىلات يەيتتى. ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە ياشانغان بىرقانچە كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارغا ئورۇن بېرىش كۈچۈك تۇتۇپ ئولتۇرغان قىزچاقنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى.
بەش - ئالتە يىلنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كېسەلچان ئۇيغۇر چوكاننىڭ مېھمانلارغا سېلىنغان داستىخاننىڭ يېنىدىلا يوغان بىر مۈشۈكنى مەيدىسىگە چىڭ يېقىپ، شالاپشىتىپ سۆيۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «نەسلى ئېسىل پارس مۈشۈكى» ئىكەن. ئۇنىڭ باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بۇ مۈشۈكتىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ گېلىدىن غىزا ئۆتمەيمىش، كۆزىگە ئۇيقۇمۇ كەلمەيمىش . شۇ كۈنى ساھىبخان چوكاننىڭ يۇقىرىقىدەك بولمىغۇر قىلىقلىرى بىلەن تېتىقسىز گەپلىرىدىن كۆڭلىمىز بەكمۇ غەش بولغانىدى.
بۇرۇن ئۆيلىرىمىزدىكى مۈشۈكلەرنىڭ ۋەزىپىسى، ئاساسلىقى، چاشقان تۇتۇش ئىدى. ئۇلارنى داستىخاننىڭ يېنىغا يولاتمايتتۇق. ئۇلارنىڭ تاماق شىرەلىرىنىڭ ئاستىدا يېتىشىغىلا رۇخسەت قىلىناتتى. ئۇلارغا ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنى، تاماقنىڭ ئېشىندىلىرىنى تاشلاپ بېرەتتۇق. بۇنداق چاغلاردا مۈشۈككە تۇمشۇقىمىزنى ئەمەس، بەلكى قولىمىزنىمۇ تەگكۈزمەيتتۇق. ئۆيدە مۈشۈك بولمىسىمۇ، خاتىرجەم ئۇخلاۋېرەتتۇق، گېلىمىزدىن تاماقمۇ ئۆتۈۋېرەتتى. ئۇ چاغلاردا مۈشۈك ساتىدىغانلارمۇ، مۈشۈك سېتىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئىدى. لېكىن، بۇ خانىم نەسلى ئېسىل پارس مۈشۈكىنى نۇرغۇن پۇلغا سېتىۋاپتۇ ۋە «مۈشۈككە قولى تەگمىسە، كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەسلىك»، «مۈشۈكنى كۆرمىسە، گېلىدىن غىزا ئۆتمەسلىك» كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. تېخىمۇ يامىنى، ئۇ داستىخاننىڭ يېنىدىلا مۈشۈك سۆيۈشكە ئادەتلىنىپ قاپتۇ.
مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاممىۋى سورۇنلاردا، كوچىلاردا، باغچىلاردا، ھەتتا ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىچىدە بىر - بىرسىنى چىڭ قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈۋاتقان قىز - يىگىتلەرنى، قىزلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرغان يىگىتلەرنى، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بىر - بىرسىگە ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنى قىلىشىدىغان، ئاتا - ئانىلىرىنى ھېچبىر سەۋەبسىزلا قوپاللىق بىلەن يولسىزلارچە سىلكىيدىغان ياشلارنى پات - پات ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدىم.
يېقىندا بىر سورۇندا ھېلىقى ئۇزۇن تىرناق قىز، ئاپتوبۇستا كۈچۈك تۇتۇپ ئولتۇرغان قىزچاق، داستىخاننىڭ يېنىدا پارس مۈشۈكىنى سۆيۈپ ئولتۇرغان ئاغرىقچان چوكان، كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈۋاتقان قىز - يىگىتلەر، ئاتا - ئانىسىنى يەڭگىللىك بىلەن سىلكىيدىغان ياشلار توغرىسىدا ئازراق بەس - مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى. بەزى بۇرادەرلەر: «سېرىق چاچلىق قىزنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتماي تاماق ئېتىشىنىمۇ، تىرناقلىرىنى ئۇزۇن قىلىپ ئۆستۈرۈۋېلىشىنىمۇ، 15 ياشلىق قىزچاق بىلەن كېسەلچان چوكاننىڭ ئىت - مۈشۈكلەرنى سۆيۈپ ئولتۇرۇشىنىمۇ، قىز - يىگىتلەرنىڭ كوچىلاردا ياكى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىچىدە بىر - بىرسىگە چىرمىشىپ سۆيۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ، بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى قوپاللىق بىلەن سىلكىشلىرىنىمۇ، ياشلارنىڭ چوڭلاردىن تەپ تارتمايدىغان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە، يېڭىلىققا، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈۋاتقانلىقىنىڭ، فېئوداللىق ئەخلاققا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل سۆز - ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش، چەكلەش توغرا ئەمەس» دەپ قارايدىكەن.
ئىشىكنىڭ سىرتقا كەڭ ئېچىۋېتىلىشى چەت ئەللىكلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ سۈرئىتىنى ھەقىقەتەنمۇ تېزلەشتۈرۈۋەتتى. يېڭىلىققا، ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان، ئىزدىنىش روھىغا باي، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ياشلىرىمىز ئاران قولغا كەلگەن بۇ پايدىلىق تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، چەت ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى جەۋھەرلەرنى، مېغىزلارنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم - پەننى، مائارىپنى، كەشپىياتنى، ئىجادىيەتنى، ئەمگەكنى، تۆھپىنى، ئىقتىدارلىقلارنى، ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى، ئانا تەبىئەتنى، قانۇننى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى، تارىخىي مىراسلارنى قەدىرلەش ئېڭىنى ئۈلگە قىلىپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى، ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. لېكىن، يېتەرلىك ئەنئەنە تەربىيىسى كۆرمىگەن، ئۇنىۋېرسال ساپاسى، بولۇپمۇ ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بەزى ياشلار چەت ئەللىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىكى مېغىز بىلەن جەۋھەرنى ئەمەس، ئەكسىچە ئەخلەت بىلەن شاكالنى تۇتىيا بىلىپ، ئۇنىڭغا بىراقلا ئۆزىنى ئۇردى. قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىش بىلەن ئەخمىقانە دورامچىلىق ئۇلارنى ئېسىل ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. شەرم - ھايالىق، نازاكەتلىك، ئەدەپ - ئەخلاقلىق قىزلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك ھاياسىزلىقلار، سەت قىلىقلار؛ ئاتا - ئانىلارنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، نومۇسچان، قائىدە - يوسۇنلۇق يىگىتلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك ئەدەپسىزلىكلەر، يولسىزلىقلار قانداقتۇر «چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە، يېڭىلىققا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەنلىكىنىڭ، فېئوداللىق ئەخلاققا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى» بولماستىن، بەلكى مىللىي مەدەنىيەتتىن ئېغىر دەرىجىدە ياتلاشقانلىقىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتىدۇر. بۇ خىل ياتلىشىشنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلىش ياكى ئۇنىڭغا چاپان يېپىش مىللىي مەدەنىيەتكە قىلىنغان ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەرقانداق مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن قەدىرلىك. چۈنكى، بۇ خىل مەدەنىيەتكە ئۇنى ياراتقان خەلقنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك جاپالىق ئەجرى، قىممەتلىك تەجرىبە - ساۋاقلىرى، ئەقىل - پاراسىتى، گۈزەللىك قارىشى، ئىجادچانلىق روھى، كۈچلۈك ئېتىقادى ۋە ئۆزىگە خاس ئەخلاق چۈشەنچىلىرى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ مېغىزى بىلەن جەۋھىرى ئىنتايىن مول، ھاياتىي كۈچى بەكمۇ زور، جەلپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەتقىقات قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ۋە ئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى، روھىنى، جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، بەلكى يەنە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچەيتىپ ماڭىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ دەۋرگە، تەرەققىياتقا، مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا ماسلىشالماي قالغان بەزى تەرەپلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ مىللىي مەدەنىيەتتىن ياتلىشىپ، چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مىللىي مەدەنىيەتتىكى ياتلىشىشنى «يېڭىلىققا ئىنتىلىشنىڭ مەھسۇلى» دېيىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىكتۇر.
بىز ياپونىيىلىكلەر بىلەن كورىيىلىكلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىزدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىدە، ئەخلاق قاراشلىرىدا ساقلىنىپ قالغان قىممەتلىك ئەنئەنىلەر، روشەن خاسلىقلار، مىللىي ئالاھىدىلىكلەر ئادەمنى ئىختىيارسىز زوقلاندۇرىدۇ. بۇ خىل ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچراتقىنى يوققۇ؟ شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۇ مىللەتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلارغا، چوڭلارغا، تونۇش - بىلىشلەرگە شۇ قەدەر ئىللىق، سىلىق، ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشى كىشىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئەسىرلەردىن بۇيان قەدىرلەپ يوقاتماي كېلىۋاتقان بۇ خىل ئېسىل ئەنئەنىلەر شۇ مىللەتلەرنىڭ ساپاسىنى، قىممىتىنى، ئۆزىگە خاس گۈزەل مىللىي مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلارمۇ چەت ئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرغان؛ چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار، پايدىلىق تەرەپلەرنى، مېغىز ھەم جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنى چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇۋەتمىگەن. شۇڭا، رىقابەت ھەم خىرىسقا تولغان بۇ دۇنيادا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ھەم نوپۇز بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىغان.
بىز چەت ئەللىكلەردىن ئىت - مۈشۈكلەرنى شالاپشىتىپ سۆيۈشنى، تىرناقلارنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋېلىشنى، بەدىنىمىزنىڭ نازۇك جايلىرىنى ھاياسىزلارچە ئېچىپ قويۇشنى، ئاممىۋى سورۇنلاردا قىزلارنى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇشنى دوراشنىڭ ئورنىغا ئاتا - ئانىلارغا تايىنىۋالماي، ئۆز كۈچىمىز ئارقىلىق مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگەنسەك بولماسمىدى؟! ئاڭلىشىمىزچە، غەربلىكلەر 18 ياشقا كىرگەن پەرزەنتلىرىدىن ئۆز كۈچىگە، ئۆز ئىقتىدارىغا، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، مۇستەقىل ياشاشنى، ئاتا - ئانىلىرىغا تايىنىۋالماسلىقنى، تىرىكتاپلىق قىلماسلىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدىكەن. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز بولسا، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئاتا - ئانىلىرىغا تايىنىپ ئوقۇۋاتىدۇ؛ ئۇلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ئاتا - ئانىلىرى چېپىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تويىنىمۇ ئاتا - ئانىلىرى قىلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ ئۆيىنىمۇ ئاتا - ئانىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ ھەتتا ئۇلار بالىلىرىنىمۇ ئاتا - ئانىلىرىغا تاشلاپ قويۇۋاتىدۇ.
غەرب ئەللىرىدىكى ياشلار بالىلىرىنى ھامىلە چېغىدىن باشلاپلا تەربىيىلەشكە كىرىشىدۇ، پۈتۈن كۈچىنى بالا تەربىيىسىگە قارىتىدۇ، لېكىن، بىزنىڭ ياشلىرىمىز بولسا، بالا تەربىيىلەشتىن قاتار چايلارنى، رېستورانلاردىكى تۈگىمەس زىياپەتلەرنى ئەۋزەل كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلار پەرزەنتى بىرەر خېيىمخەتەرگە يولۇقمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئارام ئېلىشىغا ياكى ئويۇن - تاماشىسىغا تەسىر يەتكۈزمىسىلا، ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلىۋاتىدۇ.
تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى ياش ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئۆيلىرىدە جەزمەن كۇتۇپخانىلىرى بولىدۇ. ئۇلار كىتابنى، بىلىمنى، ئىقتىدارنى ئەڭ زور بايلىق ھېسابلايدۇ. لېكىن، بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ كۆپى ئائىلە كۇتۇپخانىسى دېگەننى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايۋاتىدۇ. ئۇلار قىممەت باھالىق ئۆي جاھازىلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئېسىل كىيىملەرنى ئەڭ زور بايلىق ھېسابلاپ، بىر - بىرسىدىن شۆھرەت تالىشىپ، نادانلىق كوچىسىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ.
چەت ئەللىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئانا سەنئىتى بىلەن پەخىرلىنىدۇ؛ ئۆز مىللىتىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى كۆز قارىچۇغىدەك ئاسرايدۇ. ئۇلار ئانا سەنئىتىنىڭ خاسلىقى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. لېكىن، بىزنىڭ بەزى ئۇسسۇلچىلىرىمىزنىڭ كىندىكى ھىندىچە ئېچىلىپ، ساغرىسى ھىندىچە تەۋرەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ؛ خېلى داڭقى چىقىپ قالغان بەزى سەنئەتكارلىرىمىز يەرلىك پۇرىقى قويۇق ناخشىلارنىڭ ئەگىتمىلىرى بىلەن ئەۋجىدىن ئۆزبېكچە پۇراق چىقىرىشقا ئامراق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى، بەزى ياشلىرىمىز چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتىدىكى شاكال بىلەن مېغىزنى، ئەخلەت بىلەن جەۋھەرنى پەرقلەندۈرمەيۋاتىدۇ؛ ئۆگىنىشكە، ئەينەك قىلىشقا، قوبۇل قىلىشقا، ئۆزلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئىلغار، پايدىلىق تەرەپلەرگە ئۆزىنى ئۇرماي، ئەكسىچە مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىمىزغا، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزگە، مىللىي مەدەنىيەت پسىخىكىمىزغا، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە، گۈزەللىك قارىشىمىزغا، ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمىزگە زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە قىلچە پايدىسى تەگمەيدىغان، قىممىتى يوق، ھەتتا زىيانلىق تەرەپلەرگە ئەسەبىيلەرچە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتىدۇ ياكى باشقا مەدەنىيەت مۇھىتىدىكىلەرنىڭ بىزگە ماس كەلمەيدىغان بەزى قىلىقلىرىنى، ئادەتلىرىنى قارىغۇلارچە دوراۋاتىدۇ. بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ خىل ياتلىشىش ھادىسىلىرى مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تەربىيىسىنىڭ چىڭ تۇتۇلمىغانلىقى ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان مۇھەببەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئاساسلىقى، ياشلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. چۈنكى، بۈگۈنكى ياشلار __ ئەتىنىڭ ئىگىلىرى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى ھەم قوغدىغۇچىلىرى. شۇڭا، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بۇ ۋارىسلىرىغا، داۋاملاشتۇرغۇچىلىرىغا يول كۆرسىتىش، ئىلھام بېرىش، ئۇتۇق تىلەش ۋە ئۇلارغا مىللىي مەدەنىيەتتىكى ياتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا سەمىمىي مەسلىھەت بېرىش پېشقەدەملەرنىڭ، چوڭلارنىڭ تارىخىي بۇرچىمىزغا ئايلىنىپ قالدى.

(ئاپتور: «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيىدە)
 

تورداش << تىكەن>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ