نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەقىياتى
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى مىڭ يىللار بېشىدا (بۇنىڭدىن26-30ئەسىرلەر ئىلگىرى)ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيادا دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ راۋاج تېپىشى ،ئىپتىدائىي جەمىيەت يىمىرلىپ قۇللۇق ئاساسىدىكى ئولتۇراق شەھەر ھاياتىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ،سوغدى،خارەزىم،باكتىرىيە،كۆكتۈرۈك،ئۇيغۇر ئورخۇن جانلىقى قاتارلىق خانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى ،يېڭى دىنىي قاراشلارنىڭ شەكىللىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى دەۋىرگە خاس تۇرمۇش مەنزىرسىنى ئىپادىلەيدىغان خىلمۇخىل بايرام -مۇراسىمىلار ۋۇجۇتقا كېلىشكە باشلىدى.
مىلادىيىدىن ئىلگىركى تەخمىنەن بەشىنچى-يەتتىنچى ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا زەردۇشت (زورو ئاستىېر)دىنى كەڭ راۋاجلاندى.بۇ پىكرىمىزنى زەردۇشت مۇقەددەس كىتاۋى«ئاۋېستا»ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى قىسمى «بىسلارد»نىڭ ئىككىنچى بابىدىكى قوشاقلار ،ئۈچۈنچى قىسمىدىكى «ياسنا»نىڭ 72- بابىدىكى قۇربانلىق مۇراسىمى قوشاقلىرى ۋە دىنىي مۇراسىملارغا خاس قائىدە-يۇسۇنلار بايانى بولغان تۆتىنچى قىسمى«ياغت«دىكى زەردۇشت خۇدالىرى ۋە مەبۇتلىرىغا بېغىشلانغان 22 قوشاق قاتارلىق مەنبەلەر تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
مەلۇمكى ،زەردۇشتچىلارنىڭ قارشىچە، دۇنيانىڭ ئاساسىنى ئىككى قارمۇ-قارشى نەرسە-ياخشىلىق ۋە يامانلىق، يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق،ئىسسىقلىق ۋە سوغوقلۇق،ھايات ۋە ئۆلۈم ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش تەشكىل قىلغان.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق ئىجابى ھادىسلەرنى ياخشىلىق خۇداسى ئاھرۇمازدا(ھومۇز)نىڭ ۋە ھەممە سەلبىي ھادىسلەرنى يامانلىق خۇداسى ئانگىرامەييۇ (ئاھرۇمان)نىڭ ئىرادىسىگە باغلىق دەپ چۈشۈنىشكەن. شۇنىڭ بىلەن زەردۇشۇتلار ياخشىلىق خۇداسىغا ياخشىلىق قىلىشنى،يامانلىق خۇداسىغا يامانلىق قىلماسلىقنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇلارغا سېغىنغان.شۇنىڭدەك زەردۇشتلار ياخشىلىق خۇداسى ئامرۇمازدانىڭ ياردەمچىلىرى مىترا(يىگىت قىياپىتىدىكى قۇياش ۋە يۇرۇقلۇق خۇداسى )،ئاناختا(گۈزەل قىز سىياقىدىكى ئۈنۈمدارلىق ،ھوسۇلدارلىق ،پاراۋانلىق خۇداسى)،ھوما(گۈزەل قۇش قىياپىتىدىكى سۇ تەڭرىسى)،مىررىخ(ياش جەڭچى قىياپىتىدىكى ئۇرۇش ۋە غەلبە تەڭرىسى)قاتارلىقلارغا ئىتائەت قىلىشقان.
زەردۇشتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل مۇراسىمىلىرىدا كائىناتنىڭ تۆت زاتى-قۇياش(ئوت)،سۇ،تۇپراقۋە ھاۋانى دۇنيانىڭ نېگىزى ،ئەڭ مۇققەدەس نەرسە دەپ ئۇلۇغلىغان ،ئۇلار ،ئوت قۇياشنىڭ يەردىكى شەكلى (زەرىچىسى)،دەپ ھىساپلاپ ،ئۇنىڭغا ئالاھىسە قىززىقىش ۋە ھۆرمەت بىلەن سەجدە قىلغان.شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئېتىقاتىدا ئوت بارچە گۇناھتىن تازلىغۇچى مۇققەدەس سېھىرلىك كۈچ سانالغان.شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئاتەشخانىلار (ئوتدان) قۇرۇپ،ئۇنىڭ ئەتىراپىدا تۈرلۈك بايرام ۋە مۇراسىملار ئۇيۇشتۇرغان.
قەدىمقى تۈركى خەلىقلەر ئارىسىدا نورۇزنىڭ بايرام تۈسىگە كىرىشى ھەققىدە بەزى ئەپسانىلەر بار.تۈركى تىللىق خەلىقلەردە ئازادلىق ،ئەركىنلىك بايرىمى سۈپۈتىدە قۇتلۇقلىنىدىغان نورۇز ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرى تۈرۈك» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىنغان «ئەرگىنەقۇن»غا سىموۋۇل قىلىنغان.«ئەرگىنەقۇن»رىۋايىتىدە ،تۆت ئەتىراپى يۈكسەك تاغلار بىلەن قورشالغان بىر ۋادىدا 400 يىل قامىلىپ ياشىغان تۈرۈكلەر بوزقۇرۇت(كۆك بۆرە)نىڭ يول باشلىشى بىلەن باھارنىڭ دەسلەپكى كۈنى(نورۇز كۈنى)تار ماكاندىن كەڭ ماكانغا چىقىپ ،ماماتلىقتىم ھىياتلىققا ئېرىشكەنلىكى شەرىپىگە بۇ كۈننى ئالاھىدە تەنتەنە قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە بۇ بايرامنىڭ نامىنى ئەنئەنىۋى تۈركى كالىندارى دىكى نورۇزغا سىموۋۇل قىلىپ ،«ئەركىنەقۇن بايرىمى»دەپمۇ ئاتاشقان.تۈركىيلەرنىڭ ئەركىنلىك ،ئازادلىققا تىمسىل قىلىنغان بۇ بايرىمى شۇ زامانلاردىن باشلاپ بىر خىل ئەنئەنە سۈپۈتىدە بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن.ئەرگىنە قۇن تۈركى تىللىق قەۋىملەرنىڭ پەيدا بولىشىنى ئىپادىلەيدىغان ئەپسانە بولۇپ ،بۇ ھەقتە سۈي،ۋېي سۇلالىرى دەۋىرىگە ئائىت تارىخى مەنبەلەردە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئۇچىرايدۇ.
سۈي سۇلالىسى (مىلادىيە581-617)تارىخدا كۆكتۈرۈكلەرنىڭ تۆرۈلىشى ھەققىدا مۇنداق بىر ئەپسانە خاتىرلەنگەن: «ئەر-ئايال،قېرى -ياش بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ،دۈشمەن ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى.پەقەت بىر كىچىك ئوغۇل بالا ھايات قالدى، ئۇنى دۈشمەنلەر ئۆلتۈرمىدى ،ئەممە پۇت-قوللىرىنى كىسىۋېتىپ ،ئۇ يەردىكى چوڭ بىر ساسلىققا تاشلىۋەتتى.بۇ ساسلىقتا بىر چىشى بۆرە ياشايتى،چىشى بۆرە بۇ بالىغا يىمەكلىك ۋە ئەت كەلتۈردى،شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىك بالا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى.كېيىن چىشى بۆرە بىلەن مۇناسىۋەت قىلدى ۋە چىشى بكرە بىلەن بىر غار ئىچىدە ياشىدى.دۈشمەن تەرەپ بۇ ئەھۋالنى سېزىپ قېلىپ بالىنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئەمما،چىشى بكرە غارنىڭ ئىچىگە قېچىپ،ئەركىنلىككە ئېرىشتى.غاردىن قېچىپ چىققان چىشى بۆرە تۇرپاننىڭ شىمالى تەرەپتىكى گۈل-چىچەكلەر بىلەن قاپلانغان بىر تاققا يېتىپ كەلدى.تاغنىڭ ئېتىكىدە بىر غار بار ئىدى.چىشى بۆرە بۇ غارغا كىردى ،غارنىڭ ئۇ تەرىپىدە 200 چاقىرىم كەڭلىكتىكى بىر يايلاق بار ئىدى .چىشى بۆرە بۇ يايلاققا چىقىپ ئون بالا تۇغدى.بىرىنچىشىنىڭ ئېتى ئاشىنا ئىدى.بۆرىنىڭ باللىرىدىن ئەڭ ئەقىللىق بولغان ئاشىنا ئۆز قەۋىملىرىگە خاقان بولدى ۋە بۇ جايدا خاقان ئوردىسىنى قۇردى،ئوردا ئالدىدىكى ئېگىز تېرەكنىڭ ئۇچىغا بۆرىنىڭ بېشىنى ئاستى....بىرنەچچە يۈز ئائىلە بىرلىكتە بۇ يايلاقتىن چىقىپ،ئۇلار جورجانلارنىڭ خىزمىتىگە كىردى،قالغانلىرى ئالتۇنتاغ(ئالتۇنيىش)نىڭ جەنۇبى ئىتەكلىرىدە يەرلىكلىشىپ تۆمۈرچىلىك قىلىشتى».ئۇلار كىيىن مۇقان قاغان (مىلادىيە553-572)ۋە تاپار قاغان(مىلادىيە572-581)دەۋىرلىرىدە جورجانلار ۋە ئاق ھۇنلار(ئىفتالىتلار)نى مەغلۇپ قىلىپ،پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھاكىم بولدى. بۇ ئىككى كۆكتۈرۈك قاغانلىرىنىڭ مازارلىرى ھاڭگاي تېغى ئېتىگىدىكى بوگوتا دېگەن جايدىن ئون كىلومېتىر يىراقلىقتا غەرىپكە جايلاشقان«قاغان مازارلىقى »ئىچىدىدۇر.بۇ يەردىن تېپىلغان سوغدى تىلىدىكى بىر لىتاپتا ئەرگىنەقۇن ئەپسانىسىنى بىلدۈرۈدىغان بىر پارچە رەسىم ئۇچىرايدۇ. بۇ رەسىمدە ئەنە شۇ تۈرۈك بالىسى پۇت-قوللىرى كېسىۋېتىلەەن ھالدا ،جەينىكى بىلەن يەرنى تىرەپ ،بېشىنى ئېگىپ تۇرغان ھالەتتە ۋە چىشى بكرە بۇ بالىنىڭ ئالدىدا تىكىلىپ تۇرغان شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن.
«ئەرگىنەقۇن»دەپ ئاتالغان جاي زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ پىكرىچە،گاۋچاڭ،يەنى ئويغۇر رايۇنىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق جايلارنى كۆرسۈتىدۇ. دېمەك،يۇقۇرقى ئەپسانىدە،تۈركى قەۋىملىرىنىڭ ئەرگىنەقۇندىن چىقىپ ھاياتلىققا ئېرىشكەن كۈنى دەل نورۇز(3-ئاينىڭ 21-كۈنى)كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كۈن نورۇز بايرىمى قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى بۇنىڭغا ئوخشاش ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى تۈرلۈك نۈقتىدىن تەھلىل قىلىش مۇمكىن.بىراق، مەسىلىگە ئىلمى ياندىشىپ ،نورۇز بايرىمىنىڭ قاچان ۋە قانداق ھۇجۇتقا كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسۈتۈش قىيىن بولسىمۇ ،شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى ،بۇ بايرام ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي ئاساسلانغان كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ، يەنى قۇياشنىڭ ھەمەل (قوزا)بۇرجىغا كىرىشى،كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن باراۋەر بولۇشى ،كۈندۈزنىڭ ئۇزۇرىشقا باشلىشى ، تەبىئەتتە يېڭىچە جانلىنىشنىڭ باشلىنىشى ،باھارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن باغلىق بولغان . بىز نورۇز بايرىمىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا مۇراجىئەت قىلساق ،ئۇنىڭ قەدىمقى دەۋىرلەردە ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكىنىدىن كېيىن ئېتىز-ئېرىق دالىلاردا يېڭى ئىش مەۋسۈمى باشلىنىشىدىن ئالدىن ئۆتكۈزىلىدىغان باھار بايرام -مۇراسىملىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.ئىنسانلارنىڭ دۇنيا بويلاپ تارقىلىشى نەتىجىسىدە ھەممە كىشى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان بۇنداق بايراملار ھەممە يەرلەرگە يېيىلىپ ،ھەر قايسى خەلقلەردە تۈرلۈك ناملار ۋە ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ،مەسىلەن ،خەنزۇلاردا«چۈنجې»(春节)، ياپۇنلاردا «رىسان»، سلاۋيانلاردا «ماسلېنتسا»،يۇنانلىقلاردا«پاترىخ»،بىرمالىقلاردا«سۇ بايرىمى»،تاجخكلاردا«گۈل گاردۇن»،«گۈل ناۋرۇز» ، ئىرانلىقلاردا«نەۋسارجى»ياكى«گۈل سارجى»،تاتارلاردا«ناردوگان»،بورياتلاردا«سائان سارا»،ئەرمەنلەردە«ناۋا ساردى»،جۇۋاشلاردا«نورىس ئۇياخى»،سوغداتلاردا «نەۋسارىز»،تۈركى تىلدا سۆزلەشكۈچى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا «ئەرگىنەقۇن بايرىمى»،«بوزقۇرت بايرىمى»،«ئۇلۇغ كۈن»،«ناۋرۇس»،«يىل باشى»، «ناۋرۇز»، «مەرۋىس»،«ناۋرىز»،«چاغان».«مارت توققۇزى»،«سۇلتانى نەۋرۇز»،«كۆركلو مارتا »،«بابۇ مارتا»،«يېڭى كۈن»،«مەيرام»،«مەرىكە»،«نەۋرۇز»،«نورۇز» قاتارلىق ناملار بىلەن مۇقىملاشقان ۋە ئۆزىگە خاس يەرلىك ۋە مىللىي ئادەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ،ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىق سالاھىتىگە ئېرىشكەن.
بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى مەنبەلەردىن شۇ نەرسە روشەنكى ،ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا ،ئىران ۋە ئافغانىستاندا نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئاخمانىلار دەۋرى (مىلادىيىدىنئاۋالقىVI-ئەسىر )دە كەڭ تارقالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
مىلادىيىدىن بۇرۇن قوللىنىشقا باشلىغان زەر دۇشتۇيلۇق كالىندار(قەدىمقى ئىران كالىندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بويىچە، فەرۋەردىن ئىيى(ھازىرقى مارت .ئىيى)نىڭ بىرىنچى كۈنى«كىچىك نورۇز»(ياكى«ئاممىۋى نورۇز»)باشلانغان. ئالتىنچى كۈنى بولسا «كاتتا نورۇز»(ياكى«مەخسۇس نورۇز»)ئويۇشتۇرۇلغان.ساسانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە بولسا بۇ ئىككى «نورۇز» بىرلەشتۈرۈلۈپ،ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بارلىق كۈنلەر بايرام دەپ ئېلان قىلىنغان. كېيىچە«نورۇز بايرىمى» بىر ئايغىچە سوزۇلغان. بۇ ھەقتە برونى تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:«كېيىنكى پادىشالار بۇ يېڭى ئاي ،يەنى پەرۋەردىن ماھىنىڭ بارچە كۈنلىرىنى ھېيتقا ئايلاندۇرۇپ ،ئۇلارنى ئالتىگە تەقسىم ئەتتىلەر:بىرىنچى بەش كۈن پادىشاھلار ئۈچۈن،ئىككىنچىسى ئۇلۇغ كىشىلەر ئۈچۈن،ئۈچۈنچىسى پادىشاھلارنىڭ غۇلاملىرى ئۈچۈن،تۆتىنچىسى خىزمەتكارلار ئۈچۈن،بەشىنچىسى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن،ئالتىنچىسى چوپانلار ئۈچۈن.پادىشاھلار ئەنە شۇ تەرتىپ بويىچە ئوبىكىتلارنى قوبۇل قىلىپ ،ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بايرامنى تەنتەنە قىلىدۇ».
ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىسلامىيەتكىچە بولغان ئارىلىقتا «نورۇز بايرىمى»نى خلمۇخىل شەكىللەر بىلەن تەنتەنە قىلىشقان. بايرام كۈنى كىشىلەر بىر-بىرلىرىگە شېكەر ۋە شىرنىلىكلەرنى ھەدىيە قىلىش(ھاياتىڭىز شىرىن بولسۇن، دېگەن مەنىدە)،گۈل تەقدىم قىلىش(گۈزەل بۇلۇڭ دىگەن مەنىدە)،بىر-بىرلىرىگە سۇ سېپىش(بۇ يىل سۇ كۆپ بولسۇن ،مول ھوسۇل بولسۇن،دىگەن مەنىدە)قاتارلىق ئادەتلەر بىر قەدەر كەڭ ئوموملاشقان.«نورۇز بايرىمى »كۈنى شىرنىلىك يىمەكلىكلەرنى يىيىش قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇدۇملىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىتىقادى بويىچە.«نورۇز» كۈنى«تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ،تېخى باشقىلار بىلەن سكزلىشىشتىن ئاۋال ئۈچ قوشۇق ھەسەل يالاپ ،ئۈچ بولاق خۇشبۇي موم تۇتسا، بۇ كۆپ كىسەللەرگە شىپا بۇلىدۇ»،«نورۇزنىڭ ئالتىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە سۆزلەشتىن ئاۋۋال شېكەر يەپ، يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتكەن كىشىدىن شۇ يىلنىڭ ھەممىسىدە تۈرلۈك بالا-قازا لار يىراقلىشىدۇ...»دەپ قاراشقان.
ئەرەپ ئىستىلاسىغا قەدەر قۇياشقا تېۋىنغان ئىرانلىقلار ئارىسىدا نورۇز كۈنى «قۇياش» (ئىران تىلىدا شەمىسىيە)سۆزىنىڭ بىرىنچى ھەرپى-«ش»بىلەن باشلىنىدىغان يەتتە تۈرلۈك نازۇنىممەتنى داستىخانغا يېيىپ نورۇزنى قۇتلۇقلاش ئادىتى بولغان ،ئۇلار:1.شاراپ(ئۈزۈم قىيامى)2.شىر(سۈت)3.شېرىن(تاتلىق-تۈرۈملەر)4.شېكەر.5.شەربەت.6.شام(خۇشبۇي موم سېغىز).7.شانە(غورا)دىن ئىبارەت.ئۇلارنىڭ قارشىچە ،شاراپ-تىرىلىشكە،شىر-پاكىزلىققا ،ساپلىققا،شىرىن-ئىناقلىق-ئىتىپاقلىققا،شېكەر-خوشالىق،مەمنۇنىيەتكە،شەربەت-ئەدلۇ ئىمانغا،شام-گۈزەللىك خۇشخۇيلۇققا، شانە-ئۇزۇن ئۆمۈرگە سىموۋول قىلىنغان.
ئەنئەنىۋى «نورۇز بايرىمى» نىڭ ئادەتلىرى ئىچىدە يەنە ئاۋام-خەلىقنىڭ يېڭىچە ئەزگۈ- تىلەكلىرىگە خاس ھالدا ،يېڭى يىل مو ھوسۇللۇق،باياشاتلەق يىل بولسۇن،دىەەن ئۈمۈدىنى مەركەزلىك ئىپادىلەش ئۈچۈن يەتتە ئىدىشتا يەتتە خىل زىرائەت مايسىسىنى ئۆستۈرۈپ،باھار ئەلچىسى سۈپۈتىدە بايرام ئۈچۈن تەييارلانغان داستىخاننىڭ مەركىزىگە قۇيۇش، يەتتە خىل داندىن كۆجە (سومېلەك) تەيارلاپ، ئۇنى جامائەت بىلەن بىللە ئىچىش،بېدە كۆكى تېرىپ، كۆڭلى يېقىن كىشىلەرگە «يېڭىلىق تۇتۇش» تەك ئادەتلەر بولغان.
قەدىمكى «نورۇز بايرام» لىرىنىڭ بۇنداق ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى دەۋىرنىڭ ئۆزگۈرۈشى بىلەن بارغانسېرى بېيىپ يىڭىلانغان،بەزى خەلىقلەر ئارىسىدا نورۇز بايرىمى ئاساسىدا يەنە خىلمۇ خىل مۇراسىم شەكىللىرى پەيدا بولغان. بۇنىڭغا ئويغۇرلار ئارىسىدىكى «زارا خەتمە مۇراسىملىرى»،«كۆك مەشرىپى»،«مېلىس مەشرىپى»،«گۈل سەيلىسى»،«چوكانتال مۇراسىمى»؛ئۆزبېكلار ئارىسىدىكى «باھار خانىم مۇراسىمى»،«سومىلەك ئىچىش مۇراسىمى»؛ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ«ئۆسكو مۇراسىمى»؛قازاقلارنىڭ«خىزىر كىچىسى مۇراسىمى»،«كۆجە ئىچىش مۇراسىمى»؛تۈرۈكمەنلەرنىڭ«شامۇت مۇراسىمى»؛تاتارلارنىڭ«نورۇز سابان تويى»...قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
دىمەك،«نورۇز بايرىمى»-خەلقنىڭ ئەمگەك بايرىمى،تەبىئەت بايرىمى،ئىناقلىق -ئۆملۈك بايرىمى،سەنئەت بايرىمى،ئىلىم- مەرىپەت بايرىمى سۈپىتىدە ئوتتۇرا،مەركىزىي ئاسىيا،بالقان يېرىم ئارىلى،ئوتتۇرا شەرىق،ئېدىل-ئورال بويلىرى، قىرىم ۋادىلىرى، سىبىر دالىلىرى قاتارلىق كەڭ زىمىنلاردىكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلىقلەر ۋە تاقىك-پارىس خەلىقلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.
مەنبە:ئويغۇر خەلق ئەدەبىياتى قامۇسى