نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات 3
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-25 14:22:03  يازغۇچى:كامران  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:5982   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             


ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات

Erturk

3

زەينۇرنى كۆرۈپ ئەخمەتنىڭ كۆزلىرى ئويناپ، قىلىق-قىياپەتلىرى ئۆزگەرگىلى تۇردى. چۈنكى بۇ كۈنى پۈتۈن ئىش زەينۇرنى مەركەز قىلاتتى، زەينۇر بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشتىن، ئۇنى ئوينىتىپ كېلىشتىن ماڭا نېمە خۇشاللىق كېلىدىغانلىقىنى بىلە-بىلمەستىن ئارىلىشىپ قالدىم، جاھاندا بىر قىزنى ئىككى تايىنى يوق ئوغۇلنىڭ ئوينىتىپ كېلىشىدىن ئارتۇق قاملاشمىغان، بىمەنە ئىش يوقلۇقىنى شۇ كۈنى چۈشەندىم. زەينۇرغا بېيجىڭنى كۆرسىتىپ ئوينىتىپ كېلىش ئىشىنى ئەخمەت چىقارغان، مەنمۇ يۇرتداشلىق ۋە بۇ قىزغا ئەخمەتتىنمۇ يېقىنلىق يۈزىسىدىن قوشۇلغانىدىم، ئىشلار تەبىئىي داۋاملىشىدۇ، يۇرتداشلار بىللە خۇشال ئايلىنىپ كېلىمىز دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما مەكتەپتىن چىقىپ نەگە بېرىش ئىشىنى تالىشىشىتىن باشلاپ ئەخمەت بىلەن ئوسال كەيپىياتتا تىركەشتىم. ئۇ  ھە دېسە زەينۇر ئالدىدا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن دەپ چاپچىيتتى، بىلەرمەنلىك قىلىپ ئالدىمنى توسۇپ قوياتتى، پۇل چىقىرىدىغاندا قاشاڭلىق قىلاتتى. ئىككىمىز بىر يەرگە كېلەلمەي تالىشىپ قالغاندا زەينۇر ئەكسىچە خۇشال بولۇپ «ۋاي بولدى قىلىڭلارچۇ...» دەيتتى. بىز شۇ كۈنى «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەندەك شاپاشلاپ زەينۇرنى تالاشتۇق، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ رىقابەتلەشتۇق، سىڭلىمىزدەك بىر قىز ئالدىدا ئويۇن قويۇپ بەردۇق، ئاستىرىتتىن زەينۇرنى خوش قىلدۇق، ئۇنى خوش قىلىپ ئۆزىمىز تېرىكىپ جىددىيلىشىپ ئىچىمىزنى سىقتۇق، بۇ كۈندىكى چۆرگىلەش كېيىن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئويلىسىمۇ، ئەسلىسىمۇ كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ خۇنۈك، كۈلكىلىك، ئېچىنىشلىق بىر خاتىرىسى بولۇپ قالدى.

 شۇنداق قىلىپ ئاشۇ بىر كۈننى خۇشاللىق ئىچىدە ئەمەس، غىژىلداش، كوتۇلداش، مەنىسىز پاراڭ سېلىش، مەنىسىز ئايلىنىش، ھارغىنلىق، بىزارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم، بىللە رەسىمگىمۇ چۈشمىدىم، زەينۇر ئەخمەتنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ مەن بىلەنمۇ ئانچە كارى بولمىدى، ئۆزۈم خىيال سۈرۈپ، ئۆزۈم كۆڭلۈم تارتقان باشقا مەنزىرىلەرگە، چىرايلىق بىنالارغا، رەڭلىك خەنزۇ قىزلارغا، قۇچاقلىشىپ تۇرغان ھاياسىزلارغا... قاراپ ماڭدىم. ئەخمەت بىر دەم ئاكتىپ بولمىسا، بىردەم گەپ قىلمىسا زەينۇر مەن بىلەن بىللە بولۇپ كېتىدىغاندەك توختىماي پاراڭ سالاتتى، ئۇنى بىر ياققا يېتەكلەيتتى.

زەينۇر ئەخمەت تولۇق ئوتتۇرىدا قايتا ئوقۇغاندا مۇھەببەتلەشكەن، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىز ھەققىدە پاراڭ سالدى، ئەخمەتكە ھېسداشلىق قىلغاندەك بىر گەپلەرنى دېدى. مەن بىلەتتىمكى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن ئۇ قىز ئەخمەتكە بىرەر يىل خەت يېزىپ ئاندىن خەت يازماس بولغانىدى، ئۈرۈمچىدە ئاللىقاچان باشقا بىرسى بىلەن يۈرۈۋېلىپ، ئەخمەتنى تاشلىۋەتكەنىدى؛ ئەخمەت بۇنى ئېتىراپ قىلماي مەن ئۇنى تاشلىۋەتتىم، خېتىنى بېرىۋەتتىم دەپ يۈرەتتى.  زەينۇر ئەخمەتكە تەسەللى بەردى، ئەخمەت ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن بىر ھازا قاقشاپ ئاخىرىدا: «ۋاي، جاھاندا قىز بالا دېگەن ساماندەك، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئېسىل قىزلارنى تاپىمىز بىز... » دەپ پو ئاتتى، زەينۇرغا ھىجىيىپ قاراپ قويدى، زەينۇرغا دىققەت قىلمىدىم، بەلكىم ئۇمۇ ئىچىدە بىر نېمىلەرنى ئويلاپ، دەڭسەپ بولدى. بۇ قىزنىڭ خىيالى بىر يەردە ئەمەستەكلا قىلاتتى، بىر يەرگە قاراۋېتىپ كۆزى توختاپ قالاتتى. يول ماڭسا چوڭ چامدايتتى، ئىنچىكە بېلىگە چۈشكەن چاچلىرى بەللىرى بىلەن تەڭ تولغىناتتى، ئەخمەت ئۇنىڭ يېنىدا رودۇپايدەك چاپلىشىپ، ھەر ئىشتا قىزغا ماسلىشىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىپ كېتىۋاتاتتى. سەت تۇرمىسۇن دېمىسەم ئاللىبۇرۇن ئۇلاردىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن بولاتتىم، چىداپ ئەگەشتىم.

 ئاپتوبۇسقا چىققاندا زەينۇر تۇتقۇچنىڭ تىيىكىنى قۇچاقلاپ تۇرغانىدى، ئەخمەت بۇنى ئۇ قىزنىڭ مۇھەببەتكە، بىر ئوغۇلنىڭ تېنىگە مۇھتاجلىقى دەپ چۈشەندى بولغاي كۈلۈپ زاڭلىق قىلدى. ئىت-ئېشەكنىڭ كۆزىگە ھەممە نېمە كۈلرەڭ كۆرۈنىمىش، شەھۋەتكە تولغان كۆزگە «سېرىق»تىن باشقا نېمە كۆرۈنسۇن؟!  مەكتەپكە ئاز قالغاندا زەينۇر ماڭا قاراپ توساتتىن:

—   ساھىبجامال بىلەن خەت يېزىشىپ تۇرۇۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى.

ھەيران قالدىم، ئۇ مېنىڭمۇ كونا مۇھەببەت ئىشلىرىمدىن خەۋەردار ئىكەن. مۇشۇ باھانىدا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ مېنى ئېسىگە ئالغانىدى، مېنىڭمۇ يالغۇز، بىچارە ئەمەسلىكىم، مۇھەببەتلىشىشكە قادىر ئىكەنلىكىم، جۈرئىتىم ۋە غەيرىتىم  ۋىسال قۇچالمىغان تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ ئىسمى چىقىرىلغاندا ئاشكارىلانغاندەك بولدى. ئەخمەت ئەمدى بىر كۆڭۈللۈك كەيپىياتقا كىرگەندەك خۇشال كاپشىدى:

ــ ھە دېگىنە، ھېلىمۇ خەت يېزىۋاتامسەن؟ شۇ قىزنى دەپ سىنىپىڭدىكى قىزلارنىمۇ قولدىن بېرىپ قويدۇڭ، قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتالمىغان ئۇ مۇھەببىتىڭنى ئەمدى ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ بولىدۇ...

ــ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ غېنىجان ئۇنداق جىم يۈرىدىغان بالا ئەمەستەك... – زەينۇر توغرا دەۋاتاتتى، مەن جىم يۈرىدىغان بالا ئەمەس ئىدىم، ئەمما ھەممە ئىش، جىمى ئۆزگىرىش خىيالىمدىلا تاماملىنىپ تۈگەيتتى، ئىچىمدىن سىرتقا چىقمايتتى، جۈرئەت ۋە ھەرىكەت ماڭا تولىمۇ يات ئىدى. ھەرىكەت قىلدىم دېيىشكە توغرا كەلسە قولۇمدىن كېلىدىغان پەقەت بىرلا ئىش بار ئىدى:  پىنھاندا شۇ ساھىبجامالغا يالقۇنلۇق خەتلەرنى يازاتتىم.

ــ ھازىرمۇ خەت يېزىپ تۇرۇۋاتىمەن...-دېدىم.

ــ خېتىڭىز بەك تەسىرلىك جۇمۇ، ساھىبجامالنىڭ ياتىقىغا بارغاندا  خېتىڭىزنى كۆرگەنىدىم...مەنلا ئەمەس باشقا قىزلارمۇ كۆرۈپ گېپىڭىزنى قىلىشقان...

يەنە ھەيران قالدىم، ساھىبجامال بىلەن بىر توپ قىزلارنىڭ ئۇ خەتنى كۈلۈشمەك قىلىپ ئوقۇۋاتقان ھالىتى تەسەۋۋۇرىدىن كەچتى، قەلبىمدىكى پەقەت شۇ قىزغىلا تەئەللۇق ئوتلۇق ھېسسىياتىمنى ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى قىلىۋالغانىدى؛ ئەڭ يامىنى، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا باشقا قىزلارمۇ مېنىڭ پاك ھېسسىياتىمنى مەسخىرە قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

—   ئۇ نېمىشقا مېنىڭ خېتىمنى سىلەرگە كۆرسىتىپ يۈرۈيدۇ؟- دېدىم، تىترەپ كېتىۋاتاتتىم، بۇ گەپتىن كېيىن مەن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ مۇھەببەتكە قادىر بولالايدىغان، ئۆزۈم ئەڭ جۈرئەت قىلالايدىغان بۇ ئىشىمدىنمۇ قول ئۈزەتتىم.

—   ئۇ بىرسى بىلەن يۈرگىلى خېلى ئۇزاق بولدى، بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ سىزگە جاۋاب يېزىپتىكەنغۇ... يەنە خەت يېزىپ يۈرۈپسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خېتىڭىزنى ...  لېكىن، ھېچكىم سىزنى مازاق قىلمىدى، تەسىرلىنىپ ياخشى گېپىڭىزنى قىلىشتى..

ئۈچىنچى قېتىم ھەيران قالدىم، گالۋاڭلار چاققانلارنىڭ ئىشلىرىغا دائىم ھەيران قېلىپ يۈرسە كېرەك. ساھىبجامال گەرچە تەلىپىمنى رەت قىلغان بولسىمۇ خېتىدە بىرسى بىلەن يۈرگەننىڭ گېپىنى قىلمىغانىدى، بىز پەقەت ساۋاقداش، دوست بولۇپ ئۆتەيلى دېگەندەك تەمسىز گەپلەرنى يوغان، مايماق قىلىپ يېزىپ ئىككى بەتنى ئاران توشقۇزۇپ ماڭا سالاتتى. مەن بىچارە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ ئەڭ سەمىمىي،  ئەڭ ئوتلۇق، سېغىنىشلىق خەتلەرنى يېزىپ ئۇنىڭغا يوللايتتىم، ھەر بىر خېتىم 10 نەچچە بەت كېلىدىغان لىرىك نەسىرگىلا ئوخشايتتى. دېمەك، بۇ خەتلەرنى ساھىبجامال پەقەت كۆرۈشكىلا بولىدىغان، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىدەك ساقلاپ قويۇپ باشقا قىزلارغا كۆرسىتىپ يۈرگەنىدى، ئۇ قىزلار مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىلسا نېمە پايدىسى،  قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق گەپلىرى...، بىرەرسى كېلىپ قۇچاق ئاچسا ھېساب... نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن، ئەكسىچە مازاق قىلىشىدۇ ياكى ئىچ ئاغرىتىشىدۇ. مانا بۇ زەينۇرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس...

   ئىچىم بارغانچە ئاچچىق بولۇپ كەتتى، جاھاندا ھېسسىياتىنى، زېھنىنى مەندەك ئىسراپ قىلغان ساددا، گول ئادەممۇ بارمىدۇ، ئاشۇ خەتلەرنى كۆيدۈرۈپ گۈلخان قىلىپ، كۈلىنى سىياھ قىلىپ ئۆزۈمگە مەرسىيە يازساممۇ ئازلىق قىلاتتى.

ئەخمەت مېنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايىمغا قاراپ قىن-قىنىغا سىغماي كەتتى، لېكىن پەقەت چاندۇرمىدى، «بۇنچىلىك قىلىپ كەتمە»دەپ دولامنى پەپىلەپ تەسەللى بەردى.  ئۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ جەمئىيەتكە ئاجايىپ ماسلىشىپ جېنىنى گۈلدەك باقالايتتى.

—   سىز ئۇقماي يۈرۈپسىز-دە، ساھىبجامال يامان قىز...

(ئۇنىڭ يامانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇنداق يامانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن)

—    كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ قويدۇم...

(كۆڭلۈم بۇرۇنلا يېرىم ئىدى، ئەمدى ئازابقا ئايلاندى، سۆيۈشمەي تۇرۇپلا ئالداندىم)

ـــ بىر قىزنى خەت بىلەنلا كەلتۈرۈۋېلىش مۇمكىن ئەمەس...ـ دېدى ئەخمەت،- ئۇنىڭغا پۇل خەجلىشىڭ كېرەك، پوچتىدىن سوۋغا، گۈل ئەۋەتىشىڭ كېرەك. قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ..

(بىر قىزنىڭ قەلبىگە تەبىئىيلا كىرمەي، مۇھەببىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ پۇل خەجلەش ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟ جاھاننىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداق ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسە بولامدۇ؟...)

ئۇلار يېنىمدا سۆزلەۋاتىدۇ، مەن ئويلاۋاتىمەن، خىيالىم شۇ قەدەر ئېغىر ۋە دەھشەتلىك... مەن ساھىبجامالغا ئەمدى خەت يازماسلىق قارارىغا كەلدىم، خەت يازمىسام سېغىنىپ قالارمۇ؟ ئۇنىڭ سېغىنىپ قېلىشىنى تىلەش ۋە شۇنداق ئويلاشمۇ ماڭا بىر خىل تەسەللى بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى.. ۋاي بىچارە، بولدى قىل. مۇھەببەتنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈز. قىزنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتالمىغان، چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالمىغان ئوغۇل بالا يەنە مۇھەببەت ھەققىدە نېمە دېيەلىسۇن؟ مۇھەببىتى رەت قىلىنغان، خەتلىرى ئاشكارىلانغان تۇرۇپ يەنە پىنھان قەلبىگە مۇھەببەت دېگەن نەرسىنى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟ تۇنجى مۇھەببىتىدىلا زەربە يەپ قىزلارنى قايتا چۈشىنىشكە، مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تىرىشقانلىرىنىڭ نەتىجىسى خىيال... خىيال، خام خىيال... ھاماقەتلىك، ساختا خۇشاللىق ۋە ھاياجاندىن باشقا نېمە بولدى؟ ئەڭ ئاددىيسى، زەينۇر دېگەن مۇشۇ قىزغا ئانچە-مۇنچە قىزىقىپ ئەگىشىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى نېمە بولدى؟ كېلەي دېگەن ئامەتنىڭ كەينىدە بىر قارا سايە ھامان مەۋجۇد، جەلپكار قىزنىڭ ئارقىسىدا ھەسەلگە قونۇشقا تەييار چىۋىنلەردەك ئوغۇللار شۇنچە كۆپ، «بىزنى بىچارە قىلدى مۇھەببەت» دېگەندەك ناخشىلار ئوغۇللار ياتىقىدا زېرىكمەي ياڭرايدۇ، ئابدۇللا بىچارە مۇھەببەتنى كۈيلەپ ھارمايدۇ، ۋىسال ھەققىدە ماختىنىدىغان ئادەم ئاز، ھەممىسى ھىجران، ۋاپاسىزلىق، ئازاب ھەققىدە قاقشايدۇ...  ھەۋەس-مۇھەببەتتىنلا ھۇزۇر ئىزدەپ يۈرۈپ ئىلىم شادلىقىدىن يىراقلىشىپ كەتتىم، كىتابقا، دوسكىغا، مۇئەللىمگە قارىساممۇ كاللامنىڭ بىر يېرىدە مۇھەببەت سەۋداسى تىكىلىپ تۇرىدۇ.

يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنى شۇنچە قەدىرسىز، چارىسىز ھېس قىلدىم، تەكرار ئازاب دېۋەيلەپ كەلدى، قەلبىمدە تېخى سۇغىرىلمىغان قاقاس بىر بوشلۇق بار ئىدى. زەينۇر بېيجىڭغا كەلسە مۇھەببىتىم قىلىۋالىمەن دەپ ئېنىق ئىرادە تىكلىگەن ئەمەسمەن، ئەمما بۈگۈن ئۇنى ئەخمەتتىن قىزغاندىم، يۇرتلۇق قىزلار كۆپرەك ئوقۇشقا كەلگەن بولسا بەلكىم بۇنداق بولماس ئىدى، ئاتا-ئانىلىرى ئىشرەت بەزمىسى قايناپ تۇرغان ئۈرۈمچىگە قىزلىرىنى ماڭدۇرۇشقا شۇنچە ئالدىرايدۇ- يۇ، ئوقۇشىنى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان بېيجىڭغا ئەۋەتىشمەيدۇ، ئازراق پۇلدىن قورقىدۇ. ئەگەر ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مەن تەربىيە ئىشلىمىگەن بولسام ئۇنىڭ جاھىللىق بىلەن بۇ يەرگە كېلىشىمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى.  ئەسلى ئېڭىمدا مەن ئۇنى مۇھەببىتىم قىلىۋالىمەن دەپ قەلبىمگە پۈككەن بولسام كېرەك، بۇ خىيال تېخى ئىرادىگە ئايلانماي تۇرۇپ ئەخمەتنىڭ كاشىلىسىغا يولۇقتى؛ ھەۋىسى ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان قىزلارنى پايلاپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ، ئاخىرقى مەقسىتىگە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان ئەخمەت بۈگۈن زەينۇرنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتەن ئۇتالىدىمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى، ئەمما خوشلىشىدىغاندا زەينۇر ماڭا باققاندا ئۇنىڭغا كۆپرەك قارىدى ۋە كۆپ گەپ قىلدى. زەينۇرنى بېكەتتە مەكتىپىگە ئۇزىتىپ قويۇپ يېنىك تىندىم، ئەخمەت زەينۇر كۆزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تۈزۈك ھالىتىگە قايتتى. ئۇنىڭغا پەقەت گەپ قىلغۇم كەلمىدى، ئۇ ھېچنېمىدىن غېمى يوق، يەرگە چىرت-چىرت تۈكۈرۈپ قويۇپ ئەزۋەيلەشكە چۈشتى:

— قارا بۇ زەينۇرنى، ئۇستىخانلىرى چىرايلىق چوڭ بوپتۇ، كاساپەت چىرايىمۇ ئانچە ئەمەس، بەدىنى دېگىنە... بۇرۇن قىز بالا دېگەننىڭ چىرايىغا قارايتتۇق، ھازىر بەدىنىگە، فىگۇرىغا قارايدىغان بولدۇق. قارا ئاۋۇ قىزغا، تەييارلىققا يېڭى كەلدى، كۇچارلىق قىزكەن، تانسىخانىدا كۆزۈم چۈشۈپ تونۇشۇپ قالغان. ئاشخانىدا قارىماي ماڭىدۇ تېخى... بىر كۈنى گەپ قىلىپ تويغۇزۇپ قويىمەن. قارا ئاۋۇ زاڭزۇ قىزغا، قارىساڭ قاش-كۆزىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما بەدىنى تەكشى، ئۇنىڭدەك ساغرىسى چىرايلىق قىزنى بۇ مەكتەپتە كۆرمىدىم، تېرىسى سەل قارامتۇل... ھازىر مۇشۇنداق رەڭ مودا، قىزلارنى ھەۋىسى كۈچلۈك كۆرسىتىدۇ..  زاڭزۇ قىزلار ھاراقنى قاتتىق كۆتۈرۈپ قويىمىش... سەن نېمانداق جىمىپ كېتىسەن؟! زەينۇرغا كۆيۈپ قالمىغانسەن؟ ماڭا كۈندەشلىك قىلىۋاتمايدىغانسەن؟ ئەسلى ئايرىم ئويناتساق بوپتىكەن... زەينۇر كىمنى تاللىسا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.. بىز پەقەت يۇرتداشلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق. ئەگەر ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭ بولسا ئۇنى كەلتۈرۈش سېنىڭمۇ ئەركىنلىكىڭ... مەن ئىشقىلىپ ئۇنى توغرىلاپ بولدۇم. يۇرتلۇق قىز تۇتىيا بولۇپ كەتتى، يەنە كېلىپ بۇنداق قاملاشقان قىزنى تاپماق تەس دېگىنە... بىر مەكتەپ بولمىغاندىكىن بۇ يەردىمۇ ئۆزۈم خالىغان قىزلار بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكىلى بولىدۇ... ھەپتە ئاخىرىدا بولۇشۇپ كېتىدىغان گەپ... ھەي سەنمۇ، تۇنجى مۇھەببىتىم دەپ كەچكىچە ئېسىلىپ يۈرمەي باشقا بىرىنى تاپ، زەينۇرنى كەلتۈرسەڭمۇ پىكرىم يوق. بۇنداق ئىچىڭگە تىنىپ ئۆتۈۋەرسەڭ تۈگىشىپ كېتىسەن... كىتابتىن ھېچنېمە چىقمايدۇ، ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ ئۆگەنمىسەڭ بىكار...

ــ يامان تولا گەپ قىلىدىكەنسەن ئەخمەت،- دېدىم ئاخىر چىدىماي،- سېنىڭ ئاغزىڭدىن شۇ قىز كەلتۈرۈش، قىز ئويناشتىن باشقا گەپ چىقمامدۇ؟

— چىقمايدۇ، قانداق قىلىسەن، سەنمۇ شۇلارنى كۆڭلۈڭدە ئويلايسەن، لېكىن دېمەيسەن... ئىچىڭگە تىنىپ بوغۇلۇپ ياشايسەن... ئوغۇل بالا دېگەن جىگەرلىك، قارامراق بولۇشى كېرەك. قىزلار شۇنىڭغا ئامراق.

—   ماڭا سەن ئىش ئۆگەتمە... ھەممە ئادەم ساڭا ئوخشىمايدۇ.

—      مەن ساڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن ئاداش، تانسىخانىغا كىرىشنى ساڭا مەن ئۆگەتتىم، ئوبدان كۆنۈپ قالدىڭ، ھەۋىسىڭنى يېرىم-يارتا بولسىمۇ قاندۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگەندىڭ. قىز كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنىمۇ ساڭا بىر ياقتىن دېگەچ ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ ماڭدىم، لېكىن سەن تەۋرىمىدىڭ. بۈگۈنمۇ زەينۇرغا مەھكەم چاپلاشتىم، سېنى كۆرسۇن دېدىم... ئەمدى قالغىنىنىمۇ ساڭا كۆرسىتىپ قويسام بولامتى. ئەگەر كۆرۈپ ئۆگەنگىڭ بولسا بىر ئايدىن كېيىن، بەلكىم ئۇنىڭغىمۇ قالمايدۇ، زەينۇر بىلەن قانداق قىلىدىغىنىمنى كۆرىسەن، ساڭا چوقۇم كۆرسىتىپ قويىمەن، ئىچىڭنى قايناتمىسام ھېساب ئەمەس، بولمىسا سەن ئۆزلۈكىڭدىن بىرەر قىزغا چاچرىمايسەن... سادىغاڭ كېتەي ھەي ، بۇنداق ئۆتۈۋەرمە.  بۇ يەرگە كېلىشتە مەن سەندىن ئىلھام ئالغان، ئەمدى بۇ ئىشلاردا سەن مەندىن ئۆگىنىشىڭ كېرەك. مەنمۇ سېنى خۇشال يۈرسىكەن دەيمەن، بايا زەينۇردىن ھېلىقى گەپنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن ئاچچىقىم كەلدى، ساڭا ئىچىم ئاغرىدى... قىز بالا دېگەن ئاشۇنداق دۆت، داۋىخور نېمە، سەن قانچە سەمىمىي، ياۋاش بولساڭ سېنى ئەخمەق قىلىدۇ، كۆزىگە ئىلمايدۇ، ھېسسىياتىڭ بىلەن ئوينىشىدۇ، خېتىڭنى خەقكە كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سەن سەل يامانراق، قارامراق بولغان بولساڭ، ئەينى ۋاقىتتىلا ئۇنى سۆيۈپ مىجىقىنى چىقىرىۋەتكەن بولساڭ سېنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى. سەن ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمىغان تۇرساڭ، سېنىڭ نېمەڭنى ئەسلەيدۇ؟  قىزلارنى ۋاپادار قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئەسلىمە قالدۇرۇش كېرەك، بولسا ئىپپەت-نومۇسىدىنمۇ ئايرىۋېتىش كېرەك، ئاندىن ساڭا مۇتلەق بېقىنىدۇ، توي قىلغىچە سېنى ئۇنتۇماي ساقلايدۇ... ئەڭ ئاقىدىغان چارە مۇشۇ...

 مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدىم، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىنى قايىللىق بېسىپ كەتتى. نەپسىم ھۆكۈرەپ: سەنمۇ بىر ئەر ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ ئەخمەتتىن نەرىڭ كەم؟ ياكى قانداقتۇر بىر يېرىڭ ئىشلىمەمدۇ؟ قايسى ئەزايىڭ ئىشلىمەيدۇ، كاللاڭمۇ، يۈرىكىڭمۇ، بۆرىكىڭمۇ؟ دەپ چاتاق سالدى. 

—   ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، مەن مۇشۇنداق ياشاپ كۆنۈپ قاپتىمەن...

—      ئۆزگەرتىشىڭ كېرەك، بىلىسەنغۇ، مانا مەن 9-يىللىقتا سەھرادىن كەلگەن تارتىنچاق بىر تاز ئىدىم، ئەمدى راۋۇرۇس ياشايدىغان ئەر بولدۇم. ئەينى چاغدا سەھرادا مېدە قوغلاپ يۈرىدىغان، دەريا بويىدا ئېشەك قۇيرۇقىنى قايرىيدىغان شوخ، قارام بالىلار ئىدۇق، ھازىر شۇ ھالىتىمنى سېغىنىپ ئەسلەيمەن ھەم پەخىرلىنىمەن. ئادەم ئەسلىدە ئاشۇنداق تەبىئىي ياشىشى كېرەككەن،ھېسسىيات ئىشىدا ھېچنېمىدىن قورقماسلىقىمىز كېرەككەن.

—   ياۋايىلىق، قاراملىق ھازىر ئاقمايدۇ،- دېدىم كۆپۈپ ھەم ئۆڭۈپ سۆزلەپ،- بىزنىڭ ئېشەكتىن پەرقىمىز نېمە؟ مەدەنىيەت، بىلىم. ئەگەر سەن دېگەندەك ياشىسا بۇ يەردە ئوقۇماي سەھراغا بېرىپ ئېشەك باقساق بولىدۇ..

—   ئېشەك بېقىشقىمۇ ھۈنەر كېرەك بالاڭزا، سەن قېنى تۆت يىل ئوقۇپ كاللاڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كەتتى؟ نېمە نەتىجىگە ئېرىشتىڭ؟  يا ئۇنى قىلالمىدىڭ، يا بىرەر قىزنى كەلتۈرۈپ ياشلىقىڭنىڭ پەيزىنى سۈرمىدىڭ. كېلەر يىلى پۈتتۈرۈپ كەتسەڭ بۇ مەكتەپتە ئەسلىگۈدەك ھېچنېمەڭ قالمايدۇ، قۇپقۇرۇق ئايرىلىسەن، جەمئىيەتكە چىقساڭ كىتابىي گەپلىرىڭ ئەسقاتمايدۇ، خەق سېنى مازاق قىلىدۇ..  مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن... سەن جەمئىيەتكە ماسلىشىپ ياشاشنىمۇ تېخى بىلمەيسەن..

—   ۋاي سەن بەك بىلىسەن، قىز كەلتۈرۈپ جەمئىيەتكە بەك ماسلىشىپ كەتتىڭ، قىز كەلتۈرۈش ئۇنچىلىك چوڭ ئىش ئەمەس، پەخىرلىنىپ كېتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس...

—   پەخىرلىنىمىز، ھېچ بولمىسا سېنىڭ ئالدىڭدا پەخىرلىنىمىز. مۇشۇ ئاددىي ئىشنىمۇ مۇرەككەپ ئويلاپ قاملاشتۇرالمىغاندىكىن، ئالدىڭدا ماختىنىمىز. قېنى، يامان بولساڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەتكىچە بىرەر قىزنى كەلتۈرۈپ ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈرۈپ باققىنا، پاك ئوغۇللۇق نومۇسىڭنى بىر ئاقلىغىنا، ئاندىن ساڭا قايىل بولاي، ئەر دەپ ساڭا ھۆرمەت بىلەن تەزىم قىلاي...

تېرىكىشنىڭ ئاچچىقىدىن گويا لازىغا مىلەنگەن جۇۋاۋا بولدۇم، ئېزىلدىم. ئەڭ ئاخىرىدا:

ــ ماڭا ئارىلاشما، سەن ماڭا كۆزەتچى بولمىساڭمۇ بولىدۇ، ئۆز ئىشىمنى ئۆزۈم تېپىپ قىلالايمەن. گەپ قىلمىسام نېمە سۆزلەيسەن. مەن سەن ئۈچۈن ياشامدىمەن؟ ساڭا ھەممە ئىشىمنى كۆرسىتىشىم كېرەكما؟... نېمە دەيدىكىن دەيمەن....- دېگىنىمچە ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم، ئىشىكنى ئەلەم بىلەن ياپتىم. كارىۋىتىمغا ئۆزۈمنى تاشلاپ دەرد-ئەلەمگە بوغۇلۇپ ئاچچىق خىيال سۈرۈپ ياتتىم. قىرائەتخانىدىن ئۆگەنگەنلىرىم، كاللامنىڭ بىر يېرىدە ساقلىنىپ قالغان ھېكمەتلىك گەپلەر، ھاياتقا بولغان ۋاز كېچەلمەس مۇھەببەت، مەن ھامان بىر كۈنى ئېرىشىپ قېلىشىم تامامەن مۇمكىن بولغان سۆيگۈ، شېرىن مۇناسىۋەت...  ماڭا يەنىلا ئۈمىد بېغىشلاپ تۇراتتى. مۇھەببەت ھەققىدىكى بىلىم، نەزەر دائىرەم... مېنى باشقا ياقتىن ئۆزىنىڭ ئىللىق قۇچىقىغا تارتىپ تۇراتتى.


     داۋامى بار...
 

تورداش << كامران>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ