كەينىمدىكى غەيۋەتلەر
ھۆججەت سومكىسىنى قولتۇغۇمغا قىستۇرۇپ benz ماركىلىق ماشىنىدىن چۈشسەم: چۇقۇم پارخور ئەمەلدار.
سوت فورمىسىنى كىيسەم: ئۇ نەچچە جاۋاپكار ۋە دەۋاگەرنى شۈلىۋالغىننى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.
كاستىيۇم-بۇرۇلكامنى كىييپ، سىڭلىم بىلەن بازار ئايلانسام : بۇ ئۇنىڭ نەچچىنجى ئاشنسىى ئىكەنىلىگىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
قاپ-قارا كۆزئەينەك تاقاپ ئاكا-ئۇكا بۇرادەرلەر بىلەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزسەم : قارا كۆزئەينەك تاقىۋالغىنى
چۇقۇم قارا ق جەمىيئەتنىڭ كاتتىۋېشى.
قىڭراقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، تاماق ئېتىپ، مېھمان كۈتكىلى ماڭسام : قاتېل دەھال 110 غا تېلىفۇن قىلايلى.
قارا تەرگە چۈمۈلۈپ ئۈچ چاقىلىق رىشكا ھەيدىسەم : بۇقىدەك قاۋۇل تۇرۇپ كۆپرەك پۇل تاپمىغىنىنى، ھۇ يارىماس.
.......نىڭ باھاسى
چولپاننىڭ باھاسى _ ئېلانغا چىققاندا بىلىنىدۇ.
ساھىپجامالنىڭ باھاسى _ بايۋەتچىگە تەككەندە بىلىنىدۇ.
بايۋەتچىنىڭ باھاسى _ تۇتقۇن قىلىنغاندا بىلىنىدۇ.
ئەر _ خۇتۇننىڭ باھاسى _ قايسى بىرى ئاجىرشىش تەلىۋىنى قويغاندا بىلىنىدۇ.
خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ باھاسى _ تۈرمىگە تاشلىنار چاغدا ئاشكارىلىنىدۇ.
قەلەندەرنىڭ باھاسى _ قەلەندەر نىمىگە ئەرزىسۇن.