توخۇ بىلەن قاناتلانغان روھ
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-19 22:42:23  يازغۇچى:مازارغوجام  كىلىش مەنبەسى:ئۆزۈم   ئاۋاتلىقى:139   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

توخۇ بىلەن قاناتلانغان روھ

(زىيارەت خاتىرسى)

تاھىرجان نىياز

مەن بۇ يىللىق‹‹8-مارت››خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، شايار ناھىيىسىنىڭ شايار بازىرى ‹‹پىشىقەدەم كادىرلار›› مەھەللىسىدىكى 40ياشلىق رابىيەم ئىبرايىمنىڭ توخۇچىلىق كەسپى بىلەن شوغۇللۇنۇپ ‹‹خوجايىن››غا ئايلانغانلىق تەجىربىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن،ئۇنىڭ ناھىيىلىك ‹‹كۆمۈش كۆۋرۈك››ئۇنېۋېرسال سودا بازىرى ئىچىدىكى‹‹شەكسىز ئۆي قۇشلىرى گۆشى سېتىش دۇكىنى››غا بارغىنىمدا،رابىيەم خېرىدارلارغا ئۆي قۇشلىرى گۆشى سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.بىز قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن كېلىش مەقسدىمنى ئېيتتىم ۋە بۇ  قىزغىن مۇلازىمەتنى تېلېكامېراغا ئېلىۋالدىم.ئۇ قولىنى بوشۇتۇپ ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ بەردى ۋە شەخسى پىكابى بىلەن ئۆزى قۇرغان‹‹تارىم ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىسى››ۋە باشقا زىيارەت قىلىشقا،سۆرەتكە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇناسىۋەتلىك جايلارغا ئاپاردى.قۇشخانىدا 5-6خىزمەتچى خادىم توخۇ ئۆلتۈرۈش،سويۇش،ئادالاش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى.مەن قۇشخانا خىزمەتچىسى تاھىرجان تۆمۈر بىلەن قىسقىچە سۆھبەتلەشكىنىمدە ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:‹‹رابىيەم ھەدەمنىڭ‹‹تارىم ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىسى››دا ئىشلەۋاتقىلى بەش يىل بولدى.بۇ جەرياندا توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالدىم.1500يۈەندىن ئارتۇق مۇئاش ئېلىۋاتىمەن.يەنە تېخى بىخەتەرلىك،داۋالىنىش سوغۇرتىسىغا قاتناشتۇردى.تۇرمۇشۇم خاتىرجەم››.

مەن زىيارەت ئارقىلىق رابىيەم ھەققىدە مونۇلارغا ئىگە بولدۇم.رابىيەم ئىبرايىم  2000-يىلى ناھىيىلىك پاختا شىركىتىدىن ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.بىراق، ئۇ ئىش ئورنىدىن قالغانلىقىدىن ئانچە مەيۈسلۈنۈپ كەتمىدى.چۈنكى، ئۇ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ھويلا-ئاراملىرىدا ئانچە-مۇنچە توخۇ بېقىپ،توخۇ باقمىچىلىقىدا خېلى تەجىربىلىك بولۇپ قالغاچقا، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللۇنۇپ بېقىشنى پىلانلىدى ۋە يولدىشىنىڭ قوشۇلىشى ،قوللىشى بىلەن ئائىلىسىدە ئېقتىساد قىلغان پۇل ۋە شىركەتتىن بەرگەن ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش پۇلىىنى قوشۇپ،50نەچچە مىڭ يۈەن دەسمىي بىلەن توخۇچىلىق كەسپىگە يۈرۈش قىلىپ كەتتى.دەسلەپتە ئۇ ئاپتۇماتىك چۆجە چىقىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ،تۇخۇمدىن ماشىنا ئارقىلىق چۆجە چىقىرىپ يېتىشتۈرۈپ،توخۇ باقمىچىلىق ئائىللىرىنى سورتلۇق چۆجە بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى يولغا قويدى.مۇشۇ جەرياندا مۇلازىمەتتە سەمىيمى،ئەلا بولغاچقا، ئۇنىڭ توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىدىغان چۆپقەتلىرى قوشنا ناھىيە،ۋىلايەتكىچە كېڭەيدى.چۆپقەت كۆپەيگەنچە پايدىمۇ كۆپەيدى. رابىيەمنىڭ يولدىشىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ،بۇ كەسىپكە يۈرۈش قىلىپ،ئاساسلىق سىرىتقى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.2004-يىلغا كەلگەندە رابىيەم يولدىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاپتوماتىك چۆجە چىقىرىش ماشىنىسىنى چۆپقەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ناھىيە ۋە يوقۇرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن بىر مىليۇن500مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ،ئومۇمى يەر كۆلىمى 5مىڭ كۇۋادىرات مېتىر،قۇرلۇش كۆلىمى 1300كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان،يىلدا 2مىليۇن دانە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ-سويۇپ بىر تەرەپ قىلىش  ئېقتىدارىغا ئېگە يۈرۈشلەشكەن‹‹تارىم ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىسى››نى قۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ناھىيە بازىرىدا بۇ قۇشخانىنىڭ قارمىقىدا ئۆي قۇشلىرى گۆشىنى ئوراپ قاچىلاپ،توپ ۋە پارچە سېتىش ھەمدە ھەر خىل قورۇما تېتىتقۇلىرى سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن‹‹شەكسىز ئۆي قۇشلىرى گۆشى سېتىش دۇكىنى››نى ئاچتى.ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى بۇ قۇشخانىنى تەكشۈرۈپ ‹‹مۇسۇلمانچە››دېگەن گۇۋاھنامە ناھىيىلىك ئېقتىسادىي سودا كومېتېتى ‹‹شەكسىز گۆش››دېگەن گۇۋاھنامە بەردى.قۇشخانىغا 10نەپەر ئىشسىز ياشنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

رابىيەم قۇشخانىنى قۇرغاندىن كېيىن يەنە كورلا ۋە ئاقسۇدىكى سورتلۇق چۆجە يېتىشتۈرۈش فېرمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ،شايار ناھىيىسى ۋە كۇچا،باي قاتارلىق قوشنا ناھىيەلەردىكى توخۇ باقمىچىلىقى ئائىللىرىنى سورتلۇق چۆجە بىلەن تەمىنلەش ھەم ئۆزى سېتىۋېلىپ سېتىپ چىقىرىش كەسپىنى يولغا قويۇپ،خېرىدارلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىسىگە،ئالقىشىغا ئېرىشتى.رابىيەم شايار ۋە قوشنا ناھىيەلەردىكى 100گە يېقىن توخۇ باقمىچىلىق ئائىلىسىنى چۆجە بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئۆزى سېتىۋېلىپ سېتىپ چىقىرىدۇ.500دىن ئارتۇق رېستۇران،ئاشخانا قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت نوقتىللىرىنى ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.بۇ كۆپ خىل مۇلازىمەت ئارقىلىق خېرىدارلىرىنى رازى قىلىپ، ئۆزىنىمۇ،ئۆزگىنىمۇنەپكە ئېگە قىلىپ،يىلدا 300مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شايار بازىرىنىڭ ‹‹شىمالىي سايباغ››مەھەللىسىدىكى موسا ھاۋۇل رابىيەمنىڭ ياردىمىدە توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللۇنۇپ،ھازىر يىلدا20-30مىڭ يۈەن پايدا ئالىدىغان داڭلىق توخۇ باقمىچىلىق ئائىلىسى بولۇپ قالدى.

توخۇ باقمىچىلىق ئائىلىسى موسا ھاۋۇل مۇنداق دېدى:مەن رابىيەمنىڭ ‹‹تارىم ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىسى›› نىڭ ياردىمىدە توخۇ بېقىۋاتقىلى 10يىل بولدى.ئۆزى سورتلۇق چۆجە ،يەم-خەشەك ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ.نەگە ساتارمىز دەپ غەم قىلماينەن،ئۆزى سېتىۋالىدۇ.مۇشۇ ئىش بىلەن تۇرمۇشۇمنى خېلى ئوبدان قامداپ كېتىپ بارىمەن.

رابىيەم ئىبرايىم ئۆزىنىڭ تەجىربىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى:مەن بۇ ئېگىلىكنى تىكلەش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈردۈم.لېكىن يەنىلا بەل قويىۋەتمەي،تېخىمۇ تىرىشىپ،ئېگىلىكىمنى جانلاندۇردۇم.مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئېگىلىكىمنى تېخىمۇ تەرەقىي قىلدۇرىمەن.

رابىيەم ئىبرايىمنىڭ ھالال ئەجىرى ۋە ئىلمىي پەن-تېخنىكىغا تاينىپ بېيىش روھى تەشكىلنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.2007-يىلدىن بۇيان شايار بازىرى، ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرپىدىن يېزا ئاياللىرىنىڭ‹‹3تە ئۆگۈنۈش،3تە بەسلىشىش››ئۈلگىسى ۋە ناھىيىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ‹‹پەن –تېخنىكىغا تاينىپ بېيىش ئۈلگىسى››دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى.

ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باھارگۈل ئەمەت رابىيەم توغرىسىدا مۇنداق دېدى:رابىيەم ئىبرايىم ئىش ئورنىدىن قالغان بولسىمۇ،ئۆز كۈچىگە تاينىپ كەسىپ يولىنى ئىزدەپ تېپىپ،كەسىپ دائىرسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ بېيىغان ئاياللارنىڭ ئۈلگىسى.بىز ئاياللار بىرلەشمىسى مۇشۇنداق ئۈلگىلەرنى تىپ قىلىپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق،تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى ئېگىلىك تىكلەشكە،ئۆزىنى روناق تاپقۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز،يېتەكلەيمىز ۋە ئېقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇشقا سەھنە ھازىرلاپ بېرىمىز شۇنداقلا،مۇشۇنداق ئاياللارنى داۋاملىق قوللايمىز ۋە ياردەم بېرىمىز.

مەن رابىيەمنىڭ ئىرادىسىگە قايىل بولۇپ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

شايار ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى:

تاھىرجان نىياز(13031275750)

 

 

 

تورداش << مازارغوجام>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ