نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
بىر ئايالنىڭ ئىقرارى( ۋەھىمىلىك تاماقتىن كېيىن كۆرمەڭ)
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-19 16:29:09  يازغۇچى:كامران  كىلىش مەنبەسى:باس باس تورى  ئاۋاتلىقى:3579   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

بىر ئايالنىڭ ئىقرارى( ۋەھىمىلىك تاماقتىن كېيىن كۆرمەڭ)


ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ، ساقچى ئىدارىسى شۇنچىلىك جىمجىتلىققا چۆمگەن. ساقچى باشلىقى ئۆزى باش بولۇپ قەرت جوزىسىنى قىزىتىپ ئولتۇراتتى، ياشراق كەلگەن ساقچى يىگىت باشلىقنىڭ قۇلۇقىغا نىمىلەرنىدۇر پىچىرلىدى. باشلىقنىڭ چىرايىنىڭ ئۆڭۈپ كىتىشى بىلەن باشقىلار بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى. ئۇلار بىر بىرىگە قارىشىپ بېقىپ، باشلىقى بىلەن تەڭ چوڭ زالغا چىقتى، ئۈستى بېشى قالايمىغان ، چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر ئايال تۇراتتى، ئۇنىڭ سارغايغان چىرايىدىن نۇرسىزلانغان كۆزلىرىدىن بىر بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئايال، ساقچى باشلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە خەتنى تاپشۇردى، ئايالنىڭ بەدىنىدىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئايلاندۇرىدىغان ئاچچىق بەدبۇي پۇراق تاراپ تۇراتتى. ساقچى باشلىقى ئۇنى ئولتۇرۇشقا بويرىدى. ئايال،  ساقچى باشلىقىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى ۋە كۈلۈمسىرىگىنىچە ساقچى باشلىقىنىڭ خەتنى ئوقۇپ چىقىشىنى ساقلىدى، ساقچى باشلىقى قولى تۇيۇقسىز تىترەشكە باشلىدى، ئۇ يالت قىلىپ ئايالغا بىر قاراپ قويدى دە خەتنى داۋاملىق ئوقۇشقا باشلىدى.خەتتە مۇنو قۇرلار ئورۇن ئالغان ئىدى.

...مەن ساقچى باشلىقىغا ئالدى بىلەن ئۆزۇمنىڭ يولدىشىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىمنى مەلۇم قىلىمەن، مەن جىنايەت سادىر قىلدىم.

مەن يولدىشىم بىلەن ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ بىرگە ئوقۇغان، ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم، ئۇنىڭ ماڭا كۆيىنىشلىرىدىن مېنىمۇ خۇددى مەندەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلايتتىم، توي قىلغىنىمىزغا مانا بۈگۈن توپتوغرا 3يىل بولدى، شور پىشانە ئېرىم بۇ كۈننى ئولىشالمىدى، چۈنكى ئۇنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرۋەتتىم. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۈلۈشكۈن كەچتىن باشلاپ تاپشۇراي، يولدىشىم ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئاۋالقىدەكلا تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى، شۇ تاپتا ئۇ مېنىڭ كۆزۇمگە ئېرىم ئەمەس، بىر شەھۋەتپەرەس ئالۋاستىدەك كۆرۇنىۋاتاتتى، چۈنكى مېنىڭ قولۇمدا ئۇنىڭ باشقا ئاياللارغا بۇزۇلغانلىقىنىڭ دەلىلى تولۇق، مەن ئۇنىڭغا چاندۇرمىدىم، مەن بىزنىڭ بەخىتلىك ۋاقىتلىرىمىزنى ئويلىدىم.

__سىزدىن بىر ئىشنى سورايمەن، ماڭا راستىچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي.

ئېرىم مېنىڭ تۇيۇقسىز تىزلىنىپ تۇرۇپ بۇنداق سورىغىنىمدىن سەل ئەجەبلەندى، ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە مېنى بېلىكىمدىن تارتىپ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزدى، ھەم لېۋىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ:

__بۈگۈن سىز دورىنى خاتا يەۋالمىغانسىز، سىز بىلەن ئوتتۇرىمىزدا دىيىشمىگەن يەنە نىمە ئىش بار ئىدى.

__سىز سىرتتا باشقا ئايال تېپىۋالدىڭىزمۇ؟ ئەجىبا مەن سىزنى قانائەتلەندۈرەلمىدىممۇ؟ ئاياللىق بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلىپ بولالمىدىممۇ؟

ئېرىم مېنىڭ بۇ سۆزۇمدىن چۆچۈپ كەتتى، ھەم مېنى سىلكىپ؛

__ساراڭ بوپ قالدىڭىزمۇ؟ مەن شۇنداق ئادەممۇ؟ ئەگەر شۇنداق ئادەم بولغان بولسا ماڭا رازىلىقىڭىز بىلەن تىگەمتىڭىز؟

__ياق، سىز ماڭا ئېنىق جاۋاب بېرىڭ.

__مەن بەك چارچاپ كەتتىم، بۇنداق تېتىقسىز سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بەرگۈم يوق.

مەن  يانچۇقۇمدىن ئۇ ئايالنىڭ رەسىمىنى چىقاردىم، بۇ رەسىمدە ئېرىمنىڭ ئۇ ئايالنى قۇچاقلاپ تۇرغان ھالىتى بار ئىدى. ئېرىم رەسىمنى كۆردى دە مېنىڭ يۈزۈمگە بىر تەستەك ئۇردى؛

__سەن قانجۇق، مېنى پايلاپ يۇرگىدەك بولدۇڭمۇ؟ سېنىڭ كىيىمىڭنى يېرىم قىلىپ قويغان يېرىم بارمۇ؟ قورسۇقۇڭنى ئاچ قويغان يېرىم بارمۇ؟ سىرتتا نىمە قىلىشىمدىن قەتئنينەزەر، بۇ ئائىلىنى پۇل تېپىپ قامداپ كىتىۋاتىمەنغۇ، ئوينىسام نىمە بوپتۇ؟ سەن مېنى باشقۇرالمايسەن.

__سىزنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ كىتىشىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن، سىز ئۇ ئايالغا بۇزۇلغىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ، مەن ئۇ خوتۇننىڭ ئەدىبىنى بېرىمەن، بولمىسا ئۇ خوتۇن سىزنى مېنىڭدىن تارتىپ كىتىدىكەن. مەن ھازىرلا ئۇنى ئىزلەپ بارىمەن.

__ھەددىڭ ئەمەس، سەن پاسكىنا!!! خوش، بۇنى بىلىپ قالغىنىڭمۇ بولدى، كېچە ئۇزۇن بولسا چۈشمۇ ئۇزۇن بولىدۇ، ئەتىلا سېنىڭدىن ئاجرىشىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم، ئۇ سېنىڭدىن چىرايلىق، ئۇنىڭ پەيزى سېنىڭكىدىن ياخشى، مېنىڭ بىرلا ئايالغا باغلىنىپ قالغۇم يوق. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن، ئۇ سېنىڭ ئورنۇڭنى ئىگىلەيدۇ. . ..

ئېرىمنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدە شۇنچىلىك ۋەھمىلىك ئاڭلىنىۋاتاتتى. ياق، مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن.

__بولىدۇ، مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن، سىزنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىڭىز مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدىن، سىزنى ھەققى ئاياللىق بۇرچۇمدىن بەھىرلەندۈرەلمىگەنلىكىمدىن كۆرىمەن. مەن خاتا قىلىپتىمەن. مەن بۇ ئۆيدىن كىتەي، ئاخىرقى قېتىم سىزگە بىر قېتىم ئاياللىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىۋالاي. سىز مېنىڭ دەملىگەن قەھۋەيىمنى بەك ياقتۇراتتىڭىز ئەمەسمۇ؟

__بولىدۇ، بۇگۈن كېچە سېنىڭ بۇ ئائىلىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنۈڭ، بۇ ئۆيدە ئەمدى سېنىڭ سايەڭنى كۆرۇشنى خالىمەيمەن، قەھۋەنى دەملەپ بولۇپلا دەرھال يوقال!!!

مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ ئالەمدە ئۇنىڭدىن ئۆزگە بىر ئەرزاتىغا بۇنچىلىك كۆيمىگەن، سىزگە قەھۋە دەملەپ بېرەي، سىز بەك ياقتۇراتتڭىز، مانا دەملەۋاتىمەن، ئىستاكانغا قەھۋانى سالدىم، قايناقسۇ قەيەردە ئىدى...ھە راست، توڭلاتقۇنىڭ يېنىدىكى چايداندا...توۋا كاللامدىن ئېزىپ قالدىممۇ نىمە؟ ئۆيۇمدىكى نەرسىلەرنىمۇ تاپالماي قالدىمغۇ. مانا قەھۋانىمۇ دەملەپ بولدۇم، سىز شىكەرنى كۆپ سالمايتتڭىز، شىكەرنى ئازراق سالاي، سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن، بۇ نىمە؟ تېنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىكەنغۇ، سىز تېنىچلىنشىڭىز كېرەك، چۈنكى سىز ھازىر ئاغرىپ قالدىڭىز، شۇڭا ئائىلىنىڭ مېھرىنى ھېس قىلالمايۋاتىسىز، سىزگە تېنىچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىچكۈزەي...مەن شۇلارنى خىيال قىلدىم....

ئېرىم قەھۋانى پۈۋلەپ ئىچىشكە باشلىدى، مانا ئاستا ئاستا مۈگىدەشكە باشلىدى، قارىغاندا سۇيۇقلۇق كۈچىنى كۆرسەتكەن ئوخشايدۇ، مەن بىلەن پاراڭلاشمامسىز؟  سىز دايىم مۇشۇنداق بالدۇر ئۇخلىۋالىسىز. سىزنىڭ ئۇخلىغان ھالىتىڭىز خۇددى كىچىك بالىغىلا ئوخشايدۇ. بەك ئۇماق. سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن. سىزنى ئۇبۇزۇققا تارتقۇزۇپ قويغۇم يوق. سىز بۇ ئائىلىدىن كەتسڭىز بولمايدۇ. قاراڭ بۇ پىچاققا!!! بۇ پىچاقنى بىز ئالدىنقى قېتىم ساياھەت قىلغاندا ئالغان، بۇ پىچاقنى كۆرسەم بىزنىڭ خۇشال ساياھەت مەزگىلىمىز يادىمغا يىتىدۇ، گۈزەل مەنزىرە، چوڭقۇر مۇھەببەت! بۇ پىچاقنى سىز ماڭا سوۋغا قىلغان ئىدىڭىز، ئەمما مەن بىر قېتىممۇ ئىشلەتمىگەن. مانا ئەمدى ئىشلىتىمەن. مانا ھازىرلا بىلىپ قالىسىز، مېنى نىمە قىلىدىغانلىقىمنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ مەن سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى كۆرۈپ باقاي، زادى مەن بارمۇ يوق؟ مانا..ھازىرلار.....

ئېرىمنىڭ كۆكرىكىگە پىچاقنى كۈچۈپ ئۇردۇم. ئېرىم << نىمە قىلدىڭ، ھە..نىمە قىلدىڭ!!!>> دىگىنىچە چېچىمدىن قاماللىدى، ئۇنىڭ چاچلىرىمنى چىڭ تۇتۇشلىرىدىن ئۇنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ ئاغزىدىن قان كۆپۈپ كەتتى. كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ھالەتتە جىمىپ قالدى. بىلەمسىز ..سىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن. سىزگە قاراۋاتقىنىمدا مەندىن كۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچماڭ، بولامدۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي...سىز دايىم شۇنداق گەپ ئاڭلىمايسىز. ماڭا تىكىلىپ ئولتۇرۇڭ. چارچاپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەنسىرىمەڭ، مەن سىزگە ئاياللىق مېھرىم بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئېللىقلىقىنى يەتكۈزىمەن. جېنىم، بوينىڭىز قاتلىشىپ قاپتۇ. مەن بوينىڭىزنى ئۈستەلگە ئېلىپ قوياي.

مەن ئېرىمنىڭ يۇمران چاچلىرىنى خۇددى بۇرۇنقىدەك ئەركىتىپ تۇرۇپ تۇتتۇم، پىچاق بىلەن ئۇنىڭ بوينىنى كەستىم دە ، ئۈستەلگە ئېلىپ قويدۇم. ئۇنىڭ كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى، شۇنچىلىك مېھىرلىك، شۇنچىلىك ئىللىق ...كۆز كۆڭۇلنىڭ دەرىزىسى دىگىنى راستكەن ئەمەسمۇ؟ جېنىم سىزنى سۆيۇپ قوياي. لەۋلىرىڭىز بۇرۇنقىدەكلا تاتلىق ھە، شۇغىنىسى سەل سوۋۇپ قاپتۇ. ئۆزىڭىزنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلگۈڭىز بارمۇ مانا ھېلى بىلىپ قالىسىز.

ئېرىمنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنى يەشتىم، باشسىز تەنگە ئۇخلاش كىيىمى ياراشمايدىكەن. پىچاق بىلەن ئۇنىڭ كۆرىكىنى سىيلىدىم، يۇرىكىنىڭ سوقۇشى توختىغاننى ھىسابقا ئالمىغاندا، يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى، ئاستا ئاستا ئۇنىڭ كۆكرىكىنى ياردىم. توۋۋا، يۇرەك دىگەن شۇنچىلىكلىلا ئىكەن ھە، نىمە دىگەن كىچىك، ئارانلا ئالقانچىلىكلا ئىكەنغۇ. جېنىم سىز مۇشۇ يۇرەك بىلەن مېنى سۆيگەن ھەم ئۇ بۇزۇق خوتۇننىمۇ سۆيگەنمىدىڭىز. كىچىككىنە يۇرەككە ئىككى ئادەمنىڭ مېھرىنى قانداق سىغدۇرغانىدىڭىز. ئۇ خوتۇننىڭ سىزنىڭ يۇرىكىڭىزنى مېنىڭدىن تارتىۋېلىشىدىن قورقىمەن، ئۇنىڭغا ھەرگىز بەرمەيمەن، بۇ يۇرىكىڭىزنى مەن ساقلاپ بېرەي، ئۆزۇمنىڭ يۇرىكىگە قوشۇپ قوياي، خۇددى بۇرۇنقىدەك بىرگە نەپەس ئالسۇن.

مەن ئېرىمنىڭ يۇرىكىنى چىشلىدىم، بۇقۇلداپ چىققان قان خۇددى ئېرىمنىڭ خۇشال بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتاتتى. بۇ يۇرەك شۇنچىلىك تاتلىق ھەم يۇمشاق ئىكەن، خىزمەتداشلىرىڭزنىڭ سىزنى تاشيۇرەك ئادەم، پىرىنسىپال دىيىشى ئەسلىدە يالغان ئىكەن، يۇرىكىڭىز يۇمران ئىكەن ئەمەسمۇ، جېنىم يەنە قاراپ باقاي، نىمىلىرىڭىز بار. سىزگە تاماكىنى ئاز چېكىڭ دىسەم ئۇنىمايسىز، قاراڭ ئۆپكىڭىز سەل قارىداپ قاپتۇ، ئەمما ئايالىڭىز بولغان مەن سىزگە ياردەم قىلىپ ئۆپكىڭىزنى يۇيۇپ قوياي. كىر قاتلىرىڭىزنى يۇيغان بۇ قوللىرىم ئۆپكىڭىزنىمۇ يۇيالايدۇ جېنىم، خىجىل بولماڭ، مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز.

مەن ئېرىمنىڭ ئۆپكىسىنى كېسىپ ئالدىمدە بېلىق قاچىسىغا تاشلاپ يۇيۇپ قويدۇم، ئېرىم ياقتۇرىدىغان پىچاقسىمان بېلىقمۇ خۇددى مەندەكلا ئېرىمنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇ ئېرىمنىڭ ئۆپكىسى ئىچىدە ئەركىن ئۈزۈپ يۇرەتتى.

كۆردىڭزمۇ جېنىم، مانا ياشىرىپ كەتتىڭىز.مېنىڭ مېھرىبانلىقىمنى سىز ھەققى تونۇپ يەتكەنسىز. ۋىيەي، مونۇ ئاقۇچ يۇمشاققىنە تۇرغىنى نىمىڭىز ئەمدى، پىچاقنى سانجىشىم بىلەن قان ئارىلاش دەملەپ بەرگەن قەھۋەيىم ئېقىپ چىقتى. ئاشقازىنىڭز ئىكەندە، سىزنىڭ ئاشقازىنىڭز ئەسلىدىنلا ياخشى ئەمەس ئىدى. بۈگۈن تېخى دورىڭىزنىمۇ ئىچىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدىڭىز. بۇنى ئېلىۋېتەي، بولمىسا سىزنى يەنە ئاغرىتىپ قىيناپ قويىدۇ. مونۇ ئاستىدىكى ئۈچەيلىرىڭىزنىمۇ ئېلىۋېتەي، ئۇلارنى ئايرىپ قويسام ياخشى بولماس، شۇنداقمۇ ئېرىم؟ سىزنىڭ <<ياق!>> دىمىگەنلىكىڭىز قوشۇلغانلىقىڭىز ئىدى راست. قاراڭ سىزنى، ئادەمنى خىجىل قىلىپ قاراۋېرىدىكەنسىز. بىرەر ئېغىز بولسىمۇ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟

كاللام قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى، ئېرىم مەن روھىي جەھەتتىن بەك چارچىدىم، بۇ ئۆي نىمە دىگەن قالايمىقان ھە، ھەممە قاي قانغا بويىلىپتۇ، سىز بۇ ئۆينىڭ ھەممە يېرىدە باركەنسىز، ئۈستەلدە، كىرىسلوۋدا، بېلىق قاچىسىدا...ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ يۇرىكىڭىز مېنىڭ باغرىمدا. سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن. جېنىم...ئەمدى بىزنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتىمىز بولدى. قاراڭ سىزنى بىر ئەر كىشى تۇرۇپ ياتاق ئۆيگە چىقمايلا بۇ يەردە يېتىۋالسىڭىز، سىزنى قانداقمۇ ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقالايمەن. ھېچقىسى يوق، بىر قېتىمدا ئېلىپ چىقالمىسام بىر نەچچە قېتىمدا ئېلىپ چىقىمەن. جېنىم، سىزنى پارچىلاپ ئېلىپ چىقمسام بىر ئايال كىشىنىڭ سىزدەك بەستلىك ئەرنى يۇدىشى مۇمكىنمۇ؟ سەل ئاغرىشى مۇمكىن، ئەمما سىز چىداڭ ھە. بىر دەمدە تۈگەيدۇ.....

مەن ئېرىمنى سۆيۈپ قويدۇم، ئاندىن  پالتا بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چانىدىم . بۇ قولىڭىز بىلەن ئىلگىرى مېنىڭ چاچلىرىمنى ئويناپ تۇرۇپ مېنى ئەركىلەتكەن ئىدىڭىز ھە جېنىم....ئېرىمنىڭ بىلىدىن چانىدىم...سىز ئەسلى ئورۇقلشىڭىز كېرەك ئىدى، بولمىسا مېنىمۇ بۇنچىلىك ئاۋارىچىلىققا قويماس ئىدىڭىز . ئەمما سىز ئۈچۈن ھەرقانداق جاپادىن قورقمايمەن. سىزنى قانداق پارچىلىغان بولسام كارىۋاتقىمۇ شۇ پېتىمچە قۇراشتۇرۇپ قوياي، ئېرىم ، ئەمدى مېنىڭدىن بېشىڭىزنى ئېلىپ قاچالمايدىغان بولدىڭىز، بېشىڭىز ئۈستەل چىرىقى ئاستىدا تۇرۇپ ماڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ، مېنى سەھەردە چاقىرىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزگە ناشتىلىق تەييارلايمەن، سىز خىزمەتكە بارىسىز تېخى. مەن سىزگە ئاياللىق بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىمەن، چۈنكى سىزنى سۆيىمەن، جېنىمدىن ئەزىز كۆرىمەن.

مەن ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن، كۆزۇمنى ئېچىپلا ئېرىمنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلىنى كۆردۇم، ئاھ!!تەڭرىم مەن نىمىلەرنى قىلىپ قويدۇم! سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئېرىم، بۇ ئائىلىگە سىز بولمىسڭىز بولمايدۇ. سىز ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى. سىزنى مېنىڭدىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ.

ساقچى باشلىقى قولىدىكى خەتنى ئوقۇپ ئايالغا قارىدى، ئايال ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. ساقچى باشلىقى ئەتراپىدىكى بىر نەچچە ياش ساقچىلارنىڭ قۇلۇقىغا بىرنىمىلەرنى پىچىرلاپ ئۇلارغا خەتنى بەردى، ئۇلار ئەنسىزلىك بىلەن ئالدىراپ تېنىشىپ ئىدارىدىن چىقىپ كېتىشتى. ساقچى باشلىقى يەنە بىرەيلەنگە بويرۇپ ئايالنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بويرىدى. مانا زال ئەمدى تېنىچلاندى. ساقچى باشلىقى تاماكىسىنى بوش چىكىشكە باشلىدى، دە قولىغا تېلپۇنىنى ئالدى دە بىر نۇمۇرغا بۇرىدى، تېلپۇندىن << ۋەي، جېنىم!>> دىگەن ئۇماققىنە ئاۋاز ئاڭلاندى، ساقچى باشلىقى بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن << ئومىقىم، مېنىڭچە مەن ئائىلەمگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى ئەمدى قىلسام بولمايدۇ، كەچۈرگىن، ھەرقايسىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى!>> دىدى دە، تۇرۇپكىنى قويىۋەتتى.

 

تورداش << كامران>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ