كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ ، بۇ جەھەتتە باشقا رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى ، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.
كېرىيە دوپپىسى تەلپەك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا جىننېس رېكورتى قامۇسغا ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا›› دەپ كىرگۈزۈلگەن.
تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر ، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق ، سېرىق ، كۆك ، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ . ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ . تەلپەك يىڭنە ياكى قوش يىڭنە بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ . ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ . كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ . كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ .
ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق ، كۈمۈش رەڭ تاشلىقى كىيىلىدىغان بولۇپ ، بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن ، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ . سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ . جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا ، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ . ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.