بېل گايتىس جۇڭگولۇق بولۇپ قالغان بولسا!!!!
خۇڭ خاۋئې
بېل گايتىس جۇڭگولۇق بولۇپ قالغان بولسا ئەھۋال قانداق بولار بولغىيدى؟
بېل گايتىس جۇڭگولۇق بولۇپ قالغان بولسا بىشىغا نۇرغۇنلىغان قالپاقلارنى كەيگەن بولاتتى،مەسلەن ،جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى،تۆپىسى گەۋدىلىك ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس ،ھۆكىمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بولغۇچى ئالدىنقى قاتاردا ئىختىساس ئىگىسى،مەملىكەتلىك مۇنەۋەر كارخانىچى ،ئۇن مەشھۇر ياش،ئەمگەك نەمۇنىچىسى .... دېگەندەك ئۇنىڭدىن باشقا گايتىس يەنە خۇاشىيا ئونۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسورى ، شىنجۇ ئېنىستېتۇتىنىڭ پەخرى دوكتورى ، مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىلغار شەخىس،<سودا جېڭى> ژورنىلىنىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو مەملىكەتلىك كومپىيوتىر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەتتا <كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ بالىلىق بولۇشتىكى ئۈلگە> بولاتتى.مىكروسوفىت بولسا <باغچا شەكىلدىكى ئورۇن>،<ئىشەنچىلىك كارخانا>،<مەملىكەت بويىچە داڭلىق تاۋار ماركىسى >،<بۇلغانمىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن>،<ئىلغار ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ تەشكىلاتى>.............بولاتتى.
يولداش گايتىس دۆلەت ئۇچۇن شۇنچىۋالا جىق پۇل تېپىپ بېرىپ ،بىر مۇنچە كىشلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقى ئۇچۇن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك شەخىس بولۇپ قالاتتى . ھىچبىر بولمىغاندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ياكى سىياسى كېڭەشنىڭ دائىمى ئەزاسى بولۇپ مۇئاۋىن ئۆلكە ،مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمان بولاتتى ھەتتا ئىمتىيازى زورىيىپ ،بوران چاپقىندىمۇ مىت قىلىپ قويمايدىغان كاتتا ئەرباب بۇلۇپ قالاتتى .
ئامېرىكا ئەمىليەتتە يوقىلاڭ بەدنام بىلەن مىكروسوفىتنى پاچىلاپ ،يوقىتۋەتمەكچى بولدى .جۇڭگودا بولغان بولسا مىكروسوفىت مىللىي سانائەتنىڭ پەخرى،ئالاقىدار تارماقلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ سىياسى ئۇتۇقى ۋە ئوبراز قۇرلۇشى بولۇپ قالاتتى،جۇڭەولۇقلار بىر - بىرى بىلەن پىتىشالمىغىنى بىلەن ئۇنداق <يىغا ياندىن،بالا قېرىنداشتىن>دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۇرمەيتى.ھېچكىم مىكروسوفىتقا دەخلى - تەرۇز قىلىپ بېل گايتىسقا باش ئاغرىقى تېپ بېرىشكە جۇرەت قىلالمايتى.ھېچكىم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۇلۇك لەنەت تاختىسىغا مىخلىنىشىنى خالىمايتى،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مىكروسوفىتنىڭ مەغلۇپ بولماي شەرىقتە قەد كۆتۇرۇپ تۇرۇشنى كېچە - كۇندۇز ئارزۇ قىلىشاتتى،رەھبەرلەر كۆپ قېتىم مىكروسوفىتقا بېرىپ ،نەق مەيداندا ئىش بىجىرىپ ،قېيىننچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ ،بىشىنى سىيلايتى، مەسلەن :سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ، مەبلەغ جەھەتتە قوللاش ، داغدۇغا بىلەن تەشۋىق قىلىش ،سودا - سانائەت، باج تارماقلىرى باجنى كەچۇرۇم قىلىش ......... دىگەندەك .
گايتىس چوقۇم ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى ،پارتىيە تەشكىلى ياكى دېموكراتىك پارتىيە - گورۇھلارغا كىرىپ ، ھەر كۇنى تۇرلۇك - تۇرلۇك يىغىنلارغا قاتنىشىش بىلەن ھارماي، تالماي يىغىن زاللىرى ئارسىدا چېپىپ يۇرەتتى ، يەنە تېخى يېڭى دەۋىردىكى قەھرىمان بولۇپ ، جەمئىيەتتە <گايتىستىن ئۇگىنىش>پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ ،ئالاقىدار تارماقلار <يولداش گايتىسنىڭ ئىلغار ئىش - ئىزلىرىدىن دوكىلات بېرىش يىغىنى>ئېچىپ ،گايتىس باش پىرسوناژ سۇپىتىدە پۇتۇن مەملىكەتنى ئايلىنىپ سەييارە دوكىلات بېرەتتى ،ئالاقىدار رەھبەرلەر شىركەتكە كېلىپ ،تەكشۇرۇپ تەتقىت قىلاتتى ،ئەلۋەتتە گايتىس ئۇلارغا ھەمرا بولاتتى،گايتىس يەنە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئىكىسكۇرسىيىچىلەرنى،تەجىربە ئۈگەنگۈچىلەرنى كۇتىۋالاتتى،مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلاتتى ، تۇرلۇك ئېچىلىش مۇراسىملارغا قاتنىشاتتى.
ئاخبارات ئورۇنلىرىمىز <مىكروسوفىت نىمە ئۇچۇن بۇنچىۋالا قاتتىق؟>دىگەن تېمىدا ئۇزۇلدۇرمەي باش ماقالە ئېلان قلاتتى،تىلىۋېزىيە ئىكرانلىرىدا گايتىسنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئىلىم -پەننى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى،يىڭىلىق يارتىشقا ماھىر ئىكەنلىكى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن <ئۆسمۇر بېل گايتىس>ناملىق تېلىۋىزىيە فىلىمى بەس- بەستە كۆرسىتىىلەتتى؛ ئىقتىسادشۇناسلار <مىكروسوفىت ھادىسىسى >دىگەن مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئاچاتتى ۋە <مكروسوفىت ۋە WT O> <مىكروسوفىتنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى رادىئاتسىيىلىك رولى ھەققىدە مۇلاھىزە>، دېگەندەك تېلمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ باراتتى،جەمىئيەتشۇناسلار <جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى ئۈنۈمى>، نى يىزىپ چىقاتتى،بەدىئىي ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن ئەدىبلەر گايتىسنىڭ ئالدىراشچىلىقىغا قارىماي <گايتىسنىڭ تەرجىمىھالى>نى يېزىپ <بەش بىر قۇرۇلۇشى>باھالىشىغا قاتناشتۇراتتى ؛گايتىسنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا -ئانىسى كىتاپ سودىگەرلىرىنىڭ ئۇندىشى بىلەن <بىز گايتىسنى مۇنداق تەربىيلىدۇق>نى يىزىشقا تۇتۇناتتى......
جۇڭگولۇقلار ئىشلارنى مۇبالىغە قىلىشقا ئامراق ،گايتىس ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ماس قەدەمدە مىڭىپ مىكروسوفىتقا باشقا شىركەتلەرنى قوشىۋېلىش،ئېلىكتىرون ،ئالاقە،خىمىيەسانائىتى،ماشىنسازلىق،يىمەكلىك،ترانسىپورت،سودا،ئوراش قاچىلاش بىر گەۋدىلەشكەن دەرىجىدىن تاشقىرى گورۇھقا تەرەققىي قىلدۇراتتى،كۆلىمى زورىيىپ مەبلەغ يىتىشمەي قالاتتى.مىكروسوفىت يەنىلا روھىنى ئۇرغۇتۇپ،رەھبەرلىكنىڭ تەشكۇرۇشى،باشقا ئورۇنلارنىڭ ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ تەجىربە ئۇگىنىشى،ئاخپارات ۋاستىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلاتتى،شۇنداق تۇرسا يىڭى مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودىنى يۇرۇشتۇرۇشكە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن،يەنە تېخى غايەت زور كۇتۇۋېلىش خىراجىتى مىكروسوفىتنى مىكروسوفىتنى كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى تاڭسىڭنىڭ گۆشىگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتى،دەتمەنلەرنىڭ ئايىقى ئۇزۇلمەيتى ، كونا رايونلار، ئاپەت رايونلىرىدىكى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ، ئىللىقلىق يەتكۇزۇپ تۇراتتى،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پۇل چىقارغۇزۇپ ، مەلۇم بىر مۇكاپاتنى تەسىسى قىلىشاتتى،رەھبەرلەرگە باغاق يىزىپ ئادەم ئورۇنلاشتۇرغۇزۇش مىكروسوفىتنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ئىش بولۇپ قالاتتى .......نەچچە ئون مىڭ ھاياتى كۇچى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاستا -ئاستا خورىتاتتى -دە ئەڭ ئاخىرى مىكروسوفىت ئىسمى جىسمىغا لايىق ھالدا يۇمشاپ كېتەتتى .........
تەرجىمە قىلغۇچى :رەشىدە تۇراق