نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
ئـۇلار كـىـمـگــە خـاتـىـرجـەمـلىك تىلىمــەكــچــى؟
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-28 16:46:01  يازغۇچى:ئۇيغۇرۇم  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1626   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئۇلار كىمگە خاتىرجەملىك تىلىمەكچى؟
ئامىنە ئابدۇرېشىت

بۇلتۇر 24- دېكابىر ئەتىگەندە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەھەللىمىزدىكى بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ، ئىمپورت قىلىنغان مىۋە سېتىش ئورنىنى قىزلارنىڭ ئورۇۋالغانلىقىنى، پىرگازچىكلارنىڭ قولى قولىغا تەگمەي ئالما جىڭلاۋاتقانلىقىنى، چىرايلىق گۈللۈك سۇلىياۋ خالتىغا قاچىلانغان بىر ئالمىنىڭ 9.50 يۈەنگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-نېمانچە قىممەت ئالما بۇ؟
- چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان ئالما، كىلوسى 32.80 يۈەن،- دىدى پىرگازچىك. بۇ ئالما شۇنچىلىك قىممەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم: بۇ نېمە ئىشتۇ؟ بۈگۈن مەن بىلمەيدىغان ئالما بايرىمىمىدۇ- يە؟
شۇ چاغدا بىردىن ئالما كۆتۈرۈۋالغان ئۈچ قىز يېنىمدىن ئۆتتى. مەن ئۇلارغا ئەگەشتىم.
- قىزلار، ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار! بۈگۈن بىر ئالاھىدە كۈنمۇ؟
- شۇنداق، بۈگۈن پىڭئەنيى!
- نېمە، ئۇيغۇرچە دەپ بېرىڭلارچۇ؟
خاتىرجەملىك تىلەش بايرىمى.
- كىمگە خاتىرجەملىك تىلەيسىلەر، بۇ قانداق بايرام؟
- ئەتە خرىستىئان دىنىدىكىلەرنىڭ روژدىستۋو بايرىمى، بۈگۈن ھارپىسى، يەنى خاتىرجەملىك تىلەش كىچىسى.
ھەيرانلىقتا ئاغزىم ئېچىلىپلا قالدى.
- سىلەر ئۇيغۇرمۇ يا؟
- ھەئە، بىز ئۇيغۇر!- ئۇلار سوئالىمدىن ئەجەبلەندىمۇ قانداق بىر-بىرىنى نوقۇشۇپ ئالدىراش مېڭىشتى.
-توختاڭلار، ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ بايرامنى تەبرىكلەيسىلەر؟
سوئالىم جاۋابسىز قالدى.
-ئالمىنى كىمگە سوۋغا قىلىسىلەر؟
-دوستلىرىمىزغا!- قىزلارنىڭ قولىدىكى ئۈچ ئالما موچىنى كەم 30 يۈەن ئىدى. ئىگىلىشىمچە، بۇ ئۈچ قىز xxx ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئىككىسى دېھقاننىڭ، بىرى خىزمەتچىنىڭ قىزى ئىكەن. ئۇلاردىن ئايرىلىپ يەنە ئالما سېتىلىۋاتقان جايغا كەلدىم. پىرگازچىك يەنىلا ئالدىراش ئالما جىڭلاپ، چىرايلىق خالتىلارغا قاچىلاۋاتاتتى.
- بۇ ئالمىنىڭ چوڭى قانچە پۇلغا كېلىدۇ؟
- 10 يۈەن، بەزىلىرى 11 يۈەندىن ئاشىدۇ.
- بۈگۈن بۇ ئالمىنىڭ بازىرى تازا چىقىدىغان ئوخشايدۇ- ھە؟
شۇنداق، ساپلا ئۇيغۇر قىزلىرى سېتىۋېلىۋاتىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ كىلوسى ئالتا يۈەن ياكى ئۈچ يېرىم يۈەندىن سېتىلىدىغان ئالمىلىرى ئىمپورت قىلىنغان ئالما بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك بولسىمۇ، بۇ <خاسىيەتلىك، ئەھمىيەتلىك> دېنىي بايرامنىڭ شاراپىتىدىن ئىمپورت قىلىنغان قىممەت باھالىق بۇ ئالمىلارنى قارا كۆز، قارا قاش قىزلىرىمىز بەس-بەستە سېتىۋىلىپ، بازىرىنى چىقىرىۋەتكەنىدى. خىيالىمغا: بايرام ئىمپورت قىلىنغاندىن كېيىن ئالمىنىڭمۇ ئىمپورت قىلىنغىنىنى سوۋغا قىلىش كېرەككەندە؟ دېگەن ئوي كەلدى.
ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئالما سېتىۋېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى مېنى بۇ بايرام توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ماتېرىيال ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى. گېزىتكە بېسىلغان <10 دوكتۇر روژدېستۋو بايرىمىغا قارشى چىقتى> ناملىق ماقالىدە <25-دېكابىر غەربنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى- روژدېستۋو بايرىيمى. نۇرغۇن جۇڭگولۇق ياش بۇ بايرامغا ئوتتەك بىرىلىپ كەتكەچكە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى، جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتىتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتىتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتىتى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتىتى، جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتىتى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى 10 پەلسەپە ۋە مائارىپ ئىلىمى دوكتورى <جۇڭگولۇقلار، ئاگاھ بولۇڭلار، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يامرىشىنى توسۇڭلار>> ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ: جۇڭگولۇقلار كوللىكتىپ ئاڭسىزلىقتىن قۇتۇلۇپپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ يىتەكچى ئورنىنى ساقلىشى كېرەك، دىدى. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2006-يىل 6-دېكابىر) دىيىلگەنىدى. يەنە بىر ماتېريالدا: روژدېستۋو بايرىمى ئەسلى مەنىسى ئەيسا پەيغەمبەرنى خاتىرلەيدىغان بايرام (كاتولىك دىنىدا بۇ بايرامنىڭ نامى <مىسسا>) ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى. <ئىنجىل> دا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى خاتىرلەنمىگەن. شۇڭا نۇرغۇن دىنى جەمئىيەت 12-ئاينىڭ 25-كۈنىنى ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئورنىدا خاتىرلەيدۇ. دېيىلگەنىدى.
ئەسلىدە خرىستىئانلارنىڭ دىنىي بايرىمىنى بىزنىڭ قىزلىرىمىز ئالاھىدە خاتىرلەپتىكەندە! ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بولمىغان، ئۆزى ئىتىقاد قىلمايدىغان بۇ دىنى بايرامدا باشقىلارغا <خاتىرجەملىك> تىلىسە، قانداق بولار؟ كەلگۈسىنىڭ ئانىسى بولمىش ئۇ قىزلار مېنى چۇڭقۇر ئويغا ۋە غەمگە موبتىلا قىلدى. مەن ئەمەس، باشقا كىشىلەرمۇ قىممەت كۆرىدىغان ئىمپورتنى ئالما بىلەن، <ئاتا-ئانام دېھقان> دېگەن ھېلىقى قىزلارنىڭ قىلىقى خىيالىمغا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە زىيارەتتە بولغاندا، مەلۇم دېھقاننىڭ ئۆيىدە بولغان سۆھبەتنى سالدى. شۇ چاغدا مەن بىر بۇلۇڭغا دۆۋىلەپ قويۇلغان توپا ئارىلاش تۇزنى كۆرۈپ مۇنداق سوئال قويغانىدىم:
-خالتىلىق تۇز ئىشلەتسەڭلەر بولمامدۇ؟
- بىزنىڭغۇ خالتىلىق تۇز ئىشلەتكۈمىز بار، لېكىن ئېشىنىپ بولالمايمىز. ئايدا نەچچە خالتا ئىشلەتسەك، نەچچە كوي تۈگەيدۇ. ئايدا- يىلدا بىرەر قېتىم گۆشكە ئېغىز تىگىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا چاغدا ئاچچىقسۇ، مۇچقا تايىنىپ تاماق يەيمىز. گاھىدا ئۇنىڭغىمۇ چىقىش قىلالماي قالىمىز. شۇڭا مۇشۇ تۇزنى چىلاپ قويۇپ سۈزۈلگەندە ئىشلىتىمىز...
موچەننىڭ كۆزىگە قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان دېھقانلىرىمىز كۇرمىڭ، لېكىن يات دىندىكىلەرنىڭ بايرىمىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىمپورت قىلىنغان قىممەت باھالىق ئالمىنى دوستلىرىغا سوۋغا قىلىۋاتقان دېھقان قىزلىرى بىر ئۆمۈر ئېتىز ئىشىدىن قۇتۇلالاميدىغان ئاتا-ئانىسىنى ئويلاپ قويامدىغاندۇ؟ <خاتىرجەملىك>نى كىمگە تىلەش كېرەكلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئەجدادلىرى، ئاتا-ئانىسى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلمەيدىغان خىرىستىئانلارنىڭ بۇ دىنىي بايرىمىنى خاتىرلەپ يۈرگەنلەر نېمىنى ئويلايدىغاندۇ؟ خىيالىمنىڭ ئايىغى چىقاي دېمەيتى. ئىگىلىشىمچە، شۇ كۈنى رېستۇران، تىز تاماقخانىلار خاتىرلەش پائالىيەتلىرى، ياتاقلاردا ئولتۇرۇش قىزىپ، بۇ <خاتىرجەملىك تىلەش كىچىسى> بالىلىرىمىز ئارىسىدا تولىمۇ <ئىناۋەت>تېپىپتۇ.
ئۆزىمىزگە تەئەللۇق خاتىرلەشكە، تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان بايرام، خاتىرە كۈنلىرىمىز يوقمۇ؟ بىزدە <خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك> دەيدىغان سۆز بار. خاتىرلەشكە تېگىشلىك بايرام، خاتىرە كۈنلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئەتىۋارلىمىساق، ئۇنى بىزگە كىم ئەتىۋارلاپ بىرىدۇ؟ ئاڭسىز ھالدا مودا قوغلىشىپ، ئۆزىمىز مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان يات دىنىي بايراملارنى ئالاھىدە داغدۇغا قوزغاپ خاتىرلىسەك، بۇنداق <خاتىرجەملىك> تىلەشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولار؟ ھېلىقى ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى قىزلار ھېلىتىن بۇ يات دىنىي بايرامغا تەنتەنە قىلىشقا باشلىسا، ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بايرامنى شاخلىتىپ نەگىچە ئاپىرار؟ شۈركىنىپ كەتتىم. <شەيتان ئاللاھنىڭ بەندىسىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، شۇڭا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھېزى بولۇڭلار...> دەيتى مومام كىچىك چېغىمدا. ئاتامدىن ئاڭلىشىمچە ئۆتمۈشتە شىۋىتلار قەشقەر بىلەن يەكەندە دوختۇرخانا قۇرۇپ، پەردە ئارقىسىدا خرىستىئان دىنىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقىمىزنى ئازدۇرالمىغان ئىكەن. ئەمدىلىكتە ئەينى چاغدا روھىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرەلمىگەن خىرىستىئان دىنىنىڭ بايرىمىنى بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ تەبرىكلەشكە باشلىغانلىقى مېنى چۇڭقۇر ئويغا سالدى.
بىر مىللەتنىڭ خاسلىقى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىملىرىمىز يات دىندىكىلەرنىڭ دىنىي بايرىمىنى ئەتىۋارلاپ خاتىرلىسەك بۇ نېمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بەلكىم ئۇلار: بۇ قانچىلىك ئىشتى، بايرامنى خاتىرلىگەنگە نېمە بوپتۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن چۇڭقۇرراق ئويلىساق ئۇنىڭ سەلىبىي تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۆز ئىتىقادى، مەۋقەسى بولىمىغان ئادەم نىشانسىز ياشاۋاتقان، ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان ئاڭسىز ئادەمدۇر. پايانسىز ئوكياندىكى نىشاندىن ئاداشقان قولۋاقتۇر.
ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، باشقىلارغا قانداق ئەھۋالدا <خاتىرجەملىك> تىلەش لازىملىقىنى بىلمەي ياشاش ھەقىقىي مەنىدىكى ئاڭسىزلىق، ئەلۋەتتە! بىر دانىشمەننىڭ <ئۆزىنى سۆيمىگەن ئادەم باشقىلارنى سۆيەلمەيدۇ ھەم باشقىلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلالمايدۇ> دېگەن ھېكمىتى يادىمىزېدا بولسا كېرەك، شۇڭا ئاشۇ <خاتىرجەملىك> تىلىگۈچىلەرگە مۇنداق دېگۈم كەلدى: بەخت تىلەشنىڭ مەنىسىنى، ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا ئاندىن باشقىلارغا بەخت تىلەڭ!


<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>نىڭ 2007-يىل 11- يانۋار سانى 6-بەتتىن ئېلىندى

تورداش << ئۇيغۇرۇم>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ