بەزىلەر بىر كۈن كەچكىچە ئىشلىدىم دىسە يەنە بەزىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلىدىم دەيدۇ ، يەنە بەزىلەر بىركۈن ئىشلىدىم دەيدۇ ، بۇنىڭدىكى قايسى گەپ توغرا ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلەيدۇ .( مەيلى قايسى كەسىپتىكى كىشىلەر بولسۇن يۇقىرىدا دىگەندەك سۆزلەرنى دىيىش ئومۇملىشىپ قالغان)
بىر كۈن كەچكىچە ئىشلىدىم دىگەن گەپتىكى بىر كۈن 24 سائەتنى كۆرسىتىدىغان تۇرسا ئۈچ ۋاق تاماقنى يىمەي ئىچمەي ئىشلىيالايدىغان نوچىنى كۆرسەتسە كېرەك (تەنە ) ئەمىليەتتە ئىشلىگىنى ئېشىپ كەتسە 15 سائەتتىن ئارتۇق ئەمەس .
ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلىدىم دىگەن گەپ جايىدا ئېيتىلغان گەپتەك تۇرىدۇ . لېكىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بۇمۇ توغرا ئەمەستەك راس يالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان گەپلەر .
بىركۈن ئىشلىدىم دېگىنى سېپى ئۆزىدىن يالغان گەپ بۇلۇپ يا تاماق يىمەي يا ئۇخلىماي 24 سائەت تولۇق ئىشلىيالايدىغان ماشنا ئادەممىكىنا ... ئىشقىلىپ ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز
تۆۋەندە ، سىلەرگە توغرا بولغان گەپ قىلىشنى سۆزلەپ بىرەي ،
يىغىپ قىسقىچە ئېيىتقاندا خىزمەت كۈنى ياكى ئىش كۈنى دىسە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ .
يەنە مۇشۇنداق دەۋىرىدىغان بولساق خەقنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغان ساپاسىز مىللەت كىشىلىرى بولۇپ قالىمىز .
بولسا ئاۋال ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمىز ۋە تەشۋىقات ئاپپاراتى بولغان تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسلىرىدىن باشلانسا ...