نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
ئــورۇق بــەدەن، سېمىز ھېسسىيات 6
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-27 20:00:43  يازغۇچى:كامران  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1064   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات

6

ئاشخانا ماڭلىيىغا مىخلىۋېتىلگەن ۋېۋىسكىغا «قەشقەر ئۇيغۇر ئاشخانىسى»دېگەن خەتنى يېزىش كېرەك ئىدى، ئىگىز جازا قۇرۇلدى، سول قولۇمدىكى تەلەڭگىدە يېشىل سىر، ئوڭ قولۇمدا چوتكا، پەسكە قارىساملا بېشىم قايىدۇ، ئورۇننى مۇقىملاپ خەت يازاي دەپ بولغىچە چوتكىدىن سىر ئېقىپ كېتىدۇ، بىرسى كېلىپ يېقىن تۇراي دېمەيدۇ، ھۆكۈمەت كادىرى تۇرۇپ كۆپ خوتۇنلۇق بىر ھاجىمغا ئىشلەۋاتاتتىم، قەغەزگە ھۆسنىخەت يېزىپ كۆنگەن قولۇم ۋېۋىسكىغا ھۆسنىخەت يېزىشقا پەقەت قاملاشمايۋاتاتتى، خەتنىڭ تەكشى، تۈز يېزىلىشى ئۈچۈن ھەرپلەرنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش زۆرۈر، يەنە تېخى چۆرىسىگە نەقىش ئىشلەش لازىم. بۇ ئىشنى بىر كۈندىمۇ تۈگىتىپ بولالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. قۇياش بارغانسېرى تىكلىشىپ، بېشىمنى قىزدۇرغىلى تۇردى، ئازغىنە پۇل، يۈز-ئابروينى دەپ لىڭشىپ ئاران تۇرغان مۇشۇ جازىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تىترەپ، بىر خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالمىدىم. ھاجىمنىڭ ئوغلى، كېلىنى يېنىمغا پات-پات كېلىپ قولىنى سايىۋەن قىلىپ قارايتتى. بىر خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالماي تۇرغىنىمغا جىلە بولۇپ بىر نەرسىلەرنى دەپ غودۇرايتتى، تىكلەنگەن جازا پەقەت جىم تۇرمايتتى، يولدا ماشىنىلار لابا ئۇرۇپ ئۆتەتتى، گەنجياكو دېگەن مانا، بىر دەمدىلا كوچىلار ئاۋات بولۇپ، كاۋابداندىن چىققان ئىسلار ، قازاندىن چىققان بۇسلار بارغانچە قويۇقلاشتى. تاڭجاڭلارنىڭ خېرىدار چىللاشلىرى ئەۋجىگە چىقتى. ھاجىمنىڭ بالىلىرى خېرىدار كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ماشىنا ۋە ئادەملەر بىلەن توشقان تار كوچا شاۋقۇن-سۈرەن بىلەن توشۇپ كەتتى، جازا مىدىرلاپ جىم تۇرمىغانچە ئىچىمدىكى ۋەھىمە كۈچىيىشكە باشلىدى، ھېلىلا بىرى ماشىنا ياكى كالاڭپايدىن بىرى قوتو جازىغا پۇتلىشىپ، مېنى مۇئەللەقتىن يىقىتىپ بىر يېرىمنى مېيىپ قىلىپ قويىدىغاندەك قورقۇشقا باشلىدىم، چىدىغۇچىلىكىم پەقەت قالمىدى، قايتىپ چۈشتۈم. ھاجىمنىڭ ئوغلى يېنىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى:

—   يېنىپ چۈشۈپسەنغۇ، ۋېۋىسكىنى قاچان يازىسەن...

—   جازاڭلار پەقەت مىدىرلاپ جىم تۇرمايدىكەن، يازالمايدىكەنمەن...

—   بۇنداق ئادەم باشتىلا يازالمايمەن دېسەڭ بولمامدۇ، ئادەمنى بىر مۇنچە ئاۋارە قىلىپ...- ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، چاشقان بۇرۇتلىرى لىكىلداپ كەتتى. 

—   ۋېۋىسكا دېگەننى ئاۋۋال يەرگە قويۇپ يازىمىز،  ئاندىن ئۈستىگە ئەچىقىپ مىخلايمىز. بۇنداق تۇرسا خەتنى قانداق يازغىلى بولىدۇ، سىر ئېقىپ كېتىدىكەن...

—   ئابايا مۇشۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ، باشقا ئادەم تاپمامدۇق؟ بىر مۇنچە جاپا تارتىپ جازا قۇرۇپ بەرسەكمۇ يازالمىساڭ، بولدى كەت،  قولۇڭدىن پوق كەلمەيدىغان ئاداشكەنسەن...

—   بۇنداق ئادەم گېپىنى باشتىلا ئوچۇق قىلسا بولىدۇ... ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ...- دېدى  يېنىمىزغا جىندەك ئۈنگەن خوتۇنى، خېلى چىرايلىق بۇ خوتۇن كۆزۈمگە بىردىنلا سەت كۆرۈنۈپ كەتتى.

—   مەن ئۆزەم خالاپ كەلمىدىم، باشلىقىم بۇيرۇغاچقا كەلدىم، مەن بىر مەدىكار ئەمەس، ھۆكۈمەت خادىمى...-دېدىم قورسىقىم كۆپۈپ. ئەتىگەن بۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىچكەن سۇيقاش ئىچىمدىن يېنىپ چىقىدىغاندەكلا قىلاتتى.

—   نېمە بولساڭ بولمامسەن، ئاتايىتەن كەلگەندىكىن ئىشنى تۈزۈك قىلمامسەن؟

—   قىلالمىسام قانداق قىلىمەن؟

—   نېمىشقا قىلالمايسەن؟ جازىدا تۇرالمىغان ئادەم نېمىشقا چىقىسەن؟ مۇشۇ جازىدىمۇ تۇرالمىساڭ نەرىڭ ئوغۇل بالا سېنىڭ؟! قوتۇر ئىشەككە مىنمەيسەن، مىنگەندىكىن ۋاي دېمەيسەن... مۇشۇنداق قىلساڭ قايسى بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايسەن؟ لاتاغىلاپ بىر نېمىكەنسەن، ماڭ-ماڭ كەتكىنا، كۆزۈمگە تولا سەت كۆرۈنمەي...

ئىچىم غەزەپتىن ئوت بولۇپ ياندى، سۆرۈن تەلەت بۇ كاۋابچى كۈچتۈڭگۇر بىر نېمىدەك قىلاتتى، گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالسام چوقۇم تاياق ياكى پىچاق يەيتتىم. نېمىشقا بىر ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالمايمەن؟  ئەگەر ئېگىزگە مىخلىۋېتىلگەن شۇ ۋېۋىسكىغا بىر قاراپلا خەت يېزىشنىڭ مۈشكۈللىكىنى بىلگەن بولسام ئۇلارنى جازا قۇرۇشتىن توسايتتىم، ئەگەر جازىنى ئىتتىرىپ باققان بولسام ئۇنىڭغا ھەرگىز چىقمىغان بولاتتىم. ھەممە خاپىلىق دۆتلۈكىمدىن كېلىۋاتاتتى. قورقۇنچاقلىق تېخىمۇ ئازابلايتتى. غۇرۇرۇمنى ئۆزەم دەسسەپ پايخان قىلىۋاتقاندەك قەدەم تاشلاپ مەقسەتسىزلا بىر ياققا ماڭدىم. زەينۇرنىڭ تونۇش ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلۈۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن قولتۇقلىشىپ كېلىۋاتاتتى.

—   بېيجىڭدا قاپسەن، مۇبارەك بولسۇن،- دېدى ئۇ نازلىق كۈلۈمسىرەپ.

—   بىرگە بولسۇن –دېدىم، چىرايىم ئۆزەمگىمۇ نامەلۇم بىر ئىپادىدە قېتىپ قالدى. زەينۇر تېخىمۇ تەننازلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇنى قۇچاقلاپ مىجىپ يۈرگەن مۇھەببىتىگە ئىلمان قاراپ قويدۇم، ئۇ قىزغىن قول ئۇزاتتى، پارازىتتەك يۇمشاق قول ئىدى، زەينۇرنىڭ بىر يېرىنى تۇتقاندەك بوش تۇتۇپ قويدۇم.

—   بىللە تاماق يەيلى،-دېدى ئۇ ئاداش سالاپىتىنى كۆرسىتىپ.

—   بولدى، مەن ھازىرلا يەۋالغان...

—   يۈرىڭە، ئاران بىر كۆرۈشكەندە...-دېدى زەينۇر كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ. ئۇ ماڭا باشقا ئوغۇللارغىمۇ ئاشۇنداق ھەۋەس ئويغاتقۇچ نەزەردە قاراپ كۆنگەن قىزدەك تۇيۇلاتتى.

بايىقى كۆڭۈلسىزلىكتىن كاللام جايىدا بولمىغاچقا ئۇلارغا قېتىلىپ بىر دەم بولسىمۇ ھېلىقى دەيۈز كاۋابچىنى ئۇنۇتقۇم كەلدى. مۇشۇ باھانىدا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئاينۇرنى قانغۇدەك كۆرۈپ، تېخىچە كۆرۈشۈپ باقمىغان قارىمايلىق مۇھەببىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇنىمۇ تايىنلىق بىر نېمىگە چىقىرىپ، كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتىم. بىللە تاماق يېگەچ سوقا سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇردۇق، ئىلمان پاراڭلىرىمىزنى قىزغىنلاشتى. دېرىزىدىن  مەن يازالمىغان ۋېۋىسكىنى كۆردۈم، ئالدىدىكى جازا ئېلىۋېتىلگەن، ئوتتۇرىغا يۇمىلاق ئىچىگە ئېلىنغان «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»دېگەن خەتنىڭ سىرى ھېلىمۇ ئېقىپ تۇراتتى. شۇنچە ئېگىزگە چىقىپ ھېلىمۇ يىقىلىپ چۈشمەي يېنىپ چۈشكىنىمگە شۈكرى دېدىم. بۇ ئارامبەخشلىك ئىچىدە زەينۇر بىلەن مۇھەببىتىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇۋېلىشمۇ ماڭا كۆڭۈلسىز تۇيۇلمىدى. قارىمايلىقنىڭ ئىسمى زاھىر ئىكەن، ئىككىسىنىڭ ئىسمنىڭ باش ھەرىپى بىلەن ئاياغ ھەرىپىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىشى غەلىتە بىر ئىش ئىدى. ساتتار راستىنلا زەينۇرنىڭ قىزىل گۈلىنى ئۈزۈۋېتىپ كەتكەنمىدۇ ياكى زاھىر باشتا ئۈزۈپ بولغاندىمۇ؟ دېگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى. زاھىر ساتتاردىن يۇۋاشتەك قىلاتتى. ئەمما چوڭ سىنىپنىڭ گۇيلىرى ھەرگىز بوش كەلمەيتتى. يەنە كېلىپ، گېپىدىن قارىغاندا  قىشلىق تەتىلدىن كېيىنلا پراكتىكا قىلىپ بىر كەتسە، 6-ئايدا كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرەتتى. ئاڭغىچە ئاينۇر جىم يۈرمەيتتى، بۇنى ئۇمۇ بىلىدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا ئالىدىغان «نېسىۋە»سىنى بۇرۇنلا ئېلىپ بولغاندەك ياكى ھامان ئالىدىغاندەك قىلاتتى. ئىشقىلىپ، بۇ گۇي نېمىلا قىلسۇن، زەينۇر ئۇنىڭغا قانداق بويسۇنسۇن، ماڭا بەرىبىر ئىدى. شۇنداقتىمۇ، كۆڭلۈمدە ئەخمەتنىڭ ئىچىدىكىكە ئوخشايدىغان بىر خىل چىدىماسلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. زەينۇر ئۈرۈمچىدە كىم بىلەن يۈرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بېيجىڭغا كېلىشتىن ئاۋۋال ۋە بېيجىڭغا تۇنجى كەلگەندىن كېيىن مەن بىلەن دەسلەپتە تونۇشقان قىز ئىدى، ساۋاقدىشىم ماينۇرنىڭ سىڭلىسى ئىدى، ھەر ھالدا قەدىناس ئىدى، بۇنى ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايتتى. ساتتار كەلگەن چاغدا زەينۇر خۇددى مۇھەببىتى يوقتەكلا ساتتارغا  ھەمرا بولۇپ ئويناپ يۈرگەنىدى، زەينۇرنىڭ ھېلى ئۇنىڭ بىلەن، ھېلى بۇنىڭ بىلەن يۈرۈشى ئەخمەتنىڭ ھەۋىسىگە ئوت ياققانىدى، ھاراق ئىچكەندە بولسۇن ياكى ساق چېغىدا بولسۇن، ئۇ زەينۇرنىڭ بەدىنىگە ئېرىشىشنى چۈشەپ يۈردى. ساتتار كەتكەندىن كېيىن ئەخمەت زەينۇرنى بىر نەچچە قېتىم ئىزدەپ بېرىپتۇ، ئۇنىڭ گېپىگە قارىغاندا، ساتتار كېلىشتىن ئاۋۋال زەينۇر قارىمايلىق مۇھەببىتى بىلەن سوقۇشۇپ قېيداپ يۈرۈپتىكەن. ساتتار كېلىپ ئوينىتىپ كۆڭلىنى ئوبدان ئېچىپ قويۇپتۇ. ساتتارنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى زەينۇر ھەر قانچە نېرۋىسى ئاجىز، ساراڭ بولسىمۇ ئەخمەتكە دېمەيدۇ. مەن ئەخمەتتىن نېمە ھاسىلاتقا ئېرىشكەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ يەنە پو ئاتتى:

—   ئۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، ئوينىۋەتتۇق...

—   سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلىمەن، راست گەپ قىلغىنا...

—   ئوينىۋەتتۇق دەيمەن بالاڭزا، خەق قىلغان ئىشنى بىز نېمىشقا قىلالمايدىكەنمىز...

—   شۇنداق ئاسان بولدىما؟ قانداق ئوينىدىڭ؟ نەگە ئاپىرىپ ئوينىدىڭ؟،- ئاغزىم ئاغزىمغا تەگمەي، نەپسىم نەپسىمگە يېتىشمەي قالدى، ئەخمەت كۈلۈپ مازاق قىلدى:

—   قارا، قارا، ما بىچارىنى، پىلنىڭ ئىشى چۈمۈلىگە تەس بىلىنىدۇ-دە، قىلىمەن دېسەڭلا بولمايدىغان ئىش نەدە بار...

—   سەن پو ئاتىسەن، بۇ گېپىڭگە ئىشەنمىدىم.

—   ئىشەنمىسەڭ مەيلى.

زەينۇر  ئۇدۇلدۇمدا ماڭا يەنە جىندەك سىرلىق، سېھىرلىك تىكىلىپ تۇراتتى، قارىمايلىققا ئاز قارايتتى. ئۇ ناشايان ئىشلارنىڭ مۇشۇ نازۇك تەنلىك زەينۇرغا مۇجەسسەملىنىپ قېلىشى مېنى گۇمان ۋە ئىزتىراپقا سالاتتى. زاھىرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى زەينۇر، زەينۇرنىڭ خۇپىيانە ئىشلىرىنى زاھىر بىلمەيتتى، بۇلار پەقەت مۇھەببەت ئويۇنىغا چىرمىلىپ، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىپ،  بىر-بىرىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمىسە كېرەك.

—   كېلەر ھەپتە تۇغۇلغان كۈنۈم، قاتنىشىپ بېرەلەمسىز؟-دېدى زەينۇر، ئۇ يەنە رەت قىلغۇسىز بىر نەزەردە كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىغا شۇڭغۇپ كىرىشكە باشلىدى، تىنىق، ئەمما جەزبىلىك كۆز نۇرلىرى جەم بولۇپ ئىچىمدە بىر ھەۋەس ئوتىنى پەيدا قىلدى.

—   بولسا شۇنداق قىل، بىر كېچە ئولتۇرىمىز،- دېدى زاھىر، شىماللىق گۇيلار قازاقتەك مۇشۇنداق تۈز ئىدى. 

—   كېيىن يەنە سىزنىڭ خىزمەتكە چىققانلىقىڭىزنى تەبرىكلەپ بىر ئولتۇرىمىز..

—   شۇنداق،- دېدى زاھىر،- پات-پات مۇشۇنداق جەم بولۇپ تۇرىلى، بولمىسا بۇ شەھەردە يالغۇز ساراڭ بولۇپ قالىسەن....

—   مەيلى، -دېدىم، مۇشۇ ۋاققىچە زەينۇر بىلەن تانسا ئويناپ باقمىغانىدىم، ياتىقىدا يەنە باشقا قىزلار بىلەنمۇ تانسا ئويناپ تونۇشۇۋېلىشىم مۇمكىن ئىدى، بۇ شىرىنلىكنى رەت قىلالمايتتىم. ئارىلىق يىراق بولسىمۇ ھەۋەس ئوتىنىڭ تەپتىنى ئۆچۈرەلمەيتتى.

—   تۈنەيمىز جۇمۇ، كۈندۈزى ئوبدان ئۇخلىۋېلىپ كەل...

 زەينۇرغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم، ئۇنىڭ ماڭا سەۋدالىق بىلەن كۈلۈمسىرىشىدىن سەل ئوڭايسىزلاندىم، شۇنچە يىراق يەردىن ئاتايىتەن مۇشۇ يەرگە تاماق يېگىلى كەلگەن بۇ ئىككىسىنىڭ ھەرىكىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى، خىيالىنىڭ، ئارزۇ-ھەۋىسىنىڭ  بىر يەردىن چىقىشى ماڭا يەنىلا مۇھەببەت دېگەن نەرسىنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇراتتى. خوش دەپ بولۇپ، مۇھەببىتىنىڭ قولتۇقىغا كىرىپ كەتكەن زەينۇر كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭا بىر قاراپ قويدى، قىسقا بىر ھاياجاندا تەۋرىنىپ تۇرۇپ قالدىم، بۇ  باشقا خەق مېنى ئەكىتىۋاتىدۇ، مېنى تارتىپ يۇلۇپ ئال دېگەن بىر ئىشارەتمىدۇ؟  نېمىشقا ئۇنىڭ قەلبى بىر جايىدا جىم تۇرمايدىغاندۇ؟ يۇرتداشلىرىغا ھەممە نېمىسىنى ئاسان ھەم ئايىماي بېرىدىغان پىداكارلىقى تۈپەيلىدىن ساتتار ۋە ئەخمەتلەر ئاشۇنداق ئاسان مەقسىتىگە يەتكەنمىدۇ؟ مۇشۇ ئىشلار ئېسىمگە كېلىۋېلىپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم.  

شەنبىنى گۈزەل ئۆتكۈزۈش ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر تۈرلۈك ئارمىنىم، ۋاز كېچىلمەس مەقسىتىمگە ئايلاندى، قىرائەتخانىدا كىتاب-ژۇرنال دۆۋىلىرىگە مايقۇرتتەك چاپلىشىپ، قۇرۇق نەزەرىيە، ئاقماس ھېكمەتلەردىن بۇسلىنىپ يۈرگىچە، تانسخانىدا نەق، ئەمەلىي ياشاش،  قىزلارنى رىئاللىقتا قۇچىقىمغا ئېلىش ئەۋزەل تۇيۇلغان كۈنلەردىن تارتىپ مەن قىزلار دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشكە باشلىدىم دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدىم، تانسىخانىدا ئاساسەن بىچارە ئىدىم: ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغان، يۇۋاش، ھېسسىياتچان، يېڭى كىرگەن،  ماڭا ئىچى ئاغرىپ ئورنىدىن قوپقان قىزلارنى تانسىغا تارتاتتىم، ئۇلارنى مەيدىگە يېقىن ئاپىرىشقا تىرىشاتتىم، بىرەرسى تىرەجەپ تۇرۇۋالسا ياكى ئالىيىپ قويسا ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ جىممىدە ئوينايتتىم، ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قىزنىڭ قارىماي كېتىشلىرىگە قاراپ، مۇھەببەتسىز ئىككى مەخلۇقنىڭ شەكلەن يېقىنلىشىپ قىسقىغىنە كۈلكىلىك ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى پەملەيتتىم، بۇنىڭغا ئىچىمنى سىقماي يەنە باشقا قىزلارنى چەنلەيتتىم. بۇ ھال يىللاردىن بېرى شۇنداق داۋاملىشىپ كەلدى. دېمەك، تانسا پەقەت شەكىل ئىدى، ھەۋەسنى قاندۇرۇشتا ئانانىزىمدىنمۇ تۆۋەن تۇراتتى. مەكتەپ پۈتتۈرگىچىمۇ بىر قىزنى تانسىخانىدىن ئېلىپ چىقالمىدىم، ئېلىپ چىقساممۇ ئەگەر شۇ قىز ئۆزى تەلەپ قىلسا قانداقكىن، ئۆزەم بىلىپ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالىشىمغا ئىشەنمەيتتىم، شۇنداق ئىشەنمەي يۈرۈپ، ھارسىنىپ، كۆنگەن تانسامنى گاھى كۆڭۈللۈك، گاھى مەنىسىز ئويناپ مەكتەپ پۈتتۈردۈم، مەن پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ تانسىخانا تاقىلىپ كومپيۇتېرخانىغا ئۆزگەرتىلدى. شۇ مەزگىللەردە ئاجايىپ تانسىخۇمار ئىدىمكى، ئۆز مەكتىپىمدىن ھالقىپ بېيجىڭ داشۆ، خەلق داشۆسىنىڭ تانسىخانىلىرىغىمۇ باراتتىم. ئۆزەمنى تانسىغا خۇمار دېگىنىمدىن كۆرە يېڭى-يېڭى قىزلارنىڭ يۇمشاق قولىغا، بېلىگە، كۆكسىگە خۇمار دېسەم توغرا، تانسىغا ئامراق بولغىنىم بىلەن تانسىغا ئۇنچە ئۇستا ئەمەستىم، بېيجىڭۋۇ، تاڭگۇ..رۇمبا...ئايلانما ۋالىس دېگەندەك تانسىلارنىڭ مۇزىكىسى چىقسا قاراپ تۇراتتىم، ماڭا ئەڭ ياقىدىغىنى ئاستا ئوينىغىلى، قىزلارنى مەيدىگە ياققىلى بولىدىغان تانسا ئىدى، بۇنداق تانسىلارنى ھارماي ئوينايتتىم، سائەت توشۇپ «ئۆيگە قايتىش» مۇزىكىسى چىققاندا، رەڭلىك چىراغلار ئۆچۈپ تانسىخانا يوپيورۇق قىلىۋېتىلگەندە، ئاخىرقى بىر قىز قولۇمدىن، قۇچىقىمدىن ئاجراپ يولىغا ماڭغاندا، مەن تېخىچە قانماي، تەشنالىق بىلەن ئەتراپقا، تانسىخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان قىزلارغا قارايتتىم، مۇھەببەتداشلارغا ھەۋەسلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆزىتىپ باراتتىم. بىر چاغدا ئۇلار خالىي بىر جايغا قايرىلىپ كېتەتتى، مەن ھەسرەت بىلەن يولۇمغا ماڭاتتىم...

بىزنىڭ ئىشخانىدا بېيجىڭغا 50-يىللاردا كەلگەن بىر كىشى بار ئىدى، 50-يىللاردا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەتلىك، جۇشقۇن ھاياتىنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئۇ يىللاردا سوۋېت مەدەنىيىتى مودا بولۇپ، چوڭ تىپتىكى تانسا كېچىلىكلىرى پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتىكەن، ماۋزېدۇڭ، جۇئېنلەي قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشاتتىكەن. شۇ تانسا كېچىلىكلىرىدە كىشىلەر تونۇشۇپ دوستلىشىدىكەن، قىز-يىگىتلەر تويلىشىدىكەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە خەنزۇدىن خوتۇن ئالغانلار ياكى خەنزۇغا تەگكەنلەر بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا  تانسا ئويناپ تونۇشقان بولسا كېرەك. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بېيجىڭدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ توي، ھېيت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىدىم، دەرۋەقە، پېشقەدەملەر تانسىنى ئاجايىپ ئويناپ قوياتتى، شوخلۇقتا ياشلارنى قاتلاپ قوياتتى. مۇراسىم سۆزى، قەدەھ سۆزى، ناخشا-مۇزىكا، تانسا-دېسكو ئاشۇ قېرىلاردىن ئاشمايتتى. ياشلار ئىچىپلا ئولتۇراتتى. مەن بۇنداق سورۇندىن ھەرگىز مەكتەپتىكى تانسىخانىنىڭ شادلىقىنى ھېس قىلالمايتتىم.

ئاينۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ 45 كويلۇق بىر پوپايكا ئالدىم. مەكتىپىگە نەچچە ئاپتوبۇس ئالمىشىپ، ئۇزاق يول بېسىپ كەلدىم، شىرىن تەسەۋۋۇردىن يىراقلاشمىدىم، خىيالىم قېتىدا زەينۇر ئەمەس، باشقا قىزلارمۇ قۇچاق ئېچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ياتاق بىناسىغا قارايدىغان نۆۋەتچى ئايال زەينۇرنى دەرھال چاقىرىپ بەردى. ھايال ئۆتمەي زەينۇر خۇشال ھالدا پەلەمپەيدىن تاراقلاپ چۈشۈپ كەلدى ۋە شامالدەك ئىتتىك كېلىپ مېنى يەڭگىل قۇچاقلىدى، كۆكسى مەيدەمگە يېنىك تېگىپ ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىۋەتتى، ئۇنىڭ مەن بىلەن بۇنداق قەدىناسلارچە كۆرۈشۈشىنى ھەرگىز ئويلىمىغانىدىم، يولدا سۈرۈپ كەلگەن خىياللىرىمدىمۇ بۇنداق مەزمۇن يوق ئىدى، خۇدۇمنى ئۇشتۇمتۇت يوقاتتىميۇ، دەرھال ئېسىمگە كەلدىم.

— ھارمىغايسىز، مېنى بەك خوش قىلىۋەتتىڭىز جۇمۇ...

 ئۇ مېنى ئىتتىكلا قولتۇقلىۋېلىپ يەنە پەلەمپەيدىن يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى:

—   ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدۇق، سىزگىلا قاراپ قالغانىدۇق، كىرىپلا باشلايمىز.

—   تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن...

—   رەھمەت.

ئۇ سوۋغاتنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئېچىپ كۆردى، مېنى تېخىمۇ چىڭ قولتۇقلىدى.

ياتىقىغا كىرگىنىمدە زاھىر بىلەن يەنە بىر ئوغۇل، زەينۇرنىڭ قىز ساۋاقداشلىرى تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالدى. ئوغۇللاردىن قىزلار كۆپ بۇ سورۇننى بىر قاراپلا ياقتۇرۇپ قالدىم. زەينۇر مېنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى. مەن گەرچە قىز كەلتۈرۈشتە چاققان بولمىساممۇ، زەينۇرغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، خىزمەت تېپىشتا چاققان چىققانلىقىم ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئارىسىدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرالىدىم. سورۇن باشلىنىپ بىردەمدىلا قىززىپ كەتتى، زاھىرنىڭ يېنىدىكى غۇلجىلىق ئاداش سورۇندىكىلەرنى سۇۋارى كەلتۈرۈپ كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. پاراڭغا ئۇستا ئادەم تېزلا سورۇننىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن، مەن بىردەمدىلا بۇ ئاداشنىڭ گەپدانلىقىغا ھەۋەسلىنىپ، قىزلارنى، تانسىنى، ئەيتاۋۇر كاللامدىكى كونا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. ئىچىۋاتاتتۇق، قىزلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىۋاتاتتۇق، زاھىرنىڭ ئانچە-مۇنچە سۆلىتى بار، ماۋۇ غۇلجىلىقنىڭ ئېغىزىدا گېپى بار، مېنىڭ نېمەم بار؟ ئىچىم يەنە سىقىلىشقا باشلىدى. بىر چاغدا چىراغ ئۆچۈرۈلدى، زەينۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان، 21 تال كىچىك شام يېقىلغان تورتنى بىر قىز ياتاققا كۆتۈرۈپ ئەكىردى، شامنىڭ يورۇقى چېركاۋنىڭ سۈرلۈكلىكىنى، Happy birthday to you خورى مودا كەيپىياتنى نامايەن قىلدى، غەيرى سۆلەت، يېڭى كەيپىيات... ۋاھ، قىزلار نېمېدىگەن خۇشال... زەينۇر ھاياجاندىن يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. زاھىر ئۇنىڭغا بىر بۇلاپكا سوۋغا قىلىپ بوينىغا ئېسىپ قويدى. تانسا باشلاندى، ئىككىسى بەختىيارلىق ئىلكىدە بىر تەن، بىر جانغا ئايلىنىشقا باشلىدى، ئۆپچۆرىسىدە بىزلەر بولمىغان بولساق بەلكىم ئۇلارنىڭ  ۋىسالى ئەۋجىگە چىقار ئىدى. مەنمۇ بىر قىزنى تارتىپ ئوينىدىم،  گەپ قىلىشماي ئوينىدۇق. مۇھەببەتسىز تانسا جىنسىي ھەۋەسكە مەنسۇپ. بىر قېلىپقا كىرىپ قالغان ھەرىكەتلەر كىشىنى شۇنچىلىك ھارغۇزىۋىتىدۇكى، ئوغۇللار خامانغا قېتىلغان بۇقىدەك تەكرار دەسسەيدۇ، قىزلار ياندىكى ئىنەكتەك ماسلىشىدۇ، دەسسىلىدىغىنى قانمىغان ھېسسىيات، چەيلىنىدىغىنى مۇھەببەت... تانسىدا مۇھەببەت يوق، بۇنى مۇزدەك قولۇڭ، قاقشال مەيدەڭ، قىرتاق لەۋلىرىڭ تەكرار ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. تانسا تۈگىگەندە ھەتتا ئۇ قىزغا رەھمەت دېگۈڭمۇ كەلمەيدۇ، رەسمىيەت ئۈچۈن دەپ قويىسەن، قىزمۇ ئۇنىڭ شۇنداقلىقىنى بىلىدۇ، پەرۋا قىلماي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كېتىدۇ، رەھمەت دەيسەنۇ ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈڭدە ئۇنىڭدىن چوڭ نەرسىنى تەمە قىلىسەن، قىزلارنىڭ تەمەگەرلىكىمۇ سېنىڭدىن كەم ئەمەس، لېكىن ئۇلار يوشۇرىدۇ، ئۇلار يوشۇرۇش ماھىرلىرى...

قىزلار كۆپ بولغاندىكىن ئاق تانسا ئويناش مۇۋاپىق ئىدى، لېكىن بۇ قىزلار قەستەن خىجىلچان بولۇۋېلىپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىنى ئىلمالاشتۇرغىلى تۇردى. غۇلجىلىق ئاداشنىڭ ھەزىلچى تەپەككۇرىگە ئېشەك تېپىۋەتتىمۇ، ياكى بىرەر قىز ئۇنىڭغا تويۇقسىز تەسىر قىلىپ قىززىقچىلىق كەيپىنى ئۇچۇرۇۋەتتىمۇ، جىمىپ كەتتى، جىممىدە ھاراق ئىچىپ، جىممىدە تانسا ئويناپ، سورۇننى سوۋۇتىۋەتتى.

زەينۇرنى تانسىغا تارتتىم، بۇ قېتىمقى يېقىنلىق ئابايا كۆرۈشكەندەك ھاياجان قوزغىيالمىدى. ئۇنىڭ ئورۇق قولىنى، ئىنچكە بېلىنى تۇتىۋېتىپ، ئىلگىرى ھېچقانداق قىزدا تۇيمىغان بىر گۈزەللىكنى، بۇ گۈزەللىكتىن كېلىۋاتقان ئېچىرقاشنى ھېس قىلدىم، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈش ئىستىكى تويۇقسىز پەيدا بولۇپ كۈچىيىپ كەتتىكى، ھېلىلا ئۆزەمنى يوقىتىپ قويارمەنمىكىن دەپ ئەتراپقا قاراپ قويدۇم، زاھىر ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ تۇراتتى، ئۇ گۇيغا، ساتتارغا، ئەخمەتكە تەڭلا نەپرەتلەندىم، يامانلار تىپىغا كىرىدىغان ئۇ ئەبلەخلەر مېنىڭ ھازىر تېخى ئەمدى ھېس قىلىۋاتقان ھۇزۇرۇمدىن ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ، چوڭقۇر لەززەتلەرگە ئېرىشكەنىدى. گۇمانىم شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، زەينۇرنى ھەر قانچە قىلساممۇ ئاقلىيالمايتتىم.

داۋامى بار...

تورداش << كامران>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ