يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا قوللىنىلىشى توغرىسىدا
بەزىلەر دەيدۇ، ئەدەبىيات بولسا مول ھېسىياتقا ، ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولغان تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىدىغان پەن. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى جەھەتلەردىكى رولى ئۆزگىچە. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى داۋامىدا، دەرسخانىدا باشقىلارنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ،كىشىلەرنىڭ زوقىنى تارتقىلى بولىدۇ؟ دۆلەت يېزا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ زامانىۋى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، يېڭىىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتلەردىكى تەربىيىلەش ئۇسۇلى ۋە مۇساپىسىنى ئېچىپ بەردى؛ ئەگەر ئۇنىڭ رولى تولۇق جارىي قىلدۇرۇلسا، دەرۋەقە باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا نىسىبەتەن ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پائالىيىتىمنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، يولۋاسقا قانات چىققاندەك، بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك ئىش بولاتتى... ئۇنداق بولسا زامانىۋىي يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ باشلانغۇچ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى رولىدىن قانداق پايدىلىنىش، ئۇنى قانداق قوللىنىش كېرەك؟
1. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ، ئازادە دەرسخانا كەيپىياتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. ئوقۇتۇشمۇ بىر خىل سەنئەت. چۈنكى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنى تولۇپ تاشقان ئەركىن تەرەققىي قىلىش سورۇنى بىلەن تەمىن ئېىتىدۇ، بىراق ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كېتەلمەيدۇ. زامانىۋىي مائارىپ تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە زامانىۋىي يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقىنى ئىشلىتىش، ھەممىگە نىسىبەتەن ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى، خۇددى ماگېنىتقا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى ئاستا- ئاستا ئۆزىگە تارتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى سەنئەت تۇيغۇسى ئىگە قىلدى ۋە تەربىيىلىدى. مۇزىكا، سۈرەت— ھېسىيات ئويغىتىدىغان سەنئەت يېقىشلىق مۇزىكا دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپلا قالماستىن، دەرسخانىدىكى جىددىيلىشىش كەيپىياتىنىمۇ ئۆزگەرتتى، بىراق ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا ئارقىلىق جىسمانىيىتى ۋە روھىيىتىنى ئىمكانىيەتكە ئېرىشتۇردى؛ ئوخشاش بولمىغان سۈرەتلەر ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشاش بولمىغان تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىراق مۇشۇنداق ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات ئۆزگىرىشى دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئىزدىنىش ئېڭىنىڭ ئاساسى بولالايدۇ. كارتون — تەپەككۇرنىڭ يېتەكچىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كارتون فىلىمنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى كارتون فىلىمدىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق مۇنازىرىگە يېتەكلىگەندە، ئۇلار بەس- بەس بىلەن ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ خىل پىسخىك ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان كارتون ماتېرىياللىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ئۇلانى كۆزىتىشكە، ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئەركىن ئۆگىنىش مۇھىتىدا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ.
2. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات بىلىمىنى موللاشتۇرۇش تىل- ئەدەبىيات بىلىمىنى ئۆگىنىشتە ئاساسلىقى يەنىلا مەنبە، بىلىمنىڭ توپلىنىش جەريانى مۇھىم. بىراق ھازىرقى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا دەرسلىكتىكى مەزمۇننى ئىگىلەش مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، دەرستىن سىرتقى ماتېرىياللارنى توپلاشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.
3. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە ۋە پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئىدىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، بىراق پەزىلەت ئەزەلدىن تۇغما بولمايدۇ ھەم ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنمەيدۇ؛ ئۇلار كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، شەخىسنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى ۋە تەرەققىياتى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. دەرسخانىدا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە جەريانىغا مۇۋاپىق سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بولغان ئىدىيىۋىي- پەزىلەت تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش كېرەك.