نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات 1
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-24 13:38:11  يازغۇچى:كامران  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:2069   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات

Erturk يازمىسى

1

    ئەسلىمىدىن ئەسلىمە تۇغۇلىدۇ، ئەپسۇس-نادامەتتىن ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، شۈكۈر-قانائەتتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئانچە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس كۆز جۇلاسىدىن يېنىك سىلكىنگەنىدىم، ئۇ مېنى تونۇمايتتى، دەل شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا  ئوغۇللۇق قىزىقىشىم بىلەن قاراپ سالغانىدىم، ئۇنىڭ نەزىرى ئالدىدا بولسىمۇ يەنىلا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى پەملەيتتىم، ھېچ بولمىسا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئۇنىڭدىن ئۆتۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىختىيارسىز كەينىمگە قارىدىم، ئالدىدىن قارىغاندىكى تۇيغۇمدىن رازى بولمىغان ئىدىم، كەينىدىن بىر قارىۋالسام تۇيغۇلىرىم پۈتۈنلىشەتتى. مەن ئۇچرىغانلىكى قىزلارغا بۇنداق قاراۋەرمەيتتىم، ئەمما مېنى قىزىقتۇرغان قىزنىڭ  ئالدى-كەينىگە تولۇق قارىۋالمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. ئەگەر بۇ قىز ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك كوچىلىرىدەك قايناق كوچىلاردا ئۇچراپ قالغان بولسا ئادەتتىكىدەكلا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن، ھەتتا نەزەر كۆزۈمنىمۇ سالمىغان بولاتتىم، چۈنكى ئۇنىڭدىن چىرايلىق قىزلار بەلكىم ئۇنىڭ  دىدارىنى خۇنۇكلەشتۈرۈۋەتكەن بولاتتى. ئۇ ماڭا بۇ ناھىيە بازىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا يالغۇز ئۇچراپ قالدى. يالغۇز جايدا يالغۇز ئوغۇل بىلەن يالغۇز قىز تونۇشمىسىمۇ تونۇشىدىغاندەك، تارتىشمىسىمۇ تارتىشىپ قالىدىغاندەك، ھېلىلا بىرسى بىر نېمە دەيدىغاندەك، ئوغۇل بالا ئۆزى گەپ قىلىشى كېرەكتەك، قىزلار قورقۇشى كېرەكتەك... ئاللىقانداق ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ، ئاستا-ئاستا بىر-بىرىگە ئېقىپ كېلىدۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئىككى تارام  ئېقىن سۇدەك يۇقۇشماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. كۆپىنچە ئوغۇللار بۇنداق چاغدا قىزلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۆز نۇرىغا ئايلاندۇرۇپ تىكىلىدۇ، يەۋەتكۈدەك قارايدۇ، قىزلار تارتىنىپ يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ياق، ھازىر بۇنداق قىزلار ئاساسەن قالمىدى، ئوغۇللارنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا ئۇدۇل قارايدۇ، سوغۇق قارايدۇ، ياكى بىپەرۋا قارايدۇ. ئۇلار ئويلايدۇ: نېمىشقا تارتىنىپ خىجىل بولۇپ كېتىمەن؟ ئۇ مېنىڭ نېمەم ئىدى؟ ئۇنىڭ ئالدىدا مەن نېمە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان؟ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى تايىنلىق... 

    ئۇ قىزمۇ ماڭا سوغۇقلا قاراپ كەلدى، تىنىق كۆزلىرىدىكى سوغۇقلۇقتىن مەن ھەتتا سەل ئەندىكتىم، ئەمما دەل مۇشۇ ئەندىكىش مېنى تىترەتتى، قىزىقىش ئويغاتتى، كەينىمگە قاراپ قالدىم:   ئۇنىڭ بويى بەك بولسا مەنچىلىك چىقاتتى، ئەمما تەڭ ماڭساق ئۇ چوقۇم مەندىن ئېگىز كۆرۈنەتتى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالسا يەنە مەندىن ئېشىپ كېتەتتى. ئالدىدىن قارىغاندا كۆرگىنىمدەك كەينىمۇ شۇنچىلىك ئورۇق، زىلۋا، پاچاقلىرى ئۇزۇن، قويۇۋەتكەن  چاچلىرى بېلىگە چۈشكەن، ساغرىسى پاچاقلىرىغا ماسلاشقان، قەدەملىرى چەبدەس، مېڭىشلىرى ھەر ھالدا  نازاكەتلىك ئىدى. ئەگەر ئۇمۇ بۇ چاغدا كەينىگە قاراپ سالغان بولسا ئۆزى ئوسال بولاتتى، شۇڭا قىزلار ئالدىراپ كەينىگە قاراپ قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل كۆزى كەينىنىمۇ كۆرەلەيدۇ،  بىرسىنىڭ كەينىدىن قاراپ سېلىشىغا ھاماقەتلەرچە ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىدۇ، چاچلىرىنى كەينىگە قويۇۋېتىدۇ ياكى چىرايلىق قىسقۇچ بىلەن بوغۇۋالىدۇ؛ تار كاۋبوي شىم كىيىپ ساغرىسىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ، ئاياغلىرىنىڭ رەڭگىنى شىمى ياكى يوپكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ تاللايدۇ،  قەيەردىندۇر بىر  ئەرنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن ھەرگىز چىقىرىپ قويماي، مېڭىشلىرىنى، بەل تولغاشلىرىنى، ساغرا ئوينىتىشلىرىنى  نازاكەتلەشتۈرىدۇ، قوپاللىق، تومپايلىقنى جېنىنىڭ بارىچە يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. كوچىدا، يولدا گۈلدەك جەزبىلىك كۆرۈنۈشنى، گۈزەللىك جىلۋىسى قوينىدا  لەرزان ئۈزۈپ يۈرۈشنى  ئۆلمەس  ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئاشۇ قىزلار ئوغۇللارنىڭ نەزەر كۆزىدىن ئايرىلسا سۇدىن ئايرىلغان بېلىقتەك تۈگىشىپ كېتەرمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياسىنىشى ئوغۇللار ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقا قىزلار ئۈچۈن، سېلىشتۇرۇلۇش، باھالىنىش، ھەۋەس ياكى ھەسەت قوزغاش ئۈچۈن... باشقا قىزلارنىڭ ئالدىدا ئۆز سۆلىتىنى، خاسلىقىنى نامايان قىلىش قىزلارنىڭ يەنە بىر ياسىنىش مۇددىئاسى. ئۇلارنىڭ بەسلىشىش ئېڭى لەۋەن قىزلىق دەۋرىدىن باشلاپلا قېرىغىچە داۋاملاشسا كېرەك، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا كۆرسىتەلەيدىغان، خوش بولالايدىغان نېمىسى باردۇر؟ قىزلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىنمۇ بۇ بەسلىشىش ئېڭىدىن ھەرگىز قالمايدۇ، بەلكى كۈچىيىپ بارىدۇ، كەلگۈسىدە ئەر بولىدىغان بىچارە ئوغۇللار بۇ بېسىمغا   ھامان ئۇچرايدۇ، بېلى پۈكلىنىدۇ، تارىختا ئاياللارنى قۇل قىلىپ ئەزگەن ئەرلەر ئۇلارنى تەلتۆكۈس بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا، قوللىرىغا كويزىدەك بىلەزۈك، پۇتلىرىغا ھالقا-كىشەن سالاتتىكەن،  ھازىر شۇ نەرسىلەر گويا تۆمۈردىن ئالتۇنغا ئۆزگىرىپ ئاياللارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان  زىننەت  بۇيۇملىرىغا ئايلاندى، ھىندىستان كىنولىرىدا  پۇتلىرىغا ھالقا سالغان، ھەتتا بۇرنىغىمۇ ھالقا ئاسقان ئاياللارنى كۆرگىنىمدە ئۆتمۈشتە قۇل قىلىنغان، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ئاياللارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ھۆرلۈكىدىن، ھەتتا شۇ زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ئەرلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ھەيران قالىمەن.

     مەن مەكتەپتە قىرائەتخانىدىن چىقماي مەخسۇس قىز-ئاياللار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى تېپىپ ئوقۇيدىغان ئادىتىمنى مۇشۇ چاغقىچە تاشلىمىدىم، بۇنىڭغا قانداق كىرىشىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، لېكىن شۇنىسى  ئايدىڭ:  ئەڭ باشتا قانداق قىلسام قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشەلەيمەن، قانداق قىلغاندا قىزلارنى كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟  مۇھەببەتلىشىشنىڭ سىرى نېمە؟ سۆيۈشۈشنى قاچان، نەدە، قانداق كەيپىياتتا ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك... دېگەندەك كىچىك تېمىلارنى ئوقۇپ يۈرۈپ قىز-ئاياللارنى تەتقىق قىلىدىغان ھەۋەسكارغا ئايلىنىپ قالغانىدىم، مەن ماڭا تەڭتۇش شۇ قىز ساۋاقداشلىرىمغا، مەكتەپتىكى تەڭ دېمەتلىك ھەر مىللەت قىزلىرىغا تەبىئىي ئىنتىلىش بىلەن ھەر كۈنى قاراپ تويمايتتىم، تېشىدىن قاراپ بىلەلمىگەنچە ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسى، ئىچ-سىرلىرىنى بىلىشكە تېخىمۇ قىزىقاتتىم، بىرەر قىز بىلەن مۇڭدىشاي دەيتتىم، ئەمما يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئىزدەنگىنىم ياخشىدەك تۇيۇلاتتى. يات جىنسنى، بولۇپمۇ ماڭا تەڭتۇش قىزلار دۇنياسىنى چۈشىنىشتىنمۇ قىزىقارلىق ئىش يوق ئىدى، باشقىلار توپقا، قارتقا، كىنوغا، ھاراققا، تانسىغا... خۇمار بولسا، مەن قىرائەتخانىدىكى  ئاياللار رەسىملىك ژۇرنىلىغا، مۇھەببەت، جىنسىيەت ھەققىدىكى يېڭى-يېڭى تېما، مۇلاھىزە، ھېكايىلەرگە خۇمار ئىدىم. مۇھەببەتلىشەلمەي تۇرۇپ جىنسىيەت ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلىپ كېتىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيتتىم، دىققىتىمنى ھامان مۇھەببەت، مۇھەببەتلىشىش ھەققىدىكى ئەسەرلەر جەلپ قىلىپ تۇراتتى، شۇ يوسۇندا ئەدەبىي ئەسەرلەرگىمۇ قىزىقىپ كەتتىم، چۈنكى ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇھەببەت تېمىسى بار ئىدى، دېمىسىمۇ مۇشۇنداق تېمىلارلا كىشىنى، بولۇپمۇ مۇھەببەت سەۋداسى دەۋرىدە ياشاۋاتقان مەندەك بالىنى ئەڭ جەلپ قىلاتتى. بەزى يازغۇچى گۇيلار كىشىنىڭ كۆڭلىدىكىنى زادى تېپىپ يازاتتى، بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمدا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، شۇ كەچمىشلەرنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرۈۋاتقاندەك  ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم، بۇ ھاياجانمۇ مېنى خۇمار قىلىۋالغانىدى. مەكتەپ قوينى تامامەن مۇھەببەت كارىدورىغا ئايلانغانىدى: قىرائەتخانا، قىرائەتخانىدىن چىقسام كىنوخانا، كىنوخانىدىن چىقسام تانسىخانا... ۋاھ... مۇھەببەت، مەن سۆيىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغان  قىز قېنى سەن؟  دەپ ھەر ۋاق ئىچىمدە نىدا قىلاتتىم. كىنولاردىكى مۇبالىغە، مۇشتلاش  ۋە تراگېدىيە، تانسىخانىدىكى غەيرىي رەسمىي جۈپلىشىش ماڭا نېمىشقىدۇر  ئانچە تېتىمايتتى، كىنو پەقەت كۆرۈش سەزگۈمنى، تانسا  پەقەت قىزلارغا  تەشنا تېنىمنى ۋاقىتلىق ئارام تاپقۇزغان بىلەن، مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ئىچكى مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. قەلبىم بىلەن سىردىشىشقا  ئامراق ئىچ مىجەزىم مېنى تېشى پال-پال، ئىچى قۇرۇق نەرسىلەرگە جەلپ قىلالمايتتى. كىنوخانىدىن ياكى تانسىخانىدىن چىققان ۋاقتىمدا مېنى شۇنچىلىك ئېغىر غەشلىك، چوڭقۇر بىئاراملىق ئىگىلىۋالاتتى، نەپسىم قانمىغانىدى؛ بولۇپمۇ مۇھەببەتلەشمەي تۇرۇپلا مۇھەببەتتىن يىراقلاپ كېتىۋاتاتتىم.   كىنودا چىققان چىرايلىق ئايال ئارتىسلار، تانسىخانىدا تەبىئىيلا قول تۇتىشىپ قالغان، قوللىرى مۇز، باشقا ياققا قاراپ تانسا ئوينىغان قىزلار ئېسىمدە قالمايتتى، پەقەت تانسىغا تارتسام قوپمىغان قىزلارلا خاتىرەمدە قاپقارا ئۆچمەنلىك، ئۆچمەس داغ بولۇپ ساقلىنىپ قالاتتى، ئىچ-ئىچىمدىن بۇ مەنىسىزلىككە لەنەت ئوقۇيتتىم، يالغان كىنو، مۇھەببەتسىز تانسا  ماڭا بۇ ھاياتنىڭ مۇھەببەتتىن ئايرىلغان مەنىسىنى بىلدۈرىمەن دەيتتى. ئەمما ئالدانمايتتىم، ھامان بىر قىز بىلەن ئوتلۇق مۇھەببەت قاينىمىغا كىرەلەيدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم. ئەمما ماڭا بۇ ئىشەنچنى كىم بېرىدۇ، نېمە بېرىدۇ؟ دەل مۇشۇ يەردە تاقىشىپ تۇرۇپ قالاتتىم.  مەندە ۋاي دېگۈدەك قامەت يوق، ئۆزۈمدىن ئېشىنغۇدەك پۇل يوق، سىنىپىمىزدىكى چىرايلىقلار بولسا ئاللىقاچان قولدىن كەتكەن. شۇ قىزلارمۇ ھەر كۈنى مېنىڭ ھەسرىتىمنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتۇپ ئاخىرى مېنى ئۇنىڭغىمۇ كۆندۈرۈۋەتتى، ئاجايىپ  كۆتۈرۈشلۈك، سەۋرچان بولۇپ كەتتىم.

     دېمەك، ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك،  قىزلارنىڭ ئەڭ نامايان قىلالايدىغىنى بەش ئەزايىنىڭ ساغلاملىقى، چىرايلىقلىقى، بەدەن گۈزەللىكى.. ۋاھاكالار. خۇلقى، پەزىلىتىگە ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ستودېنت بولساممۇ مۇشۇ كەمگىچە بىر قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۈزۈككىنە مۇھەببەتلىشىپ باققان، بىرەر قىزنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، كىشىگە ئەڭ ياقىدىغان يېرىنى بىلىپ باققان بەندە ئەمەسمەن. مانا ئەمدى ئاخىرقى يىلىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرىمەن، يازلىق تەتىلدە ناھىيە بازىرىغا كېلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتتۈم، 4 يىل ئاۋۋالقى سەبىي بالا شۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا  ماڭا سالام قىلدى، تېخىچە چوڭ بولمىغاندەك تۇرىسەن دەپ مەسخىرىلىك كۈلدى. ئاندىن تەنتەربىيە كۇلۇبى ئالدىدا ئۇچراشقان ئورۇق قىز مېنى   ئاجىز، چارىسىز قالدۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى. نېمە قىلسام بولاتتى، تونۇمىغان قىزغا  نېمە دەيتتىم؟ كىم سېنى خوراز قىلدى مىكياننى چوقۇ دەپ...

    تەنتەربىيە كۇلۇبى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرىدا يېقىن ئۆتكەن بىر قىز ساۋاقدىشىم بار ئىدى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆرۈشكەنگە قارىغاندا بۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئىدى، يېڭىلىق، ھاياجانغا تولۇپ، مۇھەببەتسىز قالغان قاقشال قەلبىمگە ئازراق بولسىمۇ ئاراملىق بېغىشلىيالايتتىم. نېمىشقا دېسىڭىز، بۇ قىز تولىمۇ ئاسان ھاياجانلىناتتى، ئاسان كۈلۈپ ئاسان يىغلايتتى، ئاۋازى يېقىملىق ئىدى، ئوغۇللارنى ھەر قاچان كەلسە مەڭگۈلۈك مېھمىنىدەك قارشى ئالاتتى. مېنىمۇ شۇنداق قارشى ئالدى، قۇچاقلاپ قويغۇم كېلىپ كەتتى. ئەمما ئاتا-ئانىسى بوسۇق تۈۋىدىلا پەيدا بولۇپ مېنى ئىچكىرىگە باشلىدى. چاي ئىچكەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. مەسئۇلىيەتچان ئاتا بىر ياقتىن گېپىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ قالدى:

    - بېيجىڭغا  قاچان ماڭىسىز؟

    - بىر ھەپتىدىن كېيىن

    - قىزىمغىمۇ بېيجىڭدىن چاقىرىق كەپتۇ، رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ  كېيىنرەك ماڭىدىغان ئوخشايدۇ.  بىللە ماڭغان بولساڭلار ياخشى بولاتتىكەن...

    - ياخشى بوپتۇ، پويىز بىخەتەر، بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن ئىزدىشىپ تۇرساق بولىدۇ.

    - مەندىن كىچىك سىڭلىم، _ دېدى ماينۇر،- ئۈرۈمچىدە تەييارلىقتا ئىككى يىل ئوقۇغان.

    قىزىدىن ئەنسىرەپ ماڭا قوشۇپ قويماقچى بولغان ئاتىنىڭ كۆڭلى يەنىلا خاتىرجەم  ئەمەس ئىدى. مەن بېيجىڭ ھەققىدە ياخشى پاراڭ قىلىپ ئۇ كىشىگە تەسەللى بەردىم.

    - ئۈرۈمچىدە ئىككى يىل ئوقۇغان قىز بېيجىڭنى لاۋدا بولۇپ سورايدۇ،-دېدىم ماينۇرغا،- بېيجىڭلىق دېگەن ياۋاش خەق،  ئاددىي ياشايدۇ، سىڭلىڭ بېيجىڭدا تۈزۈك كىيىم كەيمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ...

    - ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ئوقۇش پۇلى بەك قىممەتكەن، تاماقنىمۇ قىممەت دەيدۇ... دادامنىڭ بېشى بەك قېتىپ كەتتى.

    - ئەمىسە  ئۈرۈمچىدە ئوقۇتىۋەرسەڭلار بولمامدۇ؟

    - بۇ  زەينۇر بەك جاھىل،  ئۇنىماي تۇرىدۇ، مەكتەپ ئالماشتۇرىدىغانغا خەجلەيدىغان پۇل بىر يىللىق ئوقۇش پۇلۇمغا يېتىدۇ، بىر يىل ئوقۇۋالسام ئىش تېپىپ ئىشلەيمەن... دەيدۇ.

     - بوپتۇ ئوقۇش ئىرادىسى بولسا ئوقۇسۇن، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە شىنجاڭلىقلارنى يۆلەيدىغان سىياسەت بار.

    مەن بۇ گەپنى نېمىگە تايىنىپ دېدىم، ئۇقمايمەن، ئاغزىمدىن جۆيلىگەندەكلا چىقىپ كەتتى، ساددا  ساۋاقدىشىم قاراپ تۇرۇپ ئىشەندى.  بۇ قىزنى قۇلاققا خوش ياقىدىغان مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن چاققانلا ئىندەككە كەلتۈرۈۋالغىلى بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. دادىسى چىقىپ كەتكەندە ئۇنىڭغا ئالبوملىرىڭنى كۆرۈپ باقاي دېدىم، ئەكېلىپ كۆرسەتتى، تولۇق ئوتتۇرىدا چۈشكەن ئوپچە رەسىمدىكى ئۆزۈمگە قاراپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى، سەبىي چىرايىم مېنى يەنىلا مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يەنە بىر رەسىمدە بىز سەيلىگاھتىكى بۇلاق بويىدا رەسىمگە چۈشكەنىدۇق، شۇ رەسىمدىمۇ قىزلار قاقۋاش، ئوغۇللار، بولۇپمۇمەن ناھايىتى دۆت، ساددا قىياپەتتە قاراپ تۇراتتىم، قولۇمدا تېخى ئۆزۈم ئانچە-مۇنچە تىرىڭشىتىپ قويالايدىغان قاپاق گىتار تۇتۇقلۇق تۇراتتى، بۇ قاملاشمىغان سۈرەتكە بىر قاراپلا بەت ئۆرۈدۈم، ماينۇر يېنىمدا بويۇنداپ قاراپ تۇراتتى، كۆزۈم سۈرەتتە توختاپ قالدى، ياق، ھېچنېمىنى كۆرمىدى. بۇرنۇمغا  يۈرىكىمدىن تارتىپ بۆرەكلىرىمگىچە  ئاغرىتىۋېتىدىغان، ناھايىتى ئۇزاقتىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتقان بىر خۇش پۇراق ئۇرۇلدى. ھاياجاندىن دېمىم بوغۇلدى، ئۇنى مۇشۇ يەردىلا قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىش تەقەززاسى جۇش ئۇردى... ئەمما جۈرئەت، مۇشۇ لەنىتى جۈرئەت باتارېيىسى يوق سائەتتەك توختاپ قالغانىدى.

  - ماينۇر، ساۋاقدىشىڭغا چاي قۇيغاچ ئولتۇر-ھە...  - ئاپىسىنىڭ ئاۋازى مېنى چۆچۈتۈۋەتتى.

    - ھە.. مانا..  -   ماينۇر لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمدىن ئايرىلدى، بىراق مېنىڭ يۈرەك سوقۇشۇم ئۇزاققىچە بېسىقمىدى. تانسا ئوينىغاندا ھەرگىز بۇنداق تىترىمەيدىغان يۈرەك ئىدى بۇ... چۈنكى ئۇنىڭدا مېخانىك ھەرىكەتلا بار، تاتلىق، گۈزەل ھېس يوق ئىدى. قولىدىن تۇتۇلغان قىز قورچاقتەك تۇراتتى، چىرايى ھەيكەلنى ئەسلىتەتتى. ئەمما بۇ ماينۇر پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياجانغا تولغان، ئەمما ھايالىق چوڭ بولغان قىز ئىدى. ئوخشىمايتتى، ئوخشىمايتتى...

      شۇ ئەسنادا سىرتتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى كەلدى:

     - دادا، ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ.

    - بوپتۇ بالام، ئۆيگە كىر، ئۆيدە مېھمان بار.

    بىر قىز ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ماڭا قاراپ تەۋرىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئاڭغىچە ماينۇر ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ بولدى:

    - مۇشۇ مېنىڭ سىڭلىم..

     مەن ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدىم،  ئاچىسىغا  ھېچ ئوخشىمايتتى، ئاشۇ سالقىن كۆز جۇلاسى... ئاقۇش چىرايى، ئىنچىكە بوينى، بېلى،  ئۇزۇن، چىرايلىق پۇتلىرى... تايچاقنىڭكىگە ئوخشىتايمۇ، كىيىكنىڭكىگىمۇ...  ئوخشاتمايلا قوياي، ئۆز ھالىمنى ئوڭشاي...    ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ: ياخشىمۇسىز، دېدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى چىرايلىق ئىدى، ئەمما  پەرۋاسىز ھالىتىدىكى كۆز نۇرىمۇ جەلپ قىلارلىق ئىدى. شۇڭا مەن كەينىمگە قاراپ سالغان. ئەمدى ئۇ بۇ ئاجايىپ پۇرسەتتە ماڭا  تېخىمۇ يېقىندىن، تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئىنچىكە بېلىدىن تۇتۇپ تانسا ئويناش ماڭا شۇ بېيجىڭنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە_ مېنىڭ ياكى ئۇنىڭ مەكتىپىنىڭ تانسىخانىسىدا نېسىپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ بىر دەمدىلا بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كەتكىنىمگە ھەيران ئىدىم، خىيالدىن خىجىل بولۇش دېگەن نېمە گەپ، خىيالنى ھەممە ئادەم سۈرەلەيدۇ، گەپ جۈرئەتتە...  مۇھەببەت ھەۋەسنىڭ گۈزەل ئاتىلىشىمۇ؟ قوپاللىق جۈرئەتنىڭ بىر تۇغقان ئانىسىمۇ؟... چاي ئىچىپ  ئولتۇرۇپ كاللام گادىرماچ بولۇپ كەتتى.

بۇ ئەسەر باس باس تورىغا تەۋە...

                                                (داۋامى بار)

 

تورداش << كامران>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ