تەنقىتلەردىن تۇغۇلغان تەنقىد
مەن 2006- يىلى<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان <<ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىچى ئەمەسمۇ>>،<<ياق بۇ تەنقىد ئەمەس>>دېگەن ماقالىلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.ھەمدە بۇ ھەقتە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىرلىشىپ باقتىم.ھەر ئىككى خىل قاراشنىڭ يىلتىزى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ قانداق ناخشىچى ئىكەنلىكى ۋە مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شائىر ياكى شائىر ئەمەسلىكى يىلتىز قىلىنغان ماقالە ئىكەنلىگىدە گەپ يوق.ماقالىلارنى تەكرار ئوقۇش ئارقىلىق مەيلى ئېلى قادىر بولمىسۇن مەيلى مۇھەممەتجان راشىدىن بولمىسۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ماقالىسىدا نۇېرغۇنلىغان بوشلۇقلارنىڭ،كەمچىللىكلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم.
ئەسلىدە مۇھەممەتجان راشىدىن<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژورنىلىدا ئابۇللا ئابدۇرېھىم، شامىل شاكىر، زاھىر بۇرھانلار ھەققىدە توختۇتۇلۇپ ئۇلارنى<<خەلق ناخشىسى ئېيتالمىغاچقا ئۇلارنى ناخشىچى دىيىشكە بولمايدۇ>>دېگەننى مەركەز قىلىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنلىكىدىن،ئېلى قادىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شۇ خىلدىكى پىكرىنى تەنقىد قىلىپ ئاخىرى مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شائىرلىقىدىن گۇمانلانغان.
ئەلقىسسە،گەپنى خەلق ناخشىچىسى ۋە خەلق ناخشىسى دېگەن ئۇقۇمدىن باشلايلى:
بۇ ئۇقۇمنى بىلىشتىن بۇرۇن<<خەلق>>دېگەن ئۇقۇمغا تەبىر بەرمەي مۈمكىنمۇ؟مېنىڭچە خەلق دېگىنىمىز جامائەتلەر جەملەنمىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ خەلقنىڭ سانى زور كوللىكتىپقا مەنسۈپ بولىدۇ.بىر ياكى بىر نەچچە ئادەم ھەرگىزمۇ خەلق بولالمايدۇ.
خەلق نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزدىن بۇيان مەۋجۇت.ھازىرمۇ بىز خەلق بىلەن ئورتاق ياشاۋاتىمىز،بۇندىن كېيىنكى قەۋمى-قېرىنداشلارمۇ خەلققە مەنسۈپ بولىدۇ.شۇ ۋەجىدىن خەلق ئۈچۈن قۇربان بولغانلار خەلق پەرزەنتى، خەلقنى قوغداۋاتقانلار خەلق ئەسكىرى، خەلقىمىزنى تەربىيەلەۋاتقانلار خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ كېلىۋاتقانغا ئوخشاش،خەلق ئۈچۈن ناخشا ئېيتقان،خەلق ئۇنىڭ ناخشىسىدىن سۆيۈنگەنلەرمۇ ئەلۋەتتە خەلق ناخشىچىسى بولىدۇ.خەلق قوبۇل قىلىپ،خەلقنىڭ قەلبىدە قالغان ناخشىلار خەلق ناخشىسى بولىدۇ.قانداقتۇر ئۆتمۈشكە مەنسۈپ بولغان ناخشا ھەم ناخشىچىلار،خەلق ناخشىسى ۋە خەلق ناخشىچىسى بولسا،ھازىرقىلار ئۇنداق سانالمىسا خەلق دېگەن ئۇقۇمنى خاتا چۈشىنىپ قالغان بولمامدۇق؟مېنىڭچە مۇھەممەتجان راشىدىن تېخى خەلق دېگەن ئۇقۇمنى تېگىدىكى مەناسى بىلەن چۈشەنمىگەچكە،خەلق ناخشىلىرىغا ئالدىراپ يەڭگىللىك بىلەن يەكۈن چىقىرىپ قويغان،بۇ ھەقتە مۇھەممەتجان راشىدىندىن ھەرگىزمۇ رەنجىگىلى بولمايدۇ.چۈنكى بۇ كىشىنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرى ئارانلا شۇنچىلىك تۇرسا،رەنجىش بىھاجەت.
ئەمدى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بولسا سەھنىدە پەيدا بولغاندىن بۇيان دەل شۇ خەلق ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتسا ئۇنى ھەتتا ناخشىچى ئەمەس دىيىش بىر كۈلكىلىك گەپ بولۇپ قالغانلىقى خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئايان.
بۇ ھەقتە يەنە ئازراق سۆزلەي:جەمئىيەتتە نۇرغۇن ھۈنەرۋەن،نۇرغۇن تىجارەتچىلەرمۇ بار.بۇلارنىڭ تالانتى ۋە دەسمايىسى ئوخشاش بولمىغانغا ئوخشاشلا ئېرىشكىنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمىلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ بىرىنى ھۈنەرۋەن،بىرىنى ھۈنەرۋەن ئەمەس، بىرىنى تىجارەتچى بىرىنى تىجارەتچى ئەمەس دېسەك بولارمۇ؟ ئۈرۈمچىدىن ئىككە نەپەر يولۇچى يولغا چىقىپ بىرى قەشقەرگە، بىرى غۇلجىغا يولغا چىقسا،قەشقەرگە ماڭغان يولۇچىنىڭ ئالدىنى توسۇپ مۇتىھەملەرچە <<سەن غۇلجىغا بارمىغاندىن كېيىن سېنى يولۇچى دىگىلى بولمايدۇ،سەنمۇ غۇلجىغا ماڭ>>دېسەك بولامدۇ؟
ھازىر خەلقىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى چولپان دەپ ئېتىراپ قىلىپ بولدى.ئۇمۇ ئۆز ناخشىلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ئەشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۇ ھېچقاچان<<مېنى چولپان دەڭلار>>دەپ جار سالمىدى،بىراق خەلق شۇنداق ئېتىراپ قىلدى(مۇھەممەتجان راشىدىن بۇنىڭ سىرتىدا)ئەمدىلىكتە ئەشۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر توپىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئالدانغان ياكى بىلمەي ئېتىراپ قىلىۋاتامدىغاندۇ؟
مۇھەممەتجان راشىدىن ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ناخشىچىلارنى تولىمۇ ئەستايىدىل چۈشەندۈرمىسە خېلى جىق ئادەم تونۇمايدىكەن.ئەمدى بىز شۇلارنى مەجبۇرى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەكمىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم نائىل بولغان شەرەپلەرگە نائىل بولالمايدىغاندۇ ياكى بىز زاكىمىزدا تەكگەن كۆرەلمەسلىك كېسىلىمىزنى ئەدەبىيات-سەنئەتكە يۇقتۇرىۋاتامدىغاندۇق؟ نېمىشقىمۇ بىرى كۆكلىگەن ھامان ئۇنىڭ بېشىغا كالتەك بىلەن ئۇرىدىغان خۇيىمىز تۈگىمەيدىغاندۇ؟بىرسىنى ماختاش ئۈچۈن چوقۇم يەنە بىرىنى كام سۇندۇرۇپ ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش زۆرۈرمىدۇ؟
مەيلى ئېلى قادىر بولسۇن مەيلى مۇھەممەتجان راشىدىن بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.
بەلىكم قايسى بولمىسۇن بىرى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ئىدى؟بۇنداق قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىنماس بولغىيتى.مۇھەممەتجان راشىدىن<<مەن ئۇزۇن يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسلاندىم،مېنىڭ توغرا دەيدۇ>>بىراق ئۆزىنىڭ سەنئەتكە ۋە سەنئەتچىگە باھا بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلىقىنى مۆلچەرلىمەي ئىھتىياتسىزلىقتىن دەپ سالغان گېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن كۆپ ئاۋارە بولىدۇ.
ئېلى قادىر بولسا مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ كىچىككىنە گېپىگە چىڭ ئېسىلىۋىلىپ ئۇنى كۇۋادىرات ۋە كۇپلارغا كۆتۈرۈپ ئاخىرىدا مۇھەممەتجان راشىدىنمۇ<<شائىر ئەمەس>>دېگەن يەرگىچە سۆزلەيدۇ.
مۇھەممەتجان راشىدىن ماقالىسىدا<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>ژورنىلىنىڭ ئېلى قادىرنىڭ ماقالىسى بېسىلغان سانىدىكى دەل شۇ ماقالىنىڭ كېسىۋىلىنغانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ<<باشقىلار نارازى بولۇپ يىرتىۋەتكەن>>دەيدۇ.كۆپچىلىككە ئايان،گېزىت ژورنالدىن قانداق ماقالىلەر كېسىۋىلىنىدۇ؟ ئۆزىگە يارىغانلىرى كېسىۋىلىنامدۇ ياكى ياقتۇرمىغانلىرىمۇ؟ ئەلۋەتتە باشقىلارغا لازىملىقى،باشقىلارغا يېقىپ قالغانلىرىنى كېسىۋالىدۇ.مۇشۇ گەپتىمۇ مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ راست دىيىشىمىز كېرەكمۇ؟مۇھەممەتجان راشىدىن شۇنچە كۆپ شىئېرلارنى يازدى،ئۇنىڭ بەدىئىلىكى ئۇنچە يۇقىرى بولمىسىمۇ مەزمۇنى ۋە شەكلى رەڭدار بولۇپ نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ نەچچە توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان تۇرسا نېمىشقا ئۇنى شائىر سانىغىلى بولمايدىكەن؟ئۇنداقتا قانداق ئادەملەر شائىر سانىلىدۇ؟ دەل مۇنداق پىكىرلەردىمۇ ئېلى قادىرنى قوللىساق ئادىللىق بولارمۇ؟
بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلار ھەر ئىككىلا ماقالىدا ئۇچراپ تۇرىدۇ.ۋاقىت ئېتىۋارى بىلەن ھەممىنى مىسالغا ئېلىپ يۈرمىدىم.
خۇلاسە كالام:مەيلى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،زاھىر بۇرھان،شامىل شاكىر بولسۇن،مەيلى مۇھەممەتجان راشىدىن تىلغا ئالغان ناخشىچىلار بولسۇن ياكى مۇھەممەتجان راشىدىن،ئېلى قادىر بولسۇن ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.ئادەملىك قىممەت جەھەتتىن ئوخشاش. بىراق نەتىجە پەرقى بار،شۇڭا ھەممەيلەنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشىمىز ۋە تەڭ پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.
ئابدۇللانى ناخشىچى دېمىگەنلەر ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چۆكۈپ باقسا،مۇھەممەتجان راشىدىننى شائىر دېمىگەنلەر ئۇنىڭ ھەممە شىئېرلىرىنى كۆرۈپ باقسا مۇنداق تالاش-تارتىشمۇ بولماس ئىدى.سەۋەنلىكلەر بولسا يامان غەرەزدىن خالى ھالدا كۆرسۈتۈپ ئىلمى ھالدا مۇلاھىزە قىلساق بولاتتىغۇ؟
توۋا،ھەممە ئادەمگە يارايدىغان ئابدۇللانىڭ ناخشىلىرى بىزنىڭ بىر قىسىم شائىرلىرىمىزغا ياقمىغىنى قىزىق ئىش بوپتۇ.
ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىۋاتقان خەلق شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىن نېمىشقا بەزىلەرگە ياقمايدىغاندۇ(سوئال ئىشارىسى)
بىز قاچانغىچە يۇرتۋازلىق پاتقىقىدا تىپىرلاپ يۈرەرمىز. ئەسلىدە مويسىپىتلار مېھرىۋانلىقى بىلەن پەرىشتە سۈپەت تۇرۇپ چوڭلار بىلەن كىچىكلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان بولسا ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتنى يېقىنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەھلىلىرى ئارىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چاچماي،ئۇلارغا زەربە بەرمەي ھىممەت كۆرسەتسە،كىچىكلەر شۇ ھىممەتتە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلغان بولساق نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە! چوڭ باشنى ئاچسا،كىچىك قوڭنى ئاچمامدۇ؟
<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>ژورنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدىن كۆچۈرۈلدى.