<شىنجاڭ تەنتەربىيسى> پرگۇرامما گوروپپىسىغا.....
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-13 23:17:59  يازغۇچى:تۈرگۈن  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:263   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

<شىنجاڭ تەنتەربىيسى> پرگۇرامما گوروپپىسىغا.....

 

ئەلۋەتتە ، مىنىڭ بۇتەلىۋىم(ئارزۇيۇم) تولىمۇ بىر تەرەپلىمە بۇلىشى مۇمكىن لىكىن كەڭ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ مەدىتىدە يەنىلا يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن... كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەم دۆلىتىمىز ۋاسكىتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتقان ۋە دۆلىتىمىز تەنتەربىيىسىنى جۈملىدىن دۆلىتىمىز ۋاسكىتبولچىلىقىنى،  ۋاسكىتبول ماھىرلىرىنى دۇنياغا تۇنىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقان جۇڭگۇ ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CBA)نىڭ بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ،ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئايلانما مۇسابىقىلىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۈتۈپ،ھەش-پەش دىگۈچە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىمۇ ئاياقلاشتۇرۇپ مانا چىمپىيونلىقنى تالىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغىچە تۆت ئايچە ۋاقىت بۇلۇپ قالدى.

بۇ تۆت ئاي جەريانىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى (شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسى) ئىزچىل تۈردە يۇقىرى سەۋىيىنى نامايەن قىىلىپ، كەڭ ۋاسكىتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ قايىللىقىغا ئىرىشتى. ئىلگىرى ئېيتقىنىمىزدەك  (ئەزىمەتلەر ئالغا ! بىز سىلەر بىلەن بىرگە... دىگەن يوللانمىدا ئېيتقىنىمىزدەك) شىنجاڭ كوماندىسىدىكى باتۇر، شۈگوچىياڭ، مۇرات، شىرئېلى، مەۋلانجان... قاتارلىق ماھىرلار بۇ تۆت ئاي جەريانىدىكى ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە يول ئازابى، شارائىت مەسىلىسى... ۋە باشقا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ باتۇرلۇق بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، كەڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىزچىل يۇقىرى تېخنىكىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پەرەز قىلغىنىمىزدەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى. بىز ھەۋەسكارلارمۇ بىر قېتىم <ئۇھ...> دىدۇق. بىزنىڭمۇ ھاردۇقىمىز چىقىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدى. ئەمدى ئىش ئالدىمىزدا _ مانا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىمۇ ئاۋالقىدەكلا يۇقىرى سەۋىيىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاشلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇيىل بىلەن ئۇدا ئىككىنچى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ بولسا ئۇدا سەككىزىنچى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

دىمەك، ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان(4-ئاينىڭ 16-كۈنى جۈمە) شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ CBA چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەقىقەتەن تولىمۇ كەسكىن ھەم جىددى مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم، ھۈكۈمەت نۇرغۇنلىغان قوللاش سىياسەتلىرىنى بىرىپ، مەبلەغ ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىپ كەلگەچكە،  شۇنداقلا گۇاڭخۇي گوروھىنىڭ ياردىمىدە ھازىرقىدەك شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىزنى چەكسىز شاتلاندۇردى. دەل مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئالدىدا ( چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا) كوماندىدىكى ماھىرلىرىمىز كەڭ ئاممىنىڭ چەكسىز مەدىتىگە ۋە تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا مۇھتاج ئەلۋەتتە.

ماھىرلىرىمىزغا ئۇرۇلغان ھەربىر مەدەت تېلىفۇنلىرى، يىراق يېزا قىشلاقلاردىن كەلگەن ھەر بىرپارچە تەشەككۇر خېتى... ئۇلار ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈچ ۋە مەدەت، بۇنى دىمىسەكمۇ ھەر بىرىمىزگە ناھايىتى ئايان.  مانا بۇنىڭدا تېلىۋىزور ۋە رادىئونىڭ رۇلىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.

شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى چوڭ ئىش بولغان مانا مۇشۇنداق مۇسابىقىنى چۇقۇم نەق مەيداندىن ئۇلاپ كۆرسىتىش كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە شىنجاڭ 10-قانىلىدا ھەربىر مەيدان مۇسابىقە كۆرسىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن كەڭ يېزا قىشلاقلار، ناھىيە بازارلاردا بۇ قانالنى پەقەت سىملىق تېلىۋىزىيە لىنيىسى بار جايلاردا كۈرەلەيدۇ. شۇنداقلا خەنزۇچە قانالنى كۈرىدىغانلار ھەم كۈرۈپ چۈشىنەلەيدىغانلار كۈرىشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم ئامما بۇ مۇسابىقە ئەھۋالىدىن ھەتتا بۇ مۇسابىقىدىن خەۋەرسىز.  ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە جەنۇپتىكى بىرقىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا بۇ مۇسابىقە ھەم ماھىرلىرىمىز ھەققىدە ھىچقانداق نەرسىنى بىلمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن. لىكىن ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرىغا يەنىلا ۋاسكىتبولدىن دەرس ئۈتىدىكەن...

قايسى يىللاردا شىنجاڭ 5-قانىلىدا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن ئويغۇرچە تىلدا ئۇلاپ تارقاتقاندا بىرقىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئۆيلىرىدىن تېلىۋىزور ئېلىپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە كۆرگىنىنى مانا ساۋاقداشلىرىم سۆزلەپ ئولتۇرۇپتۇ... ھەم بۇنىڭ شۇ رايۇندىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشىدىكى رولىنىمۇ مىساللار بىلەن ئاڭلىدۇق. مانا بۇلار ئەلۋەتتە تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رولى ۋە ئىستانسىدىكىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ مەسئۇلى ئەمەسمۇ؟!

نۆۋەتتە پارتىيە ھۈكۈمەت پۈتۈن جەمىيەت مىقياسىدا ئۇمۇمى خەلق ساغلاملىقىنى، ئۇمۇمى خەلق ساغلاملىق تەنتەربىيە پائالىيىتىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ ۋە كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىۋاتىدۇ. كەڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولسا <قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى> پائالىيىتى يولغا قۇيۇلىۋاتىدۇ. يېزا بازار قىشلاقلاردا بولسا مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. ئاڭلىسام نۇرغۇن ناھىيە بازارلاردا ھەر يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى كۈتىۋېلىش يۈزىسىدىن كەڭ دائىرىدە ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، شۇنداقلا ناھايىتى قىزىپ كىتىدىكەن. دېھقان ئاممىسىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئەلۋەتتە ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تۈر ئىكەن.

مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسى (تەنتەربىيە پىروگراممىسى گوروپپىسى) نىڭ يەنە بىر غەيرەتكە كىلىپ، خىزمەت جىددىچىلىكى ئىچىدىكى قىممەتلىك ۋاقتىنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ھىچبولمىسا بۇ يىللىق  شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ CBA چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن (جەمى 7مەيدان) ئويغۇرچە بىۋاستە كۆرسىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى  ئۈمۈت قىلىمەن. مىنىڭچە بۇنىڭ ئۇمۇمى خەلق ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇش، ۋاسكىتبول ئىز باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈشتە ھەم 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى كۈتىۋېلىشتىكى سوۋغىلىق رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان بولاتتى.

نۆۋەتتە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن 4كوماندا: گۇاڭدۇڭ-شاڭخەي، شىنجاڭ-جېجىياڭلار كەسكىن مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق شىنجاڭ كۇماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى چېمپىيۇنلۇقنى تالىشىدىغان، شاڭخەي كوماندىسى بىلەن جېجىياڭ كوماندىسى 3-لىكنى تالىشىدىغان مۇسابىقىنى ئوينايدۇ.

چېمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە رەسمى باشلىنىدۇ. بۇلار 16-چېسلا ، 18-چېسلا، 21-چېسلا، 23-چېسلا،  25-چېسلا، 28-چېسلا ۋە 30-چېسلالاردا كەچ سائەت 19:30 دا شىنجاڭ ۋە گۇاڭدۇڭلاردا ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ  جەمى 7مەيدان مۇسابىقە ئويناش  ئارقىلىق چېمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەيدۇ.

 دىمەك يۇقارقى مۇسابىقە جەريانىنى ئويغۇرچە نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ناھايىتى زور دەپ ئويلىدىم ھەم بۇنى ھەر قايسى تورداشلارغا يوللىدىم. ئەگەت ھەقىقەتەن بۇ يوللانمىنى تەسادىبى پۇرسەتتە پىروگرامما گوروپپىسىدىكى مەسئۇللار كۆرسە ھەم ئويلشىپ نەق مەيداندىن ئويغۇرچە كۆرسەتسە مەنلا ئەمەس كەڭ دېھقان ئامما، ھەۋەسكارلار  ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تولىمۇ كۆپ نەپ ئالغان بولاتتى. سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بۇلىشى تۈپەيلىدىن بۇ يازمىدا ئويلىغانلىرىمنى ئىدىتلىق ئىپادىلەپ بولالماي قالدىم، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى مۇسابىقە مەيدانىدا

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى يازدىم.

تورداش << تۈرگۈن>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ