ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات
Erturk يازمىسى
4
ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت بارا-بارا غۇۋالىشىپ، زۇلمەتكە ئايلىنىپ كەتتى، چاقناپ كۆز قاماشتۇرغىدەك، ھاياجاندا يۈرەكنى ئۆرتىگۈدەك، خاتىرىدىن ئۆچمىگۈدەك ئەسلىمە قالمىدى، بۇنداق كۈنلىرىم بەك تولا، چۈنكى مەن ئىزچىل مۇھەببەتسىز ياشاۋاتتىم، ئۇنداق دېسەممۇ بولمايتتى، قەلبىمدە مۇھەببەت لىق تولۇپ تۇراتتى، مەكتەپتە يولدا ئۇچراپ قالسا يۈرىكىمنى ئورنىدىن قوزغايدىغان 13 قىز بار ئىدى، ئۇلارنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرەتتىم، ئەمما بىرەرسىگە گەپ قىلىشقا كەسكىن نىيەت قىلالمايتتىم. پۇلۇم جىق بولغان بولسا جۈرئىتىم بەلكىم شۇنىڭغا بېقىپ چوڭراق بولاتتى، لېكىن پۇلۇم ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ بىر قىزنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشنى نەزەرىيە جەھەتتىن بىلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە سىناپ بېقىشنى تەس كۆرەتتىم. ئۆيدىن پۇل كەلسە ئۇنى بىرەر قىزغا خەجلەش پىلانىنى ئەسلا سوقالمايتتىم، پىخسىقلىقىمدىن ئەمەس، خەجلىگەنگە چۇشلۇق بىر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيتتىم، ئىشقىلىپ ئىچكى-تاشقى ئىمكانىم تولىمۇ چەكلىك ئىدى. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتتى، ئەخمەت ئاينۇرغا قانداق يېقنلاشتى، ئۇنى ئىزدەپ باردىمۇ، تاماققا، سەيلىگە چىللىدىمۇ، بېلىدىن تۇتالىدىمۇ، سۆيەلىدىمۇ... بۇ ماڭا قاراڭغۇ، قانداق بولدى بىر كۈنى كۆرۈشۈپ قالدۇق، ئۇ ئىچىدىكى دەپ تاشلىدى:
— زەينۇر دېگەن نېمە بىرسى بىلەن يۈرۈۋاپتۇ..
— كىم بىلەن؟
— مەكتىۋىدىكى بىر قارىمايلىق بىلەن.
— سەن نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەن؟
— مەن ئىزدەپ بولالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىپى يىراق.
— ھەپتە ئاخىرىدا بارساڭ بولاتتىغۇ؟
— ھەپتە ئاخىرى دېگەن ئوينايدىغان كۈن، ئاران بىر ئارام ئالغاندا نەدە سوكۇلداپ يۈرۈيمەن؟ كۆرۈۋاتىسەنغۇ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تانسىخانىسى ئالامەت قىززىۋاتىدۇ، بېيجىڭدىكى ئىككىنچى ھايۋاناتلار باغچىسى دېگەن نامنى بۇ مەكتەپتە كىم قويغانكىن، زادى بەئەينى شۇنىڭغىلا ئوخشايدۇ، ئوقۇش كەينىگە قالغان بىلەن ئويۇن تەرەققىي قىلغان، تانسىخانىسىغا ھەر مىللەتنىڭ چىرايلىقلىرى كىرىدۇ، نە نەلەردىن ئوقۇغۇچى قىزلار، جەمئىيەتتىكى سەتەڭلەرمۇ كىرىدۇ، مەن بۇنداق يەرنى تاشلاپ نەگە بارىمەن؟ ئولتۇرىدىغانغا جاي يوق قاتار تۇرۇپ كەتكەن شۇ قىزلارنىڭ چىرايىغا، پىگورىغا، ئەمچىكىگە قارايسەن، خالىغاننى تانسىغا تارتىسەن، جاھاندىن بۇنىڭدىن پەيزى ئىش بارمۇ؟ ھەر قېتىم كىرسەڭ ئوخشىمىغان چىرايلىق قىزلارنى كۆرىسەن، قانماي ھوزۇرلىنىسەن، شۇنداق تۇرسا مەن شۇ زەينۇرنى كۆرىمەن دەپ شەنبە-يەكشەنبەمنى قۇربان قىلامدىم؟ بارغىچە ئاران بارىسەن، تاماق يەيسەن، جاڭگاللىقتىكى مەكتىپىنى ئايلىنىسەن، ئاپتوبۇس بۇرۇن توختاپ كەتسە تاكسىدا كېلىپ بىر مۇنچە چىقىم تارتىسەن، ۋاي بولدىلا، ئۇنى كەلتۈرۈپ بولغىچە تانسىخانىدىكى قىزلاردىن نەچچىنى كەلتۈرۈپ بولىمەن، ھەر شەنبە ئوخشىمىغان بىرسىنى ئەچىقىپ ئوينايمەن. مۇھەببەت دېگەن ئويۇن-تاماشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئوتتۇرا مەكتەپتە چىن ساداقەت مۇھەببەتنىڭ ئۇل تېشى دەيدىغان قۇرۇق گەپكە ئىشىنىپ يۈرۈپتىكەنمىز، قىزلارنى بوش قويۇۋېتىپتىكەنمىز...
— شۇنداق قىلىپ زەينۇر يۈرۈۋاپتۇ-دە، ھە، بولدى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما... – مەن گويا ئۇرۇشماي تۇرۇپ غالىپ بولغان قەھرىماندەك، ئاقىۋەتنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان گېنرالدەك مەغرۇرلاندىم، زەينۇرمۇ بۇ مەغرۇرلۇق ئالدىدا شەرمەندە بولۇپ قوغلاندى. ئۇنىڭغا پەقەت جىنسىي ھەۋەس تۇيغۇسىدىن بىر ئاز قىزىققانلىقىم ئۈچۈن يۈرىكىم ئازراقمۇ ئېچىشمىدى، ۋە لېكىن ئاشۇ ناتونۇش قارىمايلىقنىڭ ئۇنىڭ بېلىنى قاماللاپ تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى سۆگەتگۈلدەك ئېگىپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇراۋاتقانلىقىنى خىيال قىلدىم.
— خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ،- دېدى ئەخمەت،- مەن ئۇنىڭغا پەقەت ئېرىشمەكچى ئىدىم، خەق تارتىپ كېتىپتۇ. بۇ بىر نېمىمۇ ئاران تۇرغان ئوخشايدۇ. ئۇياقتىن كېلىپ بۇ ياقتىن مۇھەببەتلىشىپ... لېكىن بىز بىر يۇرتلۇق تۇرۇپ ئۇنى خەققە تارتقۇزۇپ قويىمىزمۇ دەيمەن، مەنغۇ يېتىشىپ بولالمىدىم، سەن بولساڭمۇ بېرىپ كەلتۈرسەڭ بولماسمىدى، سەنمۇ تازا بىر ئاداش –تە... ھەي..
— سەن ئۆزەڭ ئۆتكەندە توغرىلاپ بولدۇم... دېدىڭ ئەمەسمۇ؟
— نېمە دېسەم راست دەپ چۈشىنىدىغان ساددا ئاداش-تە سەن...
— ئۇنداق ئادەم نېمە دەپ ماڭا پو ئاتىسەن؟!- دېدىم ئاچچىق بىلەن.
— پو ئاتمىغان، ئاساسەن كەلتۈرۈپ بولغان، سەن قېشىمىزدا بولغاچقا ئۆزەمنى تۇتۇۋالغان... سەن بولمىغان بولساڭ بىر بۇلۇڭغا ئاپىرىپ سۆيۈپ ئەبجىقىنى چىقرىپ ئاندىن تەلەپ قوياتتىم.
— قىلالمىغان ئىشىڭنى ماڭا دۆڭگىمە، نەچچە ئايدىن بېرى قىلالمىغان ئىشىڭنى بىر كۈندە قىلالامتىڭ؟ سەن قىلالمايدىغان ئىشىڭنىمۇ قىلدىم دەپ تۇرۇۋالىسەن، ماڭىلا پو ئاتىسەن...
— پو ئاتساقمۇ ئىشقىلىپ بۇ جەھەتتە سەندىن ئۈستۈن تۇرىمىز، ئوقۇشتا سەندىن بىر يىل كېيىن قالغىنىم بىلەن ياشاشتا سەندىن ئۆتۈپ كەتتىم، ئوغۇل بالىنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشى ئويناش، يىگىتتەك ياشاش. ئوقۇش دېگەننىمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتىمىز، ئويناشنى بىلمىگەن ئادەم ئوقۇشنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ خۇددى دەم ئېلىشنى بىلمىگەن ئادەم ئىشلەشنى بىلمىگەندەكلا بىر ئىش.
— ھەر كىم ئۆزىنىڭ بىلگەن يولىدا ماڭىدۇ، مەن ئۆزەم مۇشۇنداق ئازادە ياشايدىغان ئادەم، شۇڭا ئۆز قارىشىڭنى باشقىلارغا تاڭما. ماڭا ھەرگىز ئىچ ئاغرىتما، ئەمەلىيەتتە مەن سەندىن ياخشى ياشاۋاتىمەن.
— ھەي، ئاكىيۇدەك ھاماقەت –دە سەن، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغىچە مۇشۇنداق يۈرۈيدىغان بولدۇڭ، مۇشۇ ۋاققىچە تانسىخانىدىن بىرەر قىزنى تالاغا ئەچىقىپ باققىنىڭنى كۆرمىدىم؛ بىر بۇلۇڭدا خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرىدىكەنسەن، تانسا ئويناۋاتقانلارغا ھەۋەسلىنىپ قارايدىكەنسەن، چىرايلىقلارنى تانسىغا تارتىپ قوپۇرالمىساڭ يېلى چىققان توپتەك سولىشىپ كېتىدىكەنسەن، ئاندىن ئەڭ سەت، پاكار، سېمىز قىزلار ئېشىپ قالىدىكەن، شۇلارنىمۇ تېخى ئاران تەستە قوپۇرىدىكەنسەن، ئېپى كەلسە قېلىنراق بىرسىنىڭ مەيدىسىگە مەيدەڭنى ياقالايدىكەنسەن، مۇشۇلارغا قاراپ ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ مېنىڭ، سېنىڭدەك قاملاشقان بولسام نى سەتەڭلەرنىڭ بېلىنى تۇتۇپ، بىر قول ئويناپ بولغىچە كەلتۈرۈپ ئىشنى توغرىلاپ بولاتتىم...
— سېنى كىم كۆزەتچىلىككە قويدى؟ مېنىڭ نېمە قىلىشىم بىلەن كارىڭ نېمە؟ سەندەك قېلىن گۇيلارمۇ تايىنلىق... مەنمۇ قاراپ تۇرسام، نەچچە قېتىم دەككەڭنى يېدىڭ. شۇڭا ئۆزەڭنى بىل دەيمەن. بىر-بىرىمىزگە ئىشپيون بولمايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ قىلىشمايلى...
ئەخمەتنىڭ بىر ياخشى يېرى، مەن مىڭ تېرىكىپ ئاچچىقلانساممۇ ھەرگىز تەڭ ئاچچىقلانمايتتى، ئۆزىنى تەمكىن ئەر چاغلاپ ھىجىيىپ تۇراتتى، قىزلارنى كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولغان زۇۋانىنى بوش قويمايتتى:
— چىرايلىق قىزدىن دەككەڭنى يېسەڭمۇ ئەرزىيدۇ، سەت قىزلاردىن دەككەڭنى يېسەڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىسەن. شۇڭا سەتەڭلەردىن ھەرگىز ۋاز كەچمە. ياشلىقىڭنىڭ بارىدا چىرايلىق قىزلارغا شىردەك ئېتىل، بۇ يولدىن ھەرگىز يانما. سەت قىزلارنىڭ ئىچىمۇ سەت، تانسىغا تارتساڭ قوپمىسا تېپىپ دومىلىتىۋەتسەڭمۇ بولىدۇ. ئەمما چىرايلىق قىزلارنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئېچىلىپ تۇرغان گۇل، يېقىن كېلىپ بىر پۇرىۋالساڭمۇ ھېساب، ساڭا ئېگىلمىسە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق نازى دەپ چۈشەن، قايتا-قايتا تانسىغا تارت، كۈلۈپ تۇرپ تارت، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ تارت، گەپ قىل، ئەگەر ئىككىلىنىپ قالغۇدەك بولسا، «خانقىز، مېنى ۋەيران قىلاي دەمسىز» دە، ھەرىكەت ۋە سۆزدە چاققان بولساڭ، ھەر قانداق قىز ئېرىيدۇ. شۇڭا مەن دەككەمنى يەپ قېلىشتىن قورقمايمەن، يۈزۈمنىڭ قېىلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى، مەن بۇ راھەتنى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغىچە قوغلىشىمەن...
— سېنىڭ غايەڭ پەقەت شۇ قىزلار، قالغان ئىشلارنى پەقەت ئويلىمامسەن؟!
— ئويلايسەن، ئويلىساڭمۇ قانداق قىلىسەن؟ مەكتەپ پۈتتۈرسەڭ شۇ جەمئىيەتكە چىقىسەن، شۇڭا مەكتەپتە جەمئىيەتنى ئالدىن پراكتىكا قىلىش، جىق ئىش كۆرۈش كېرەك. جەمئىيەتكە چىقساڭمۇ بەرىبىر باشلىق، سورۇن، قىز-خوتۇن مەسىلىسىگە دۇچ كېلىسەن، ئۇنىمۇ مۇشۇ مەكتەپ مۇھىتىدىن تاپالايسەن، مەكتەپتىكى باشلىقلار، مەسئۇللار بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇق قىلىشىڭ كېرەك، گېپى ئۆتىدىغان باشلىق دادىسى بار قىزدىن بىرنى كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك. ئۈرۈمچىدە قېلىپ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىۋالسام بولدى، دوپپامنى ئاسمانغا ئاتىمەن. قالغىنىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرىمەن...
ھەر قېتىملىق پارىڭىمىزدا ئۇ ھامان ئۈستۈنلۈك بىلەن گەپ يورغىلىتاتتى، مەن گۇمان ئارىلاش قايىللىقىم بىلەن قاپىقىمنى تۈرۈپ قۇلاق سالاتتىم.
ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلمۇ سوغۇق قىش بىلەن تەڭ كىرىپ كەلدى، سىنىپتىكى قىز-ئوغۇل ئولتۇرىشىمىز كېچىچە داۋاملاشتى، پىۋا ئىچتىم، قىز ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر-بىرلەپ تانسا ئويناپ چىقتىم، ھېچكىگە دەردىمنى ئېيتماي دېسەم ئۇلار ئازابىمنى كوچىلىدى، ھەممسى مېنى بۇ بەش يىلدا بىر قىزنىلا ياخشى كۆرۈپ شۇنىڭغا خەت يېزىپ كەلدى، مۇھەببىتىگە ئاجايىپ سادىق، ئۇ زادى قانداقراق قىزدۇ؟ ھەر قانچە پەرىشتە بولۇپ كەتسىمۇ نېمىشقا بۇ بىچارە غېنىنى مۇرادىغا يەتكۈزمەيدۇ؟... دەپ ئويلايتتى. بىر قېتىم، يەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇ قىزغا رەسىمىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ خەت يازدىم، بىر ئايدىن كېيىن رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەردى، چىرايلىق چۈشكەنىدى، ئۆزىمۇ چىرايلىق ئىدى، كۈلۈپ تۇراتتى، چېھرىگە غايىۋى كۆزدە قارىدىم، كارىۋىتىمدا يانپاشلاپ ئۇزاق-ئۇزاق تويماي قارىدىم، ھېچكىمگە كۆرسىتىپ يۈرمىدىم. ئەگەر ئۇنى بىرسى ياراتماي قالسا بەش يىلدىن بېرى ئۆچمەي كەلگەن چىن ھېسسىياتىم مەسخىرىگە ئۇچرايتتى. مەن ئۇنىڭ رەسىمىگە ئېرىشكىنىمگە قانائەتلىنىپ، كېچىسى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قويۇپ پۇراپ ياتتىم؛ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈك رىشتى باغلانغان كۈنلىرىمنى ئەسلەپ، كىچىكلىك، ساددىلىقىمغا ۋە ھازىرغىچە بۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغىنىمغا ئۆكۈندۈم؛ شۇنداقتىمۇ ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمەي، قىشلىق تەتىل كۈنلىرىنى يەنىلا قىرائەتخانىدا مۇھەببەت خەزىنىلىرىدىن دۇردانىلەر ئىزدەپ، ئۇلارنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزدۈم.
تەتىلدە لەنجۇدا ئوقۇۋاتقان بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇنىڭ تىجارەتچى ئاغىنىسى بېيجىڭغا ئوينىغىلى كەلدى. يانچۇق قورۇق بولسىمۇ، ئۇلارنى خۇشال قارشى ئالدىم ۋە كوچىدىكى ئاشخانىغا باشلىدىم، ئەخمەتنىمۇ چاقىرىۋالدىم.
داۋامى بار...