‹‹ قوش تىللىق ›› ئاتالغۇ بىزگە يات ئەمەس
‹ مۇھاكىمە ماقالىسى›
دەۋرانجان مۇھەممەت ‹ئىنتىل›
ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىنلا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالەمگە مەشھۇر يېپەك يولىنىڭ تۈگىنىدە ياشاپ كەلگەچكە،قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا بىزدە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۈگىنىش،باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن،ھەتتا نۇرغۇن كىلاسسىك زىيالىيلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس،ئەرەب،پارس،خەنزۇ تىللىرىدىمۇ مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ،ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا شۆھرەت قازانغان. مانا مۇشۇ جەرياندا ‹‹قوش تىللىق›› بولۇش دېگەن ئاتالغۇلار ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن.
ھازىر دېيىلىۋاتقان ‹‹قوش تىللىق››بولۇش رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە دەرسلەرنى خەنزۇتىلى بىلەن ئانا تىلدا ئوخشاش ئوقۇتۇش ئارقىلىق،كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ پۈتكۈزگەندە ئانا تىلىنىمۇ،خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەشنى كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا قوش تىللىق ئوقۇتۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇتىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ،ئايرىم كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇنۇشى يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ،شۇڭا رايونىمىزدىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش ۋە خەنزۇتىلى ئۈگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.
1. قوش تىللىق ئوقۇتۇش ۋە خەنزۇتىلىنى ئۈگىنىش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئېھتىياجى ‹‹دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش››دېگەن بۇ سۆز ئىنتايىن قويۇق ئاممىۋىيلىققا ئىگە بولۇپ،مەيلى ئەمەلدار بولسۇن،مەيلى خىزمەتچى بولسۇن،ۋە ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن،دەۋر بىلەن تەڭ ماڭالمايدىكەن ئۇ ئېتىبارسىز كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىرەر دۆلەت،بىرەر مىللەت،ھەتتا بىرەر تەشكىلات،كوللېكتىپمۇ شۇنداق.
ھازىرقى ئەھۋالنى ئالساق،رايونلار سودا-ئالاقىسىنىڭ كېڭىشى بىلەن ئالاقە دائىرىمىز دېھقانلاردىن تارتىپ ئادەتتىكى تىجارەتچىلىرىمىزگىچە دائىم دېگۈدەك خەنزۇ خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ،گەپنى ئۇدۇللا ئېيىتساق، ھازىرقى دەۋردە خەنزۇتىلى بىلسەك نۇرغۇن قولايلىقلارغا ئېرىشەلەيمىز،بولمىسا ئەكسچە بولىدۇ،شۇڭا خەنزۇتىلىنى ئۈگىنىش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنىڭ تۈپكى ئېھتىياجى؛تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئىگە بولۇشنىڭ ئاساسى.
2. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ ئېھتىياجى، تەرەققىيات چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ماددىي تەرەققىيات بىلەن مەنىۋى تەرەققىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ماددىي تەرەققىيات مەلۇم بىر رايون ياكى مەلۇم بىر توپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دەرىجىسى،ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى،ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ،ھازىرقى ئەھۋالدىن ئالغاندا،ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇتىلىنى پۇختا بىلسە ئىشقا ئورۇنلىشىش،پەن-تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەنىۋى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇتىلىنى پىششىق بىلسە خەنزۇتىلى يېزىقى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن خەنزۇلارنىڭ ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىپ،ئۆز مەدەنىيىتىنى بېيىتسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز مەدەنىيىتىنى خەنزۇلارغا،ھەتتا دۇنيا خەلقىگە تونۇشتۇرۇپ،مەدەنىيەت جەھەتتىكى شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. دېمەك،خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۈگەنسەك،تەرەققىيات جەھەتتىكى يۈكسىلىشىمىز تېزلىشىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا خەنزۇتىلى ئۈگىنىشنى كۈچەيتىش ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىياتىغا پايدىلىق،شۇڭا ھەممە كىشى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك،شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر قانداق بىر ئاز سانلىق مىللەت پۇقراسى ئۆز ئانا تىلىنىمۇ پۇختا بىلىشى،ھەر دەرىجىلىك تارماقلارمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمىر-پەرمانلىرىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ،تىل-يېزىقنىڭ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشى كېرەك.
مېنىڭچە،تىل ئۈگىنىش بىر خىل ماھارەت بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت كۆپلەپ مەشىق قىلىشىلا،تىل ئۈگەنگۈچىلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ تىلنى مۇكەممەل ئىگىلەشكە ئېلىپ بارىدۇ.
تىل ئۈگىنىش ۋاقىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،تىل ئۈگىنىشتە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مۇكەممەل بىلىشكە ئىگە قىلىدىغان بىرەر ئۇسۇل يوق،ئۇنى مۇكەممەل ئىگىلەشتە مەلۇم مەزگىل كېتىدۇ.
تىل ئۈگەنگەندە سەۋرچان بولۇپ،توختىماي ئۈگىنىش لازىملىقىدىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەتنى ئىگىلەش كېرەك.
تىل ئۈگەنگەندە چوقۇم گرامماتىكا ئۈگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تىل ئۈگىنىش قانداقتۇر مەلۇم بىر خىل دەرسلىك كىتابقا باغلىق بولماستىن،بەلكى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.
تىل ئۈگەنگەندە سۆزلۈك ‹خام سۆز› ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل، شۇنداقلا ئەڭ قىيىن ئۆتكەل، پەقەت مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن بىر تىلنى مۇكەممەل ئىگىلەشكە ئېچىلىدۇ.
تۆۋەندە تىل ئۈگىنىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە تىل ئۈگەنگەندە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدىكى دەسلەپكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1. ھەر بىر تىل ئۈگەنگۈچى چوقۇم مەلۇم بىر مىللەت تىلنى ئۈگىنىشتىن بۇرۇن ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلىشى، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلىنىڭ گرامماتىكىسى، يەنى گرامماتىكىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا بىلىشى كېرەك.
2. ئېھتىياجىمىزغا قاراپ ئۈگىنىشىمىز كېرەك، بىز ئۈگەنمەكچى بولغان تىلنىڭ بىز بىلەن زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار ؟ ئەگەردە مۇشۇ تىلنى ئۈگەنسەك بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە پايدىسى بارمۇ-يوق؟ بۇلارغا قاراش كېرەك. ھەرگىزمۇ قارىسىغا مەقسەتسىز ئۈگەنمەسلىكىمىز،ئۇنى ‹‹ جەمئىيەتنىڭ بىر ئېقىمى،ھەممە ئادەم ئۈگىنىۋاتقاندىكىن مەنمۇ ئۈگىنىپ قويايچۇ ›› دېگەن ئىدىيىدە ئۈگەنمەي،توغرا پوزىتسىيىدە تۇرۇپ ئۈگىنىشىمىز لازىم.
3. تىل ئۈگەنگۈچىدە ئۈگەنمەكچى بولغان تىلغا نىسبەتەن قىزىقىش بولۇشى كېرەك،مەيلى قانداق مىللەتنىڭ تىلى بولسۇن،ئادەمدە شۇ تىلغا نىسبەتەن قىزىقىش بولغاندىلا،شۇ تىلنى مۇكەممەل ئۈگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4. تىل ئۈگەنگۈچىدە مۇستەھكەم ئىرادە بولۇشى كېرەك،ئىرادە بولغاندىلا ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى،جاپالىق ئەمگىكىمىزنىڭ شېرىن مىۋىسىنى تېتالايمىز.