نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
ئــورۇق بــەدەن، سېمىز ھېسسىيات 5
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-26 10:31:48  يازغۇچى:كامران  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1332   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات

Erturk يازمىسى

5


نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن بۇردەرلەردەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق، ئەمما پاراڭ ئۇزارغانچە ئارىمىزدىكى پەرق چوڭايغىلى تۇردى، كەيپىيات پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، تاماق پۇلىنى تۆلەشكە پەقەت رايىم يوق ئىدى، پۇلۇڭ قىس چاغدا يېقىن ئاغىنەڭ كەلسىمۇ خوشياقمايدۇ، بىز بىر-بىرىمىزگە ئېغىرىمىزنى ئارتىپلا تۇرىدىغان خەق، قىزلارغۇ ئوغۇللارغا ئېغىرىنى سېلىپلا تۇرىدۇ، شۇڭا ئاتالمىش مۇھەببەت ئاۋارىچىلىق بىلەن تولغان، يانچۇقىدا تۆت تەڭگىنىڭ تايىنى يوق گۇيلار قىزلارنى كەلتۈرۈپ خۇشال يۈرگەندەك قىلغان بىلەن ياتاقتا نان غاجاپ، مۇزىكا تىڭشاپ ياتىدۇ، تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە روزا تۇتىدۇ، كىمنىڭ ئۆيىدىن پۇل كەلسە پۇل سورايدۇ، مەندىن سورىسا مەن قەتئىي بېرىپ تۇرمايمەن، مۇھەببىتىڭدىن تاپ... دەيمەن ئىچىمدە. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق چاغدىكى بىچارىلىكى ئۇلارنىڭ مۇھەببەتتىن ئالالايدىغان ئازغىنە خۇشاللىقىغا تۆلەنگەن بەدەل، ئۇلارنى مۇشۇنداق ئىلاجىسىز قالدۇرۇشتىن شادلىنىمەن، مەن ھەسەدخورلۇقتىنمۇ شادلىنالايدىغان بۇ تەبىئىتىمگە ھەيران.

بۇ قېتىم تويۇقسىز كېلىپ قالغان بۇ ئاداشلارنى بىرەر قېتىم مېھمان قىلىش ئېغىر كەلمىگەن بىلەن داۋاملىق مېھمان قىلىشقا چىدىمايتتىم. شۇنداقتىمۇ، تىجارەتچى بۇردەرنىڭ پاراڭ ئارىلىقىدىكى پەچەت قىياپىتى ۋە گەپلىرى مېنى خاتىرجەم قىلدى، دەرۋەقە، تاماق پۇلىنى تۆلەيدىغاندا مېنى تۆلىگىلى قويمىدى، سۈپىتىگە لايىق ئىش قىلدى، بۇنىڭدىن ئەخمەت ئىككىمىز تولىمۇ خۇشال بولدۇق، ئەبگالىقىمىزغا ئېچىنىپ كەتمىدۇق، بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ سايىسىدا بىر نەچچە كۈن ئوبدان ياشايدىغاندەك ھېس قىلدۇق. ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىللە بازار ئايلاندۇق، قىممەت باھالىق باغچىلارغا بېرىپ رەسىمگە چۈشتۈق. پۇل ئۇلاردا، چىقىم ئۇلاردا، ئۈستۈنلۈك ئۇلاردا ئىدى، بولۇپمۇ تىجارەتچى ساتتار ھەر ۋاقىت مەرتلىك قىلاتتى، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن 50 يۈەنلىك پۇللار ئۈزۈلمەيتتى، يېشىل قەغەز ئاسانلا سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋاتقاندا ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ قالاتتىم. بىزمۇ قاراپ تۇرمىدۇق،  ئۈچ يۈەن خەجلەپ ئۇ ئىككىسىنى تانسىغا ئەكىردۇق. ساتتار ئىش كۆرۈپ كەتكەن نېمە بولسىمۇ  بۇ يەردىكى قىزلاردىن تەپ تارتىپ قالدىمۇ قانداق، بىرەرسىنى تالاغا ئېلىپ چىقمىدى. بىر چاغدا قارىساق سىرتتا ھاۋالانغىلى تۇرۇپتۇ.       

—   يۇرتلۇق قىزلار يوقمۇ بۇ يەردە؟-دېدى ئۇ  بۇ يەردىن زېرىككەندەك.

—   بىر قىز بار، لېكىن بۇ مەكتەپتە ئەمەس،- دېدى ئەخمەت قىزغىنلىق بىلەن.

—   ئەمىسە بېرىپ تونۇشۇپ قويايلى.

—   ھازىر بەك كەچ كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىپى يىراق...

—   كەچ بولسىمۇ بۈگۈن دېگەن شەنبە، قىزلار چوقۇم ئۇخلىمايدۇ. بېرىپ كۆرۈشۈپ قويۇپ كەلمەمدۇق!

—   ئۇ ھەقىچان قارىمايلىق مۇھەببىتى بىلەن بىللىمىكىن...-دېدى ئەخمەت خوشياقماسلىق بىلەن.

—   قىزلىرىڭلىنى خەققە تارتقۇزۇپ قويۇپ مۇشۇنداق يۈردۈڭلارما؟

—   بىز كەلتۈرۈپ بولغىچە يۈرۈۋاپتۇ، ئاران تۇرغان نېمىكەن...

—   خەق ئۇنىڭ تاۋۇزىنى چېقىپ بولدى دەڭلا...

—   ھەي، كىم بىلىدۇ،-دېدى ئەخمەت ئېغىر پۇشۇلداپ،- ئۈرۈمچىدىلا قويۇلۇپ كەتكەن نېمىمۇ تېخى... بىر قارىسا نېرۋىسى ئاجىز، كاللىسىنىڭ سەل سۈيى باردەكلا كۆرۈنىدۇ، بىر كىم كەلتۈرىمەن دېسە ئوڭايلا ماقۇل دەيدۇ، كىم نېمە دېسە كەينىدىن ماڭىدۇ، يات دېسىمۇ ئىشتىنىنى ئېچىپ يېتىپ بېرەمدىكىن دەيمەن...

—   ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە،-دېدىم ئەخمەتنىڭ ئەزۋەيلىشىگە غىجىقىم كېلىپ،- ئۇنچىلىكمۇ ئەمەستۇ... ئانداق چىدىماسلىق قىلما

—   سەن گەپ قىلما، سەن ھېچنېمىنى ئۇقمايسەن،-دېدى ئەخمەت ماڭا گۆلىيىپ،- ئۇ چوقۇم قويۇلۇپ كەتتى، قارىماققا ئۇ ئۆزىگە چىڭ كۆرۈنگەن بىلەن ئىچىدە تازا ئوينايدىغاننىڭ بىرى، بولمىسا نېمىشقا بىزنى ئويلاشماي خەقنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، نېمىشقا بىر-ئىككى ئايغا چىدىمايدۇ، قاراپ تۇر، مەنمۇ بىر كۈنى ئۇنى ئايرىپ چاقىرىپ راۋرۇس ئەدەبلەيمەن، ئۆز يۇرتىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەمى قانداقكەن، ئوبدان تېتىتىمەن!...

—   ھەي، ھەي، بولدى، بەك ئېشىپ كەتتىڭ، شۇ ۋاقىتتىمۇ يەنە كىرا پۇلىغا چىدىماسسەنمىكىن؟

بۇ گەپ ئۇنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىپ كەتتى، قاراڭغۇدا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئەمما كېلىپلا مېنى ئۇرىۋىتىدىغاندەك ھەيۋە قىلدى:

—   سەن بېرىپ باقە قېنى، بارالامسەن؟ لاتا كۇسكۇسنىڭ گېپىنى تېخى، سەن بىزدەك ئىش كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن گەپ قىل!

—   بولدى قىلىڭلار،-دېدى ساتتار، بىر چاغدا زەينۇرمۇ بىزنى مۇشۇنداق دەپ جىمىقتۇرغانىدى، - گەپ تالاشقاننىڭ پايدىسى يوق، ئەڭ ياخشىسى شۇ يەرگە بارايلى...     

 ساتتارنىڭ چىڭ تۇرۇپ كەتكىنىگە قاراپ، زەينۇرنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن سېھرى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. قاراڭغۇدا خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن زەينۇرنىڭ مەكتىپىگە كەلدۇق، سوراپ يۈرۈپ ياتىقىنى تاپتۇق. زەينۇر ئۆزىنى تۆت ئوغۇلنىڭ ئىزەپ كەلگىنىدىن قاتتىق پەخىرلىنىپ، بىزنى پەستە قالدۇرۇپ ياتىقىغا يەنە چىقىپ كەتتى ۋە كىيىم ئالماشتۇرۇپ چۈشتى. ياتىقىدىكى قىزلار دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ، ھەۋىسىمىزنى ئۇرغۇتتى. بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىدا بىللە تاماق يېدۇق، زەينۇر بىر ئاز سەمرىپ بۇرۇنقىدىن چىرايلىقلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى، ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى، ساتتار گويا زەينۇرنىڭ ئاكىسىدەك سالاپەتلىك ئولتۇرۇپ پات-پات گەپ سورايتتى، زەينۇرنىڭ  جىلۋىدار كۆزىگە ئۇنىڭدىن قانداقتۇر بىر يوچۇق، كىرىدىغان تۆشۈك ئىزدەۋاتقاندەك سىنچىلاپ قارايتتى. شاپاقچى گۇيلار ئويۇنچى قىزلارنى بىر قاراشتىلا بايقىۋالىمىش، ساتتارمۇ زەينۇرنىڭ چىراي ئالامەتلىرىدىن ئاشۇنداق بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك، ئەمما دەرھال تاپالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ساتتار ئوينىتىپ ئەكەلگەن ساۋاقدىشىم ساتتار كۈلسە كۈلۈپ، گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى، پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، يۈزى چوڭ دېگىنى شۇ بولسا كېرەك، ساتتار ئۇنى سەتلىسىمۇ غىڭ قىلمايتتى، لېكىن مېنىڭ ئىچىم سىقىلاتتى. زەينۇرنى ئوينىۋېتىشكە قەسەم قىلغان ئەخمەت زەينۇرغا قارىماسلىققا تىرىشىپ توختىماي بىر نەرسىلەرنى يەيتتى، ئىچەتتى. يۇرتداشلار تەبىئىي ھالدا يۇرتنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشتۇق، ساقلىقىمىز ياراشمايدىغاندەك، كاللىنى ساراڭ قىلىپ ئىچىشتۇق. ئەخمەت ياندۇرماي ئىچىپ كۆزلىرى غىلايدى، زەينۇرغا ئالايدى، زەينۇرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغانچە زەردىسى قاينىدى، ئەمما ساتتارنىڭ زەينۇرغا قىلىپ كەتكەنلىرىدىن ھەزەر ئەيلەپ زۇۋان سۈرەلمىدى. سورۇندا زەينۇر ناھايىتى ئىززەتلەندى، قارىمايلىق مۇھەببىتى ھەققىدە گەپ بولمىدى، بىچارە ئەخمەت قىززىپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ زەينۇرغا قالايمىقان گەپ قىلالمىدى. ئاينۇر ياتىقىمىزنى تاقىۋېتىدۇ دەپ ئالدىراتقاچقا سورۇننى تېزلا يىغىشتۇردۇق، ئۇنى ياتىقىغىچە ئاپىرىپ قويدۇق. ساتتارنىڭ گېپى بويىچە زەينۇر ئەتىسى بىز بىلەن بىللە باغچىغا بارماقچى بولدى.

   ئەتىسى ئەخمەت يەنە ساتتارنىڭ يۈزىنى قايتۇرالماي باغچىغا باردى. قىش پەسلىدە سولۇشۇپ سەتلىشىپ كەتكەن باغچىدا تايىنى يوق رەسىملەرگە چۈشتۇق. ساتتار زەينۇر بىلەن خېلى كۆپ رەسىمگە چۈشتى، بىللە مۇز تېيىلدى، بىز ئۈچ ئەبگا ئۇ ئىككىسىنىڭ تاماشىنى كۆرۈپ سوكۇلداپ يۈردۇق. كەچتە يەنە بىر رېستۇرانغا ئوينغىلى باردۇق. ساتتارنىڭ مەرتلىك بىلەن ئوينىتىشلىرى نەچچە ۋاقىتتىن مەكتەپ ئىچىدە بىر خىللا ئۆتۈۋاتقان، ئۆزىمىزگە مەنىسىزدەك تۇيۇلۇپ كەتكەن تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىق، خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەچكە، ھەممىمىز ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولدۇق، بولۇپمۇ زەينۇر ھەممىدىن خۇشال ئىدى. ئەخمەت ئاخىر ساتتارنىڭ نوچىلىقىغا، زەينۇرنى ياتلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك، زەينۇرغا بولغان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. زەينۇرنىڭ دىققەت نەزىرى ھامان ساتتاردا ئىدى، نەگىلا بارسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىن چۆگىلەپ كېتەلمەيتتى. شۇندىن كېيىن ساتتار بىلەن ئۇچرىشىشىمىز ئازىيىپ قالدى، قارىغاندا ئۇ زەينۇرنى ئايرىم ئوينىتىپ، ئاللىقاچان كەلتۈرۈپ بولغاندەكمۇ قىلاتتى. ساتتار مېڭىش ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم بىر جەم بولدۇق، قىشلىق تەتىلىمىزمۇ توشۇش ئالدىدا تۇراتتى، تازا بىر ئوينىۋالماقچى بولدۇق، ئەمما ھەقىقىي ئويۇن، خۇشاللىق بىزگە نېسىپ ئەمەس ئىدى. دېگەندەك بولدى، مۇزىكىلىق رېستۇراندا ساتتار بىلەن زەينۇر ئەڭ كۆپ تانسا ئوينىدى، ئارىلىقىنىڭ بارا-بارا يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇردۇم. بىر چاغدا ئىككىسى يوقاپ كەتتى، ئەخمەت شىركەيىپلىكتە يەنە نېمىگىدۇر ئىچى پۇشۇپ، ئەتراپىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارايتتى. قوشنا جوزىدىكىلەر ئارىسىدا ئولتۇرغان خەنزۇ قىزلارنى تانسىغا تارتقۇسى باردەك قىلاتتى، ئەمما ئەگەر شۇنداق قىلسا دەككىسىنى يەيدىغانلقىنى بىلەتتى. شۇ ئارىدا «بېقىندى» بۇرادەر ئەخمەتكە ھاراق تەڭلىدى:

—   ئاخىرقىسى... ئەخمەت، ئەتە ماڭىدىكەنمىز، خوش دەپ بىر ئىچىڭلا...

—   غېنى سەن ئىچە... مېنىڭ پەقەت ھالىم قالمىدى.

—   ئۆزەڭ ئىچ،- دېدىم، مېنىڭ ئىچىدىمۇ بىر نېمە قايناۋاتاتتى.

—   ئىچىۋېرەمدۇق بۇ سېسىق ھاراقنى،- دېدى ئەخمەت زەردە بىلەن،- ئوينىمامدۇق...

—   نېمىنى ئوينايسەن، كېتىمىز ئەمدى...-دېدىم. نوچىنىڭمۇ نوچىسى بار بۇ جاھاننىڭ تاماشىسىنى كۆرۈۋاتاتتىم، كۆڭلۈمدە بىر خۇرسەنلىك...

—   بۇ ھاراقنى ئۆزەڭ ئىچ ئاداش... مەن ئىچمەيمەن.

—   مېنىڭ كۆڭلۈم بۇ... –دېدى ئۇ بىقوۋۇل بۇرادەر.

—   ئىچە چىرايلىق تۇتقاندىكىن،-دېدىم سەل قىززىشىپ،- ساتتار تۇتقان بولسا غىڭ قىلماي ئالاتتىڭ...

—   سەن جىم ئولتۇرە ساقال تۈكى.. ئىچسەم ئىچتىم..

ئەخمەت مىڭ تەسلىكتە ئۇ ھاراقنى ئىچىپ قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى. بىر چاغدا ساتتار زەينۇرنى ئېلىپ يېنىپ كىردى. ئەخمەت ئۇلارغا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، زەينۇرغا قايتىدىن ساپسالدى. زەينۇرنىڭ چىرايىدا خىجىللىقتىن ئەسەر يوق، گويا ئۈچىمىزنى مازاق قىلىۋاتقاندەك بىخارامان، تەبەسسۇم بىلەن ئولتۇراتتى.

ئەتە بۇ ئىككىسى كېتىدۇ، ئاينۇرمۇ كۆزىمىزدىن يۈتىدۇ... ئەخمەت بىلەن ئىككىمىز يەنە بىر-بىرىمىزنى تاتلاپ ياشايمىز. بۈگۈن ئىچىپ يالغاندىن قىززىغان بىلەن ئەتە رەسمىي سوۋۇيمىز، بەلكىم بىر-بىرىمىزگە تۈزۈك گەپ قىلماسلىقىمىز مۇمكىن.

  بۇ كەچتە يەنە زەينۇرنى دەپ بۇرۇن تارقىدۇق، ساتتار زەينۇرنى ئاپىرىپ قويغىلى ئېلىپ ماڭدى، يەنە بىز ئۈچەيلەن بىچارىلەرچە ئېشىپ قالدۇق. ئۇ بۇرادەرنى ياتىقىغا ئاپىرىۋېتىپ ئەخمەت ئىككىمىز ئازادە قالدۇق. كۆڭلى-كۆكسىمىز ئېچىلىپ قالدى، پىغانىمىز ئۆرلىدى.

—   ئاناڭنى، پۇل دېگەن شۇنداق يامان نېمە بولىدىغان بولسا، خىزمەتكە چىققاندا پۇل دېگەننى تازا تېپىپ تازا ئوينىمايدىغان بولسام...

—   شۇ ئەمەسمۇ، پۇلى بارنىڭ ھەممە ئىشى ئوڭ كېلىدىكەن.

—   بۇ ساتتار دېگەن گۇيمۇ ئۆتۈپ كەتكەن شاپاقچىكەن... بۇ چاغقا ئاينۇرنى نەچچە قويۇپ بولدى..

—   ئۇنداق ئەمەستۇ، ئۇنداق ئاسان ئىش نەدە بار...

—   سەن ئىش كۆرمىگەن نېمە-دە، دېسەم پەقەت ئىشەنمەيسەن...

—   ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك ئويلايسەن-دە، زەينۇرمۇ بىر كۆرۈشۈپلا ئۇنداق ئاسان بېرىۋەتمەس...

—   سەن پوقنى بىلەمسەن، ساتتار نەچچە ۋاقىتتىن بىكارغا پۇل خەجلىمەيدۇ، ئوينايمەن دەپ خەجلەۋاتىدۇ، زەينۇر دېگەن  دۆت بىر نېمە، بىر كىم نېمە دېسە ماقۇل دەيدۇ...ئۇنى كىم خوش قىلسا شۇ نوچى.. قاراپ تۇر، ساتتار كەتكەندە، مەنمۇ ئۇنى ئوينىتىپ ساراڭ قىلىپ ئاندىن مەقسىتىمگە يېتىمەن... مەن قېنىۋالغاندىن كېيىن سەنمۇ جۈرئەتلىك بولساڭ، مەقسىتىڭگە يېتىسەن... ئۇنداق بىر نېمىنى ئاشۇنداق قىلمىساڭ، سېنى كەچكىچە تىللاپ مازاق قىلىپ يۈرۈيدۇ...

—   ماڭاۋە... سەن مەستلىكتە ھەر نېمە دەيسەن... ۋاقتى كەلگەندە قاراپ تۇرىسەن... سېنىمۇ كۆردۈم، ئاغزىڭدا پو گەپتىن باشقىسى چىقمايدىكەن..

—   قاراپ تۇر، مەن رەسمى نىيەت قىلدىم... سەن بۇ يىل پۈتتۈرىسەن، كېتىسەن، ھېچنېمە قىلالمايلا كېتىسەن، ماڭا يەنە بىر يىل بار، قانغۇدەك ئوينىۋالىمەن، زەينۇر دېگەننى ئويناپ شالاقشىتىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس...

  ئۇ شۇ سېسىق، بەزەپ گەپلەرنى دەۋېتىپ قۇسۇپ تاشلىدى، قاتتىق سەسكىنىپ كەتتىم. مەنمۇ بىچارىلىك، خارلىقتا، ھەۋەسكە قۇل بولۇشتا ئۇنىڭدىن سەللا كېيىن تۇراتتىم. نېمىلا دېگەن بىلەن،  تولۇق ئوتتۇرىدىكى سەبى ھالىتىمىز گۈزەل ئىدى.

ئەتىسى ساتتارلارنى ئۇزىتىپ قويدۇق، زەينۇر پويىز ئىستانسىسىغا چىقمىدى.

تەتىلدىن كېيىن ئوقۇش، ماقالە يېزىش، خىزمەت ئۇقۇشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ئەخمەت بىلەنمۇ ئانچە كۆرۈشمىدىم، كۆرۈشسەكلا زەينۇرنىڭ گېپى چىقاتتى، ئۇنىڭ مەقسىتىگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى بىلمىدىم، لېكىن مەن بىلەن كۆرۈشسە يەنە زەينۇر ھەققىدە پو ئاتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ مەندىن باشقا پو ئاتىدىغان، ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ئادىمى يوقتەك ھېس قىلاتتىم. 

ئەخمەت جەمئىيەتكە ماسلىشىشتا مەندىن ئۈستۈن ئىدى، بۇنداق ئالاھىدىلىك مەندىمۇ بار، لېكىن مەن قابىلىيىتىمگە تايىنىپ ياشاشنى بەكرەك ئەۋزەل كۆرەتتىم. بۇ جەھەتتىن بېيجىڭ ماڭا ئەڭ ماس كېلىدىغان جاي ئىدى. شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا بېيجىڭدا پراكتىكا قىلدىم، شىنجاڭغا كەتسەملا مۇناسىۋەتكە خاملىقىمدىن زىيان تارتىپ، پەسكە دومىلاپ-دومىلاپ چۈشۈپ ئاخىر ئىشسىز قالىدىغاندەك بىر ۋەھىمىدە توختىماي تىرىشتىم ۋە تەلىيىمگە يارىشا بىر ئىدارىنىڭ شىتاتىغا ئىلىنىپ قالدىم، ئىسمىم تۆمۈر دەپتەرگە پۈتۈلدى؛ نوپۇس ۋە ئارخىپلىرىم «مەركەز»دە ساقلىنىپ قالدى. ئەخمەت دەسلەپتە ھەيران قالدى، شۇندقتىمۇ مېنى تەبرىكلىدى، «سەندەك ئادەمگە مۇشۇنداق يەر بولىدۇ» دەپ راست گېپىنى قىلدى. ئىدارىدىن تەقسىملەپ بېرىلگەن بىر ئېغىزلىق ياتىقىمنى چەينەك دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوقلاپ مۇبارەكلىدى.   

داۋامى بار...


 

تورداش << كامران>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ