نورۇز ئېشى ئېتىشنى بىلمەيدىغانلار بارمۇ؟
مېنىڭچە باس باس تورىدىكى خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى نورۇز ئېشى ئېتىشنى بىلىشى مۈمكىن ، ئەگەر بىلمەيدىغانلار بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە نورۇز ئېشى ئېتىشنى سىناپ بىقىڭ.
خۇرۇچلىرى: سۆڭەكلىك گۆش، بوغداي ، تېرىق ، نوقۇت، گۈرۈچ ، پۇرچاق ، قىتىق قاتارلىقلار.
1- باسقۇچى : باشتا ئۆزۇڭلارنىڭ ئادەم سانىغا قاراپ نۇرمال بولغان شورپا تەييارلىنىدۇ .
2- باسقۇچى: بۇغداي بولسا بوغداينى سوغاق سۈدا قاينىتىمىز ، ئەگەر بۇغداي بولمىسا تاللا بازارلىرىغا كىرسەڭلار ، ئىزىۋېتىلگەن بوغداي بار شۇنى ئىلىپ ئىشلەتسەڭلامۇ بولىدۇ ، يەنە تەمىنى مولراق قىلاي دىسىڭىز پۇرچاق ، ماش قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنىمۇ سالساڭلار بولىدۇ .
3- باسقۇچى: قاينىتىپ تەييار قىلغان بوغداينى ياكى بازادىن ئالغان بوغداينى ، گۈرۈچنى ، تېرىقنى، نوقۇت، پۇرچاقلارنى شورپىغا سالىمىز .
4-باسقۇچى: قاينىتىپ تەييار بولغان شورپىنى بەك قويۇق قىلىۋەتمەي ،پىشقاندا ئوتنى ئۆچۇرۇپ بىردەم مۇزلىتىمىز ، ئاندىن تەييار قىلغان قېتىقنى ئۇستىگە قۈيۈپ ئاستا ئايلاندۇرۇپ ئارىلاشتۇرىمىز ، ئاندىن ئىستىمال قىلىمىز.
بەك ئاسانمىكەن ؟ قېنى سىناپ بېقىڭلا ر !