ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات
Erturk يازمىسى
2
چۈشتىن بۇرۇنقى قۇياشنىڭ ئەڭ يارقىن گۈزەل چاغلىرىدەك، ئەتىيازنىڭ مەيىن شامىلىدەك، جۇشقۇن ئۆستەڭ سۇلىرىدەك بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كەتكەن ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي، مەكتەپ ئالدىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكىنىمدە تۆت يىل بۇرۇنقى ھايات مېنى ئۆزىگە تارتتى، مەكتەپ ئىچىگە كىردىم، قەدەملىرىمگە ئەگىشىپ ئەسلىمىلەرمۇ جانلىنىپ يۈرىكىمدە ھاياجان ۋە كىچىك ھەسرەتلەر ئويغىنىشقا باشلىدى. يازلىق تەتىل بولغاچقا مەكتەپ ئىچى سۈكۈتكە چۆمگەن؛ ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا ياتقۇزۇلغان، بىر چاغلاردا ئۆزىمىز قۇيغان ئالتە بۇرجەكلىك بېتونلار بۇرۇنقى ئىسكەتىنى يوقاتقانىدى، تەكشىلىكى بۇزۇلغان ئوي-دۆڭ يەرلەر بۇ مەرىپەت بۆشۈكىدىكى ئۇششاق تەڭسىزلىك، كۆڭۈلسىز ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ سمۋولىدەك تولىمۇ خاراب، بىچارە كۆرۈنەتتى. قانچە بالىلار مۇشۇ يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكەندۇ، پۇتى قايرىلغاندۇ ياكى ۋېلىسىپىتىنىڭ چاقى ئېتىلغاندۇ...
ياتاق بىناسى يېڭىدىن سېلىنغان بولسىمۇ يەنىلا كونا كۆرۈنەتتى. بىز كونا بىنانىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېھمانلىرى ئىدۇق. ھەر يېزىدىن كەلگەن خىلمۇ خىل بالىلار بىلەن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتىم، يېشىممۇ، جۇغۇممۇ، جۈرئىتىممۇ ھەممىدىن كىچىك ئىدى، ئەگەر ھەممىسى بىلەن بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ چىقسام چوقۇم ھەممىسىدىن تاياق يەيتتىم. قامەتلىك، جۈرئەتلىك بالىلار بار ئىدى، نوچىلىق تالىشىپ مەكتەپ كەينىدە قەستەن مۇشتلىشاتتى، ئاشخانىدا بىر تۆشۈكنىڭ ئالدىدا قىستىلىپ تاماق تالىشىپمۇ سوقۇشاتتى، مەندەك ياۋاشلار قىزلار قاتارىدا ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ تاماشا كۆرەتتۇق. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاماق ئېلىۋېلىپ ئاشخانا سەيناسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاش ئىچىۋاتقان بولسا شۇ نوچىلار كۆرەلمەسلىك قىلىپ شەپكىمىزنى ئېلىۋېتىپ چېچىمىزدىكى كېپەكنى ئاشقا چۈشۈرۈۋېتەتتى. ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە قاپاق نوچىدىن بىرسى ھاراق ئىچىپ كېلىپ، ئۇخلاپ بولغان بالىلارنى بىر شاپىلاقتىن ئۇرۇپ چىقاتتى. خىلمۇ خىل ئويۇن، مۇسابىقىلەر تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تالانتى بار، يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ تېپىپ تۇرىدىغان قۇلاق كەستىلەر ياتاقتا يەل قويۇپ بېرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسە، تالادا يىراققا سىيىش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كۆڭۈل ئاچاتتى... قىش كۈنلىرى بويى 2 مېتىرغا يېتىدىغان تەنتەربىيە مۇئەللىمى غۇلام دارازا ياتاقلىرىمىزغا باستۇرۇپ كىرىپ تەنھەرىكەتكە چىقمىغان گۇيلارنى تالاغا يالىڭاچ قوغلاپ چىقىراتتى، تالادا قار يېغىۋاتقان بولسىمۇ كارى يوق ئىدى، ئۇنىڭچە بولغاندا ئىنتىزام سوغۇقتىنمۇ قاتتىق بولۇشى كېرەك ئىدى، ئىرادە مۇشۇنداق تاۋلىناتتى. ھەربىي تۈزۈمنى ھۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا تېڭىش ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىدى. تەنھەرىكەتتىن كېيىن مەيداندا ئايلىنىپ يۈگۈرەيتتۇق، قاردا تېيىلىپ كەتمەيمىز دەپ تەكشى قەدەمدە چىڭ سەكرەپ يۈگۈرەيتتۇق. قىزلار چېلىكىنى كۆتۈرۈپ چايغا ماڭاتتى. بىرسىگە بىر گىردە، بىر ياتاققا بىر چېلەك قارا چاي. تاڭ سۈزۈلمەستە ھورى چىقىپ تۇرغان چاينىڭ تۇمانلىرى ئىچىدە بىر-بىرىمىزگە تەقدىرداشلىق تۇيغۇسىدا قارىشىپ چاي ئىچەتتۇق، مۇئەللىملەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلغاچ ئارقىدىن قىزلارنىڭ پارىڭىغا چۈشەتتۇق. ياتاق يېنىدا بۇلاق سۇلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ قىش ياز ئۆكسىمەي ئاقىدىغان بىر چىرايلىق ئۆستەڭ بار ئىدى، ھەممە ياق ئاپئاق قارغا پۈركىنىپ ئېغىر جىمجىتلىققا چۆمسە بۇ ئۆستەڭ شوخلىنىپ، قىيغىتىپ ئېقىپ تۇراتتى، كۆپكۆك سۇلىرىدىن مەن رومانتىك تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ شېئىر يازغان، نېمىشقا شۇ سۇلارچىلىكمۇ شوخ، ئەركىن بولالمايمەن دەپ ئاھ ئۇرغانىدىم. ئۇ چاغدا مۇھەببەتلىشىش يوشۇرۇن ئىدى، ھەممە ئىش ئاساسەن كۆڭۈلدىلا ئېلىپ بېرىلاتتى. يېزىلىق ئوغۇللار، يېزىلىق قىزلار يەنىلا ئۆز مەھەللىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى قوغداپ، ئاشكارا يۈرۈشكە قارشى ئىدى. نامەھرەملىك تۇيغۇسى يەنىلا ھۆكۈمران ئىدى. كېيىن بۇزۇلدى، بەلكىم ھازىر تېخىمۇ بۇزۇلدى...
خىياللىرىم، ئەسلىمىلىرىم ئايلىنىپ كېلىپ يەنە مۇھەببەتتە توختىدى، بۇنىڭغا مەكتەپ ئىچىدە ئۇچراپ قالغان يەنە بىر قىز سەۋەب بولدى؛ ئۇ مۇشۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك، بىرەر مۇئەللىمنىڭ قىزىدەك قىلاتتى، سەبىيلىكى ئوماق چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى، مېنى كۆرۈپ قىزىققاندەك بىر قاراپ قويدىيۇ، قىزىققۇچىلىكى يوق چىرايىمدىن كۆزىنى ئەپقاچتى؛ شۇنداق قىلىپ بۇ قىزمۇ بالاغەتكە يەتكىنىمدىن باشلاپ ھاياتىمدا كۆزىنى مەندىن پەرۋاسىزلىق، قىزىقماسلىق، ھەتتا بىزارلىق بىلەن ئېلىپ قاچقان قىزلارغا قوشۇلدى؛ ھەر قېتىم بىر چىرايلىق قىزغا يولۇقسام پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن بولسامچۇ، ھىندىستان كىنولىرىدىكى بىرەر چولپانغا ئوخشاپ كەتكەن بولسامچۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن، ئارقىدىنلا ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ خام خىيالدىن قۇتۇلالماي يۈرگىنىمگە، ھەۋەس تاماخورلۇقىدىن ئېزىلىپ غۇرۇرۇمنى توپا، ساماندەك ئۇچۇرتۇپ يۈرگىنىمگە ئېچىنىمەن. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئەيىبلەيدىغان، ئازابلايدىغان بولدۇم. كېيىن قايسىبىر ژۇرنالدىن: «ئۆزۈڭگە ياخشى مۇئامىلە قىل» دېگەن ھېكمەتلىك گەپنى ياقتۇرۇپ قېلىپ خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالدىم، توۋا دەيمەن، شۇنچىلىك ئاددىي گەپقۇ بۇ، ئەمما مۇشۇنچىلىك ئاددىي گەپنى ساڭا باشقىلار دەپ بەرسە ئاندىن راست دەپ ئاڭلايسەن، ئۆزۈڭنىڭ ئىچكى نىدالىرىڭغا، ئۆز ھېكمەتلىرىڭگە بولسا قۇلاق سالمايسەن...
بۇ ئوماققىمۇ كەينىدىن قارىدىم، ئۇ نەگە كېتىۋاتقاندۇ؟ ئىشقىلىپ، بىر تەقدىر، بىر ئىستىقبال ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان قىزلارنىڭ قاتارىغا قېتىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاشقا شۇنچىلىك قىزىقىدۇ، ئاتا-ئانىسى بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشقان بىلەن ماشىنا مېڭىپ سەل ئۆتۈپلا يېشىنى سۈرتۈۋېتىپ خۇشال ئولتۇرىدۇ، بىللە ماڭغان دوستلىرى بىلەن ئازادە، ھەتتا قېلىن پاراڭلىشىدۇ، ماشىنا يولدا توختىغاندا يەرگە چۈشۈپ ئەركىن نەپەسلىنىدۇ، بىرەر ئاشخانىدا ئۆزى مۇستەقىل تاماق بۇيرۇتۇپ ھۇزۇرلىنىپ يەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن... ئەركىن ھاياتى باشلىنىدۇ.
ئۇ چاغدا بۇ مەكتەپ شۇنچە چوڭ، شۇنچە ھەيۋەت، چىرايلىق كۆرۈنەتتى، نەزەر دائىرەم شۇنچىلىك بولغاچقا شۇنداق كۆرۈنگەن بولسا كېرەك. چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ،كۆپنى كۆرۈپ كېلىپ ئەمدى قارىسا مەنزىرە پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى، گويا ھەممە نېمە ئادەمنى غەش قىلغۇدەك دەرىجىدە كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنىدى. ئاشۇ دەۋرىمدىكى غۇۋا گۈزەللىك، شۇ زامان، شۇ مۇھىت، شۇ كەيپىياتقا خاس ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنى سېغىنىپ ئەسلەشتىن بۆلەك نېمە قىلالايتتىم، ئەسلەشتىن بۆلەك باشقا ئىشىم، ئىمكانىم، رومانتىكىلىقىم بارمىدى؟! تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزنى ھازىر شۇ ۋاقىتتىكىدەك ياخشى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نازۇك، يۇمران قولىنى ھازىرقى قولۇم بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ. ئاھ، قىيالمايمەن، ئەمما ئامالىم يوق. بەلكىم ئالىي مەكتەپ ھاياتىممۇ ئاشۇنداق ھەۋەسلىك، ھەسرەتلىك ئارمان بىلەن ئاياغلىشىدۇ ۋە «ئاجايىپ» ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ...
9-يىللىق 4-سىنىپ ئالدىغا كېلىپ، كۆزۈم ئۆتمۈشتىكى ۋاقىتنىڭ فوكۇس نۇقتىسىدا دوسكىدىكى چېكىتتەك قېتىپ قالدى، كەچلىك مۇزاكىرىگە ۋېلىسىپىتلىق كېلىدىغان شەھەرلىك ئاقسا ئوغۇللارنىڭ، چىرايلىق ياسىنىدىغان شەھەرلىك قىزلارنىڭ شاد-خۇرام ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى، ۋېلىسىپىت قوڭغۇراقلىرىنىڭ جىرىڭلاشلىرى 7 يىللىق تارىخنى شۇڭغۇپ ئۆتۈپ قۇلىقىمغا قايتا ئاڭلانغاندەك بولدى...
— ۋۇي، غەنىجانغۇ بۇ... قاچانلاردا كېلىپ قالدىڭىز؟
يېنىمدىن ئايالچە ۋېلىسىپىت مىنىپ خاسىيەت خانىم ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ۋېلىسپىتىدىن چۈشتى. مەنمۇ دەرھال ئېسىمنى يىغىپ خانىمغا سالام قىلدىم، مەن ھازىر قاراپ تۇرۇۋاتقان شۇ سىنىپتا بىزگە ئەدەبىيات دەرسى بەرگەن، بىر قېتىم دەرسكە دىققەت قىلماي ئولتۇرسام يېنىمغا كېلىپ قولىدىكى كىتاب بىلەن يۈزۈمگە ئۇرغان، شۇ ۋاقىتتىكى ئەلەمنى ئەسلىتىپ تۇرغان خانىم شۇ تاپتا ئالدىمدا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىپ تۇراتتى. نۇرغۇن ئىشلارنى، نۇرغۇن دەرد-ئەلەملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم، ئەمما بىر چاغلار كېلىپ شۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يىپ ئۇچى تېپىلىپ قالسا كونا غەللە-غەش ئۆتمۈشنىڭ لاي-لاتقىلىرىدىن تارتىپ چىقىلاتتى-دە ھازىرقىدەك يەنە ماڭا ئەلەم سالاتتى. خانىمغا تۈزۈك گەپمۇ قىلالمىدىم، ھېچ گەپ قولاشمىدى، چىراي ھالىتىممۇ گويا شۇ ۋاقىتتا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغاندەك، يۈزۈم شۇ چاغدا زەربە يېگەندەك جىم-جىم قېتىپ قالدى. «ئۆيلەرگە بېرىڭ» دەپ كېتىپ قالدى قېرىپ قالغان خانىم. «بولىدۇ» دېدىم. رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان گەپلەر بىزنى ئوڭايسىزلىقتىن ئوڭايلا قۇتۇلدۇردى.
مەكتەپتىن چىقىشىمغا يەنە ئۇچقۇن مۇئەللىمگە ئۇچراپ قالدىم. ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچىلار كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇشتا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە ئىدى. ئاشۇ بەرنا يىگىت-قىزلار بىزگە كەلگۈسىدىكى ھالىتىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلدۇراتتى، ئۇلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئالاھىدىلىكى، نۇتقى، دوسكىدىكى خېتى، چىراي ئالامىتى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، كۈلكە-چاقچاقلىرى ھەر كۈنى دىققەت مەركىزىمىزدە ئىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان خانىم مەن مەكتەپ پۈتتۈرمەستىلا توي قىلىپ كەتتى. ئەرلەر ئىچىدە ئۇچقۇن مۇئەللىم مېنى ناھايىتى قايىل قىلاتتى؛ ھەر ۋاقىت چاچلىرىنى كەينىگە تاراپ، بۇرۇتىنى چىرايلىق ياساپ، دوسكىغا خەتلەرنى مارجاندەك تىزىپ، گەپلىرىنى ئورۇنلۇق ئېيتىپ... ھەر ھالىتىدە بىر ئۈلگە تىكلەپ ماڭاتتى. خىزمىتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەيدىغان ئاشۇ بەرنا يىگىت-قىزلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دائىم بىرگە توپ ئوينايتتى، سىرتلارغا بىللە چىقاتتى، يولدا ئۇچرىشىپ قالساق بىزگە دەرسخانا سىرتىدىكى تەبىئىي ھالىتىدە دوستلارچە سالام قىلاتتى. ھەممىسى بويتاق بولغاچقا ياتاقلىرىدا بەلكىم ئولتۇرۇشمۇ قىلىپ تۇرسا كېرەك، ئىشقىلىپ، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن، مەنىلىك، خۇشال ياشاشلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلاتتىم، مەكتەپ قوينى ئۇلارنىڭ جۇشقۇنلۇقىدىن تەۋرىنەتتى، كۈندىن كۈنگە ھاياتىي كۈچكە تولۇپ باراتتى. ئەپسۇس، ھازىر كۆرگەن ئۇچقۇن مۇئەللىم 4 يىل ئىچىدە تېزلا قېرىپ كەتكەندەك بىلىندى، سالاملاشتىم، ئەھۋاللاشتىم، دەرت-ھەسرەتلىرىگە قۇلاق سالدىم. يىللاردىن بۇيان ۋىلايەت بويىچە ئوقۇتۇشتا ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەن بۇ مەكتەپ بۇ يىل ئەڭ ئارقىدا چىقىپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى تىك سىزىق بويلاپ تۆۋەنلەپتۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى بوغۇلۇپ، تەتىلى قىسقىراپ، ئارام ئېلىش ئاساسەن تۈگەپتۇ. تۈگىمەس سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن زېھنى ئۇپراپ، ئەقىللىرى گال پىچاقتەك داتلىشىپتۇ.
— سىلەر ئوقۇغان ۋاقىتتىكى كەيپىيات ھازىر يوق، بىزمۇ بوشاپ كەتتۇق... دۆلەت ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالىلارنى بىر تۇتاش تەقسىم قىلمايدىغان بولغاندىن كېيىن خەقلەر بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتىن زېرىكتى، ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ كېلىپ ئىشسىز يۈرگەن بالىلارغا قاراپ ھەممىسى ئۈمىدسىزلەندى، ئاتا-ئانىلىرىغا قاراپ بالىلىرى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتى.. بۇنداق ئەھۋالدا بىز مىڭ كۈچىسەكمۇ بىكاركەن..
ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ئەمەس، تىنىپ كەتكەن ھارغىنلىق ۋە چارىسىزلىكنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم، تەسەللى بېرەلىگۈدەك گەپمۇ تاپالمىدىم.
ـــ ئەخمەت قانداقراق، ئوبدان ئوقۇۋاتقانسىلەر؟
ــ ئىشقىلىپ بولىدۇ..
ئەخمەت قايتا ئوقۇپ، مەن بېيجىڭدا چۈشۈپ ئەۋەتىپ بەرگەن رەسىمنى كىتابلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ ساقلاپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئاخىر مەقسىتىگە يەتكەن بالا ئىدى، بېيجىڭغا كېلىپلا بوشاڭلىقىغا قايتتى، تانسىغا بېرىلدى، بىر قىز بىلەن يۈرگەنمۇ بولدى، كېيىن ئۇ قىزغا چېقىلدىمۇ ياكى قىز ئۆزى خالاپ شۇنداق رەسۋالاشتىمۇ ئىشقىلىپ ئاخىرىدا ناھايىتى سەتلىشىپ ئايرىلدى، ئۇ قىز تەييارلىق سىنىپىنى تۈگىتىپ باشقا مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە بىر-بىرىگە خەت يېزىپ سەت گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىشتى. ئەخمەت ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قانداق قەبىھ، سەت تىللار بىلەن خەت يازغانلىقىنى دەپ بېرەتتى. ئۇ مەندىن بىر قارار كېيىن ئوقۇسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا قارىغاندا ئىش كۆرگەن، يىگىتلىكتە ئېشىپ چۈشكەن ھېسابلايتتى. بۇنىڭدىنمۇ ئىچىم سىقىلاتتى. ئۆز ھالىم بىلەن ئاران-ئاران تۇرغاندا، مۇشۇنداق يېقىنلىرىممۇ ماڭا ھەر خىل بىئاراملىق، ئىچ پۇشۇقى، روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىپ تۇراتتى.
— ياخشى ئوقۇڭلار،- دېدى ئۇچقۇن مۇئەللىم،- بىلىم دېگەن ھامان ئەسقاتىدۇ. بىزنىمۇ پات-پات ئەسلەپ تۇرۇڭلا...
— ئەسلەيمىز مۇئەللىم...
ئۆزۈمنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر سىنىپىدا مۇئەللىمىگە شېئىر ئوقۇپ بېرىۋاتقان بالىدەك ھېس قىلدىم. ئۇچقۇن مۇئەللىم مەيۈسقىنا كۈلۈپ قويۇپ يولىغا راۋان بولدى.
غۇلام دارازا كوچىنىڭ باشقا بىر تەرىپىدە غىل-پال ئۇچراپ قالدى، كەچقۇرۇن بولغاچقا ھالى تېخىمۇ خاراب كۆرۈنۈپ كەتتى، بېرىپ كۆرۈشەي دېدىم، ئەمما قۇرۇق سالام-سائەتتىن بۆلەك دېيىشكۈدەك گەپ يوق ئىدى، ئۇنى كۆرسەملا قارلىق توپ مەيدانى ئېسىمگە كېلىپ تىترەيتتىم، ئۇ مېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالغان، نېمە قىلاي ئېسىگە سېلىپ... ئۇنىڭغا ئازادىلىك يارىتىشىم كېرەك، يولىغا ماڭسۇن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىپ يىراقتىن قارىدىم: ھەر خىل بېسىم ئۇنىمۇ تېزدىن كاردىن چىقىرىپ قەددىنى پۈككەندەك، بويى بۇرۇنقىدىن 10 سانتا پاكارلاپ كەتكەندەك قىلاتتى.