ئارقىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىۋىتىڭ!
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-23 12:46:01  يازغۇچى:ئۈمىد  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:271   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جورجى بىر كۈنى دوستى بىلەن ھويلىدا پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن ،ئۇ ھەر بىر ئوينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ھەمىشە ئېچىقلىق ئىشىكنى يېپىپ مېڭىپتۇ ،دوستى بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ :
---بۇنىڭ نىمە زورۈرىيىنى ؟ دەپتۇ ،جورجى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا :
--ئەلۋەتتە زۆرۈرىيىتى بار ،ھاياتىمدا ئارقامدىكى ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېپىپ ماڭغانمەن ،بىلسەڭ بۇ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ،يەنى مەيلى زور نەتىجە بولسۇن ياكى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان سەۋەنلىكلەر بولسۇن ھەممىسىنى تاشلىۋېتىمىز ،ئاندىن ھەممىنى يېڭىۋاشتىن باشلايمىز ،دەپتۇ .
جورجىنىڭ دوستى بۇ گەپتىن چوڭقۇر ئويغا پېتىپتۇ . جورجى مانا مۇشۇنداق روھ بىلەن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ،ئاخىرى ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان ئىكەن .
<ھاياتىمدا ئارقامدىكى ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېپىپ ماڭغانمەن >بۇ نىمە دېگەن ئېسىل سۆز-ھە !
بوران چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندە كۆڭلىمىزدە ئازدۇر -كۆپتۇر بولسىمۇ ئاچچىق ئەسلىمىلەر قالىدۇ ،بۇنى كۆڭلىمىىزدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش مۈمكىن ئەمەس ،بىزگە لازىمى شۇ ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى خۇلاسىلەپ سەۋەنلىكلەرنى بايقاپ ،ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش ،ھەرگىزمۇ سەۋەنلىكلەرنى بايقىغاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلەر ئۈچۈن قايغۇرۇش ،ھەسرەت چېكىش ئەمەس ،چۈنكى قانچىلىك قايغۇرساق ۋە ھەسرەت چەكسەكمۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئۆزگەرتەلمەيمىز . ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ھەسرەت چېكىش ،قايغۇرۇش ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلغانلىق ، ھازىرىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىكىمىز خالاس ،ھازىرىمىز بولمىسا قانداقمۇ كەلگۈسىمىزدىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن .
كونىلاردا<بۈگۈنكى پۇشايمان ، ئەتىگە دۈشمەن >دېگەن گەپ بار ،سۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز مۇھىمى ئارقىمىزدىكى ئىشىكنى يېپىشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز ،ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزنى ئۇنتۇپ ،ئىزچىل ئالغا ئىلگىرلەشنى ئۈگۈنۈۋېلىشىمىز لازىم.

تورداش << ئۈمىد>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ